2024-يىل 19-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر

ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر

ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقى قۇرئان كەرىمدە كۆپ بايان قىلىنغان، ئۇ چوڭ- كېچىك، ئىنچىكە- بۈيۈك، ئاشكارا- يوشۇرۇن، ئەقىللىق ۋە ئەقىلسىزلار دۇنياسىدىكى كۆزگە كۆرۈلىدىغان ۋە كۆرۈلمەيدىغان ھەممە نەرسە ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرنى ياراتقۇچى، ئىشلىرىنى تەدبىر قىلغۇچى ۋە رىزىق ئاتا قىلغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىلىپ تۇرىدۇ.

ئۇ زات كائىناتتىكى بولغان، بولۇۋاتقان ۋە بۇندىن كېيىن بولماقچى بولغان ئىشلارنى بىلىپ تۇرىدۇ: «(مەخلۇقاتنى) ياراتقان زات بىلمەمدۇ؟ ئۇ شەيئىلەرنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر» (مۈلىك سۈرىسى، 14 -ئايەت). ئۇ زاتنىڭ بىلىشى ئىنسانلارنىڭ بىلىشىگە كۆپلىگەن سۈپەت ۋە خۇسۇسىيەتلىرىدە ئوخشىمايدۇ. چۈنكى ئۇ زاتنىڭ بىلىشى ياكى ئىلمىي مۇقىم بولۇپ ئۆزگىرىپ قالمايدۇ، ئۇ زاتنىڭ بىر نەرسىنى بىلىشى ئەمەلىي ماھىيىتى بويىچە بىلىشتىن ئىبارەت. ئەگەر بىر نەرسە قايسى جەھەتتىن ئۆزگىرىدىغان بولسا، ئۇ نەرسىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى، قانداق، قاچان، قانچىلىك ۋە قاچانغىچە ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ. ئۇ زاتنىڭ بىلىشى مۇئەللىم، ۋاقىت ياكى باشقا ۋاسىتىگە مۇھتاج بولۇپ سىرتتىن كەلمەيدۇ، بەلكى ئۆز ئۆزلۈكىدىن بولىدۇ. ئۇ خالىغان نەرسىنى، قانداق ۋە قاچان خالاشنى بىلىپ تۇرغۇچى زاتتۇر. شۇنداقلا ئۇ زاتنىڭ بىلىشىگە زامان ۋە دەۋرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن نۇقسان ياكى ئۆزگىرىش ياكى ئۇنتۇلۇش ياكى ئارىلىشىپ كېتىش ئەھۋاللىرى يۈز بەرمەيدۇ. قۇرئاندا كەلگەندەك ئاللاھ ئىنساننى سىنىغان بولسا، بىلىپ تۇرۇپ سىنايدۇ. ئۇ يارىتىلىش، شەكىللىنىش ياكى قانۇن-تۈزۈم يولغا قويۇش دۇنياسىدىكى بارلىق ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلىپ تۇرغۇچى زاتتۇر. ياراتقان زات بىلمەمدۇ؟

ئۇ زات مەخلۇقلىرىغا بەزى نەرسىلەرنى ئېچىپ بىلدۈرگەن، يەنە بەزى نەرسىلەرنى كېچىكتۈرۈپ، زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىلدۈرمەكتە. ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئۆگىنىۋاتقان بىلىملىرى ئاللاھنىڭ چەكسىز بىلىش دېڭىزىنىڭ بىر تامچىسىدىن ئىبارەت: «سىلەرنىڭ بىلىدىغان نەرسەڭلار ئازغىنا نەرسىدىن ئىبارەت» (ئىسرا سۈرىسى، 85-ئايەت). چۈنكى ئۇ زات ئىنسانلار كۆڭۈللىرىدە يوشۇرۇۋاتقان، ئاشكارلاۋاتقان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاشكارا-يوشۇرۇن نەرسە ئۇنىڭ بىلىشىدىن سىرتتا قالمايدۇ:«ئېيتقىنكى (دىلىڭلاردىكىنى مەيلى يوشۇرۇڭلار، مەيلى ئاشكارىلاڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر» (ئال ئىمران سۈرىسى، 29- ئايەت).

كاشىغەرى