2024-يىل 25-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئەقىدىنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكىى تەقەززاسى ۋە تەسىرى

ئەقىدىنىڭ تەقەززاسى ۋە تەسىرى

 

(1)

ئەقىدىنىڭ مەنىسى

ئاللاھ ئىنساننى يارىتىپ، ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىزباسار بولۇشتىن ئىبارەت بۈيۈك غايە ئۈچۈن زېمىنغا چۈشۈردى. زېمىنغا ئىزباسارلىق قىلىش ھاياتتىكى ئىنساننىڭ ۋەزىپىسى، ئىنساننىڭ بۇ ۋەزىپىسىگە ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىجرا قىلىش مىقدارىغا قاراپ باھا بېرىلىدۇ. ئىنسان مەۋجۇتلۇقتىكى غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرالىسا ئۈنۈم قازانغان ياخشى ئىنسان بولىدۇ، ئەگەر غايىسىدىن يىراقلىشىپ كەتسە مەغلۇب بولغان ئىنسان بولىدۇ:« ئى ئىنسانلار! بىزنى سىلەر ئۆزۈڭلارنى بىكار ياراتتى(يەنى سىلەرنى ھايۋاناتلارنى ياراتقىنىمىزدەك ھېچقانداق ساۋابمۇ بەرمەيدىغان،  جازامۇ بەرمەيدىغان قىلىپ ياراتتى)، ئۆزۈڭلارنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلمايدۇ دەپ ئويلامسىلەر؟  كائىناتنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ ئۈستۈندۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر»(مۆمىنۇن سۈرىسى، 115-116-ئايەتلەر).

ئىنسان ئۆزىگە سادىق بولسا، ئۆز ئۆزىدىن: مېنى كىم ياراتتى؟ نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟ نەتىجە نېمىدىن ئىبارەت؟ دېگەن سوئالنى سورىشى كېرەك. ھاياتلىقتا ھەر قانداق بىر ئىشنى باشلاشتىن ئىلگىرى بۇ سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋاب ئېنىق روشەن بولىشى كېرەك.

ئىسلام دىنى بۇ سوئالنىڭ ھەر بىرىگە تەپسىلى روشەن جاۋاب بەرگەن. مەسىلەن، ئاللاھ ياراتقۇچى زات، ئۇ بىزنى زېمىندا ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىزباسارلىق قىلىشتىن ئىبارەت چوڭ غايە ئۈچۈن ياراتقان، ئىزباسارلىق پەقەت ئاللاھقا يالغۇز ئىبادەت قىلىش ئاساسىدا ۋۇجۇتقا چىقىدۇ:«جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم»(زارىيات سۈرىسى، 56-ئايەت). ئىبادەت قىلىش ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادا يارىتىلىشىدىكى ئاساسلىق غايىدۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسىمۇ ئىنسانلارغا ئاللاھنى تونۇشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ قەلبى ۋە ئەقلىدە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈشتىن ئىبارەت. ئىبادەت دېگەن ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە كۆرسەتمىسىگە تولۇق بويسۇنۇش دېگەنلىك بولىدۇ. ئىبادەت ئۇ ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە تايىنىپ تۇرۇپ ھاياتنى ئىسلاھ قىلىشقا يۈزلىنىش دېمەكتۇر. ئاللاھقا يالغۇز ئىبادەت ۋە ئىتائەت قىلماي تۇرۇپ زېمىننى توغرا يوسۇندا گۈللەندۈرگىلى بولمايدۇ.

ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئاللاھنى نەزەرىيە جەھەتتىن تونۇپ قويۇش خىزمەت مەيدانىدا ئۈنۈم بەرمەيدۇ. شۇڭا پەيغەمبەرلەر ياراتقۇچى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش بىلەن زېمىندا ئەمەلىي قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئارىسىنى باغلاپ تۇرىدىغان ۋاسىتىدۇر. پەيغەمبەرلەر بولسا ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزىدىغان زاتلار.

بۇ دۇنيادا جاپا تارتىپ ئەمەل قىلىشنىڭ نەتىجىسى ئىتائەت قىلغان مۆمىنلەرگە ئەبەدىي نېمەت، ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە بويسۇنمىغان كاپىرلارغا ئەبەدىي دوزاخ ئازابى بولىدۇ. ئىنسان جاپا تارتىش ۋە بەدەل تۆلەشنىڭ ئارقىسىدا ماددى ياكى مەنىۋى نەتىجە بولمىسا جاپا تارتمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىم ئىنساننىڭ ۋەزىپىسىنى تولۇق ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن جەننەتنىڭ نېمەتلىرى، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە بەخت-سائادەتنىڭ ئەبەدىيلىكىنى تەپسىلى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەگەر ئىنسان خاتا يولغا كىرىپ، مۇشۇ دۇنيانىڭ ماددى مەنپەئەتىنى تاللىغان بولسا، قۇرئان كەرىم بۇ ئىنساننىڭ دىققىتىنى دوزاخ ئازابى ۋە ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدىغانلىقىغا قاراتماقتا.

مانا بۇ جاۋابلارنى «ئەقىدە» دەپ ئاتايمىز. «ئىسلام ئەقىدىسى» دېسەك ئىسلامنىڭ بۇ سوئاللارغا بەرگەن جاۋابلىرى دېگەن بولىدۇ. ئەقىدە ئىسلامنىڭ ئاساسىي تېمىسىدۇر. ئەقىدىنىڭ مەقسىتى ئاللاھقا يالغۇز ئىبادەت قىلىش، ئىستىلنى تۈزىتىش، زېمىننى ۋە ھاياتنى بىلىم-مەرىپەت ۋە ئەمەل قىلىش ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت.

(2)

ئەقىدىنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى تەسىرى

ئىسلام ئەقىدىسى روھ بىلەن ماددا، ھەق بىلەن كۈچ-قۇۋۋەت، دىن بىلەن بىلىم-مەرىپەت، دۇنيا بىلەن ئاخىرەتنى بىرلەشتۈرگەن تەۋھىد ئەقىدىسى بولۇپ، ئىنسان نەپسىدە ئىززەت-شەرەپ ۋە ئەركىنلىك ئۇرغىنى تىكىدۇ. ئاللاھدىن باشقىسىغا باش ئېگىشنى كۇپۇرلۇق، پاسىقلىق ۋە زۇلۇم دېگەن ئاڭنى سىڭدۈرىدۇ، كىشىلەرنىڭ بىر بىرىگە چوقۇنۇشىنى رەت قىلىدۇ. بۇ ئەقىدە ئىنساننىڭ خاراكتېرى، ئەقلى، ھاياتى ۋە كۈچ- قۇۋۋىتىگە ئۇيغۇن ئەقىدە بولۇپ، ئاجىزلارنىڭ پاناھگاھى ئەمەس، بەلكى كۈچلۈكلەرنىڭ قورالىدۇر. ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ساغلام ئەقىدە ياكى قەلبنىڭ چوڭقۇرىدىن ئورۇن ئالغان كۈچلۈك ئىمان شەخس ۋە جەمئىيەت ھاياتىدا چوقۇم جانلىق تەسىر قالدۇرىدۇ، چۈنكى بۇ ساغلام ئەقىدىنىڭ تەقەززاسى.

مۇسۇلماننىڭ قەلبىنى ئاچىدىغان ۋە ئويغىتىپ ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ئاچقۇچ ساغلام ئىسلام ئەقىدىسىدۇر. مۇسۇلمانلار ساغلام ئەقىدىسى ئارقىلىق ئەڭ ئىلغار ئۈممەت بولۇپ تاللانغان، بۇ ئەقىدە ئارقىلىق ئىززەت-شەرەپ بىلەن ياشىغان، دۇنياۋىي تۈرلۈك تاجاۋۇزچىلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قازانغان. بۇ ساغلام ئەقىدە ئىنسانلارغا توغرا تەسەۋۋۇر ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچقان. ئىنسانلارنى ئىنسانلارغا چوقۇنۇشتىن پەقەتلا ياراتقۇچىغا چوقۇنۇشقا، پەقەت دۇنيالىق ئۈچۈن ياشاپ ئۆلۈپ كېتىشتىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئۈچۈن ياشاشقا، تۈرلۈك دىن ۋە خۇراپاتلارنىڭ زۇلمىدىن ئىسلامنىڭ ئادالىتىگە چىقىرىش ئارقىلىق ئەركىنلىككە يول ئاچقان.

بىز بۈگۈنكىدەك كۈچلۈك دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشتا ساغلام ۋە جانلىق ئىماندىن باشقا قورالغا ئىگە ئەمەس، بىزدە ھەقىقىي ئىمان ئۈستۈنلۈكى بىلەن بىرلىكتە سەۋەب-نەتىجە قانۇنىيىتى بويىچە دۈشمەننى قورقۇتۇپ تۇرغىدەك تۈرلۈك تەييارلىقلار ۋۇجۇتقا چىقمىسا بۇ جەڭدە زىيان تارتىپ كېتىمىز. شۇنى بىلىش كېرەككى، قورال تەييارلىقى ھەر قانچە ئىلغار بولسىمۇ پالۋاننىڭ قولىغا چىقمىغان قورال ياخشى ئىشلىمەيدۇ، ھەقىقى پالۋانلارنى پەقەت ئىمان كۈچى يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھاياتىمىز ۋە ئىدىيىمىزنى ئىمان ۋە ئىماننىڭ تەقەززاسى ئاساسىدا تۇرغۇزۇشىمىز، ئۆزىمىزدىكى ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك ئاجىزلىق ۋە بىلىمسىزلىك ئىللەتلىرىنى ئۆزگەرتىشىمىز لازىم. بولمىسا ھازىرقىدەك ناچار بىر ۋەزىيەتتىن قۇتۇلالمايمىز.

ئىماننىڭ ھەقىقى كۈچىنى ھېس قىلىپ يەتكەن دۈشمىنىز دىنىمىز ۋە ئىمانىمىزغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرماقتا، مەۋجۇتلۇق كۈچىمىزنىڭ مەنبەسى بولغان ئىمانىمىزنى يوقىتىشقا ئۇرۇنماقتا، ئەمەلىيەتتە دىنىمىزغا قىلىنىۋاتقان دۈشمەنلىك مەۋجۇتلۇقىمىز ۋە ئويغىنىشىمىزغا قىلىنىۋاتقان دۈشمەنلىكتىن ئىبارەت. ئىمان ياكى ئەقىدە بىزنىڭ كىملىكىمىز، كۈچىمىزنىڭ سىرى، بايرىقىمىزنى يۇقىرىغا لەپىلدەتكۈچى، ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئويغىنىشىمىزنى قوزغىغۇچى كۈچ ۋە كەلگۈسىدىكى ئارزۇلىرىمىزنىڭ تۈگۈنىدۇر. شۇڭا ساغلام ۋە جانلىق ئەقىدىنى ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزىدە ئۆزلەشتۈرۈشى، ئاتا-ئانىلار ئۆيدە، مۇئەللىملەر مەكتەپتە، ئەدىبلەر رومانلىرىدا، مۇخبىرلار خەۋەرلىرىدە ۋە يازغۇچىلار كىتابلىرىدا رېئايە قىلىپ قوغدىشى كېرەك.

ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئىنسان ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر قانچە تەرەپلىرىنى مىسال ئېلىپ كۆرەيلى:

  1. ئىنسان ھۆرمىتى:

ئىنسان ھەر زامان ئىنسانلىقى، ھۆرمىتى ۋە كىملىكىنى ھېس قىلىپ ياشاشنى خالايدۇ. بۇ دۇنيادا كۆڭۈل خاتىرجەملىكى، ئەركىنلىكى، جەمئىيەت ئادالىتى ۋە باراۋەرلىكىنى ئىزدەيدۇ. كۆڭۈل خاتىرجەملىكى، ئىچكى رازىلىق، چاقناپ تۇرغان ئۈمىد ۋە سۆيگۈ-مۇھەببەتكە ئېرىشىشنى خالايدۇ.

ئىنسان ساغلام ۋە كۈچلۈك ئەقىدە سايىسىدا ھۆرمىتى، شەخسىيىتى ۋە ئەركىنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ، چۈنكى ئۇ ئەقىدىسىنىڭ تەقەززاسى بويىچە چىرايلىق شەكىلدە يارىتىلغان، بىلىم-مەرىپەت ۋە ئىرادىگە ئىگە قىلىنغان، زېمىندا ئاللاھنىڭ ئىزباسارى قىلىپ تاللانغان ۋە كائىناتتىكى پۈتۈن پائالىيەتنىڭ مەركىزى نوقتىسى بولۇپ سايلانغان ئەڭ ئىززەتلىك بىر مەخلۇقتۇر. ھەتتا پەيغەمبەرلەرنىڭ كېلىشى ۋە كىتابلارنىڭ چۈشۈشىمۇ ئىنساننىڭ دۇنيا -ئاخىرەتلىك بەخت -سائادىتىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان.

بەخت-سائادەت ئادەتتە ھەر بىر ئىنسان ئىستەيدىغان ئەڭ مۇھىم مەنىۋى نەرسە بولۇپ، كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ، مىقدارىنى ئۆلچىگىلى بولمايدۇ ۋە پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. ئادەتتە بەخت-سائادەتنىڭ كۆرۈنۈشى ئىنسان ۋۇجۇدىدا ھېس قىلىدىغان كۆڭۈل خاتىرجەملىكى، قەلبىنىڭ خۇرسەنلىكى ۋە ۋىجدانىنىڭ راھىتىدىن ئىبارەت. بەخت- سائادەت ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن كېلىپ چىقىدىغان نەرسە بولۇپ، سىرتتىن ئىمپورت قىلىنمايدۇ.

  1. كۆڭۈل خاتىرجەملىكى:

ئىماننىڭ شەخسلەر ھاياتىدىكى تەسىرىنىڭ قاتارىدىن كۆڭۈل خاتىرجەملىكىدۇر: «مۆمىنلەرنىڭ ئىمانىغا ئىمان قوشۇلۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا خاتىرجەملىكنى چۈشۈردى» (پەتھ سۈرىسى، 4-ئايەت). ئاللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانىنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن قەلبىگە سالىدىغان كۆڭۈل خاتىرجەملىكى بەختنىڭ بىرىنچى بۇلىقىدۇر. مۇسۇلمان ئىنسان ئىماننىڭ تەسىرىدە كۆڭۈل خاتىرجەملىكى ۋە قەلبىنىڭ تەمكىنلىكىنى ھېس قىلىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئىككىلىنىپ ۋە داۋالغۇپ ياشىسا ئۇ كۆڭلى خاتىرجەم ياشايدۇ، كىشىلەر پەرىشان بولۇپ كەتسە ئۇ تەۋرەنمەي تۇرىدۇ، كىشىلەر رەنجىپ قالسا رازى بولىدۇ، كىشىلەر ئەقىلسىزلىق قىلسا ئۇ مۇلايىم بولىدۇ.

مۇسۇلماننىڭ تەقدىرگە بولغان ئىمانى ئۇنى ئۈمىدسىزلىكتىن قوغدايدۇ، بىرەر زىيان كېلىپ قالسا تەۋرىنىپ قالمايدۇ، ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە رازى بولىدۇ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى سەۋەب-نەتىجە قانۇنىيىتىگە رېئايە قىلىدۇ.

مۇسۇلمان كەلگۈسىدىن قورقۇپ ۋە ئەنسىرەپ ياشىمايدۇ، بەلكى تەقدىرگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن كۆڭلى خاتىرجەم ياشايدۇ. ئۆلۈمدىن قورقمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئەجەل ۋە رىزقنىڭ ئاللاھنىڭ قولىدا بولۇپ، ئەجىلىنىڭ بەلگىلىنىپ بولغانلىقىغا ۋە رىزقىنىڭ قولدىن كېتىپ قالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئەجەل ۋە رىزقتىن خاتىرجەم بولۇش مۇسۇلمانغا كۆڭۈل خاتىرجەملىكى ۋە تەمكىنلىك ئاتا قىلىدۇ، شۇنداقلا ھاياتنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ.

  1. ئۈمىدۋارلىق:

ئۈمىد ئىمان تەسىرىنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ، ئۈمىد ئارقىلىق ھايات دەرىخى كۆكلەيدۇ، گۈللىنىش قۇرۇلۇشلىرى يۈكسىلىدۇ، ئىنسان بەخت-سائادەت تەمىنى تېتىيدۇ ۋە ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىدۇ.

ئۈمىدسىزلىك ئارزۇ يوللىرىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكى ۋە قەلبتىكى ئۈمىد چوغىنىڭ ئۆچكەنلىكىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىنساندا ئىش-ھەرىكەت قىلىش ئامىللىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلايدۇ، بەدەندە كۈچ-قۇۋۋەت سەۋەبلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئۈمىدسىزلىك ئىنسان روھىنى ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلتۈرىدىغان زەھەر ۋە ئىنسان پائالىيىتىنى ۋەيران قىلىدىغان شىۋىرغاندىن ئىبارەت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۈمىدسىزلىكتە ئىشلەپچىقىرىش ھالىتى بولمايدۇ ياكى ھاياتنىڭ مەنىسىنى ھېس قىلغىلىمۇ بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئۈمىدسىزلىكنى كۇپۇرلۇقنىڭ يېقىنى ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ يولى دەپ سۈپەتلىگەن:« ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، پەقەت كاپىر قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ» (يۈسۈپ سۈرىسى،87-ئايەت). يەنە«پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىدىن ئازغۇنلاردىن باشقا كىممۇ نائۈمىد بولار؟» دەيدۇ (ھېجىر سۈرىسى، 56- ئايەت).

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈمىدۋار بولۇش ئىماننىڭ تەقەززاسى، مۇسۇلمان دېگەن ئۈمىدۋار بولىدۇ ۋە شۇملۇنۇشتىن يىراق بولىدۇ. چۈنكى مۇسۇلمان دېگەن بۇ كائىناتنى ئىدارە قىلىۋاتقان چەكسىز كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە مېھرىبان بىر زاتنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ ۋە سەۋەب -نەتىجە قانۇنىيىتى ئاجىز كەلگەندە ئۇ زاتقا تەلپۈنىدۇ. مەنىۋى سەۋەب ئامىلى بولغان دۇئا قىلىش ئارقىلىق يالغۇزلۇق ھېس قىلمايدۇ، قىيىنچىلىقىنى يەڭگىللىتىدۇ، ھەر قانچە قىيىنچىلىقتا قالسىمۇ بەل قويۇۋەتمەيدۇ ۋە ئۈمىدىنى قەتئىي ئۈزمەيدۇ.

 

 (3)

ئەقىدىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تەسىرى

قۇرئان كەرىم ئەقىدە ئۇقۇمىدا ئىنسانلارنى مۆمىنلەر ۋە كاپىرلار (غەيرى مۇسۇلمانلار) دەپ ئايرىم ئىككى دائىرىگە بۆلگەن. مۆمىنلەر ئاللاھغا، پەيغەمبەرلەرگە، كىتابلارغا، پەرىشتىلەرگە، تەقدىرگە ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈش ئاساسىدا ئۇچرىشىدۇ. كاپىرلار مۆمىنلەر بىلەن مۇشۇ ئاساسلارنىڭ بىرەسىدە ياكى ھەممىسىدە باشقىچە كۆز قاراشتا بولىدۇ.

ئەقىدىنىڭ تەقەززاسى بويىچە مۇسۇلمانلار چىن قەلبىدىن بولغان سەمىمىي سۆيگۈ-مۇھەببەتنى ۋە كۆيۈنۈشنى مۆمىنلەرگە تەقدىم قىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئىسلامنىڭ ئۆزگەرمەس ئەقىدە ئاساسلىرىنىڭ بىرسىدۇر، بۇ پرىنسىپ ئىسلام ئەقىدىسىدە «مۇھەببەت ۋە نەپرەت» دەپ ئاتىلىدۇ. مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئالاقە ئەقىدە ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ، ئىنسانىي قېرىنداشلىق ئالاقىسى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

مۆمىنلەر ئارىسىدىكى سەمىمىي دوستلۇق ئالاقىسى باشقا دىندىكىلەر بىلەن توقۇنۇش پەيدا قىلىش ئالاقىسىنى ئىپادىلىمەيدۇ. بەلكى ھەقنى ناھەقتىن ۋە توغرا پوزىتسىيىنى ناتوغرا پوزىتسىيىدىن ئېنىق بىلىش ئۈچۈن پەرقلىنىپ تۇرۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. باشقىلار كاپىر بولغانلىقى ئۈچۈن توقۇنۇشۇش پەيدا قىلىش ياكى زۇلۇم قىلىش ئىسلامنىڭ يولى ئەمەس. باشقىلار زۇلۇم ياكى تاجاۋۇز قىلمىغان بولسا ھەمكارلىشىش ۋە چىقىشىپ ياشاش ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسىدۇر. بۇ مەسىلە ئايدىڭلاشقان بولسا قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنسانىي ئورتاقلىق نەزىرىيىسى ۋە كۆرسەتمىلىرى ئاساسىدا چىقىشىپ ياشىسا بولىدۇ.

قۇرئان كەرىم تۆۋەندىكى ئايەتتە كاپىرلارنى ئىككى تۈرگە بۆلگەن، بارلىق كاپىرلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلمىغان، تۆۋەندىكى ئايەتتە بىرىنچى تۈردىكى كاپىرلار بىلەن چىقىشىپ ياشاشقا ئۈندىگەن. قۇرئاننىڭ كاپىرلارغا قارىتا بەلگىلىگەن خەلقئارا سىياسىتىنى بۇ ئىككى ئايەتتىن ناھايىتى ئېنىق كۆرەلەيمىز:«(كۇففارلاردىن) سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ.

ئاللاھ دىن سەۋەبىدىن سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسىدۇ، كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر» (مۇمتەھىنە سۈرىسى، 8-9-ئايەتلەر).

قۇرئان كەرىم كاپىرلارنى كۇپۇرلۇقى ۋە ئازغۇنلىقىدىن قۇتقۇزۇۋېلىشىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىپىسى قىلىپ بەلگىلىگەن. مۇسۇلمانلارنىڭ كاپىرلارغا قارىتا مەجبۇرىيىتى بولسا كۆيۈنۈش ۋە ئۇلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتە زايە بولۇپ كېتىشىدىن ئىچ ئاغرىتىشتۇر:«ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ ماڭا قارشى تۇرغانلىقىڭلار سىلەرنى نۇھنىڭ قوۋمى ياكى ھۇدنىڭ قەۋمى ۋە ياكى سالىھنىڭ قەۋمى دۇچار بولغان ئازابقا دۇچار قىلمىسۇن. لۇت قەۋمى(نىڭ دىيارى) سىلەردىن يىراق ئەمەس» (ھۇد، 89-ئايەت).

ئىمان ۋە ئەقىدىنىڭ يولى قانائەتلىنىش ۋە تەستىقلاش بولغانلىقى ئۈچۈن مەجبۇرلاش ئىماننىڭ يولى ئەمەس:«دىنغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن زورلاشقا بولمايدۇ، توغرا يول بىلەن خاتا يول ئېنىق ئايرىپ كۆرسىتىلدى» (بەقەر سۈرىسى، 256-ئايەت). ئىمان ۋە ئەقىدىنىڭ يولى دەۋەت قىلىش، سۆھبەت ئېلىپ بېرىش، پاكىت كۆرسىتىش ۋە بايان قىلىپ بېرىش ئاساسىدا بولىدۇ.

ئۇرۇش قىلىش باشقىلارنى دىنغا كىرگۈزۈشنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن يوللۇق يولى ئەمەس. ئۇ مۇسۇلمانلارنى ھىمايە قىلىش، خەتەردىن قوغداش ۋە دەۋەت قىلىش ئەركىنلىكىگە ئېرىشىش ئۈچۈن دەۋەت قىلىش يولىدىكى توسالغۇلارنى ئېلىپ تاشلاشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چارىسىدىن ئىبارەت.

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

 

quran aqide asasi