2024-يىل 25-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئەقىلنى بىلىم-مەرىپەت ئارقىلىق قوغداش

ئەقىلنى بىلىم-مەرىپەت ئارقىلىق قوغداش

ئەقىل كائىنات، ئىنسان ۋە غەيبى نەزىرىيەلەرنىڭ ھەقىقەتلىرىنى بىلىش ئۈچۈن بىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىشنىڭ ۋاسىتىسى. ئەقىل بۇ ھەقىقەتلەرنى ئۆزلەشتۈرەلىسە، ئىنساننىڭ يارىتىلىشتىكى ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا باشلاپ بارىدىغان يولغا يېتەكلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولىدۇ. ئەقىل قانچىلىك بىلىم-مەرىپەت ئۆزلەشتۈرەلىسە، ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتا شۇنچىلىك مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ، ئەقىل ئىنساننى بىلىم-مەرىپەت ئارقىلىق ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا يېتەكلەپ ماڭالايدۇ. زېمىننى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ۋەزىپە زېمىننىڭ قانۇنىيەتلىرىنى، شۇنداقلا ئىزباسار ۋەكىللىكنىڭ پرىنسىپلىرى، كۆرسەتمىلىرى ۋە ھۆكۈملىرىنى بىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىم ئەقىللىرى ئارقىلىق بىلىم-مەرىپەت قولغا كەلتۈرگەنلەرنى مەدھىيىلىگەن ۋە بىر نەرسىنى چۈشەنمەيدىغان بىلىمسىزلەرنى تەنقىد قىلغان:«بىز ئىنسانلارغا بايان قىلغان بۇ مىساللارنى پەقەت ئالىملارلا چۈشىنەلەيدۇ» (ئەنكەبۇت سۈرىسى، 43-ئايەت). يەنە:«ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇلار كۆزلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) كۆرمەيدۇ، ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئېلىپ) تىڭشىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر ئازغۇندۇر»(ئەئراف سۈرىسى، 179-ئايەت). يۇقىرىقى ئايەتتە مەدھىيىلەنگەن ئالىملار بىلىم-مەرىپەت ئارقىلىق ئەقلى مۇكەممەللەشكەن كىشىلەردۇر، ھايۋانغا ئوخشىتىلغانلار ھېچ بىر نەرسىنى ئۆگەنمىگەن كىشىلەردۇر. ئۇنداقتا ئەقىلنىڭ كامالىتى ۋە كۈچى بىلىم-مەرىپەت ئاساسىدا پەيدا بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن شەرىئەت بىلىم-مەرىپەت ئېلىشقا بۇيرۇغان ۋە قىزىقتۇرغان. ئەقىل بىلىم-مەرىپەت ئالمىسا قىممىتىنى يوقىتىدۇ، شۇڭا بىلىم-مەرىپەت ئېلىش ئەقىلنى قوغداش سەۋەبلىرىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ.

ئەقىل ئۆگىنىش ئارقىلىق غەيىبنىڭ بەزى ھەقىقەتلىرى (يەنى نىسپى غەيىب)، كائىنات ۋە ئىنساننىڭ ھەقىقەتلىرىدىن بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلەلەيدۇ. يەنى ئىلگىرى نامەلۇم بولغان نەرسىلەرنىڭ سۈرىتى ئەقىلدە رېئاللىققا ئۇيغۇن ھالدا ھاسىل بولىدۇ. بىر ئىنساندا تەپسىلى يول خەرىتىسى بولسا، بىلمەيدىغان جايلاردىمۇ ياخشى ھەرىكەت قىلغىلى بولغاندەك، ئىنسان بىلىم-مەرىپەت ئارقىلىق زېمىننى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشتا توغرا ھەرىكەت قىلالايدىغان بولىدۇ. ئەقىلنى تولۇق قوغداش ئۈچۈن ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش، تەپەككۇر قىلىپ ئۆگىنىش ۋە مېتود بويىچە ئۆگىنىش دەيدىغان ئۈچ تۈرلۈك يۆنلىشنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش لازىم. تۆۋەندە بۇ ئۈچ تۈرلۈك يۆنىلىش ھەققىدە قىسقىچە توختىلىمىز.

  1. ئەقىلنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش ئارقىلىق قوغداش:

ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش ئارقىلىق نىسپىي غەيىب ياكى كائىنات ياكى ئىنسانغا ئالاقىدار ھەقىقەتلەرنى كەشىپ قىلغىلى بولىدۇ، ئەقىلدە ھاسىل بولغان شۇ ھەقىقەتلەردىن بىر بۆلىكى رېئاللىقنى ئەقلى ئاڭدا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ۋەھىي ۋە ھېسسى ئەزالار ئەقىلنىڭ ھەقىقەتلەرگە قارىتا بىلىم-مەرىپەت ئىگىلەش ۋاسىتىسى سانىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن شەرىئەت ئەقىلنى قوغداش يولىدا بىلىم-مەرىپەت ئېلىشنى پەرز قىلىپ بېكىتكەن. شۇنىڭ قاتارىدا ئەقىلنىڭ ئىنسانىيەت ھاياتىنى توغرا يېتەكلەشكە قادىر بولالىشى ئۈچۈن دىنىمىزدا بىلىم-مەرىپەت ئېلىش پەرز دەپ قارالغان.

قۇرئان كەرىم ئىنساننى تۈرلۈك سەۋىيەلەردە بىلىم-مەرىپەت ئېلىشقا يۈزلەندۈرگەن، ئاللاھنىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت غەيبى ھەقىقەتلەرنى بىلىشكە يۈزلەندۈرۈپ:«ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى بىلگىن»دېگەن(مۇھەممەد سۈرىسى،19-ئايەت). كائىناتنىڭ تەبىئىي ھەقىقەتلىرىنى بىلىشكە بۇيرۇغان:«ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى كۆزىتىڭلار»دېگەن(يۇنۇس سۈرىسى، 101-ئايەت). ئىنساننىڭ ھەقىقەتلىرىنى بىلىشكە بۇيرۇغان:«ئۆزۈڭلارغا قاراپ چىقمامسىلەر»(زارىيات سۈرىسى، 21-ئايەت) بۇ ئايەت يەككە ۋە كوللېكتىپ ھالدا ئىنسانىيەتنىڭ ھەقىقەتلىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئىنسان زاتىغا قاراپ چىقىشقا بۇيرۇقتۇر. مانا بۇ تۈرلۈك كۆرسەتمىلەر ئارقىلىق بىلىم-مەرىپەتنىڭ دائىرىسى تولۇقلىنىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئەقىل كامالەتكە يېتىپ كۈچلىنىدۇ ۋە ھاياتتىكى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا قادىر بولالايدۇ. شۇڭا ھەقىقەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئەقىلنى قوغداش شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ئىچىدىكى ئومۇمىي بىر مەقسەتتۇر.

  1. ئەقىلنى تەپەككۇر قىلىش ئاساسىدا قوغداش:

ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش ئەقىلدە ھەقىقەتلەرنى ھاسىل قىلسىمۇ، بىراق مەسىلە ئۆگىنىش دائىرىسىدە توختاپ قالسا، ئەقلىنى يېتۈلدۈرۈش كەم بولۇپ قالىدۇ، بۇ كەمچىللىك تەپەككۇر قىلىش بىلەن تولۇقلىنىدۇ. چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش ئۆزلەشتۈرۈشتىن ئارتۇق مەنىلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى تەپەككۇر قىلىش ھەقىقەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشتىن ھالقىپ كېتىدىغان بىر تۈر بولۇپ، مەسىلىنىڭ سەۋەب-ئىللەتلىرى، ئۇقۇم-كۆرسەتمىلىرى، بىر-بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى، ئاقىۋىتى ۋە پايدىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. ئەقىل تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ، ھاياتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت نىشانىغا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ.

شەرىئەت ئەقىلنى بۇ خىل تۈردىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆپ ئايەتلەردە تەپەككۇر قىلىش، مۇلاھىزە قىلىش ۋە ئەقىل يۈرگۈزۈشكە بۇيرۇغان. تەپەككۇر قىلىش ئىزدىنىۋاتقان مەسىلىدە پىكىرنى كۈچلەندۈرىدۇ. قۇرئان كەرىم تەپەككۇر قىلىش ۋە مۇلاھىزە قىلىشقا بۇيرۇغان:«ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. ئۇلار: پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، دەيدۇ»(ئال ئىمران سۈرىسى، 191-ئايەت). بۇ ئايەتتە ئەقلى قابىلىيىتىنى ئىشقا سېلىپ، كائىناتنىڭ شەكىل ۋە كۆرۈنۈشلىرىگە قاراش ئارقىلىق تەپەككۇر قىلىش نەتىجىسىدە بۇ كائىناتنىڭ ھېكمەت ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىغا يېتەلىگەن كىشىلەر مەدھىيىلەنگەن.

قۇرئان كەرىم كائىنات كۆرۈنۈشلىرىنىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە ئەقلى قابىلىيىتى يېتىدىغان تۇرۇقلۇق تەپەككۇر قىلمايدىغانلارنى ئەيىبلەپ:«ئۇلار ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشلىرى ئۈچۈن ئۆزلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى پەقەت ھەق  بىلەن ياراتتى. بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟»دېگەن (رۇم سۈرىسى، 8-ئايەت).

دېمەك، تەپەككۇر قىلىش شەرىپى ئۈستۈن پەزىلەتتۇر، تەپەككۇر قىلماسلىق قەبىھ ئەيىب ئىشتۇر. رەسۇلۇللاھ:«تەپەككۇرغا ئوخشاش ئىبادەت يوق» دېگەنىكەن (بەيھەقى رىۋايىتى). چۈنكى تەپەككۇر قىلىش ھېسسى كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقەتلەرنى ھېس قىلىشقا قادىر ۋە ئويغاق ئەقىلنى شەكىللەندۈرۈشكە ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا شەرىئەت ئەقىلنى تەپەككۇر قىلىشقا بۇيرۇش ئارقىلىق قوغداشنى مەقسەت قىلغان.

  1. ئەقىلنى مېتود خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ئارقىلىق ھىمايە قىلىش:

ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىنىش مېتود خاراكتېرلىك ئۆگىنىش بولمىسا مەقسەت ھاسىل بولمايدۇ. ئەقىلنىڭ پىكرى ھەرىكىتىنى مېتود خاراكتېرلىك قائىدىلەر ئاساسىدا جارى قىلدۇرۇش، خاتالىققا كۆپ چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلاپ قالىدۇ ۋە توغرىلىققا يېتىشكە يۈزلەندۈرىدۇ. ئەگەر ئەقىل بۇ قائىدىلەرنى ئۆگىنىپ، شۇ بويىچە پىكىر يۈرگۈزسە ئۆتكۈر ئەقىلگە ساھىب بولىدۇ ، بۇ ئەقىل ئىنساننى ياخشىلىققا يېتەكلەپ ماڭالايدۇ. ئۇنداق بولمىسا يوللىرىدا داۋالغۈش يۈز بېرىپ، تېڭىرقاپ قالىدۇ، نەتىجىدە ئۆزلەشتۈرۈش ۋە تەپەككۇر قىلىش يوللىرى ساغلام بولمايدۇ. شۇڭا شەرىئەت تەپەككۇر قىلىش شەكلىنى ئۆگەنگىلى بولىدىغان مېتود خاراكتېرلىك قائىدىلەرنى ئۆگىنىشكە يۈزلەندۈرگەن.

شەرىئەت مېتود سۈپتىدە بۇيرۇغان قائىدىلەرنىڭ قاتارىدىن«ئېنىقلاش قائىدىسى»دۇر :«ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، ئۇ خەۋەرنى ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار»(ھوجۇرات سۈرىسى،6-ئايەت). بۇ ئايەت خەۋەرنىڭ راست ياكى يالغانلىقى ئايرىلغانغا قەدەر، ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالدىراپ كەتمەستىن، خەۋەرنى تۈرلۈك يوللار بىلەن ئېنىقلاشقا كۆرسەتمە بەرگەن. ھايات پەقەت ھەقىقەت بىلەنلا گۈللىنىدۇ، شۇڭا ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن ئىزدىنىش لازىم.

شەرىئەت بۇيرۇپ كەلگەن مېتود خاراكتېرلىك قائىدىلەرنىڭ قاتارىدىن «رېئاللىق قائىدىسى»دۇر، يەنى ئەقىل ھەقىقەتنى ئىزدەش يولىدا كائىنات ياكى تارىخ ياكى ئىنسان نەپسىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق رېئال ھەقىقەتلەرگە يېتەلەيدۇ. قۇرئان كەرىم ئەقىللەرنى داۋاملىق گەرچە غەيبى ھەقىقەتلەرنى ئىزدەش مەقسەت بولسىمۇ، رېئال كۆرۈنۈشلەرگە قاراپ چىقىشقا بۇيرۇغان: «ئاسمانلار ۋە زېمىنلارنى كۆزىتىڭلار» (يۈنۇس، 101-ئايەت. «زېمىندا تەكشۈرۈش نەزىرى بىلەن ساياھەت قىلىپ، ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ چىقىڭلار» (رۇم سۈرىسى، 42-ئايەت).

 قۇرئان كەرىم رېئال تەپەككۇرىدىن خىيالى تەپەككۇرغا چۈشۈپ قالغانلارنى ئەيىبلىگەن:«بۇ بۇتلار سىلەر ۋە ئاتا بوۋاڭلار ئاتىۋالغان قۇرۇق ناملاردىنلا ئىبارەت، ئاللاھ بۇنى ئىسپاتلايدىغان ھېچ بىر دەلىل-پاكىت چۈشۈرگىنى يوق. ئۇلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ھىدايەت كەلگەن تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ۋە نەپسىلىرىنىڭ خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ»(نەجم سۈرىسى، 23-ئايەت). بۇلار خىيالغا تايانغانلىقى ئۈچۈن خاتا يولغا كىرىپ قالغان. ئەگەر بۇلار كائىناتتىكى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلەر ۋە كائىناتنىڭ ھېكمەتلىرى ھەققىدە رېئاللىق يولى بىلەن مۇلاھىزە قىلغان بولسا، ئاللاھنىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتكە يېتەلىگەن بولاتتى.

شەرىئەت ئەقىلنى توغرا تەپەككۇر يولىغا كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن بۇ مېتود خاراكتېرلىك قائىدىلەرگە رېئايە قىلىشقا بۇيرۇغان، بۇنىڭغا ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش ۋە مۇلاھىزە ئاساسىدا ئۆگىنىش قوشۇلسا، ئۇ چاغدا ئەقىلنىڭ قۇرۇلمىسى بۇ ئۈچ تەرەپلىمىلىك ئۆگىنىش يولى بىلەن پۈتۈپ چىقىدۇ. مانا مۇشۇ باسقۇچتا ئەقىل ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش يولىدا ئىنساننى يېتەكلەش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ. شۇ سەۋەبتىن شەرىئەت ئەقىلنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ دائىرىلەر ئاساسىدا ئۆگىنىشكە بۇيرۇغان.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى