2024-يىل 2-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئاياللارنىڭ ئىسلامدىكى كىيىم-كېچەك ئوبرازى

ئاياللارنىڭ ئىسلامدىكى كىيىم-كېچەك ئوبرازى

مۇقەددىمە

ئىسلام ئىنساننى ئىنسان بولغانلىق ئېتىبارى بىلەن ھۆرمەتلىك قىلغان ۋە ئىنسانلىقى بىلەن باراۋەر قىلغان. ئەر-ئاياللار ئوخشاش بىر جاندىن يارىتىلغان، ئوخشاش مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن، مۇكاپات ۋە جازادا باراۋەر قىلىنغان.

كىيىم-كېچەك پەلسەپىسى ئىسلامدا ئىپپەتلىك بولۇشقا تايىنىدۇ. ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىدىكى شەرىئەتنىڭ مەقسىتى ئەۋرەتنى ساقلاش، كۆز يۇمۇش ۋە ئىپپەتلىك بولۇشتۇر. كۆز يۇمۇش، ئىپپەتلىك بولۇش ۋە ئەخلاقلىق بولۇشتا ئەر-ئايالنىڭ مەسئۇلىيىتى ئورتاق بولسىمۇ، بىراق ئاياللارنىڭ يارىتىلىش گۈزەللىكى ئەرلەرنى جەلپ قىلغۇدەك دەرىجىدە ئالاھىدە گۈزەل بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىپپىتىنى ساقلاش ۋە ئەخلاقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ئەرلەرگە قارىغاندا بىر ئاز ئېغىر، شۇ سەۋەبتىن ئەۋرەت دەپ بەلگىلەنگەن ئەزالار ئەرلەر بىلەن ئاياللاردا پەرقلىنىدۇ.

ئىسلام كىيىم-كېچەك ۋە ئەۋرەتنى يېپىش مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، چۈنكى ئىسلام پەزىلەت، ھايا ۋە  گۈزەل ئەخلاقنى قانات يايدۇرۇش ۋە رەزىللىكنى چەكلەشكە كۆڭۈل بۆلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان ئاياللار ھايالىق ۋە تەمكىن بولىدۇ، چاقچاق قىلسىمۇ ئەخلاق ئىچىدە چاقچاق قىلىدۇ. مۇسۇلمان ئاياللار كىيىم-كېچەكلىرىدە پەرۋەردىگارىغا ھىيلە ئىشلەتمەيدۇ، بەلكى ھۆرمىتىنى ساقلايدىغان، بەدىنىنى سۈپەتلەپ قويمايدىغان ياكى يات ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتمايدىغان شەرىئەتكە ئۇيغۇن كىيىملىرىنى كىيىدۇ. باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ئازدۇرىدىغان كىيىم-كېچەكلەردىن يىراق تۇرىدۇ.

مۇسۇلمان ئاياللار شەرىئەت كۆرسەتكەن كىيىم-كېچەكلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاقى ئارقىلىق ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرىدۇ، جەمئىيەتتە ئىسلامنىڭ قىممەت-قاراشلىرىنى تىكلەش ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ، دىنىنى ۋە ئەخلاقىنى قوغدىغان ئاساستا بىلىم-مەرىپەت ئىگىلەيدۇ ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ شەرىئىتىنى ئۆگىنىدۇ. ئاندىن ئۆزىنى، پەرزەنتلىرىنى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە جەمەتلىرىنى شۇ ئاساستا تەربىيىلەيدۇ. سەمىمىي مۇسۇلمان قىز-ئاياللار تەقۋالىق، ياخشىلىق، ئىپپەت ۋە ھىدايەتنىڭ ئۆرنىكى بولىدۇ.

(1)

ئەر-ئايال بىر تەندىن ئىبارەت

ئىنسان نەپس ۋە جىسىمدىن تەركىپ تاپىدۇ، ئىنسان نەپسى ماھىيەت بولۇپ، ئىلاھى خىتابنىڭ مەركىزى نوقتىىنى تەمسىل قىلىدۇ. بۇ ۋەجىدىن ئىسلام ئىنسان نەپسىنى زىننەتلەشكە ۋە ئۇنى گۈزەللەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇڭا سىرتقى شەكىلنىڭ ھەقىقى گۈزەللىكنىڭ سىمۋولى بولغان نەپسىدىن ئۈستۈن كېلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئايال كىشىنىڭ (ھىجابلىنىشى)يۆگىنىشىنى پەرز قىلغان.

ئاياللارنىڭ جىسمانىي شەكلى ئەرلەرنى جەلىپ قىلغۇدەك ئالاھىدە گۈزەللىككە ئىگە ھالەتتە يارىتىلغان. ئۇلارنىڭ مۇنداق گۈزەل يارىتىلىشنىڭ بىرىنچى مەقسىتى نەسىل قالدۇرۇپ ئىنسان تۈرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، زېمىننى ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت مەقسەتنى ئىجرا قىلىشقا ھەسسە قوشۇشى ئۈچۈندۇر. شۇ سەۋەبتىن ئەرلەر بۇ مەقسەتكە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئاياللارنىڭ جەلىپ قىلىشىغا ئۇچرايدۇ.

ئىسلامدا ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى ئوخشاشلا دىندىكى بۈيۈك مەقسەتكە خىزمەت قىلىش ۋە ئىنسان ۋۇجۇدىنى ھۆرمەتلەش ئۈستىگە قۇرۇلغان:«ئاللاھ سىلەرنىڭ چىرايىڭلارغا ۋە مال-مۈلكىڭلارنىڭ كۆپلىكىگە قارىمايدۇ، لېكىن قەلبىڭلار ۋە ئىش-ھەرىكىتىڭلارغا قارايدۇ»(مۇسلىم رىۋايىتى).

ئىسلامدا ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى پەقەتلا شەكلى ھۆكۈمنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى ماھىيەت خاراكتېرلىك مەقسەتنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ  مەقسەت ئىنسان ۋۇجۇدىغا مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئاللاھ ئاياللارغا خىتاب قىلغاندا مەسئۇلىيەتنى كۆتۈرۈشتە ئەرلەر بىلەن ئوخشاش ئورۇندا قويغان، ئەر-ئايال ئىنسانغا پەرىشتىلەرنى سەجدە قىلدۇرغان. ئايال كىشىنى ئەر كىشىگە ئوخشاش ھەرىكەت قىلىدۇ، دەپ سۈپەتلىگەن:«ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى پەرۋەردىگارى ئىجابەت قىلدى:«مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەرقانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن، سىلەر بىر-بىرىڭلاردىن تۆرەلگەن» (ئال ئىمران سۈرىسى، 195-ئايەت). ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئوخشىمىغان ئەھكام ۋە كۆرسەتمىلەر ئەر-ئايال ئارىسىدىكى بىر-بىرىنى تولۇقلاش خاراكتېرىگە باغلىق. ئاياللاردىكى كەمچىللىكنى ئەرلەر تولۇقلايدۇ، ئەرلەردىكى كەمچىللىكنى ئاياللار تولۇقلايدۇ. بۇ مەسىلە ئىككىيلەننىڭ ئارىسىدا داۋاملىق ئۇچرىشىپ تۇرۇش ئارزۇسى ۋە ھاياتنىڭ داۋاملىشىشىغا كېپىل بولۇش ئۈچۈن بىر -بىرلىرىنى تولۇقلايدۇ.

ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ كۆرۈنىشى بىر ماھىيەتنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى ئەرلەر كىيىم-كېچەك تاللىغاندا بىرىنچىدىن بەدەننى يۆگەش، ئىككىنچىدىن ئىسسىق-سوغۇقتىن ساقلىنىش، ئۈچىنچىدىن چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن تاللايدۇ. بىراق مۇسۇلمان ئاياللار كىيىم-كېچەكلىرىنى تەقۋالىق، ئىپپەتلىك بولۇش ۋە ئۆزىنى ئاسراش پەردىسى بىلەن ئورايدۇ. كىيىم كېچەك كۆرۈنۈشتە ئاددى بىر ئىش بولسىمۇ، بىراق مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئەقلى ۋە قەلبىنىڭ كىملىكى، ھۆرمىتى ۋە ئەرلەرگە ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر:«ئى ئادەم بالىلىرى! سىلەرگە بىز ھەقىقەتەن ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان كىيىم-كېچەكنى ۋە زىننەتلىنىدىغان كىيىم-كېچەكنى چۈشۈردۇق، تەقۋادارلىق كىيىم-كېچىكى ئەڭ ياخشىدۇر، ئەنە شۇلار ئۇلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ (بەندىلىرىگە بولغان پەزلى-مەرھەمىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر» ئەئراف سۈرىسى، 26-ئايەت)

ئاياللار بەدەنلىرىنى ۋە جىسمىنىڭ گۈزەللىكلىرىنى ئاچقاندا، تەبىئىي خاراكتېرىنىڭ زىيىنىغا ھەيكىلىنى ئاچىدۇ، روھىنىڭ زىيىنىغا گۆش قىسمىنى ئۇلۇغلايدۇ، نەپسىنى زىننەتلەشنىڭ ئورنىغا تاشقى قىياپىتىنى زىننەتلەشكە قاچىدۇ، نەتىجىدە دۇنياغا كېلىش ماھىيىتى ۋە ۋەزىپىسىدىن چەتنەپ كېتىدۇ.

(2)

ئاياللارنىڭ پىسخىكا ئوبرازى

1.ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى:

ئاياللىق مىجەزى ئاياللارنىڭ يارىتىلىشىدىكى جەلىپ قىلىش كۈچتۇر، ئاياللىق مىجەزى ئىسلامدا بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان ئۇقۇمدۇر، ئەر كىشى ئايال كىشىنى تولۇقلايدۇ، ئايال كىشى ئەر كىشىنى تولۇقلايدۇ. شۇڭا ئىسلام دىنى قىز-ئاياللارنىڭ ئەركەك سۈپەتلىك بولۇۋېلىشىدىن قاتتىق چەكلەيدۇ، چۈنكى ئۇ سۈپەت تەبئىي خاراكتېرنى يوقىتىدۇ، جىنسى تەڭپۇڭلۇققا ۋە يارىتىلىشتىكى گۈزەللىككە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

دېمەك، ئاياللىق مىجەز ئىنسان نەسلىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە ئىككى جىنس ئارىسىدا ھاياتنىڭ مەنىسىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر. ئەر-ئايال ئائىلە قۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنلايدۇ، ئاندىن مەدەنىيەت يارىتىش ئارقىلىق زېمىننى گۈللەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن قىز-ئاياللارنىڭ ئەركەك مىجەز بولۇۋېلىشى ئىنسان مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت سالىدۇ ۋە تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. بۇ توغرىسىدا رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ ئاياللاردىن ئەركەك مىجەز بولۇۋالغانلارغا ۋە ئەرلەردىن ئايال مىجەز بولۇۋالغانلارغا لەنەت قىلدى» دېگەن(ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى). ئاياللاردىكى ئەركەك مىجەزلىك بەزىدە كىيىم-كېچەككە ئوخشاش شەكلى بولىدۇ ياكى سۆز ئارقىلىق بولىدۇ ياكى يۈرۈش-تۇرۇش ئارقىلىق بولىدۇ، يەنە بەزىدە ئەزا ئالماشتۇرۇشتەك بەدىنى ئارقىلىق بولىدۇ.

2.ھايا گۈزەللىكى:

ھايا گۈزەللىكى ئاياللىق مىجەزىنىڭ تەبىئىي تەقەززالىرىنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، ھايانىڭ تەبىئىيىتى يوشۇرۇنلۇققا مايىل كېلىدۇ. يالىڭاچلىق بىلەن بىرگە ھايا گۈزەللىكى تېپىلمايدۇ، ھايالىق بولۇش گۈزەللىكنىڭ مەۋجۇد بولۇش سىرى.

ھايالىق بولۇش ئىسلامدىكى ئومۇمىي پرىنسىپ. ئۇ سۆز، ئىستىل، ئىش-ھەرىكەت، كىيىم-كېچەك ۋە باشقا ھەر قانداق ھەرىكەتلەردىمۇ تەلەپ قىلىنىدىغان ئومۇمىي بىر ئەخلاق، چۈنكى ھايا قىلىش ئىماننىڭ جۈملىسىدىن. مانا بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئېيتقان سۆزنىڭ مەنىسى:«سەت قىلىق بىر نەرسىدە تېپىلىپ قالسا، قىممىتىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ، ھايا قىلىش بىر نەرسىدە تېپىلسا، قىممىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ»دېگەن(تىرمىزى رىۋايىتى).

ھايا قىلىش ئىماننىڭ جۈپتى ۋە تەقەززاسى:«ھايا بىلەن ئىمان بىر جۈپ، بىرسى كۆتۈرۈلۈپ كەتسە، يەنە بىرسى كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ»(ھاكىم ۋە بەيھەقى رىۋايىتى).

رەسۇلۇللاھ ھايا قىلىشنى مۇسۇلماننىڭ كۈندىلىك ئەخلاقى، دائىملىق ئەمەلىي ئىبادىتى ۋە ئاللاھقا ھەقىقى باغلانغانلىقى دەپ بەلگىلىگەن:«ئاللاھدىن ھەقىقى رەۋىشتە ھايا قىلىڭلار. كىم ئاللاھدىن ھەقىقى ھايا قىلىدىغان بولسا، كاللىسىغا كىرىۋاتقان ئوي-پىكىرلەرگە، قورسىقىغا كىرىۋاتقان نەرسىلەرگە دىققەت قىلسۇن، ئۆلۈمنى ئەسلىسۇن دېگەن»(تىرمىزى ۋە ئەھمەد رىۋايىتى).

ئىسلامدىكى ھايا قىلىش -گەرچە ئاياللاردا بەكرەك نامايان بولسىمۇ- پرىنسىپال ئەخلاق بولۇش ئېتىبارى بىلەن ئومۇمىيدۇر. قىز-ئاياللارغا مەخسۇس تاپشۇرۇلغان ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھايا قىلىشتىن ئىبارەت شەرىئەتنىڭ مەقسىتىگە رېئايە قىلغانلىقتۇر. قىز-ئاياللارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن ياكى ھەرىكىتى ياكى ئاۋازىنى يوشۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بۇ مەزمۇنغا مۇناسىۋەتلىك.

قۇرئاندا قىز-ئاياللارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن يۆگىنىشى ئۈچۈن شەرىئەتكە ئۇيغۇن كىيىم-كېچەك پەرز قىلىنغان:«ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، كەڭ كىيىمى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ(ئىپپەتلىك ئاياللار ئىكەنلىكى)ئوڭاي تونۇلىدۇ-دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ» (ئەھزاب سۈرىسى، 59-ئايەت). رەسۇلۇللاھ بۇنى تېخىمۇ ئىزاھلاپ:«قايسى بىر ئايال كىيىم-كېچىكىنى ئۆيىدىن باشقا يەردە سالسا (يەنى يات ئەرلەر بار يەرلەردە سالسا)، ئۆزى بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدىكى ھايانى دەپسەندە قىلغان بولىدۇ»دېگەن(ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى).

ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ھايالىق بولۇش بولسا، يۈرۈش-تۇرۇشىدا تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش دېمەكتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەت ئاياللار جىسمىنىڭ بىنورمال ھەرىكەتلىرىنى يۆگەش ئۈچۈن كوچىلار ۋە ئەرلەر بار ئورۇنلاردا ئەركىلەپ مېڭىشنى ۋە ھەر قانچە ئالىم بولسىمۇ نامازدا ئەرلەرگە ئىمام بولۇشنى چەكلىگەن.

گەپ-سۆز قىلىش جەھەتتىن ھايالىق بولۇش دېگەن يولدىشىدىن باشقا ئەرلەرگە گەپ-سۆز قىلغاندا نازلىنىپ ۋە ئەركىلەپ تۇرۇپ گەپ-سۆز قىلماسلىقنى تەقەززا قىلىدۇ.

(3)

سىرتقى شەكىل مەدەنىيەت بەلگىسىدۇر

كىيىم-كېچەك مەدەنىيەتنىڭ كىملىك بەلگىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا بولسۇن ھايات، مەۋجۇدىيەت ۋە ئاقىۋەت ھەققىدە بىر خىل تەسەۋۋۇرنى ئىپادىلەيدۇ.

بۈگۈنكى غەرب دۇنياسىدىكى يالىڭاچلىق ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت پەلسەپىسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. قەدىمقى گرىك رەسساملىرى ھەيكەللەردە ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسى ئەزالىرىنى ئېنىق ئويۇپ چىقىشتىن خىجىللىق ھېس قىلمايدىغان ئىدى. مانا بۇ ھاياتنى ماتېرىيالىزمچە ۋە ئىنساننى شەھۋانىي ئىزاھلاشنىڭ ئۇقۇمى ئىدى. چىركاۋلاردىكى بۇددىزملىقتىن ئېقىپ كىرگەن ھەيكەللەرنىڭ نەتىجىسىدە غەرب دۇنياسىنىڭ يالىڭاچلىققا يۈزلىنىشى تەرەققى قىلدى ۋە غەرب دۇنياسىنىڭ ئەقلى ھاياتنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە يالىڭاچلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى. مۇشۇ ۋەجىدىن غەرب دۇنياسى يالىڭاچلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ساھەلىرىنى بېسىپ كەتكەنلىكىنى بېشىدىن كەچۈردى. دېمەك، بۈگۈن غەربتىكى جىنسى يالىڭاچلىق قەدىمىي گرىك مەدەنىيىتىنىڭ تەبىئىي داۋامىدۇر. بۇ مەدەنىيەت شەھۋەتنى ئۇلۇغلاش ۋە كۆڭۈلنىڭ جىنسى لەززىتىگە چوقۇنۇش ئۇقۇمىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن.

يۇقىرىقى مەدەنىيەتنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى ئارقىلىق قىز-ئاياللارنىڭ سۈرەتلىرى تۈرلۈك شەكىلدە مەھسۇلات ۋە نەرسە-كېرەكلەرنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن غەرب دۇنياسىنىڭ تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا خىزمەتكە سېلىندى. نەتىجىدە قىز-ئاياللارنىڭ شەكلى ياكى سۈرىتى ئىقتىسادىي ۋە سىياسى ماركىغا ئايلاندى.

(4)

سىرتقى شەكىل كىملىك ئوبرازىنى كۆرسىتىدۇ

ئىسلامنىڭ جىسىم شەكلىگە ئەھمىيەت بېرىشى مەقسىتى يوق قۇرۇق شەكىل بولماستىن، بەلكى مەدەنىيەت كىملىكىنى، ئەقىدە پوزىتسىيىسىنى ۋە مەۋجۇدىيەت نەزەرىيىسىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىم ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچەك ۋە ئىستىل قائىدىلىرى ھەققىدە بەزىدە پەرز قىلىپ، بەزىدە يوليورۇق بېرىپ ئالاھىدە توختالغان.

ئىسلامدا كىيىم-كېچەك سىمۋولى ئادەم بىلەن ھەۋۋاغا بېرىپ تاقىلىدۇ، جەننەت كىيىمى ئىلاھىي رىزالىقنىڭ سىمۋولى ئىدى، ئۇ ئىككەيلەن جەننەتتە خاتالىقنى سادىر قىلىشى بىلەن تەڭ يالىڭاچلىنىپ جازالاندى. دېمەك، يالىڭاچلىق ياراتقۇچىغا چېكىدىن ئېشىشىنىڭ سىمۋولى، ئۇنداقتا ئۇ شەيتاننىڭ سىموۋلىدۇر:«جەننەتتە سەن ھەقىقەتەن ئاچ قالمايسەن ۋە يالىڭاچ قالمايسەن. ھەمدە ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئۇسساپ كەتمەيسەن، ئىسسىپ كەتمەيسەن. شەيتان ئۇنىڭغا ۋەسۋەسە قىلىپ:ئى ئادەم! ساڭا مەن (يېگەن ئادەم) ئۆلمەيدىغان دەرەخنى ۋە زاۋال تاپماس پادىشاھلىقنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېدى. ئۇلار ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەت (دەرەخلىرىنىڭ) يوپۇرماقلىرى بىلەن ئەۋرەتلىرىنى يېپىشقا كىرىشتى» (تاھا سۈرىسى، 117-119-ئايەتلەر). مانا بۇ ئايەتلەر ئىنسان ۋە دىنلار تارىخىدا كىيىم-كېچەكنىڭ قانداق باشلانغانلىق تارىخىنى خۇلاسىلەپ بېرىدۇ.

ئايەتنىڭ مەنىسىگە ئاساسەن شەيتاننىڭ مەقسىتى ئادەم بىلەن ھەۋۋانى قىپيالىڭاچ ھالغا كەلتۈرۈپ ھايا قىلىش ئەخلاقىنى بۇزۇپ تاشلىماقچى ئىدى. ئىنساننىڭ قىپيالىڭاچ ھالەتكە كېلىپ قېلىشىدىن ئېغىر خورلۇق بولمىسا كېرەك. ئايەتتىكى ئاچلىق قورساقنىڭ خورلۇقىنى كۆرسەتسە، يالىڭاچلىق سىرتقى كۆرۈنۈشنىڭ خورلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىسلامنىڭ كىيىم-كېچەك ھەققىدىكى كۆرسەتمىسى:«ئى ئادەم بالىلىرى! سىلەرگە بىز ھەقىقەتەن ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان كىيىم-كېچەكنى ۋە زىننەت خاراكتېرلىك كىيىملەرنى يارىتىپ بەردۇق، تەقۋادارلىق كىيىمى ئەڭ ياخشىدۇر، ئەنە شۇلار ئۇلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر»(ئەئراف سۈرىسى، 26-ئايەت). بۇ ئايەت ئەۋرەتنى ياپىدىغان ۋە گۈزەللىك بېغىشلايدىغان ئىككى تۈرلۈك كىيىمنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. كىيىم-كېچەكلەرنىڭ تەقۋالىققا باغلىنىشىدىن مەقسەت نەپسىنى ئىسلاھ قىلىشتۇر. دېمەك، يالىڭاچلىق روھانىيەتنىڭ زىيىنىغا جىسىمنى مۇقەددەس بىلگەنلىك ئۈچۈن ئاللاھغا بەرگەن ۋەدىنى بۇزغانلىق ھېسابلىنىدۇ.

مۇشۇ ۋەجىدىن ئەھزاب ۋە نۇر سۈرىسىدىكى ئىككى ئايەت قىز-ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچەك ئۆرنەكلىرىنى پەرز قىلغان:«ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجى(يەنى بەدەننى سۈپەتلەپ قويمايدىغان كەڭ كىيىم) بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ ئىپپەتلىك قىز-ئايال ئىكەنلىكى ئوڭاي تونۇلىدۇ-دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»(ئەھزاب سۈرىسى، 59-ئايەت).

نۇر سۈرىسىدە:«مۆمىن قىز-ئاياللارغا ئېيتقىنكى، نا مەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، رومال ياكى ياغلىقلىرى بىلەن  كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن»(نۇر سۈرىسى، 31-ئايەت).

مۇشۇ ساھەدە يەنە ئەرلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى پەرقلەندۈرۈلدى. توغرا ئىسلام دىنى ئەرەب ياكى باشقا مىللەتنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى مۇسۇلمانلارغا تاڭمىدى، بەلكى كىيىم-كېچەكتە رېئايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدىلەرنى يولغا قويدى. رەسۇلۇللاھ يەمەن، رىم ۋە مىسىرغا ئوخشاش چەتئەلنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيگەن. ئەرلەرنىڭ كىيىم-كېچەك ئۆلچىمى بىرىنچى قىلىپ غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى سىمۋولىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كىيىم-كېچەك بولماسلىقى، ئىككىنچى قىلىپ ئەرلەرنىڭ ئەرلىك سۈپىتىگە لايىق كىيىملەر بولىشى، ئۈچىنچى قىلىپ كىبىرلىك قىلىش ئۈچۈن كىيىدىغان كىيىملەرنىڭ قاتارىدىن بولماسلىقى لازىم.

(5)

يالىڭاچلىق چوڭ گۇناھ

قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپ ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچەك ئۆلچەملىرىنى يۇقىرىقى ئايەتتە بېكىتىپ بەردى، قىز-ئاياللارنىڭ يالىڭاچ ھالىتىگە قاتتىق قارشى تۇردى. رەسۇلۇللاھنىڭ زامانىدا قىز-ئاياللارنىڭ يالىڭاچلىق ھالىتى يوق ئىدى، رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەرلىك كۆزى بىلەن كەلگۈسىنى كۆرۈپ، بىزنىڭ زامانىمىزغا قارىتىپ، كەلگۈسىدە بولىدىغان شۇ ئىشقا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. يالىڭاچلىققا ماسلىشىش ۋە ئارقىسىدىن ماڭغانلىقنى شەيتانغا تەۋە بولغانلىق ۋە ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە قارشى چىققانلىق دېيىش ئارقىلىق قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

رەسۇلۇللاھ: «ئىككى تۈرلۈك ئادەم دوزاخقا مەھكۇم، مەن تېخى ئۇلارنى كۆرۈپ باقمىدىم. بىرى كالىنىڭ قۇيرۇقىغا ئوخشاش قامچا كۆتۈرۈۋېلىپ كىشىلەرنى ئۇرىدىغان زالىم جاللات. يەنە بىرى يېرىم يالىڭاچ، كوچىلاردا ئەركىلەپ ماڭىدىغان، چاچلىرىنى تۆگىنىڭ لوكىسىغا ئوخشاش قىلىۋالىدىغان قىز-ئاياللار بولۇپ، بۇلار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، ھەم جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ»دېگەن(مۇسلىم رىۋايىتى). رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەرلىك كۆزى بىلەن ئاخىر زاماندا ۋە بىزنىڭ زامانىمىزدا يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى ئىنچىكە سۈپەتلەپ بەرگەن. بۇ ھەدىسنىڭ بىرىنچى قىسمىغا نەزەر سالسىڭىز يېڭى دەۋردە كۆپلىگەن يۇرتلاردا ئىسيانغا قارشى تۇرۇش ئەسكەرلىرى، تۈرمىلەردىكى گۇندىپاي جاللات…لارنىڭ قامچا، كالتەك ۋە توكلۇق قىيناش ئەسۋابلىرىنى كۆتۈرۈۋېلىپ بىگۇناھ ئاجىزلارنى قىيناۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

ھەدىسنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا قىز-ئاياللارنى«كىيىم كىيگەندەك بىراق يالىڭاچ»دەپ سۈپەتلىگەن. بۈگۈنكى بىر قىسىم قىز-ئاياللار كىيىۋاتقان كىيىملەر ئەۋرەت ئەزالىرىنى ۋە ئادەمنى شەھۋەت پىتنىسىگە سالىدىغان ئورۇنلىرىنى تېخىمۇ نامايان قىلىدۇ. بۈگۈنكى بىچارە قىز-ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى يىرتىق ياكى كىندىكى ئوچۇق ياكى قىسقا ياكى بەدىنىنى سۈپەتلەپ بەرگۈدەك دەرىجىدە نىپىز ياكى تار…بەلكىم بۇ قىز-ئاياللار كوچىلارغا قىپيالىڭاچ چىققان بولسا، ئەۋرەت ئورۇنلىرىنى سۈپەتلەپ قويىدىغان بار-يوقنىڭ ئارىسىدىكى كىيىم-كېچەكلىرى بىلەن پىتنىگە سالغاندەك سالمىغان بولاتتى. بۇ ئاياللار توغرا يولدىن چەتنەپ كەتكەن ۋە يالىڭاچ بەدەنلىرىنى تېخىمۇ نامايان قىلىش ئۈچۈن يوللاردا تۈز ماڭمايدىغان ئاياللاردۇر. بۇلار ساغرىلىرىنى تولغاپ مېڭىش ئارقىلىق ياشلارنىڭ قەلبىنى ئۆزلىرىگە مائىل قىلىپ شەيتاننىڭ پىتنىسىنى چاچىدۇ ۋە ياشلارنى توغرا يولدىن ئازدۇرىدۇ.

رەسۇلۇللاھ يەنە بىر ھەدىسىدە ئەقىدىسى بىلەن ئەخلاقى ئايرىلىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن، مەسچىتلەرنىڭ ئالدىغا ماشىنا بىلەن كېلىدىغان يېرىم يالىڭاچ قىز-ئاياللارنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ خەۋەر بېرىپ:«ئۈممىتىمنىڭ ئاخىر زامانىدا ئەرلەر ئۇلاغقا ئوخشاش ئېگەرگە مىنىپ كېلىپ، مەسچىتلەرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا چۈشىدۇ، ئۇلارنىڭ قىز-ئاياللىرى يېرىم يالىڭاچ بولۇپ، چاچلىرى تۆگىنىڭ لوكىسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇلارغا لەنەت ئوقۇڭلار، چۈنكى ئۇلار لەنەت قىلىنغانلاردۇر!»دېگەن(ئەھمەد، تەبرانى ۋە ھاكىم رىۋايىتى). يالىڭاچلىق ئېغىر خاتالىق ۋە ئىنساننىڭ خاراكتېرىنى بۇزغانلىق ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن بۇ تۈردىكى ئاياللارغا قاتتىق ئازاب بىلەن تەھدىت سېلىنغان.

ئەۋرەتنى يۆگەش ۋە ئۆزىنى تۈزەش ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشنىڭ ئىپادىسى: «ئاللاھ ھاياتلىقتۇر، ھايالىق بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، سىلەردىن بىرىڭلار يۇيۇنسىمۇ، ئادەم كۆرمەيدىغان يەردە يۇيۇنسۇن»دېگەن(ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى).

(6)

ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچەك ئۆلچەملىرى

ئىسلامدا قىز-ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى ئىنساننىڭ ماھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مەسىلىنىڭ پەرزلىك ھۆكمى قۇرئاندا ئالاھىدا تىلغا ئېلىنغان. قىز-ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ ھۆكمىنىڭ قۇرئاندا ئېنىق تىلغا ئېلىنغانلىقىنىڭ كۆپ ئۇقۇمى بار.

قىز-ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ ھۆكمى ئىككى سۈرىدە بايان قىلىنغان. ئاللاھ ئەھزاب سۈرىسىدە:«ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجى(يەنى بەدەننى سۈپەتلەپ قويمايدىغان كەڭ كىيىم) بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ ئىپپەتلىك ئايال ئىكەنلىكى ئوڭاي تونۇلىدۇ-دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ (بەندىلىرىگە)ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»دېگەن(ئەھزاب سۈرىسى، 59-ئايەت).

نۇر سۈرىسىدە:«مۆمىنلەرگە ئېيتقىنكى، نا مەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، رومال ياكى ياغلىقلىرى بىلەن  كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن. (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا)زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەر(يەنى قېرى، دەلدۈش بولغانلىقتىن جىنسىي شەھۋىتى يوقلار)دىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان(يەنى بالاغەتكە يەتمىگەن) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھغا تەۋبە قىلىڭلار» (نۇر سۈرىسى، 30-31-ئايەتلەر).

ئاياللار كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ بەلگىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ خىتابى ئاياللارنى ھەقىقى ئىنسانىي ۋەزىپىسىگە تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر بۆلەك ئۆلچەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. چۈنكى بەلگە ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىپادىلەش ۋاستىسى ۋە قىممەت-قاراشلارنى مىراس قالدۇرۇشتا ئەڭ تەسىرلىك قورالدۇر.

ئەھزاپ سۈرىسىدىكى ئايەت مۇسۇلمان قىز-ئاياللارنى كەڭرى كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشكە بۇيرۇغان. مەزكۇر ئايەتتىكى«جىلباب» دېگەن سۆز ئاياللارنىڭ سىرتقا چىقىش ئۈچۈن كىيىدىغان ۋە ئەۋرەت ئەزالىرىنى تولۇق يۆگەيدىغان كىيىم-كېچەكلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئايەتتىكى«جىلباب»تىن مەقسەت ئاياللارنىڭ ئەۋرەت ھېسابلانغان پۈتۈن بەدىنىنى يۆگەيدىغان ۋە بەدىنىنى سۈپەتلەپ قويمايدىغان كەڭ كىيىم دېگەن بولىدۇ.

بەزى ئالىملار«جىلباب»نى ئىككى پارچىدىن تەركىپ تاپقان كىيىمدىن ئىبارەت دەپ ئىزاھلىغان. شۇنىڭغا ئاساسەن ئاياللارنىڭ سىرتقا چىقىدىغان ياكى ئەۋرەت ئەزالىرىنى تولۇق يۆگەيدىغان كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ ئابايىغا ئوخشاش پۈتۈن بىر پارچە بولىشى شەرت ئەمەس، ئىككى پارچىدىن تەركىپ تاپسىمۇ، مەقسەت تولۇق ھاسىل بولسا بولىدۇ. چۈنكى ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى تۆت پەسىلگە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، شەكىل ۋە رەڭلىرى تۈرلۈك بولىدۇ.

شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، ئاياللارنىڭ سىرتقا چىقىدىغان كىيىم-كېچەكلىرى  ئىككى ياكى ئۈچ پارچىدىن تەركىپ تاپسىمۇ بەدەننى سۈپەتلەپ قويغۇدەك تار ياكى نىپىز بولسا، ئايەتتىكى مەقسەت ھاسىل بولمايدۇ، بۇ خىل شەكىل ساختا دىندارلىق ھېسابلىنىدۇ.

ئۇنداقتا ئىككى ئايەتتىكى ئاياللار كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ شەكلى ئىككى نۇقتىغا مەركەزلىشىدۇ. بىرىنچى ئايەتتە «بەدەنلىرىنى يۆگەيدىغان كەڭ كىيىملىرىنى كىيسۇن»، ئىككىنچى ئايەتتە «باشلىرىنى تولۇق يۆگىسۇن» دېيىلگەن.

باشنى يۆگەيدىغان رومال ياكى ياغلىق:چاچ، بويۇن ۋە كۆكرەكلىرىنى يۆگەيدىغان بولىشى لازىم. كېكىردەكلىرىنى ئوچۇق قويۇپ ياكى چاچلىرىنى چىقىرىپ قويۇپ رومالنى ئارقىدىن چەكسە توغرا بولمايدۇ. ئاندىن يەنە كىيىم-كىچىكى كۆزنى قاماشتۇرۇپ جەلىپ قىلغۇدەك دەرىجىدە بىزەلگەن بولماسلىق كېرەك. مانا بۇلار قۇرئان كەرىمدىكى ئاياللار كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ سۈرتى، شەرتى ۋە بەلگىسىدۇر.

نۇر سۈرىسىدىكى:«تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن» دېگەن ئايەت توغرىسىدا  ئىبنى ئابباسقا ئوخشاش مۇپەسسىرلەر تاشقى زىننەت دېگەننى «يۈز ۋە قول» دەپ تەپسىر قىلغان. «مۆمىنلەرگە ئېيتقىنكى، نا مەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن» دېگەن ئايەت ئاياللاردىن ئادەتتە كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان بىر نەرسە (يۈز ۋە قول) نىڭ بارلىقىنى ۋە ئەرلەرنىڭ تىكىلىپ قارىماسلىقى كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلماقتا. ئەگەر شەرىئەت ئايالنىڭ يۈزىنى يېپىشقا بۇيرۇغان بولسا ئىدى، ئەرلەرنىڭ كۆزلىرىنى يۇمۇشقا ياكى تىكىلىپ قارىماسلىققا ئېھتىياج قالمىغان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلىمالار ئاياللارنىڭ يۈزى ۋە قولىنى ئاچسا بولىدۇ، دەپ قارىغان. دېمەك، يۈز بىلەن قول يۆگەش پەرز بولغان ئەزالار قاتارىغا كىرمەيدۇ. بۇ تەپسىر رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ مەشھۇر بولغان.

مەزكۇر ئايەتتىكى«خىمار»دېگەن سۆز ئايال كىشىنىڭ يۈزىنى ئەمەس، بېشىنى يۆگەيدىغان نەرسە دېگەن بولىدۇ. يۈزىنى يۆگەيدىغان نەرسە «نىقاب»دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ: «ھەج ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان ئايال كىشى يۈزىنى يۆگەپ نىقاپ تاقىمايدۇ ۋە پەلەي كىيمەيدۇ»دېگەن(بۇخارى رىۋايىتى). بۇ ۋەجىدىن «خىمار» رومال ياكى ياغلىق دېگەن سۆزنى نىقاب مەنىسىدە چۈشىنىش توغرا ئەمەس.

رومال ياكى ياغلىق توغرىسىدىكى:«روماللىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن» دېگەن ئايەت ئاياللارنى ياغلىقلىرى بىلەن يۈزىنى ياپسۇن دېمىگەن، بەلكى كۆكرەكلىرى ۋە بويۇنلىرىنى ياپسۇن دېگەن. ئەگەر يۈزىنى يېپىش ۋاجىپ بولىدىغان بولسا، كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن دېگەندەك يۈزلىرىنىمۇ ياپسۇن، دېگەن بولاتتى. ئەگەر يۈزىنى يېپىش ۋاجىب بولىدىغان بولسا، بۇ توغرىسىدا ئېنىق بىر دەلىل كەلگەن بولاتتى. دېمەك، يۈزنى يېپىشنىڭ ۋاجىپ توغرىسىدا قۇرئان ياكى سۈننەتتىن كەسكىن دەلىل كەلمىگەن. بۇ دېگەنلىك يۈزنى ياپسا ساۋاب بولمايدۇ، دېگەنلىكنى كۆرسەتمەيدۇ.

ئەگەر ئاياللارنىڭ يۈزى پۈتۈن يېپىلغان (نىقابلانغان) بولسا، ئۇ چاغدا ئايەتتە كۆرسىتىلگەندەك كۆزنى يۇمۇش ۋە تىكىلىپ قارىماسلىققا تەشەببۇس قىلىشنىڭ نېمە ئېھتىياجى بار؟. رەسۇلۇللاھ ھەزرىتى ئەلىگە:«ئاياللارغا تەكرار قارىما، بىرىنچى قېتىم قاراپ قالساڭ مەيلى، بىراق تەكرار قارىساڭ بولمايدۇ» دېگەن (ئەبۇداۋۇد، تىرمىزى رىۋايىتى).

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام مالىك، ئىمام شافىئىي ۋە ئىمام ئەھمەدتىن ئىبارەت بۈيۈك مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ كۆز-قارىشىدا ئاياللارنىڭ يۈزى ۋە قولى يېپىش پەرز بولغان دائىرىگە كىرمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلىمالار رومال يۈزنى يۆگەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولسا، رەسۇلۇللاھ:«ئاللاھ بالاغەتكە يەتكەن قىز-ئاياللارنىڭ نامىزىنى رومال بولمىسا قوبۇل قىلمايدۇ»دېمىگەن بولاتتى(ئىبنى خۇزەيمە ۋە ئىبنى ھىببان رىۋايىتى.سەھىھ ھەدىس). ئۆلىمالار بۇ يەردە قىز-ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئېچىپ ناماز ئوقۇسا توغرا ئىكەنلىكىدە بىردەك قاراشتا. ئۇنداقتا رومال يۈزنى يۆگەشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ئايەتتە كەلگەن«خىمار»دېگەن سۆز يۈزنى ئەمەس، بەلكى باشنى بويۇن ۋە كۆكرەك بىلەن قوشۇپ يۆگەيدىغان ياغلىق ياكى رومالنى كۆرسىتىدۇ.

دېمەك، ئاياللارنىڭ يۈزلىرى ۋە قوللىرىدىن باشقا بارلىق ئەزالىرىنى يۆگىشى كەسكىن پەرز، بۇنىڭغا سەل قاراش ھارام ۋە چوڭ گۇناھتۇر.

ئىسلام شەرىئىتىدە ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى ئىككى تۈرلۈك مەقسەتنى كۆزلەيدۇ. بىرىنچىسى: ئەۋرەتنى يېپىش ۋە پىتنىدىن ساقلىنىش. ئىككىنچىسى: باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرۇش ۋە ھۆرمىتىنى ساقلاش.

ئاياللارنىڭ شەرئى كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ خۇسۇسىيىتى: ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىق ۋە تەقۋالىق يولىغا قاراپ ماڭغانلىقتۇر. يالىڭاچلىق مەغلۇبىيەتتۇر، ئىپپەتلىك ۋە توغرا ھىجاپلىق بولۇش غەلىبە يولىدىكى بۈيۈك قەدەمدۇر، چۈنكى شەرئى ھىجاب دەۋەت ۋە جىھادتۇر.

شەرىئەتنىڭ ئاياللارغا پەرز قىلغان كىيىم-كېچەك ئۆلچەملىرى: يۈز ۋە قولدىن باشقا بارلىق ئەزالارنى تولۇق يۆگەيدىغان بولىشى، بەدەننى سۈپەتلەپ قويغۇدەك نىپىز  ۋە تار بولماسلىقى، ئەرلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغىدەك نەقىشلەنگەن زىننەت كىيىمى بولماسلىقى ۋە ئەرلەرگە خاس كىيىم-كېچەك بولماسلىقى، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ دىنىي تۈس ئالغان كىيىم-كېچەكلىرىگە ئوخشاپ قالماسلىقىدىن ئىبارەت. مانا بۇ شەرىئەت پەرز قىلغان ھىجابنىڭ شەرتلىرىدۇر.

(7)

خاتىمە

ئاياللار ئەرلەرنىڭ يېرىمى، مەسئۇلىيەت ۋە ھوقۇقتا (بەزى خاسلىقلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا) باراۋەر، مۇكاپات ۋە جازادا ئوخشاش:« كىم قىلچىلىك ياخشى ئىش قىلسا، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ، كىم قىلچىلىك يامان ئىش قىلسا، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ» (زەلزەلە سۈرىسى، 8-ئايەت).

شەرىئەت مۇسۇلمان ئاياللارغا باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بىر بۆلەك خۇسۇسىيەتلەرنى بەلگىلىگەن بولۇپ، بۇ خۇسۇسىيەتلەر ئادىللىق ۋە ئەڭ گۈزەللىك دائىرىسىدە ئايلىنىدۇ.

  1. ئوتتۇراھاللىق: چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەستىن ياكى سۇسلۇق قىلماستىن ئوتتۇراھال يول تۇتۇش دېمەكتۇر. ئوتتۇراھاللىق ئادىللىقتۇر ۋە ھەر ئىشنى گۈزەل قىلىشتۇر. ئوتتۇراھاللىق ھەق يولدا چىڭ تۇرۇش، چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلىنىش، ھەق-ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتا نامايان بولىدۇ.

ئوتتۇراھاللىق ھەق بىلەن باتىلنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تۇتۇش دېگەنلىك بولمايدۇ، بەلكى ھەق يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تۇتۇش دېگەن بولىدۇ.

ئادىللىق ئوتتۇراھاللىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسى بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىسى ئېھسان يەنى ھەر بىر ئىشنى گۈزەل قىلىشتۇر. ئوتتۇراھاللىق ئەقىدە، ئىبادەت ۋە ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:« ئاللاھ ھەر ئىشتا ئادىل بولۇشقا ۋە ھەر بىر ئىشلارنى گۈزەل قىلىشقا بۇيرۇيدۇ» (نەھل سۈرىسى، 90-ئايەت).

  1. تەڭپۇڭلۇق: مۇسۇلمان ئاياللار ھايات ۋە ھاياتنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا تەڭپۇڭ يول تۇتىدۇ، ھاياتنى بىر پۈتۈن شەكىلگە كىرگۈزۈپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىدۇ، ھەر بىر ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى بېرىدۇ. ھەر بىر ئىشلارنى شەرىئەتنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچەيدۇ، ئىچكى ۋە تاشقى قىياپىتىنىڭ گۈزەللىكىنى تەڭ ئېلىپ بارىدۇ.
  2. ئەمەلىيەتچان بولۇش: مۇسۇلمان ئاياللار تەسەۋۋۇر ۋە ئىمكانىيەتلىرىدە رېئاللىققا ئۇيغۇن ئىش تۇتىدۇ، نورمال ھاياتتا تەتبىقلىغىلى بولمايدىغان نەمۇنىلىك بولۇشقا ئىنتىلىپ كەتمەيدۇ، خىيالغا پېتىپ پۈتۈن يۈكنى ئۈستىگە ئېلىۋالمايدۇ. ھاياتنى بىر قېتىملىق كەلگەن پۇرسەت دەپ بىلىپ كۆرەش قىلىدۇ، قەيسەرلىك كۆرسىتىدۇ، ھەر مەيداندا ھازىر بولىدۇ ۋە ئەخلاق پەزىلەتنى قوغدايدۇ.
  3. مۇسۇلمان ئاياللار ئىپپەتلىك ۋە ئەخلاقلىق بولىدۇ، گۇناھ ئىشلاردىن ئۆزىنى قوغدايدۇ. ئىچكى ۋە تاشقى دۇنياسىنىڭ پاكلىقىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ، ئىپپىتىنى ۋە پەرز قىلىنغان ھىجابىدىن پۈتۈن دۇنيانى بەرسىمۇ ۋاز كەچمەيدۇ. مۇسۇلمان ئاياللار كىيىم-كېچەكلىرىدە ئەخلاقلىق بولىدۇ، ئەۋرەت ئەزالىرىنى ياپالمايدىغان كىيىم-كېچەكلەرنى كىيمەيدۇ، سۆز قىلغاندا نازلانمايدۇ، سىرتقا چىققاندا باشقىلارنى جەلب قىلماسلىق ئۈچۈن ئەترە ئىشلەتمەيدۇ، يۈزلىرىگە غەلىتە گىرىم قىلمايدۇ، غەلىتە مودا قوغلاشمايدۇ، ئوتتۇراھال يول تۇتىدۇ.
  4. مۇسۇلمان ئاياللار ياخشى ئىشلارغا ئالدىراپ تۇرىدۇ، ئىتائەت ئىشلىرىدا بەسلىشىدۇ، ياخشى ئىشلاردا ئارقىغا چېكىنمەيدۇ ۋە ھەر زامان كۈچىنىڭ يېتىشىچە توغرا يولنى بويلاپ قەدەم تاشلايدۇ.

بۈگۈنكى مۇسۇلمان قىز-ئاياللار دىنى، ئىپپىتى ۋە ئەخلاقىنى قوغداشتا ئېغىر سىناققا دۈچ كەلمەكتە. ھەزرىتى خەدىچە ۋە ھەزرىتى ئائىشىدەك سەۋىيىگە يېتىش ياكى يېقىنلىشىش ئۈچۈن تەقۋا بولىشى، غەيرەت قىلىشى، سەۋر قىلىشى ۋە ئۈمىدۋار بولىشى كېرەك. مىللەت بېشىدىكى خورلۇقنى يوقىتىش ۋە جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشتا يېرىم مەسئۇلىيەتنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك.

  1. ئاياللار ئىسلامنىڭ كېلىشى بىلەن تەڭ ئازادلىققا ئېرىشكەن، ئاياللارنىڭ ھۆرمىتى ئەر كىشىگە ئوخشاش. بەلكى ئانىلىق، ئاياللىق، قىزلىق ۋە ھەمشىرىلىك سۈپەتلىرى بىلەن ھۆرمەتتە يۇقىرى. چۈنكى ئۇ ئەۋلادنىڭ ئانىسى، مىللەتنىڭ ئانىسى ۋە كەلگۈسىنىڭ ئانىسىدۇر. قىز- ئاياللار توغرا تەلىم-تەربىيەگە ئېرىشسە ياكى بىلىم-مەرىپەتلىك بولسا ئۆزلىرى بىر پۈتۈن مەكتەپتىن ئىبارەت.

«ئاللاھ گۈزەلدۇر، گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىدۇ، ئېسىل ئەخلاقنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە مەنىسىز ئىشلارنى يامان كۆرىدۇ» (تەبرانى رىۋايىتى). كىيىم-كېچەك بىلەن سىرتقى كۆرۈنۈشىمىزنى گۈزەل قىلغاندەك قەلبىمىز ۋە ئەخلاقىمىزنى گۈزەللەشتۈرەيلى.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي

2018.4.12

ئىستانبۇل