2024-يىل 3-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلامنىڭ سىياسى تۈزۈمى توغرىسىدا

ئىسلامنىڭ سىياسى تۈزۈمى توغرىسىدا

 

تۈزۈم دېگەن ئۆزى ئىشەنگەن دىن ياكى پەلسەپە ياكى سىياسەتنىڭ مەقسەتلىرىنى رېئاللىققا ئاشۇرۇش، ئۇنى جەمئىيەت ۋە ھاياتتا ئەمەلىي تەتبىقلاش ئۈچۈن قوللىنىدىغان بىر بۆلەك ۋاسىتە، قۇرۇلما ۋە ئىنتىزاملاردىن ئىبارەت.

دەسلەپكى مۇسۇلمانلار ئىسلامنىڭ تۈزۈمى (يەنى ئىسلام خەلىپىلىك تۈزۈمى)نى تۇرغۇزۇش جەريانىدا بۇنى ئەمەلىي يۈرگۈزگەن،  ئۇلار ئىسلامنىڭ سىياسەت ۋە ئىجتىمائىي پرىنسىپلىرىنى تەتبىقلاش ئۈچۈن خەلىپىلىك تۈزۈمىنى ئىجتىھاد قىلىپ ئىجات قىلىپ چىققان ئىدى. دۆلەت، سىياسەت ۋە ئىجتىمائىيدىكى ئىسلامنىڭ مەنبەسى ۋە پرىنسىپى: ئىسلام جەمئىيەتلىرىدە دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىنى تەدبىقلاش ۋ ئۈممەتنىڭ بىرلىكىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئىدى. ئىسلام تۈزۈمى ۋاسىتە، قۇرۇلما، ئورگان ۋە ئىنتىزام بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق شەرىئەتنىڭ پرىنسىپلىرى ۋە مەقسەتلىرى ئەمەلىي تەتبىقلانغان ئىدى.

ئىسلام قارىشىدا «تۈزۈم» مەدەنىي بولۇپ، دائىم تەرەققى قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ تۈزۈمنىڭ مەيدانلىرىدا مۇسۇلمانلار باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرى ۋە تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىق تەرەپلىرىنى پايدىلانسا بولىدۇ. بىراق ئىسلام پرىنسىپلىرى، مەقسەتلىرى، قىممەت-قاراشلىرى ۋە ئۆلچەملىرى (يەنى تۈزۈمنىڭ ۋەزىپىسى) ساپ ئىسلام ئىدىيەسى ھالىتىدە داۋاملىشىۋېرىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ ئۆلچەملىرى، قىممەت-قاراشلىرى ۋە پەلسەپە نەزەرىيىلىرى باشقىلاردىن پەرقلىنىپ ئالاھىدە بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ.

مەسىلەن، ئىسلام ئۇممىتىنىڭ بىرلىكى دىنى ۋە ئىلاھىي پەرزدۇر:«ماۋۇ ئۇممەت بىر ئۇممەتتۇر»(مۆمىنۇن سۈرىسى، 52-ئايەت). بىراق «ئىسلام خەلىپىلىكى» بولسا مۇسۇلمانلار بۇ ئىلاھى پەرزنى رېئاللىققا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىسلامنىڭ پرىنسىپلىرى ئاساسىدا ئىجاد قىلىپ چىققان «تۈزۈم»دۇر. «خەلىپىلىك»مەمۇرىي ئورگانلىرى، ئەمىرلەر، ۋەزىرلەر، كېڭەش مەجلىسى، سوت ئورگىنى، ئىدارە، ئىقتساد ۋە دەۋەت قىلىش ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسى «شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى» ۋە «شەرىئەتنىڭ ئالىي مەنبە» ئىكەنلىكىنى رېئاللىققا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ۋاسىتە ۋە ئىنتىزامدىن ئىبارەت. دىننىڭ مەقسەتلىرى ۋە شەرىئەتنىڭ ئالىي مەنبە ئىكەنلىكى ئۆزگەرمەس مۇقىم ئىلاھىي پرىنسىپتۇر.

«شۇرا- كېڭەش قىلىش» دىنىي پەرز، بىراق ئۇنىڭ تۈزۈمى يەنى ئەمەلىي ئىجرا بولۇش ۋاسىتىلىرى، ئىنتىزاملىرى ۋە ئورگانلىرى ئىنسانىي ئىجادىيەت بولۇپ تەرەققى قىلىشنى قوبۇل قىلىدۇ. «تۈزۈم» ئىسلامنىڭ مەقسەتلىرىنى قانچە رېئاللىققا ئاشۇرالىسا، ئىسلام تۈزۈمى بولىدۇ. تۈزۈمنىڭ ئىسلامغا ئۇيغۇن تۈزۈم بولىشى ئۇنىڭ مۇقىم دىنى ۋە مۇقەددەس بولغانلىقىدا ئەمەس، بەلكى مۇقىم ۋە مۇقەددەس بولغان دىننىڭ مەقسەتلىرىنى مۇمكىن قەدەر ئىشقا ئاشۇرالىغانلىقىدىن كېلىدۇ.

شۇنداقلا ئادالەت جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدە ئىلاھىي پەرزدۇر. ئۇ ئىلاھى دىن ۋە ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئۆلچەم خاراكتېرلىك نەمۇنىلىرىدىن بىر نەمۇنە. لېكىن جەمئىيەت، شەخسى ئەھۋاللار، ئىقتىساد ياكى سوت ئىشلىرىدا ئادالەت ۋە ئادىللىقتىن ئىبارەت بۇ پەرزنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان تۈزۈم مۇسۇلمانلار ئىجات قىلغان ۋە ئىجات قىلىدىغان ۋاسىتە، ئورگان ۋە ئىدارە تەرتىپىدىن ئىبارەت. مۇسۇلمانلار بۇ تۈزۈم ۋە ۋاسىتىلەرنى ئادالەتتىن ئىبارەت ئىلاھىي پەرزنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ ياراملىق ۋە ئىقتىدارلىق قىلىش ئۈچۈن توختىماي تەرەققى قىلدۇرىدۇ.

قانۇن مەنبەسى ۋە ئۆلچەم قۇرۇلمىسى بىلەن ئورگان، تۈزۈم ۋە ۋاسىتىلەر ئارىسىدىكى بۇ پەرق ئېنىق ئايرىلىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇرۇنقى مۇسۇلمانلار دەسلەپتىن تارتىپلا باشقا مىللەتلەرنىڭ تەجرىبىسى ۋە مەدەنىيەت مىراسىغا قارىتا ئېچىلىپ مۇئامىلە قىلغان. شۇنداقلا «تۈزۈم، ئورگان ۋە ۋاسىتە»مەيدانلىرىدا باشقىلارنىڭ ئىنسانىي تەجرىبە ۋە مىراسلىرى بىلەن ماسلاشقان، بىر قانچە تۈزۈم ۋە ئورگانلارنى باشقىلاردىن پايدىلانغان.

مەسىلەن، دەسلەپكى ئىسلام دۆلىتى ئىدارە ۋە تۈزۈم ۋاستىلىرى سۈپتىدە  «دىۋان تۈزۈمى»نى رىم ئىمپېرىيىسىدىن ئالغان. ئىسلام دائىرىسىدە ياشايدىغان مۇسۇلمان بولمىغانلاردىن ھىمايە قىلغانلىقنىڭ بەدىلىدە  تۆلەيدىغان ئىقتىسادى جىزيە (بەدەل پۇلى)نى يىغىش تۈزۈمىنى پارىسلاردىن ئالغان. ئەسكەرلەرنىڭ مائاش تۈزۈمى، پوچتا تۈزۈمى…لەرنى باشقا مىللەتلەردىن پايدىلانغان. شۇنى بىلىش كېرەككى، دەسلەپكى ئىسلام دۆلىتى رىم ۋە پارسلارنىڭ ئورگان، ئىنتىزام ۋە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلانغان، بىراق ئەقىدە ۋە قانۇن مەنبەسىنى ئالمىغان.

دېمەك، تۈزۈم مەدەنىي خاراكتېرگە ئىگە ئىنسانىي ئىجادىيەت بولۇپ شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى، قانۇن مەنبەلىرى، پرىنسىپلىرى ۋە ئۆلچەم ئاساسىدىكى قىممەت-قاراشلىرىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتا تېخىمۇ ياراملىق ۋە ئىقتىدارلىق بولۇش ئۈچۈن دائىم تەرەققى قىلىپ تۇرىدۇ.

ئىسلامنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە سوتقا ئالاقىدار تۈزۈملىرى (ئىنتىزام ئىشلىرى) ئۆزگەرمەس دىنى كۆرسەتمە ئەمەس ياكى مۇقەددەس ئىلاھىي پرىنسىپ ئەمەس، بەلكى ئىنسانىي ئىجادىيەتتۇر. بۇ تۈزۈمنىڭ ئىسلامغا ئۇيغۇن بولۇشى ئىسلامنىڭ مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالىشىغا باغلىق. ئىسلامنىڭ مەقسەتلىرى دىنىي كۆرسەتمە ۋە مۇقەددەس ئىلاھىي يوليورۇقتىن ئىبارەت.

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

2015- يىلى