2024-يىل 23-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلام، مىللەت ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك

ئىسلام، مىللەت ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك

ئىسلام ئىنساننىڭ خاراكتېرى ۋە رېئاللىقىغا ئۇيغۇن بىر دىن. ئىنساندىكى تەبىئىي خاراكتېر ئىچىدە ئائىلە-جەمەت، يۇرت ۋە مىللەتكە سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ئەزالىق تۇيغۇسى بار. ئىنسان تەبىئىي خاراكتېرى بويىچە يېقىن تۇغقانلىرى ۋە قوۋم-قېرىنداشلىرىغا خاس مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۆزى ئۆسۈپ يېتىلگەن مەھەللە، شەھەر ۋە يۇرتقا ئالاھىدە سۆيگۈ-مۇھەببەتتە بولىدۇ. ئىنسان ئۆز تىلىدىكى ئىنسانلار بىلەن قېرىنداشلىق، ئالاقە ۋە مەدەنىيەت ئۇقۇملىرىدا ئۆزىنى يېقىن ھېس قىلىدۇ.

مىللىي قېرىنداشلىق ئىنساندىكى تەبىئىي خاراكتېر ۋە رېئال بىر ئالاقە بولغانلىقى ئۈچۈن،  ئىسلام بۇ ئالاقىنى بىراقلا چەكلىۋەتمەيدۇ ياكى بىلمەسكە سېلىۋالمايدۇ، بەلكى ئۇنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ تۇرىدۇ ۋە دىننىڭ ئوتتۇراھاللىقىدىن ئىبارەت مەقسەتلىرى بىلەن ئۇيغۇنلاشتۇرىدۇ، خاتا تەرەپلىرى بولسا ئاگاھلاندۇرىدۇ ياكى توسىدۇ.

ئىنساندىكى مىللى قېرىنداشلىق خۇددى ياخشى كۆرۈش، يامان كۆرۈش… دېگەندەك تەبىئي تۇيغۇدىن ئىبارەت. ئىسلام بۇ تۇيغۇغا نىسبەتەن مۇتلەق يول قويۇۋەتمەيدۇ ياكى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ، بەلكى ئوتتۇراھال يول تۇتىدۇ. ئۇنى دەۋەت، دۆلەت ۋە ئۈممەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ. شۇنداق بولغاندا بۇ خاراكتېر ئىنسان ھاياتىدا توغرا مېۋە بېرىدۇ.

بىر ئادەمنىڭ مىللىتى كۈچلۈك بولسا، ئۇ ئادەمگە كۈچ بېرەلەيدۇ ۋە ھىمايە قىلالايدۇ. ئاللاھ خەلقلەرنى مىللىتىنى سۆيىدىغان قىلىپ ياراتقان. مىللىتىنى سۆيۈش توغرا تۇيغۇ بولۇپ، خەلقلەرنى بىرلەشتۈرىدۇ ۋە بىر ئاڭغا كەلتۈرىدۇ. مىللەتنى سۆيۈشنىڭ ئوتتۇراھال تەرىپى، شۇنداقلا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ياكى سۇسلۇق قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى تەرىپى بار. چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش شەرىئىتىمىزدە چەكلىنىدۇ، سۇسلۇق قىلىش ئەيىپلىنىدۇ، ئوتتۇراھاللىق ئالقىشلىنىدۇ.

مۇسۇلمان مىللەت ئىسلام ئۈممىتىنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى بىر پارچە ئەزا. ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا ئەقىدە، شەرىئەت ۋە مەدەنىيەت بىرلىكى ئاساسىدا:«بۇ ئۈممەت بىر ئۈممەتتۇر»(ئەنبىيا سۈرىسى، 92-ئايەت)دەپ خىتاب قىلغان بولسا، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ تونۇشۇش ۋە ھەمكارلىشىش ئۈچۈن يارىتىلغان تۈرلۈك مىللەت بولغانلىقىدىن ئىبارەت قانۇنىيەتنىمۇ سۆزلەپ ئۆتتى. ئىنساننىڭ نەسەبى قانچە يېقىن بولسا، تۇغقانچىلىق ۋە سىلە-رەھىم قىلىش دەرىجىسى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ:«نەسەبىڭلاردىن سىلە-رەھىمنى داۋاملاشتۇرىدىغان نەرسىلەرنى ئۆگىنىڭلار»دېگەن(تىرمىزى ۋە ئەھمەد رىۋايىتى).

ئىسلام مېتودى ئۈممەت(مۇسۇلمانلار)نىڭ ئىدىيىسى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ھەر قايسى ساھەلەردە يۈزلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. ئىسلام دىنى پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى بىرلەشتۈرىدۇ، ئىسلام بىرلىكى بولسا ھەر قانداق بىرلىكتىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ يەردە: ئىسلام بىرلىكى مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدىكى بىردىنبىر ساداقەت مەنبەسى ۋە ئەزالىق ئاساسىمۇ؟ بۇنىڭدىن باشقا ئەزالىق يوقمۇ؟ بۇ مۇقەددەس بىرلىك باشقا بىرلىك ۋە ئەزالىققا زىت كېلەمدۇ؟ دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ.

ئەلۋەتتە ئىسلام مۇسۇلمانلارنى باغلاپ تۇرىدىغان بىرىنچى ئامىل ئىكەنلىكىدە شەك يوق. بىراق مۇسۇلماننىڭ دىنىغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى بىلەن ئائىلىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، يۇرتى ۋە مىللىتىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتى ئارىسىنى بىر-بىرىگە سوقۇشتۇرماستىن ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ مېڭىش ئەلۋەتتە مۇمكىن بولىدىغان رېئال بىر ھەقىقەتتۇر.

مەسىلەن، مۇسۇلماننىڭ ئۆزى تۇغۇلغان ۋەتىنى ۋە يۇرتىغا بولغان سۆيگۈسى تەبىئىي ھالدا ھەممىدىن بۇرۇن ئۆزىگە ئەڭ يېقىن ئادەملەرگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى، يۇرتىنىڭ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى، ئىسلام زېمىنى ۋە ئىسلام مىللىتىنىڭ بىر پارچىسى بولغان مۇسۇلمان خەلقى ۋە يۇرتىغا ئەھمىيەت بېرىشنى، شۇنداقلا بۇ ئىسلام چېگرىسىنى ھەر زامان مۇداپىئە قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. مۇسۇلماننىڭ ئانا ۋەتىنى ۋە خەلقىگە قارىتا بۇ شەكىلدىكى سۆيگۈ-مۇھەببىتى ئىسلام بىرلىكىگە بولغان سۆيگۈسى ئۈچۈن ئاساسنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ.

پىكىر قىلىش، چۈشىنىشىش، ئورتاقلىشىش ۋاستىسى بولغان تىل، قوۋم-قېرىنداشلار ئارىسىنى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بىرلەشتۈرەلىسە، ئەلۋەتتە بۇ مۇسۇلمانلار ۋەتەن ۋە مىللەت دائىرىسى ئارقىلىق ئىسلام قېرىنداشلىقىغا يېقىنلىشىدۇ. ئىسلامغا رېئايە قىلىدىغان مىللەت ئەزالىقىمۇ، ئىسلام بىرلىكىنىڭ بىر ئاساسىي ھېسابلىنىدۇ.

ئىسلام بىرلىكى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا چوڭ-كىچىك ۋە باسقۇچلۇق ئەزالىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋەتەن بىرلىكى ۋە مىللەت بىرلىكى ئىسلامنىڭ ئىززىتى، يۇرتىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئۈممىتىنىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت بۈيۈك نىشان ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن، بۇ ئەزالىق ۋە سۆيگۈ-مۇھەببەتلەر ئارىسىدا زىتلىق مەۋجۇد بولمايدۇ.

پەيغەمبەرىمىز ئانا يۇرتى مەككىنى ئاھالىسى كاپىر ۋە ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلىدىغان بولسىمۇ ياخشى كۆرگەن. ئانا يۇرتىدىن مەجبۇرى چىقىپ كېتىدىغاندا:«سەن ماڭا دۇنيادىكى ئەڭ سۆيۈملۈك يۇرت ئىدىڭ، ئەگەر زالىملار چىقىرىۋەتمىگەن بولسا، چىقىپ كەتمەيتتىم»(تىرمىزى ۋە ئەھمەد رىۋايىتى) دەپ ھەسرەت ئىچىدە ئايرىلغان. پەيغەمبەرىمىز مەدىنىگە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كەلگەن تۇرۇقلۇق، ئانا ۋەتەن سۆيگۈسىنى بىر ئاز پەسەيتىش ئۈچۈن مەدىنە شەھىرىنى ئانا يۇرتى مەككىدەك سۆيۈملۈك قىلىپ بېرىشنى ئاللاھدىن تەلەپ قىلغان.

رەسۇلۇللاھ مانا بۇ يەردە ۋەتىنىگە بولغان مۇھەببىتى بىلەن ئىسلامغا بولغان ئۇلۇغ سۆيگۈسىنى بىرلەشتۈرگەن، بەلكى ئانا يۇرتىغا بولغان سۆيگۈسىنى تېزراق مەككىنى ئازات قىلىشقا ئىشلەتكەن. دېمەك، ۋەتىنىنى سۆيۈش ئىسلام بىرلىكى ئۈچۈن ياردەم بېرىشنىڭ بىر ھالىقىسىدۇر.

پەيغەمبىرىمىز بىزگە مىللەتكە قارىتا توغرا ۋە ئادىل سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن باشقىلارغا زۇلۇم قىلىش ياكى دىننى چەتكە قېقىش ئۈچۈن شەكىللەنگەن مىللەتچىلىككە ئايرىپ مۇئامىلە قىلىشىمىزنى تەلىم بەرگەن. رەسۇلۇللاھ ئۈممەت بىرلىكىنى بۆلۈۋېتىدىغان ۋە توغرا بىلەن خاتانى پەرق ئېتەلمەيدىغان «ئەسەبىيەت» يەنى قارىغۇچلارچە مۇتەئەسىپلىكتىن چەكلەپ:«ئۇنداق سېسىق ئىشنى ئەمدى تاشلىۋېتىڭلار»دېگەن(بۇخارى رىۋايىتى).

ۋاسىلە ئىسىملىك بىر ساھابە رەسۇلۇللاھدىن:بىر ئادەمنىڭ مىللىتى ياكى قوۋم-قېرىنداشلىرىنى ياخشى كۆرۈشى ئىسلام چەكلىگەن «ئەسەبىيەت» يەنى قارىغۇلارچە مۇتەئەسسىپلىك قاتارىغا كىرەمدۇ؟ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ مىللىتى ياكى قوۋم-قېرىنداشلىرىنى ياخشى كۆرۈشنىڭ تۈرلىرىنى ياخشى كۆرۈش مەقسىتىگە باغلىغان ھالدا جاۋاب بېرىپ:«ياق، ئىسلام چەكلىگەن قارىغۇلارچە مۇتەئەسسىپلىك قىلىش قاتارىغا كىرمەيدۇ، ئىسلام چەكلىگەن مىللەتچىلىك دېگەن مىللىتى ياكى قوۋم-قېرىنداشلىرى باشقىلارغا زۇلۇم قىلىۋاتسىمۇ ياردەم بېرىشتۇر»دېگەن(ئىبنى ماجە ۋە ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى). بۇ ھەدسنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، مىللىتى ياكى قوۋم-قېرىنداشلىرىنىڭ زۇلۇم ياكى خاتا ئىشلىرىنى قوللىماستىن، توغرا ئىشلىرىنى قوللىسا ۋە مىللىتىنى ياخشى كۆرسە بولىدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.

دېمەك، ئىنساننىڭ مىللىتى ياكى قوۋم-قېرىنداشلىرىغا بېرىدىغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى ئادىل ئۆلچەم ۋە توغرا مەقسەت ئۈستىگە قۇرۇلسا، ئۇ سۆيگۈ بىلەن ئىسلام ئۆلچەملىرى، پرىنسىپلىرى ۋە قىممەت-قاراشلىرى ئارىسىدا زىتلىق تۈگەيدۇ. مۇنداق سۆيگۈ ئىنساندىكى تەبىئىي ۋە رېئال ئالاقە بولۇپ، ئىسلام بۇ ئالاقىنى ئىنكار قىلمايدۇ ياكى بىلمەسكە سېلىۋالمايدۇ. بەلكى بۇ تۈردىكى مىللەت بىرلىكىدىن ئۈممەتنى بىرلەشتۈرۈش ۋە شەرىئەتنى تەتبىقلاش ئۈچۈن پايدىلىنىدۇ. توغرا يۆنىلىشتىكى مىللەت سۆيگۈسى ۋە مىللەت بىرلىكى ئۈممەت بىرلىكىنىڭ ۋاسىتىسىدۇر.

ئىسلامنىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىن ئىكەنلىكى دۇنيا ئىشلىرىنى پرىنسىپلىرى، كۆرسەتمىلىرى ۋە ئۆلچەملىرى بىلەن كونترول قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، ھەرگىزمۇ رېئاللىقنى بىكار قىلىۋېتىشنى ياكى بىلمەسكە سېلىشنى كۆرسەتمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ تىلى، رەڭگى، يۇرتى ۋە مىللىتىنى تۈرلۈك قىلىپ ياراتقان. ئەگەر خالىسا ئىدى پۈتۈن ئىنسانلارنى بىر تىللىق بىر مىللەت قىلىپ ياراتقان بولاتتى.

 ئىسلامنىڭ كوللېكتىپ دىن ئىكەنلىكى ۋە ئۈممەتكە قارىتىلغان كۆرسەتمە ئىكەنلىكى ھەرگىزمۇ شەخس ياكى ئائىلە ياكى قەبىلە ياكى جەمەت ياكى مىللەتنى بىكار قىلىۋېتىشنى ياكى بىلمەسكە سېلىشنى ياكى مىللەتلەر ئارىسىدىكى خۇسۇسىيەت ۋە ئالاھىدىلىكلەرنى ئىنكار قىلىشنى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى مىللەتلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۈممەت بىرلىكى ۋە ئۈممەت قۇرۇلمىسىنىڭ مۇستەھكەم بولىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەگەر ئائىلە، جەمەت، مىللەت ۋە يۇرتتىن ئىبارەت تارماق ئەزالىقلارنىڭ مەقسىتى ۋە ئۇلارنىڭ يۆنىلىشى ئىسلام ئىدىيىسى بىلەن ئۇيغۇن بولۇپ، ئۈممەت بىرلىكى ۋە ئۈممەت ئويغىنىشىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنى نىشان قىلسا، ئۇ چاغدا بۇ ئەزالىقلار ئىسلامنىڭ ئومۇمىي نىشانى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك كۈچكە ئايلىنىدۇ.

كۈچ قۇۋۋەت مەنبەسى بولغان قوۋم-قېرىنداشلىق ياكى مىللەتچىلىك ئۇقۇمىنى مەقسىتىگە قارىتا ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرى ئاساسىدا ئىزدىنىش ۋە ئۇنى ئىسلام خىزمىتىگە سېلىش ئىمكانىيىتى ھەققىدە قاراپ چىقىش لازىم.

ئىسلام خەلقئارالىق كۆرسەتمىسىنى ئېلىپ كەلگەندە ئۇرۇق-تۇغقان، نەسەب، قان ۋە ئىرقنى بىكار قىلىۋەتمىگەن، بەلكى قەبىلە ۋە مىللى تۇغقاندارچىلىقنى ئۈممەتنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلدۇرغان. مەدىنە دۆلىتىنىڭ دەسلەپكى قانۇنىي قەبىلىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى تىلغا ئېلىپ، ھەر بىرسىنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى بايان قىلغان. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، قەبىلە ۋە مىللەتلەر ئىسلام دەۋىتىنىڭ خىزمىتىدە بولغان.

ساھابىلەرنىڭ ئىسلامغا كىرگەن زامانىي يېڭى بولغانلىقى ئۈچۈن قەبىلە ۋە مىللەت قىزغىنلىقى، تار دائىرىدىكى قەبىلە ۋە مىللەت ئەزالىقىغا تارتىپ تۇراتتى. رەسۇلۇللاھ ئەزالىقنىڭ ئىسلامغا ئۇيغۇن ئۆلچەملىرىنى ئەسلىتەتتى ۋە ئىسلامدىن ئىلگىرىكى تار دائىرىگە چېكىنىشتىن ئاگاھلاندۇراتتى. چۈنكى ئىسلام ئۈممەت دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغان ۋە بىرلىكىنى مۇستەھكەملەيدىغان قىزغىنلىقنى ئىرادە قىلاتتى. ئەگەر قەبىلە ۋە مىللىي قىزغىنلىق ئىسلام كۆرسەتمىسى ۋە مەقسەتلىرىدىن چېكىنسە، ئەلۋەتتە بۇ ئىسلام چەكلەيدىغان تار دائىرىدىكى قارىغۇلارچە مۇتەئەسسىپلىكتۇر:«رەسۇلۇللاھ كىم ئىتائەتتىن چىقىپ كەتسە ۋە ئۈممەت بىرلىكىدىن ئايرىلىپ ئۆلسە، جاھىلىيەتتە ئۆلگەندەك بولىدۇ. كىم نىشانى ئېنىق بولمىغان بايراقنىڭ ئاستىدا ئۇرۇش قىلسا ياكى قارىغۇلارچە مۇتەئەسسىپلىككە چاقىرسا ياكى ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ ئۆلسە، جاھىلىيەتتە ئۆلگەندەك بولىدۇ. كىم ئۈممىتىگە قارشى چىقىپ، ياخشى ۋە يامان ئادەمنى پەرقلەندۈرمەستىن ئۆلتۈرسە، مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈشتىن ساقلانمىسا ۋە بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىسا، ئۇ مەندىن ئەمەس(يەنى مېنىڭ ئۈممىتىمگە تەۋە ئادەم ئەمەس)»دېگەن(مۇسلىم رىۋايىتى). بۇ ھەدىستە سۆزلەنگەن مىللەتچىلىك ياكى قارىغۇلارچە مۇتەئەسسىپلىك زۇلۇمغا ياردەم بېرىدىغان، ئۈممەت بىرلىكىنى پارچىلايدىغان ۋە ئىسلامنىڭ مەقسەتلىرىگە زىت كېلىدۇ، ئىسلامغا زادىلا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ ۋە ئىسلام بىرلىكىنىڭ خەلقئارالىقىنى تار قەبىلە دائىرىسىگە چىكىندۈرىۋىتىدۇ.

ئەگەر قوۋم-قېرىنداشلارنى ھىمايە قىلىدىغان مىللىي ئەزالىق، سۆيگۈ ۋە مۇتەئەسسىپلىك ئىسلامنىڭ ئادىل ئۆلچەملىرى بىلەن كونترول قىلىنسا، دىنى ۋە ئۈممىتىنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلسا، بۇ ئىسلام قۇرۇلمىسى ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىق بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقىقەت ھەققىدە:«سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىڭلار گۇناھ بولمىسا، قوۋم-قېرىنداشلىرىنى مۇداپىئە قىلغان كىشىدۇر»دېگەن(ئەبۇداۋۇد ۋە تەبرانى رىۋايىتى. بەزىلەر بۇ ھەدىسنى ئاجىز دېگەن، ئەمما مەزمۇنى توغرا).

بەلكى رەسۇلۇللاھ قوۋم-قېرىنداشلار يولىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكنى دىن ۋە جاننى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتكەنلەر قاتارىدا شېھىتلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن:«كىم مال-مۈلكىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتسە شېھىت بولىدۇ، كىم دىنىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتسە شېھىت بولىدۇ، كىم قېنىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتسە شېھىت بولىدۇ، كىم ئائىلە-جەمەتىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتسە شېھىت بولىدۇ»دېگەن(تىرمىزى رىۋايىتى). بۇ ھەدىسكە ئاساسەن ئەزالىق ۋە سۆيگۈ-مۇھەببەت دائىرىسى بىر قانچە بولسا، ئىسلام دائىرىسىدىن چىقىرۋەتمەيدۇ، چۈنكى بۇنىڭدىكى ئۆلچەم ئەزالىق ۋە سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ مەقسىتىگە باغلىقتۇر.

قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتكە قارايدىغان بولساق ئىلاھىي تەلىماتلارنىڭ غەلىبە قىلىشى ۋە دىننى قوغدايدىغان دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھىمايە قىلىدىغان جامائەت ۋە قوللىغۇچىلارنىڭ مەۋجۇد بولىشىغا باغلىقتۇر. مەسىلەن، لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتى ھىمايە قىلىدىغان ئائىلە-جەمەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن نەتىجە قازىنالمىغان:«لۇت ئەلەيھىسسالام:ئەگەر مېنىڭ كۈچۈم ياكى ماڭا يار يۆلەك بولىدىغان جەمەتىم بولغان بولسا، سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان بولاتتىم دېگەن»(ھۇد سۈرىسى، 80-ئايەت). رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقىقەتنى ئىزاھلاپ، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق پەيغەمبەرلەرنى قوۋم-قېرىنداشلىرىنىڭ ھىمايىسىگە تايىنىدىغان قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ:«ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەيغەمبەرنى مىللىتى ياكى قوۋم-قېرىنداشلىرى ئىچىدە كۈچلۈك قىلىپ ئەۋەتتى»دېگەن(ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى)

بۇ سەۋەب-نەتىجە قانۇنىيىتى بويىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋەت باسقۇچلىرىغا قارايدىغان بولساق، رەسۇلۇللاھنىڭ زامانىدا دەۋەتنىڭ غەلىبە قىلىشى ۋە ئىسلام دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىدا نەسەب ئالاقىسى ۋە قوۋم-قېرىنداشلىرىنىڭ رولىنى كۆرگىلى بولىدۇ. مانا رەسۇلۇللاھنىڭ تارىخى ھاياتىغا قارايدىغان بولساق، رەسۇلۇللاھنىڭ قوۋم-قېرىنداشلىرى بولغان ھاشىم جەمەتى مۇسۇلمان ۋە كاپىرلىرى بىلەن ئىسلام دەۋىتىنى مەككە باسقۇچىدا قوغداپ كەلگەن. رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ئەبۇتالىب ۋە باشقا ھاشىم جەمەتىدىكى قوۋم-قېرىنداشلىرى كاپىر تۇرۇقلۇق مىللى نەسەبداشلىق ئاساسىدا ئىسلامنى تارقىتىشقا ياردەم قىلغان. رەسۇلۇللاھنى قوغداش ئۈچۈن بۇ ھاشىم جەمەتى كاپىرلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئۈچ يىل مۇھاسىرىنى قوبۇل قىلغان. بۇ ئىشلارنىڭ قوۋم-قېرىنداشلىق، نەسەبداشلىق ۋە بىر يۇرتلۇق بولۇشتىن باشقا سەۋەبى بارمۇ؟

رەسۇلۇللاھ قوۋم-قېرىنداشلىرىنىڭ ياردىمىنى كاپىردىن قوبۇل قىلمايمەن دېمىدى، بەلكى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى، كاپىر تاغىسى ئەبۇتالىب ئۆلگەندە غەم بېسىپ كەتتى. بۇنى ياخشى ئويلىنىش لازىم…

مەككىدىكى ئازغىنا مۇسۇلمانلار مىللىي مۇتەئەسسىپلىك ۋە قوۋم-قېرىنداشلىق ئالاقىسىدىن ياخشى پايدىلاندى. رەسۇلۇللاھ ھىجرەت قىلىدىغان ۋە دۆلەتنىڭ ئاساسىنى قۇرىدىغان «بەيئەتۇل ئەقەبە»دېگەن قۇرۇلتاي يىغىنىدا رەسۇلۇللاھنىڭ تېخى مۇسۇلمان بولمىغان كاپىر تاغىسى ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ مىللىي ۋە تۇغقاندارچىلىق مۇتەئەسسىپىلىكى بىلەن بۇ قۇرۇلتاينىڭ غەلبىلىك ئاياغلىشىشقا ھەسسە قوشقان. نەتىجىدە نەسەب ئالاقىسى ۋە توغرا يۆنىلىشتىكى مىللىي مۇتەئەسسىپلىك ئىسلام دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئۈنۈملۈك رول ئوينىغان. بۇ قۇرۇلتايدا نەسەب قېرىنداشلىقى، مىللىي تۇيغۇ ۋە ئىسلام قېرىنداشلىقى بىرلەشكەن.

مەدىنە دۆلىتى رەسمى قۇرۇلۇپ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىشلىرى تەرتىپكە سېلىنغاندا مەككىلىك مۇھاجىرلار بىلەن مەدىنىلىك ئەنسارىلار ئارىسىدا قېرىنداشلىق ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە نامايان بولغان. مۇھاجىر ۋە ئەنسار دېگەن ئايرىم ئىككى ئىسىمگە نەزەر سالساق، ئىسلام قېرىنداشلىقى قەبىلە، مىللەت ۋە يۇرت بىرلىكى ئۈستىگە قۇرۇلغان يۈكسەك بىرلىكنى شەكىللەندۈرگەن.چۈنكى قوۋم-قېرىنداش بىرلىكنىڭ مەقسىتىمۇ ئىسلام ئىدى.

رەسۇلۇللاھ ۋاپاتىدىن كېيىن ساھابىلەر خەلىپە سايلاشتىكى سىياسىي تالاش-تارتىش مەسىلىسىدە ئەرەب مىللەتلىرىنىڭ بىرلىكىنى تۇتۇپ تۇرالايدىغان مىللەت بىرلىكى يەنىلا كۈچىنى كۆرسەتتى. ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر ئەنسارىلارغا خىتاب قىلىپ:«ئەرەبلەر ھازىرقى شارائىتتا خەلىپىلىك مەسىلىسىدە قۇرەيش مىللىتىدىن باشقىسىنى ئېتىراپ قىلغىلى ئۇنىمايدۇ»دېيىش ئارقىلىق مىللەت بىرلىكىنى دىن ۋە دۆلەتنىڭ خىزمىتىگە ئىشلەتكەن. ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ ھەزرىتى ئەبۇبەكىرنىڭ سۆزىنى تەكىتلەپ:«ئەرەبلەر قۇرەيش مىللىتىدىن باشقىسىغا رازى بولمايدۇ، بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قوۋم-قېرىنداشلىرى»دېگەن. (تەبەرىنىڭ تارىخى، 3-توم، 205-بەت).

دىنى پەزىلەتتە قوۋم-قېرىنداش ۋە مىللەتنىڭ ئالاقىسى بولمىغان بىلەن، دۇنيالىقنى قوغدايدىغان ۋە دىننى ھىمايە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇش مەسىلىسىدە توغرا يۆنىلىشتىكى قوۋم-قېرىنداشلىق ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئالاقىسىگە مۇھتاج.

دېمەك، نەسەب ۋە قوۋم-قېرىنداشلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان مىللى بىرلىك ئەمەلىي رېئاللىق بولۇپ، ئىسلام بۇ رېئاللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، تۈزلەيدىغان يېرى بولسا تۈزلەپ تۇرىدۇ، ئۆلچەملىرى بىلەن ھۆكۈمىنى بېرىدۇ ۋە ئۇ بىرلىكنى مەقسەتلىرىنىڭ خىزمىتىگە سالدۇرىدۇ.

شۇنداق بولغاندا مىللەتچىلىك ئىدىيە ئەمەس، ئەزالىق دائىرىسى بولىدۇ، بۇ تۈردىكى ئەزالىق دائىرىسى ئىسلام بىلەن بەسلەشمەيدۇ ياكى زىتلاشمايدۇ. مىللىي ئەزالىق ئۇقۇمى بۈيۈك ئۈممەت بىرلىكى ۋە ئىسلام يۇرتلىرى بىرلىكىگە ھەسسە قوشىدىغان قەدەمدىن ئىبارەت. چۈنكى ئىسلام بىرلىكى نۇرغۇن مىللەت، تۈرلۈك رايون ۋە كۆپ يۇرتلارنى ئۆز-ئىچىگە ئالىدۇ. دېمەك، ئىسلام مىللەت، يۇرت، تىل ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ.

ئەقىلنى ياخشى ئىشلىتەلىسەك، مىللەت بىرلىكىدىن ياخشى پايدىلانغىلى بولىدۇ. مىللىي بىرلىك ئۈممەت بىرلىكىنىڭ باسقۇچى بولالايدۇ. مەسىلەن، ئەرەب بىرلىكى شەكىللەنسە، ئىسلام بىرلىكىگە كۈچلۈك ھەسسە قوشىدۇ، چۈنكى ئەرەبلەرنىڭ 90% مۇسۇلمان خەلق.

تۈرك مىللەتلىرىگە قارىساق تۈركلەر  مۇسۇلمان خەلق، بىز  تۈركلەر ئورتاق مىللەت بولۇش ئېتىبارى بىلەن تۈرك مىللەتلىرى بىرلىكىنى شەكىلەندۈرەلىسە، بۇرۇنقىدەك بۈيۈك دۆلەتلەر شەكىللىنىپ، ئىسلامغا كۈچ ۋە جان قوشىدۇ. تۈرك بىرلىكى ئاجىزلىشىپ كەتسە، ھازىرقىدەك پۈتۈن تۈرك مۇسۇلمانلىرى تەھدىت ئىچىدە ياشايدۇ. سىياسى مەنپەئەت ئورتاقلاشقان بۈگۈنكى دۇنيادا تۈركلەرنىڭ ھېچبىرى قېرىندىشى تۈركلەرگە ياردەم بېرەلمەيدۇ.

 ئۇيغۇر خەلقى مۇسۇلمان خەلق، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىكى مىللەت بىرلىكى ۋە مىللەت تۇيغۇسىنىڭ ئىسلام مەقسەتلىرىگە زىت كېلىدىغان تەرىپى ئاساسەن يوق. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ غېمىنى يېگەنلىك ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ غېمىنى يېگەنلىكتۇر. مۇسۇلمان ئۇيغۇر مىللىتىمىز بىرلەشسە، مۇسۇلمانلىق تېخىمۇ كۈچىيىدۇ ۋە ئۈممەت بىرلىكىگە تېخىمۇ ھەسسە قوشالايدۇ. مىللەت بۆلۈنسە ئۈممەتكە ھېچقانداق پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، بەلكى ئۈممەتنى ئاجىزلاشتۇرۋېتىدۇ، ئاجىزلارنى بۆرە يەپ كېتىدۇ. مىللىتىمىزنىڭ بىرلىكى ياكى توغرا مىللەتچىلىك ئىدىيىسى ئۈممەت بىلەن بىرلەشتۈرۈش ۋاسىتىسىدۇر.

ئىسلام بىرلىكى ئەڭ بۈيۈك بىرلىكتۇر، بۇ بۈيۈك بىرلىك ئىچىدە كىچىك ۋە خاس بىرلىكلەر مەۋجۇت بولۇپ، ئۇمۇ ئىسلام بويىقى بىلەن بويىلىپ كەتكەن. مىللەت بىرلىكى، تىل بىرلىكى ۋە مەدەنىيەت بىرلىكى ئىسلام بىرلىكىنىڭ ئىچىدە يەر ئالىدۇ، بىراق زىتلاشمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان خەلقنىڭ تۈرلۈك سۆيگۈسى ۋە ئەزالىقى ئارىسىدا زىتلىق پەيدا قىلماڭ. كىچىك بىرلىك بۈيۈك بىرلىك ئىچىدە ئېرىپ كەتمەيدۇ، بەلكى شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسى دائىرىسىدە داۋاملىشىدۇ.

مانا ماۋۇ ئىسلامنىڭ مىللەت، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئۈممەت ھەققىدىكى توغرا پوزىتسىيىسى. ئىسلام دۆلىتى ھەر دائىم مەركىزى دۆلەت بولمىغان، بەلكى ھەر رايون ۋە ھەر مىللەت ئۆز يۇرتلىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرغان. ئەقىدە ۋە مەدەنىيەت بىرلىكى ئىچىدە تىل، مىللەت، كۈلتۈر ۋە ئىسلامغا زىت كەلمىگەن مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەر چىقىشىپ ياشىغان. شۇنداقلا ئىسلام دۆلىتى ھەر زامان مىللى خۇسۇسىيەتلەرنى ئېتىراپ قىلىپ كەلگەن.

مۇسۇلمانلارنى بىر كىتاب دېسەك، تۈرلۈك مۇسۇلمان قەبىلىلەر، مىللەتلەر، يۇرتلار ۋە ۋەتەنلەر بۇ كىتابنىڭ ۋاراقلىرىدۇر.

دېمەك، ئىسلام بىرلىكى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەت ئەزالىقى ھەرگىز بىر-بىرىگە زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنى ئەقىدىسى ۋە مەدەنىيىتى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى تۈرلۈك مۇسۇلمانلارنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرىدۇ.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي

2018- يىلى، 4-ئاينىڭ 5-كۈنى.

ئىستانبۇل.