2024-يىل 25-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئاللاھ خالىغاننى قىلىدىغان زات

ئاللاھ خالىغاننى قىلىدىغان زات

ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىر بولغانلىقى ئۈچۈن خالىغىنىنى قىلىدۇ، كائىناتتىكى ياخشى-يامان، ئىتائەت ياكى گۇناھقا ئالاقىدار ھەر قانداق بىر ئىش ئۇنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ. كائىناتتىكى ھېچقانداق بىر ئىش ئۇنىڭ ئىرادىسىدىن تاشقىرى يۈز بەرمەيدۇ:«پەقەت ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر (يەنى ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلىقتۇر). ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» (ئىنسان سۈرىسى، 30 -ئايەت). ئىنساننىڭ ئىرادىسى ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى ئومۇمىي ئىرادىسىنىڭ بىر قىسمى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنسان ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە قارشى بىر ئىش قىلالمايدۇ. بىراق ئاللاھ ئۆزى خالىغان بەزى نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە رازى بولىدۇ، يەنە ئۆزى خالىغان بەزى ئىشلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ ۋە رازى بولمايدۇ. مەسىلەن:« ئەگەر كاپىر بولساڭلار ئاللاھ سىلەردىن بىھاجەتتۇر، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كاپىر بولۇشىغا رازى بولمايدۇ، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق شۈكۈر قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان شۈكۈرۈڭلاردىن رازى بولىدۇ » (زۇمەر سۈرىسى، 7-ئايەت). ئاللاھ بىر بۆلەك ئىنسانلارنىڭ كاپىر بولۇشىنى ئىرادە قىلغان، بىراق ئۇلارنىڭ كاپىر بولۇشىغا بۇيرۇمايدىغانلىقىنى بەلكى رازى بولمايدىغانلىقىنى ۋە ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. دېمەك، ئىرادە قىلىش بىلەن رازى بولۇش ئوخشىمايدۇ. خالاش ياكى ئىرادە قىلىش ئايرىم ئىش، ياخشى كۆرۈش ياكى رازى بولۇش ئايرىم ئىش.

ھېچقانداق بىر مەخلۇق ئاللاھقا بىر نەرسىنى مەجبۇرلاپ تاڭالمايدۇ، چۈنكى كائىناتتىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭ مەخلۇقلىرى، بۇ كائىنات ئۇنىڭ ھېكمەتكە ئۇيغۇن ئىرادىسى بويىچە ئىنتىزامغا سېلىنغان. ئۇ زات ھېكمەتسىز بىر ئىش قىلمايدۇ، ئەھمىيەتسىز بىر نەرسە ياراتمايدۇ، ئۇنىڭ بۇ كائىناتتىكى ئىرادىسى ئۆتكۈر قانۇنىيەتلىرى بويىچە جارى بولۇپ ماڭىدۇ.

ئاللاھ ئىرادە قىلىدۇ، ئىنسانمۇ ئىرادە قىلىدۇ، بىراق ئىنساننىڭ ئىرادىسى ئاللاھنىڭ ئىرادە دائىرىسى ئىچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچى، ھەممىگە قادىر، خالىغىنىنى قىلىدىغان زات بولۇپ، ھېچبىر ئىنسانغا زۇلۇم قىلمايدىغان، قىلمىغان ئىشلىرى تۈپەيلىدىن جازالىمايدىغان ۋە بىر ياخشى ئىش قىلغان بولسا، قىلغان ئىشنىڭ ساۋابىنى بىكار قىلىۋەتمەيدىغان ئادىل زاتتۇر.

ياراتقۇچى ئىنسانغا ئىرادە، ئىقتىدار ۋە بىلىم-مەرىپەت ئاتا قىلغان. ئىنسان مەخلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ياراتقۇچىنىڭ ئىرادىسى ئىچىدە ئىش-ھەرىكەت قىلىدۇ. ئىنسان مەجبۇرلانمىغان بەلكى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلغان ئىشلىرىنىڭ نەتىجىسىدىن مەسئۇل بولىدۇ. ناۋادا ئىنسان بىر ئىشقا مەجبۇرلىنىپ قالغان بولسا، ئۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ:«قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرسىمۇ مەجبۇرلاش ئاستىدا (ئاغزىدىلا) ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا» (نەھل سۈرىسى، 106- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

كاشىغەرى

quran aqide