2024-يىل 25-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلام ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك

 

ئىسلام ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك

 

ئىسلام دىنى بارلىق ئىنسانىيەت ئۈچۈن كەلگەن خەلقئارالىق دىندۇر، ئىسلام بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ئارىسىدا زىتلىق مەۋجۇد ئەمەستۇر. كىم زىتلىق مەۋجۇد دەپ گۇمان قىلسا، ئۇ ۋەتەنپەرۋەرلىكنى توغرا چۈشىنەلمىگەن ئىنساندۇر. ئىسلام دىنى ئائىلە، قەبىلە، شەھەر ۋە ۋەتەن دائىرىسىدىكى ئەزالىق ۋە تەۋەلىكىنى تەكىتلىدى، لېكىن بۇ تەۋەلىك ۋە ئەزالىقنىڭ دىن ۋە دىننىڭ قىممەت قاراشلىرىنىڭ زىيىنىغا بولماسلىقىنى، بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ باشقا يۇرتلۇقلارنى كەمسىتىش ۋە ئۇلارغا زۇلۇم قىلماسلىقنى شەرت قىلدى.

(1)

ئىسلامنىڭ خەلقئارالىقى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇقۇمى

 

ۋەتەننى سۆيۈش ۋە ۋەتىنى بىلەن پەخىرلىنىش ئىنسان قەلبىدىكى تەبئىي تۇيغۇ، ئىسلام دىنى ۋەتەننىڭ ئورنىنى ۋە ئىنساننىڭ ۋەتىنىگە بولغان سۆيگۈسىنى تەكىتلەيدۇ. رەسۇلۇللاھ كاپىرلار تەرىپىدىن مەككىدىن چىقىرىۋېتىلگەن چاغدا:«ئى مەككە شەھىرى! سەن ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك ۋەتەن، ئەگەر ئۇلار مېنى چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلىمىغان بولسا، سېنىڭدىن ھەرگىز چىقىپ كەتمەيتتىم»دېگەن(تىرمىزى رىۋايىتى). رەسۇلۇللاھ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى توغرىسىدا بۇ سۆزنى قىلغاندا، مەككە خەلقى ئاساسەن كاپىرلار ئىدى.

رەسۇلۇللاھ مەدىنە شەھىرىگە يېتىپ بارغاندا«ئى ئاللاھ! بىزگە مەككە شەھىرىنى سۆيۈملۈك قىلغاندەك، مەدىنە شەھىرىنىمۇ سۆيۈملۈك قىلىپ بەرسىلە»دەپ، بۇ ۋەتەننى سۆيۈشنىمۇ ئاللاھدىن تىلىگەن(بۇخارى رىۋايىتى). رەسۇلۇللاھ بۇ ھەدىسلىرى ئارقىلىق ۋەتەننى سۆيۈش مەسىلىنى ئۇنتۇپ قالمىغان ۋە ۋەتەن سۆيگۈسىنى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنى سۆيۈشكە زىت دەپ قارىمىغان، بەلكى:«كىم زېمىنى (يەنى ۋەتىنى)نى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتسە شېھىت بولىدۇ»(ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى) دەپ ۋەتەن سۆيگۈسىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.

ۋەتەن سۆيگۈسى بولمىسا، ۋەتەندە تەرەققىيات بولمايدۇ ۋە ھايات تۈزۈمى ئۇتۇقلۇق بولمايدۇ. ۋەتەن سۆيگۈسى قانداقمۇ ئىماننىڭ قاتارىدىن بولمىسۇن! ۋەتەن سۆيگۈسى نۇرغۇن مەنپەئەتلەرنىڭ سەۋەبى ئەمەسمۇ! دېمەك، ۋەتەننى سۆيۈش قايسى ئەھۋالدا بولمىسۇن ئىسلامنى سۆيۈش بىلەن زىتلاشمايدۇ.

ئىسلام دىنى ئىسلام دىيارى ئىچىدىكى ۋەتەنلەرنىڭ زېمىن ۋە جۇغراپىيە چېگرىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋەتمەيدۇ، بەلكى ئىنساننى ۋەتىنىگە سادىق بولۇشقا، مىللىتى يولىدا قۇربان بېرىشكە ۋە ۋەتىنىگە بارلىق ئىززەت-شەرەپلەرنى ئۈمىد قىلىشقا…چاقىرىدۇ. ئىسلام ۋەتەنپەرۋەرلىكى زېمىننىڭ چېگرىسىنى ئاخىرقى باسقۇچ قىلىۋالمايدۇ، ئىسلامنىڭ ئالاھىدە ۋەتەنپەرۋەرلىكى ئىسلام ئۈممىتىنى شەكىللەندۈرۈشتۇر. دېمەك، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىسلام تەلىماتىدىن يات نەرسە ئەمەستۇر.

(2)

ئىسلام بىلەن قايسى ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتچىلىك زىتلىشىدۇ؟

 

ئىسلامنىڭ پرىنسىپلىرى ۋە قىممەت-قاراشلىرىغا قارىشى تۇرمايدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتچىلىك ئىسلام بىلەن زىتلاشمايدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىك ئارزۇ بولماستىن، بەلكى ۋەتەنگە ئەزا بولغانلىقتىن تۇغۇلىدىغان تەبئىي تۇيغۇدۇر. ئەسلىدە ئىسلامنىڭ خەلقئارالىقىغا ئەزا بولۇش بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ئارىسىدا زىتلىق يوقتۇر، بۇ زىتلىقنى دىن دۈشمەنلىرى ۋە ئاڭسىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرى پەيدا قىلىۋالغان. دېمەك، توغرا ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇقۇمى بىلەن بولغاندا ئىسلام بىلەن ھەرگىز قارشىلاشمايدۇ.

ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ يۇرتى ۋە ئانا ۋەتىنىنى ياخشى كۆرۈشى ۋە ئۇنى مۇداپىئە قىلىشى تەبئىي ۋە ھەقلىق مەسىلىدۇر. ئائىلىمىز، تۇغقانلىرىمىز، قوشنىلىمىز، مەھەللىمىز ۋە يۇرتىمىزنى ياخشى كۆرىشىمىز كېرەك. پەرز سۈپتىدە ئۆزىنىڭ ئائىلە-جەمەتىگە كۆڭۈل بۆلمىگەن ئىنسان، باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەققىگە رېئايە قىلمايدۇ.

ئىسلام دىنى توغرا ئۇقۇمدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىككە قىزىقتۇرىدۇ ۋە تەشەببۇس قىلىدۇ. مۇتەئەسسىپلىك(يەنى زۇلۇم ياكى خاتا بولسىمۇ مىللىتىگە ياكى يۇرتداشلىرىغا يان بېسىش) شەكلىدە يۇرت ۋە قەبىلىگە مىللەتچىلىك قىلىش خاتا ئۇقۇمدىكى مىللەتچىلىكتۇر. ۋەتەنپەرۋەرلىك سىز بىلەن ئەزەلدىن بىرگە ياشاپ كەلگەن كىشنىڭ ئارىسىدا پەرق پەيدا قىلماسلىقى كېرەك. مەسىلەن، ئۇيغۇر بىلەن قازاق مۇسۇلمان ئەسلىدىن تۈرك ئائىلىسىدىكى بىر مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈن بىر يۇرتتا ئۆز-ئارا مىللەتچىلىك قىلىش خاتا ئۇقۇمدىكى مىللەتچىلىكتۇر. ئۇيغۇر مۇسۇلمان بىلەن ئەرەب مۇسۇلمان ياكى باشقا مىللەتتىكى مۇسۇلماننىڭ ئۆز ئارا-مىللەتچىلىك قىلىپ بىر-بىرىنى چەتكە قېقىشى ياكى ياردەم بەرمەسلىكى خاتا ئۇقۇمدىكى مىللەتچىلىكتۇر، چۈنكى ئىسلام ئۈممىتى(ۋەتەنپەرۋەرلىكى) ھەممە مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ توغرا ئۆلچىمى ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر:«ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۈرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ» (ھوجۇرات سۈرىسى، 13-ئايەت).

شۇنىڭ ئۈچۈن خائىن ۋە ئاتېئىست ئادەمنى يات يۇرتلۇق تەقۋا مۇسۇلماندىن ئارتۇق كۆرۈش خاتا، چۈنكى مۇھەببەت ۋە نەپرەت ئاللاھ ئۈچۈن بولىشى كېرەك.

توغرا ۋەتەنپەرۋەرلىك ئادەم قەلبىدە ئۆز ۋەتىنىگە كۆڭۈل بۆلۈش، مۇھەببەت ۋە پىداكارلىق كۆرسىتىش…روھىنى ئۇرغۇتىدۇ، بۇ مۇھەببەت تاجاۋۇزچىلار ۋە خائىنلاردىن باشقىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇتەئەسسىپلىك قىلىش ۋە ھەددىدىن ئارتۇق پەخىرلىنىشكە ئېلىپ بارىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك توغرا ئۇقۇمدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەمەس.

بەزىلەرنىڭ ئىسلامنىڭ ئورنىغا چۈشۈرگەن ئەرەب مىللەتچىلىكى رەت قىلىنغاندەك، يەنە بەزىلەرنىڭ ئىسلامنىڭ ئورنىغا چۈشۈرگەن تۇران مىللەتچىلىكى رەت قىلىنىدۇ. ئىسلام چەتكە قېقىلمىغان ئاساستا ۋە ئىسلام روھى ئاستىدىكى تۈرك بىرلىكى ۋە ھەمكارلىقى قارىشى ئېلىنىدۇ.

 

(3)

قۇرئان كەرىم ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك

 

مۇسۇلماننىڭ ئاساسلىق ئەزالىقى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار بولسىمۇ، مۇسۇلماننىڭ ئىسلام بىلەن باشقا دائىرىلەرگە ئەزا بولۇش ئىختىيارلىقى، ئىسلام بىلەن مىللەتچىلىك ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەندە بولىدۇ. ئەمما ئەزا بولۇش دائىرلىرى تەرتىپكە سېلىنغاندا زىتلىق يۈز بەرمەيدۇ.

ئىسلام دىنى ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىگە ئومۇميۈزلۈك پرىنسىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىسلام دىنى ۋەتەن ۋە زېمىنغا…غا ئىگە بولمىسا پرىنسىپلىرىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ ۋە تەتبىقلىيالمايدۇ. ئىسلامنى گۈللەندۈرۈش ۋە پرىنسىپلىرىنى جارى قىلىدۇرۇش ئۈچۈن ۋەتەن لازىم.

ئىسلام دىنى ۋەتەننىڭ دائىرىسىنى يۇرت، خەلق، ۋەتەن ۋە مىللەتلەر ئارىسىدا پەرقلىق بولۇش بىلەن بىرگە ئەقىدە، شەرىئەت ۋە مەدەنىيەت ئاساسىدا بەلگىلىدى. شۇڭا ئىسلام چۈشەنچىسىدە ۋەتەن-مىللەت بىلەن خەلقئارالىق ۋە ئۈممەت ئۇقۇمى بىرلەشتى. چۈنكى ئۈممەت بىرلىكى تۈرلۈك مۇسۇلمان مىللەتلەر ۋە زېمىنلاردىن تەركىپ تاپىدۇ.

قۇرئان كەرىم ئىنساننىڭ ۋەتىنىنى ياخشى كۆرۈشىنى بىر ئىنساننىڭ ھاياتىنى ياخشى كۆرگىنىگە ئوخشاش دەپ قارايدۇ، شۇڭا ۋەتەندىن چىقىرىۋېتىش ئۆلۈمگە ئوخشاش:«ئەگەر بىز ئۇلارغا:«ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردىن چىقىپ كېتىڭلار»دەپ ئەمر قىلغان بولساق ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى بۇنى ئىجرا قىلمايتتى، ئەگەر ئۇلار قىلىنغان ۋەز-نەسىھەتكە ئەمەل قىلسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ياخشى بولاتتى ۋە ئىمانى مۇستەھكەم  بولغان بولاتتى (گۇمراھلىق ۋە نىفاقتىن ئەڭ يىراق بولغان بولاتتى»(نىسا سۈرىسى، 66-ئايەت).

قۇرئان كەرىم «ۋەتەننىڭ ئەركىنلىكى»نى ۋەتەنپەرۋەرلىك، ۋەتەننى قوغداشنى قەھرىمانلىق مېۋىسى سۈپتىدە تەسۋىرلەيدۇ:«ئۆز ۋاقتىدا بىر-بىرىڭلارنىڭ قېنىنى تۆكمەسلىككە، بىر-بىرىڭلارنى يۇرتلىرىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماسلىققا سىلەردىن چىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. كېيىن بۇنى(يەنى ئەھدىنى)ئېتىراپ قىلغان ئىدىڭلار، بۇنىڭغا ئۆزەڭلار گۇۋاھسىلەر. كېيىن سىلەر(ئەھدىنى بۇزۇپ)بىر-بىرىڭلارنى ئۆلتۈردۈڭلار، ئىچىڭلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقاردىڭلار، گۇناھ ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن، ئۇلارنىڭ قارشى تەرىپىدىكىلەرگە ياردەم بەردىڭلار. ئۇلار ئەسىر چۈشۈپ كەلسە تۆلەم بېرىپ قۇتقۇزۇۋالسىلەر، ھالبۇكى، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى(يەنى بىر- بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىشنى راۋا كۆرىسىلەرۇ، ئۇلارنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدا بولۇپ قېلىشىنى راۋا كۆرمەيسىلەر). سىلەر كىتابنىڭ(يەنى تەۋراتنىڭ)بىر قىسىم ئەھكاملىرىغا ئىشىنىپ، بىر قىسىم ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ سىلەردىن شۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى پەقەت ھاياتىي دۇنيادا خارلىققا قىلىش، قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتۇر.ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر»(بەقەر سۈرىسى، 83-85-ئايەتلەر).

قۇرئان كەرىمنىڭ ئىپادىلىشىدە ۋەتەننى سۆيگەنلىك ۋە ھىمايە قىلغانلىق ھاياتلىقتۇر. قۇرئان كەرىم ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداشتا سۇسلۇق قىلغانلارنى ۋە ۋەتەنپەرۋەرسىزلەرنى ئۆلۈكلەر دەپ تەسۋىرلىگەن:«ئۆزلىرى مىڭلارچە تۇرۇقلۇق، ئۆلۈمدىن قورقۇپ، يۇرتلىرىدىن قېچىپ چىققان كىشىلەردىن خەۋىرىڭ يوقمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنى «ئۆلۈڭلار» دېدى(ئۇلار ئۆلدى). ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى تىرىلدۈردى، ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى(ئاللاھنىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلمايدۇ. ئاللاھنىڭ يولىدا جىھات قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى)ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيىتىڭلارنى، ئەھۋالىڭلارنى)بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»(بەقەر سۈرىسى، 243-244-ئايەتلەر).

ۋەتەنپەرۋەرسىزلىكىدىن ئۆلۈمدىن قورقۇپ ۋەتىنىدىن چىقىپ كەتكەنلەر ئۆلۈكلەردۇر، گەرچە يەپ-ئىچىپ ئايلىنىپ يۈرسىمۇ! ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ئۇلارنىڭ ھاياتلىقىنىڭ نامايەندىسىدۇر.

ئىسلام دىنى ئەركىنلىكىنى قوغدىيالايدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ھاياتلىق دەپ باھا بەرگەن بولسا، شۇنداقلا بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى دىنغا دەۋەت قىلىش ئەركىنلىكى دەپ قارىغان. شۇ سەۋەبتىن ئىسلامدىكى جىھاد، دەۋەت ئەركىنلىكىگە توسالغۇلۇق قىلىدىغانلار ۋە كىشىلەرنىڭ يۇرتلىرىغا تاجاۋۇز قىلىدىغانلارغا قارىشى مۇداپىئە كۆرۈشى سۈپىتىدە يولغا قويۇلغان. ئىسلامدىكى جىھات پەلسەپىسى مانا مۇشۇ ئىككى سەۋەبكە يىغىنچاقلانغان.

دېمەك، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىنسانىي تۇغما خاراكتېردۇر، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھاياتلىق بىلەن تەڭدۇر، ئۇنى يوقاتقانلىق ئۆلۈم بىلەن تەڭدۇر…

 

(4)

ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەرلەر

 

ۋەتەننى سۆيۈش ھەر بىر ئىنساندىكى تەبىئىي مەسىلە. ھەر بىر نەرسىنىڭ قائىدىسى ۋە قائىدىن سىرتقى ئىشلىرى بولىدۇ، ئۇ قائىدىنىڭ سىرتىدىكىلەر تۈرلۈك شەكىلدە شەكىللىنىپ تۇرىدۇ. بەزىلەر يۇرتىنى دىن ۋە ئىنسانىيەت دۈشمەنلىرىگە ساتىدۇ، يەنە بەزىلەر دۈشمەنلەرنىڭ ئىدىيە ۋە پرىنسىپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، دۈشمەنلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقلىي، ئىدىيىسى ۋە ۋەتىنىگە بېسىپ كىرىشىگە يول ھازىرلاپ بېرىدۇ.

مۆمىنلەرگە نىسبەتەن ۋەتەننى سۆيۈش ۋەتەن ئۈچۈن ياخشىلىق ۋە تەرەققىياتنى سۆيۈش دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ياخشىلىق ۋە تەرەققىيات خەلق توغرا تېپىپ ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان دىنى پرىنسىپلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ئەگەر سىز ۋەتەننى ھەقىقى سۆيىدىغان بولسىڭىز، ئۇ چاغدا ياخشىلىق ۋە تەرەققىيات مەنبەسى بولغان ئىسلام دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىڭ. ئەگەر سىز ئىسلام بىزگە ياخشىلىق ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، دېگەن خاتا گۇماندا ئىسلامغا زىت ئېقىملارنى سۆرەپ كىرىپ، ۋەتەنگە ياخشىلىق كۆرسىتىمەن دەپ قارىسىڭىز، ئۇ چاغدا سىز ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ دۈشمىنى ھېسابلىنىسىز. دىننىڭ دۈشمىنى ئىنسانىيەت ۋە ۋەتەننىڭ دۈشمىنىدۇر. ھازىرقى ئىسلام جەمىيەتلىرىگە ھاكىملىق قىلىۋاتقان، لېكىن ۋەتەنپەرۋەرلىكنى داۋا قىلىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىستىلى، ئىدىيىسى ۋە تۇتقان يولى ۋەتەننى سۆيۈشكە دەلىل بولالمايدۇ، چۈنكى بۇلار قائىدىدىن سىرت مەرەز ھەۋەسلىرى بىلەن ھوقۇق سۈرىدۇ.

مۇشۇ ئاساستا، ئىدىيە، پىكىر ۋە پىسخىكا جەھەتتىن بۇرۇلۇپ ۋە ئۆزگىرىپ قائىدىدىن چەتنەپ كەتكەنلەرگە دەيمىزكى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ۋەتەننى سۆيۈشنى ئاشۇرۇپ سېتىشقا ئورۇن يوق. ۋەتەننى سۆيۈش دېگەنلىك ۋەتەن-خەلقنىڭ ئېتىقادىغا زىت ئىدىيە، ئېقىم، پەلسەپە ۋە يات تەسەۋۋۇرلارنى قوبۇل قىلىش دېگەنلىك بولمايدۇ.

توغرا ۋەتەنپەرۋەرلىك سۆيگۈسى ئېتىقادقا ئەگىشىپ ماڭىدۇ، بەلكى ئېتىقادنى ھېمايە قىلىدۇ. يۇرت ۋەتەنپەرۋەرلىكى بىلەن ئىسلام ۋەتەنپەرۋەرلىكى بىر-بىرىنى قوللايدۇ.

مۇسۇلمانلار ۋەتەنپەرۋەرلىكىنىڭ ئاساسى ئىسلام ئەقىدىسىدۇر، ئىسلام قېرىنداشلىقى بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ مېۋىسىدۇر.

 

2007- 3- 5 كۈنى

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.