2024-يىل 26-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

قۇرئاندىكى تاغۇت كەلىمىسى ۋە مۇپەسسىرلەرنىڭ ئىزاھاتى

قۇرئاندىكى تاغۇت كەلىمىسى ۋە مۇپەسسىرلەرنىڭ ئىزاھاتى

 

تاغۇت ھەددىدىن ئېشىش، ئازغۇنلۇق ۋە ئاسىيلىق قىلىش دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. تاغۇتنىڭ مەشھۇر ئىپادىسى شەيتان ياكى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەت قىلىنغان نەرسە دېگەن ئۇقۇمنى كۆرسىتىدۇ. بىراق تاغۇت زامان ۋە ماكاننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ھەر جەمئىيەتتە ئوخشىمىغان شەكىل ۋە تۈرلۈك رەڭدە كۆرۈنىدۇ. بەزىدە بۇت بولۇپ كۆرۈنسە، بەزىدە ھاكىم بولۇپ كۆرۈنىدۇ، يەنە بەزىدە قانۇنشۇناس بولۇپ كۆرۈنىدۇ.

تاغۇت كەلىمىسى قۇرئان كەرىمدە سەككىز قېتىم كەلگەن، تاغۇت كەلىمىسى تىلغا ئېلىنغان ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

1.«دىندا زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى، كىمكى تاغۇت (يەنى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەت قىلىنغان نەرسە) نى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھغا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ» (بەقەر سۈرىسى، 256-ئايەت).

بۇ ئايەت مۇسۇلماننىڭ ئەقىدىسىنى ئىزاھلىغان ئايەتۇل كۇرسىدىن كېيىن تىلغا ئېلىنغان. ئايەتۇل كۇرسى ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ نەزەرىيە قىسمى ھەققىدە توختالغان. بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان تاغۇت شەيتان ياكى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەت قىلىنغان ھەر قانداق نەرسىگە قارىتىلىدۇ.

  1. «كاپىرلارنىڭ ئىگىسى شەيتاندۇر، ئۇلارنى (ئىماننىڭ) يورۇقلىقىدىن (گۇمراھلىقنىڭ) قاراڭغۇلۇقىغا چىقىرىدۇ» (بەقەر سۈرىسى، 257-ئايەت).

بۇ ئايەت تاغۇتنىڭ نىشانىنى بايان قىلىپ بەرگەن، تاغۇتنىڭ نىشانى ئېنىق توغرا يولغا قارشى تۇرۇش، ئىسلام دەۋىتىگە دۈشمەنلىك ۋە توسقۇنلۇق قىلىشتۇر. ئايەتتە دېيىلگەندەك بۇلارنىڭ ئەقىدىسى، ئەخلاقى، ئادىتى، سىياسىتى، ئىجتىمائىي ۋە خەلقئارالىق ئالاقىسىدا زۇلمەت بار.

3.«كىتابتىن نېسىۋە بېرىلگەنلەر(يەنى يەھۇدىيلار)نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار بۇتقا ۋە شەيتانغا ئىشىنىدۇ، كاپىرلارنى كۆرسىتىپ:<بۇلار(يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى)نىڭ يولى ئىمان ئېيتقانلارنىڭكىدىن تېخىمۇ توغرىدۇر> دەيدۇ»(نىسا سۈرىسى،51-ئايەت)

بۇ ئايەت بۇتقا ئىبادەت قىلغان ياكى بۇتپەرەسلەرنى توغرا يولدا دەپ جاكارلىغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ زىيىنىغا كاپىرلارغا ياردەم بەرگەنلەرنى ئەيىبلىگەن.

4.«ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ۋە سەندىن بۇرۇن نازىل قىلىنغان كىتابلارغا (يەنى تەۋراتقا ۋە ئىنجىلغا) ئىمان كەلتۈردۇق دەۋالغان كىشىلەر (يەنى مۇناپىقلار)نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئەرزىنى شەيتاننىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتىدۇ؛ ھالبۇكى، ئۇلار شەيتاننى ئىنكار قىلىشقا بۇيرۇلغان، شەيتان ئۇلارنى چوڭقۇر ئازدۇرۇشنى خالايدۇ» (نىسا سۈرىسى، 60-ئايەت).

بۇ ئايەت قۇرئان ۋە سۈننەت ياكى رەسۇلۇللاھ تۇرسا، مەسىلىنى رەسۇلۇللاھ ئارقىلىق ھەل قىلماي كەئب بىن ئەشرەپ ياكى ئەبى بەرزە ئەسلەمىگە ئوخشاش رەسولۇللاھقا ئاشكارا دۈشمەنلىك قىلىدىغان ئازغۇنلاردىن ھۆكۈم قىلىپ قويۇشنى تەلەپ قىلىدىغان مۇناپىقلار ھەققىدە توختالغان. يەنى ئىمان كەلتۈردۇق دەپ دەۋا قىلىپ تۇرۇپ، شەرىئەت كۆرسەتمىسىدىن قەستەن باش تارتىش شەيتان ياكى تاغۇتقا ئىشەنگەنلىكتۇر.

يۇقىرىقى ئىككى ئايەت قانۇن ساھەسىدىكى تاغۇتلار ھەققىدە توختالغان. قۇرئان ۋە سۈننەتتە ئېنىق ۋە كەسكىن ئۇقۇم بىلەن كەلگەن ھۆكۈمنى قەلبىدىن ئېتىراپ قىلمىغان ئىنسان مۇسۇلمان ھېسابلانمايدۇ.

  1. «مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدۇ، كاپىرلار شەيتاننىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىدۇ؛ شەيتاننىڭ دوستلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار، شەيتاننىڭ تەدبىرى ھەقىقەتەن ئاجىزدۇر» (نىسا سۈرىسى، 76-ئايەت).

مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ يولىدا، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ. كاپىرلار شەيتاننىڭ يولىدا، باشقىلارغا زۇلۇم قىلىش يولىدا، بۇددىزملىق يولىدا، ئاتېئىزملىق يولىدا جەڭ قىلىدۇ، ياكى پەقەتلا ماددى غەنىمەتكە ئېرىشىش ياكى شۆھرەت قازىنىش ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ.

6.«(ئى مۇھەممەد!) ئېيىتقىنكى، «سىلەرگە ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى بۇنىڭدىنمۇ يامان جازانى ئېيتىپ بىرەيمۇ؟ (ئۇ شۇنداق) كىشىلەرنىڭ (جازاسىكى)، ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى ۋە ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى مايمۇن ۋە چوشقا قىلدى، بىر قىسمىنى شەيتانغا ئىبادەت قىلىدىغان قىلدى، ئەنە شۇلارنىڭ ئورنى ئەڭ ياماندۇر (يەنى دوزاختۇر)، (ئۇلار) توغرا يولدىن ئەڭ ئاداشقاندۇر » (مائىدە سۈرىسى، 60-ئايەت).

بۇ ئايەت شەيتانغا ئىبادەت قىلىدىغان ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ناچار مەخلۇقلار ئىكەنلىكىنى سۈپەتلىمەكتە. بۇ ئايەتتىكى سۈپەتلەر يەھۇدىلارنىڭ سۈپىتىدۇر.

  1. «بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: «ئاللاھغا ئىبادەت قىلىڭلار، شەيتاندىن (يەنى شەيتانغا، بۇتلارغا، كاھىنلارغا ئوخشاش ھەرقانداق مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشتىن) يىراق بولۇڭلار، دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق» (نەھل سۈرىسى، 36-ئايەت).

بۇ ئايەت شەيتانلارغا ئىبادەت قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرماقتا. ئايەتتىكى تاغۇت كەلىمىسى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەت قىلىنغان ھەر قانداق نەرسىنى ۋە تۈرلۈك شەيتانلارغا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرغان ھەر قانداق كىشىنى كۆرسىتىدۇ.

  1. شەيتانغا چوقۇنۇشتىن يىراق بولغانلارغا، ئاللاھغا (ۋە ئۇنىڭ ئىبادىتىگە) قايتقانلارغا (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ» (زۇمەر سۈرىسى، 17-ئايەت).

بۇ ئايەت شەيتان ۋە تۈرلۈك بۇتلارغا ئىبادەت ۋە ئىتائەت قىلىشتىن ۋاز كەچكەن كىشىلەرگە خۇش بىشارەت بەرمەكتە.

بۇ ئايەتلەر ھەققىدە بىر قانچە تۈرلۈك مۇلاھىزە

1.ئەھل سۈننى ئالىملىرىنىڭ كۆز قارىشىدا تاغۇتنى ئىنكار قىلىش تەۋھىد ئەقىدىسىنىڭ بىر ئاساسىدۇر.

2.ئايەتلەر«تاغۇت»نى ئومۇمى شەكىلدە تىلغا ئالغان، مۇئەييەن بىر تۈرگە قاراتمىغان، شۇ سەۋەبتىن ئالىملارنىڭ ئىزاھاتلىرى تۈرلۈك بولغان. ھەزرىتى ئۆمەر ۋە بىر بۆلەك داڭلىق مۇپەسسىرلەر تاغۇتنى «شەيتان» دەپ ئىزاھلىغان، بەزىلەر «بۇت» دېگەن، بەزىلەر «سېھىر» دېگەن، يەنە بەزىلەر «كاھىن، باخشى»…دېگەن.

داڭلىق مۇپەسسىر تەبەرى تاغۇت ھەققىدىكى يۇقىرىقى سۆزلەرنى بايان قىلغان قىلغاندىن كېيىن:«مېنىڭچە ئەڭ توغرىسى ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە بويسۇنماي ھەددىدىن ئېشىپ، ئىبادەت قىلىنغان ئىنسان ياكى شەيتان ياكى باشقا ھەر قانداق نەرسىنى كۆرسىتىدۇ»دېگەن (تەپسىر تەبەرى: 5-توم، 417-بەت).

مۇپەسسىر ئىبنى كەسىر ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ تاغۇتنى «شەيتان» دەپ ئىزاھلىغان قارىشىنى ئەڭ كۈچلۈك دەپ قارىغان. چۈنكى جاھىلىيەتتىكى ئىنسانلار بۇتقا ئىبادەت قىلاتتى، ئۇنىڭ ھۆكۈم چىقىرىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشاتتى ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم سورىشاتتى، دېگەن. (تەپسىر ئىبنى كەسىر، 1-توم، 683-بەت).

ئىبنى قەييىم تاغۇتنى مۇنداق تونۇشتۇرغان: «ئىنساننىڭ ئاللاھدىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلىشقا سەۋەب بولغان ھەر قانداق نەرسىدۇر. ھەر بىر قوۋم ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرىدىن باشقىسىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىپ بىرىشىنى تەلەپ قىلسا، ياكى ئاللاھدىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلسا ياكى ئاللاھدىن باشقىسىغا ئەگەشسە ياكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدىغان ئىشتا ئۇنىڭ باشقىسىغا ئىتائەت قىلسا تاغۇتلۇق ھېسابلىنىدۇ. بۇ تاغۇتلارغا قاراپ، كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى مۇلاھىزە قىلسىڭىز، كىشىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ، تاغۇتقا ئىبادەت قىلىشقا بۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسىز. ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرىنىڭ كۆرسەتمىسىنى تاشلاپ قويۇپ، تاغۇتنىڭ ھۆكۈم چىقىرىپ بىرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى كۆرىسىز. ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىشنى تاشلاپ قويۇپ تاغۇتقا ئىتائەت قىلغانلىقىنى كۆرىسىز»(ئىبنى قەييىم: ئىئلام مۇۋەققىئىن، 1-توم، 50-بەت).

ئىبنى قەييىم يەنە تاغۇتنىڭ چوڭلىرى بەش تۈرلۈك بولىدۇ، دەپ بايان قىلغان. ئۇلار: شەيتان، ئاللاھدىن باشقا ئىبادەت قىلىنغان نەرسىلەر، غەيبنى بىلىمەن دەپ دەۋا قىلغان باخشىلار، باشقىلارنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا چاقىرغان كىشى ۋە ئاللاھ چۈشۈرگەن ئېنىق ھۆكۈم بىلەن ھۆكۈم قىلمىغان كىشىدىن ئىبارەت.(ئىئلام مۇۋەققىئىن، 1-توم، 54-بەت).

  1. ساھابە ۋە مۇپەسسىرلەرنىڭ تاغۇت ھەققىدە بايان قىلغان ئىزاھاتلىرى كۆپىنچە: شەيتان، ئىلاھلىق دەۋا قىلغۇچى، بۇتلار، باخشى ۋە ئاللاھ چۈشۈرگەن ئېنىق ھۆكۈمدىن باشقىسى بىلەن ھۆكۈم قىلغۇچى… دېگەن تۈرلەر ھەققىدە بولغان.
  2. قۇرئان ۋە سۈننەتتە فىرئەۋىن ياكى ئەبۇلەھەپكە ئوخشاش بايانى كەلگەندىن باشقا مۇئەييەن بىر ئادەمنى تاغۇت دەپ سۈپەتلەش مۇجتەھىد ئۆلىمالار بەلگىلەيدىغان مەسىلە. بۇ مەسىلىدە ئىجتىھادلار بەزىدە ئىتتىپاق بولىشى مۇمكىن، بەزىدە تۈرلۈك قاراشتا بولىشى مۇمكىن. بىرەر ئالىم بىرسىنى تاغۇت دېگەن بولسا، ھەممە كىشىلەرنىڭ شۇنداق ئېتىقاد قىلىشى لازىم ئەمەس، بۇ مەسىلىدە بىر قانچىلىغان مۆتىۋەر ئۆلىمالارنىڭ كۆز قارىشىغا قاراش لازىم.
  3. ئىبنى قەييىم ئوتتۇرىغا قويغان ئاساسلىق بەش تۈرلۈك سۈپەت تېپىلغان ئادەمنى تاغۇت دەپ سۈپەتلىسە بولىدۇ. ئۇلار: شەيتان، غەيبنى بىلىمەن دەۋا قىلغۇچى، باشقىلارنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا چاقىرغۇچى ۋە ئىجتىھادقا بويسۇنمايدىغان ۋە ئىسلامدا ئۇقۇمى ئېنىق بولغان ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى قەستەن ئۆزگەرتىپ ھۆكۈم چىقارغۇچىدىن ئىبارەت.
  4. تاغۇت ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى ئەقىدە ياكى ئىدېئولوگىيەگە ئالاقىدار، يەنە بىرى سىياسەتكە ئالاقىدار بولىدۇ. قۇرئان كەرىم بىرىنچى قىلىپ ئەقىدە ياكى ئىدېئولوگىيە ئالاقىدار تاغۇتنى يوقاتقان. ئەقىدە ياكى ئىدېئولوگىيە ئالاقىدار تاغۇتنى يوقاتقاندىن كېيىن سىياسىي تاغۇتنى يوقىتىش ئاسانغا چۈشىدۇ. ئەقىدە ياكى ئىدېئولوگىيە ئالاقىدار تاغۇتنى يوقىتىشقا ئاللاھ ۋەدە بەرگەنلىكى ئۈچۈن، سىياسى تاغۇتلۇق ۋاقتىنچە بولىدۇ، بۇ ۋاقىت مەسىلىسىدىن ئىبارەت.
  5. ئىسلام دۇنياسىنىڭ سىياسىي ۋە باشقا تۈرلۈك شارائىتلىرى سەۋەبىدىن بۇ كۈنلەردە شەرىئەتنى تولۇق تەتبىقلايدىغان دۆلەت ياكى ھاكىملار بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھازىرقى ئىسلام ئەللىرىنىڭ ھاكىملىرىنى كاپىر ياكى تاغۇت دەپ ھۆكۈم چىقىرىدىغان بىر بۆلەك بىنورمال ئېقىم پەيدا بولدى. ئەپسۇسكى بۇ بىنورمال ئېقىم مۇجتەھىدلار، ئۆلىمالار ۋە فۇقاھالارغا ئەگەشمەيدۇ، بەلكى زۇلۇم سەۋەبىدىن ئاشقۇنلۇق قىلىدىغان بەزى ئادەملەرنىڭ قاراشلىرىغا ئەگىشىپ كەتمەكتە.

شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە ئاللاھنىڭ ھۆكمى بىلەن تولۇق ھۆكۈم قىلمىغان ياكى قىلالمىغان ھاكىم توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىشىقا توغرا كېلىدۇ. قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ ھۆكمى بىلەن ھۆكۈم چىقارمىغان ئادەمنى كاپىر ياكى زالىم ياكى پاسىق بولىدۇ، دەپ سۈپەتلىگەن.

بۇ ئايەتلەر توغرىسىدىكى ئوتتۇراھالىققا ئىگە تەپسىر ئىبنى ئابباس، تاۋۇس، ئاتا ۋە ئىبنى جۇبەيرنىڭ تەپسىرى بولۇپ، ئۇلار بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان كۇپۇرلۇق دىندىن چىقىرىۋېتىدىغان كاپىرلىق ئەمەس، بەلكى كۇپۇرلۇقنىڭ بىر تۈرى دېگەن مەزمۇننى تەكىتلىگەن. جۇمھۇر ئۆلىمالار بۇ يەردىكى كۇپۇرلۇقنى «كېچىك كۇپۇرلۇق» دەپ قارىغان. خاۋارىجلار بولسا بۇ ئايەتلەرنى دەلىل قىلىپ دىندىن چىقىرىۋېتىدىغان چوڭ كاپىر بولىدۇ، دەپ ھۆججەت قىلغان. (تەپسىر تەبەرى، 10-توم، 346-بەت).

ئىبنى ئابباستىن كەلگەن يەنە بىر رىۋايەتتە ئۇ ئىككى تۈرنى ئايرىپ: كىم ئاللاھ چۈشۈرگەن ئېنىق ھۆكۈمگە تانسا كاپىر بولىدۇ، ئۇ ھۆكۈمنى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ ھۆكۈم قىلمىسا، زالىم ۋە پاسىق بولىدۇ، دېگەن.(يۇقىرقى مەنبە).

ئىسلامنىڭ ھايات تۈزۈمى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغان ياكى ئېتىراپ قىلىدىغان ھاكىم ئاجىزلىق ياكى  نەپسى خاھىشىگە ئەگىشىپ بەزى مەسىلىلەردە بۇرۇلۇپ كەتكەن  بولسا ئۇ دەرىجىسىگە قارىتا زالىم ياكى پاسىق بولىدۇ. شەرىئەتنى ئىنكار قىلىدىغان ياكى  شەرىئەتنىڭ سالاھىيىتى يوق دەپ قارايدىغان ھاكىم بولسا كاپىر بولىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە  ئىنكار قىلىدىغان ۋە ئېتىراپ قىلىدىغان ئىككى تۈرلۈك ھاكىمنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك.

داڭلىق مۇپەسسىر رەشىد رىزا مائىدە سۈرىسىدىكى بۇ ئايەتلەر ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ چۈشۈرگەن ئەھكاملارنى تاشلاپ قويغانلار ئەھۋالىغا قارىتا بۇ ئۈچ تۈرلۈك سۈپەتنىڭ بىرسىگە چۈشىدۇ ياكى ھەممىسىگە چۈشۈپ قالىدۇ. كىم شەرىئەتنىڭ ئوغرلىق قىلىش، تۆھمەت قىلىش ياكى زىنا قىلىش ھەققىدىكى كەسكىن ئەھكاملىرىنى قەبىھ ساناپ ياكى ياراتماستىن، باشقا قانۇن بىلەن ھۆكۈم قىلسا، كەسكىن كاپىر بولىدۇ. كىم ئۇ ھۆكۈملەرنى باشقا بىر سەۋەبلەر تۈپەيلى ھۆكۈم قىلمىسا  ھەق-ھوقۇق ۋە ئادالەتنى تاشلىغانلىق سەۋەبىدىن زالىم بولىدۇ. كىم بىكاردىن-بىكار ھۆكۈم قىلمىسا پاسىق بولىدۇ».

ئەگەر بىر ئادەم ئۆزى ھەققىدە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدىغان، ئىسلامنىڭ جەمئىيەت ۋە دۆلەتنى باشقۇرىدىغان بىر كۈنگە تەلپۈنىدىغان بىر ئادەم بولسا، ئۇ ئادەم ئاللاھ يولىدىكى مۇجاھىد سانىلىدۇ. چۈنكى شەرىئەتنى تەتبىقلاش بىراقلا بولمايدۇ، بەلكى تەدرىجى قەدەمدە ھاسىل بولىدۇ. شەرىئەتنى تەتبىقلاش پەقەت جىنايى ئىشلارنى تەتبىقلاش بىلەن بولمايدۇ، جىنايى ئىشلار شەرىئەتنىڭ پەقەت 10% گە يېقىن قىسمىنى تەمسىل قىلىدۇ. شەرىئەتنىڭ پرىنسىپلىرى، تۈزۈملىرى ۋە ئەھكاملىرى بۇنىڭلىق بىلەن تۈگەپ قالمايدۇ.

بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە باركى، بىر ئىنساننى كاپىر ياكى زالىم ياكى پاسىق دەپ سۈپەتلەش ئاسان ئىش ئەمەس. بۈگۈنكىدەك مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىغا تولۇق ئىگە بولالمايۋاتقان بىر زاماندا، مۇناسىپ شارائىتنىڭ يېتىلمىگەنلىكىدىن تەدرىجى ئىسلاھات يولىنى تۇتقان بەزى ھاكىملارنى كاپىر ياكى زالىم دەپ سۈپەتلەش توغرا ئەمەس. شارائىت يار بەرگەن مۇھىت بىلەن يار بەرمىگەن مۇھىتتىكى ھۆكۈم پەرقلىنىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا شارائىت يار بەرمىگەنلىكتىن ئىككى زىيان ۋە ئىككى يامانلىقنىڭ يەڭگىلرەكىنى تۇتۇپ مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

2018- 5- ئاي.

ئىستانبۇل.