2024-يىل 20-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئەقىدە ۋە ۋەتەن-مىللەت

 

ئەقىدە ۋە ۋەتەن-مىللەت

 

ۋەتەن-مىللەت ۋە ئىسلام دىنى بىر-بىرى بىلەن زىتلاشمايدىغان بەلكى بىر-بىرىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان نەرسە. ئىنسان ئۇ ئىككىسىنىڭ ھېچ بىرسىدىن بىھاجەت بولالمايدۇ. ئەقىدە ۋە قىممەت-قارىشى بولمىغان ۋەتەننىڭ مەۋجۇدىيىتى ۋە قىممىتى  بولمايدۇ. ئەقىدە ۋە قىممەت-قاراشقا كۆرە ۋەتەننىڭ شەرىپى ئۈستۈن بولىدۇ ياكى چۈشىدۇ.

ساغلام ئەقىدە، ئەركىنلىك، ئادالەت، رەھىمدىللىق، كۆيۈنۈش ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرىدىن ئىبارەت يوقىرى قىممەت-قاراشتىن خالى بولغان ۋەتەن، پەرزەنتلىرى ۋە باشقا ئىنسانلارنى بەخت-سائادەتكە ئېلىپ بارالمايدۇ، شۇنداقلا سۆيگۈ ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالمايدۇ. باشقا ئەللەر بىلەن- دىنى، تىلى، جىنسى، رەڭگى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر-ساغلام ۋە ئادىل لوگىكا ئاساسىدا  ھەمكارلىشالمايدۇ.

ھازىر قىيىن بولۇۋاتقان مەسىلە شۇكى؛ كىشىلەرنىڭ ئەقىدىسى، خۇسۇسىيەتلىرى، ئەركىنلىكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇقلىرىنى ساقلاش ئاساسىدا ئىشلارنى مىللىي ۋە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتتە رەتكە سېلىش مەسىلىسىدۇر. تىرىشچانلىقى ۋە ئۆز ئۇسۇلى ئارقىلىق ۋەتىنىگە ۋە بارلىق ئىنسانىيەتكە خىزمەت قىلغان كىشىلەر مىللى دائىرە بىلەن يۇقىرى ئىنسانىيەت دائىرىسىنى بىرلەشتۈرەلىگەن زاتلاردۇر.

دىيانىتى كۈچلۈك، دىنىغا ئەمەل قىلىدىغان مۇسۇلمان دىنىنى، دىنىنىڭ تەلىماتىنى، مىللىتىنى ۋە يۇرتىنى سۆيىدۇ. ۋەتىنى ۋە مىللىتى توغرىلۇق مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلىدۇ، خىزمەت قىلىشتا ۋەتىنى ۋە مىللىتىنى ئالدىدا قويىدۇ، ۋەتىنى ۋە مىللىتىگە ئىخلاس ۋە سەمىمىيلىك بىلەن خىزمەت قىلىدۇ. لېكىن ئۇ مىللىتى، يۇرتىغا قارىغۇلارچە مۇتەئەسسىپلىك قىلمايدۇ. ھەممە نەرسىدىن ئىلگىرى مۇھەببىتىنى ئاللاھغا ۋە ئاللاھ بۇيرۇغان ھەقىقەت، ئادالەت، ھەق-ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە ياخشىلىققا بېغىشلايدۇ. ئۇ مۇشۇ ئىشلارنى ھەل قىلىشتا بىر مىللەت بىلەن يەنە بىر مىللەتنى ئايرىمايدۇ.

رەسۇلۇللاھ:«كىم مۇتەئەسسىپلىككە چاقىرسا، مۇتەئەسسىپلىك ئۈچۈن ئۇرۇش قىلسا ۋە مۇتەئەسسىپلىك يولىدا ئۆلسە بىزدىن ئەمەس»دېگەن(ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى). بۇ ھەدىستىكى»مۇتەئەسسىپلىك»دېگەن سۆزدىن مەقسەت، مىللىتى ياكى قەبىلىسى زۇلۇم قىلىۋاتسىمۇ مىللىتىگە يان بېسىش ۋە ھەمكارلىشىش دېگەنلىكتۇر. دېمەك، ئۇ زۇلۇمغا ياردەم بەرگەنلىك سەۋەبىدىن گۇناھكار بولدى.

رەسۇلۇللاھ:بىر ئادەمنىڭ مىللىتىنى ياخشى كۆرىشى مۇتەئەسسىپلىك قاتارىغا كىرەمدۇ؟دەپ سورالغاندا، رەسۇلۇللاھ جاۋاب بېرىپ:«بىر ئادەمنىڭ مىللىتى زۇلۇم قىلىۋاتسىمۇ، مىللىتىگە يان بېسىشى مۇتەئەسسىپلىكتۇر»دېگەن(ئىبنى ماجەۋە ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى).

بىر ئىنساننىڭ مىللىتىنى ياخشى كۆرىشى ئىنساندىكى تەبىئي خاراكتىر، ئىسلام ئىنساندىكى بۇ خاراكتىرنى ئىنكار قىلىشقا ياكى بىلمەسكە سېلىشقا چاقىرمايدۇ، بەلكى بۇ خاراكتىرنى ئىسلامنىڭ مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان تەڭپۇڭلۇڭ ۋە ئوتتۇراھاللىق خىزمىتى ئۈچۈن ئىشقا سېلىشقا چاقىرىدۇ.

ئىنسانننىڭ ۋەتىنى، مىللىتى، تىلىغا قارىتا سۆيگۈسى تەبىئى مەسىلە، بۇ مەسىلە ئىسلام بىرلىكىگە زىت كەلمىسە، ئىسلام بۇ سۆيگۈنى چەكلىمەيدۇ. بۇ تۈردىكى ۋەتەن، مىللەت ۋە تىل سۆيگۈسى بۈيۈك بىرلىكنىڭ يولى ھېسابلىنىدۇ.

ۋەتىنىڭىز ۋە مىللىتىڭىزنى خالىغانچە ياخشى كۆرۈڭ، ۋەتەننى سۆيۈش ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر، لېكىن زۇلۇمغا ھەمكارلاشماڭ ياكى زۇلۇم قىلماڭ.

ھەدىستە:«سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىڭلار گۇناھ بولمىسىلا مىللىتىنى مۇداپىئە قىلىدىغان كىشىدۇر»دېيىلگەن(ئەبۇداۋۇد ۋە تەبرانى رىۋايىتى) يەنى مىللىتىنى ھەقىقەت ئۈچۈن قوغدايدۇ، ناھەقچىلىك ئۈچۈن مۇداپىئە قىلمايدۇ….

ھەقىقى مۇسۇلمان باشقا ۋەتەنلەرنىڭ زىيىنىغا ناھەقچىلىق ئۈستىدە ۋەتىنىگە مۇتەئەسسىپلىك قىلمايدىكەن، ئۇنداقتا زۇلۇم ئۈستىدە يېقىن تۇغقىنى، ياكى دوستى ياكى باشقا بىرسىگە ياردەملەشمەيدۇ.

سىزنىڭ ئاللاھنىڭ ھەققىنى ۋە ئاللاھ سىزگە پەرز قىلغان ئادالەت، ئىنساپ ۋە ئەركىنلىكتىن ئىبارەت بۇ ئىشلارنى ئادا قىلىشنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك ئەمەس. سىز قېرىنداشلىق، مۇھەببەت ۋە نەسىھەت قىلىش ھەققىنىمۇ ئادا قىلىشىڭىز كېرەك. قېرىندىشىڭىزنى زۇلۇمدىن چەكلىشىڭىز كېرەك.

مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىقى، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىشى ئادالەت، ياخشىلىق، ۋە ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلار ئۈستىدە بولىدۇ. ھەرگىزمۇ گۇناھ ۋە باشقىلارنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىدىغان ئىشلاردا ياردەملىشىش بولمايدۇ:«ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار»دەيدۇ(مائىدە سۈرىسى، 2-ئايەت)

ئىسلام دىنى مۇتلەق ئادالەتتۇر. ئىسلامدا چوڭ- كىچىك، باي-كەمبەغەل، كۈچلۈك-ئاجىز، يېقىن-يىراق، مۆمىن-كاپىر، سىز بەك ياخشى كۆرىدىغان كىشى ۋە سىز بەك يامان كۆرىدىغان كىشى باراۋەردۇر.

ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە:«ئى مۆمىنلەر! خۇدالىق ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە، ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ياكى تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا(گۇۋاھلىق بېرىشكە)توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىڭلار، (گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى)باي بولسا (ئۇنىڭغا رىئايە قىلماستىن)، ياكى پېقىر بولسا(ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتماستىن)ھامان ئادىل گۇۋاھ بولۇڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئۇلارغا يېقىندۇر(يەنى ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنىڭ نېمىدە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ)، نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگىشىپ(ھەقىقەتتىن)بۇرۇلۇپ كەتمەڭلار.ئەگەر تىلىڭلارنى تولغۇساڭلار(يەنى گۇۋاھلىقتىكى پاكىتنى بۇرمىلىساڭلار)، ياكى گۇۋاھلىقتىن باش تارتساڭلار، مۇنداقتا ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر»(نىسا سۈرىسى، 134- ئايەت)يەنى ھەقىقى سادىق مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ، ئاتا-ئانىسىنىڭ زىيىنىغا بولسىمۇ ھەقىقەت ۋە ئادالەت تەرەپتە تۇرۇشى، ھاۋايى-ھەۋەسكە مايىل بولماسلىقى لازىم.

ئىسلام دىنى ئەقىدە، پرىنسىپ، قىممەت-قاراش ۋە ھۆكۈملىرىدە بىر مەسىلە بولسا، مۇسۇلمانلارنىڭ رېئاللىقى(ئىسلامدىكى ئۇ پرىنسىپلارنى ئەمەلىي ھاياتىدا تەتبىقلىماسلىقى)ئايرىم بىر مەسىلە. ئەقىدە، پرىنسىپ ۋە قىممەت-قاراشلارنىڭ رېئاللىق ھاياتتا كۆرۈنمەسلىكى ئىسلامنىڭ مەسىلىسى بولماستىن، مۇسۇلمانلارنىڭ سەل قاراش، ئاڭسىزلىق  ۋە دىنىنىڭ ھەقىقىتىگە ئەمەل قىلماسلىق مەسىلىسىدۇر.

ئىسلام پرىنسىپلىرى، قىممەت-قاراشلىرى ۋە ھۆكۈملىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ  يۈكسەك نەمۇنىسىدۇر. ئۇلار ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە مۇقەددەس بىلىدۇ، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تەشنا بولىدۇ، كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار ئۆزلىرى ۋە رېئاللىقنى ئۇ پرىنسىپلارغا باغلاشقا ئۇرۇنىدۇ. بەزىلەر يېتەلىدى، بەزىلەر يېقىنلاشتى، يەنە بەزىلەر تېخى يولنىڭ بېشىدا ياكى ئوتتۇرىسىدا بولىشى مۇمكىن.

دېمەك، ساغلام ئەقىدە ۋە توغرا ئىدىيە بولغاندا ۋەتەننىڭ ۋە مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە قىممىتى بولىدۇ. ئەقىدە سۇسلاشقان، خۇراپىلاشقان ۋە ئاجىزلاشقاندا ۋەتەننىڭ ۋە مىللەتنىڭ قىممىتى بولمايدۇ…

ئەقىدە ئاساستۇر، چۈنكى ئەقىدە ۋەتەن-مىللەتنى سۆيۈش ۋە ھىمايە قىلىشنى پەرز قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ:«كىم مال-مۈلكىنى(زېمىن مال-مۈلىكتۇر)قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتسە ئۇ شېھىت…»دېگەن(ئەبۇداۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى). دېمەك، ئىسلام ئەقىدىسى ۋەتەن-مىللەتنى قوغداشنى ۋە ھىمايە قىلىشنى شۇ  يۇرتنىڭ مۇسۇلمانلارغا پەرز قىلىدۇ.

 

ئابدۇراھمان كاشىغەرىي.

ئىسلام ئاۋازى تور بېتى

2005- 1- 14  كۈنى.

 مىسىر.