2024-يىل 25-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

نېمە ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش مۇھىم

نېمە ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش مۇھىم

مۇقەددىمە

شەرىئەت بەلگىلىگەن بۈيۈك مەقسەت ۋە غايىلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن بىرلىشىش ۋە تەشكىللىك ئىنتىزام ئىچىدە خىزمەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئېنىق بىر مەسىلە. شۇ سەۋەبتىن ئىسلامدا ئۈممەت، جامائەت، ئىمامەتچىلىك، ۋالىيلىق، ئىمارەت، بەيئەت، كېڭەش، قېرىنداش، ھەمكارلىق، بىر-بىرىگە ئىگە بولۇش، ھەقنى تەڭ تۇتۇپ مېڭىش، ھەقىقەتنى تەۋسىيە قىلىش ۋە ھەق يولىدا دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا تەڭ سەۋر قىلىش…دېگەندەك ئاتالغۇلار كۆپ ئۇچرايدۇ.

بىرلىشىپ ئىنتىزاملىق خىزمەت قىلىش ئىسلامنىڭ بۈيۈك مەقسىتىنى تەتبىقلىغانلىقتۇر، چۈنكى ئىسلامنىڭ ئىبادەت ۋە قانۇن تۈزۈم كۆرسەتمىلىرىنىڭ ھەممىسى بىرلىك ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە ئىجرا قىلىنىدۇ.

ئىسلام دىنى جامائەت نامىزىدىن تارتىپ، كېچىك سەپەردىكى يېتەكچى ۋە دۆلەت رەئىسىنىڭ ھاكىمىغا قەدەر تۈرلۈك ۋاسىتىلار ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكتە خىزمەت قىلىش ئىدىيىسىنى يېتىلدۈرگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن دىنىي، ئەخلاقى ۋە رېئاللىق جەھەتتىن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا شەك يوق. بىراق مۇسۇلمانلار ئىدىيىسىدىكى شەرئى سىياسەت ۋە بىرلىك ئېڭىنىڭ چېكىنىش سەۋەبىدىن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشقا قىزىقمايدىغان ياكى دىققەت قىلمايدىغان كەيپىيات كۆپ ساندىكى بەزى مۇسۇلمانلاردا پەيدا بولۇپ قالغان.

بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇندىن بېرى يۇرتىمىزدا جانلىق پائالىيەت ئېلىپ بارالماسلىقىمىزنىڭ ياكى مۇستەملىكىگە چۈشۈپ قالغان سىياسىي مەسىلىسىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇپ تۈرلۈك ياردەم ئالالماسلىقىمىزنىڭ ياكى ئۆزىمىزنىڭ دەردىنى ئىلمىي پاكىتلىق ھالدا دۇنياغا ئاڭلىتالماسلىقىمىزنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بىر نىشان ۋە بىر مەقسەتتىكى بىرلىك ۋە ھەمكارلىق ھەرىكىتىنىڭ شەكىللەنمىگەنلىكىدە… بىر لىدىرنىڭ يېتەكچىلىكىگە بويسۇنمىغانلىقتا، مىللەت ئېتىراپ قىلىدىغان بىر لىدىر چىقىرالمىغانلىقتا، جامائەتلىشىش ئېڭىنىڭ شەكىللەنمىگەنلىكىدە… ۋەتەن ئىچىدىكى خىزمەتلەر بىلەن چەتئەلدىكى خىزمەتلەر  بۇ ساھەدە كۆپ پەرق ئېتىپ كەتمەيدۇ.

 كومۇنىستلار يۇرتمىزغا كىرگەندىن بۇيان بىر يېتەكچى، بىر لىدەر ئاستىدە بىرلىك خىزمىتىنى شەكىللەندۈرەلمىدۇق. مەدرسىلەر ئايرىم، مەكتەپلەر ئايرىم، ئېقىملار ئايرىم، ئالىملار ئايرىم، زىيالىلار ئايرىم دېگەندەك ھەر بىر ئالىم ياكى ھەر بىر زىيالى يەككە ساھەدە خىزمەت قىلىپ كەلگەن، بىراق بىر مەقسەت ۋە بىر تەشكىل ئىچىدە بىر نۇقتىغا كىلەلمىگەن.

 مىللەتنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش، مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش،  ساغلام جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئالىملار، سىياسىيۇنلار، بايلار ۋە مۇجاھىدلار بىر تۈزۈم ئىچىدە بىرلەشكەندە ئاندىن جەمئىيەت ياكى دۆلەت قۇرغىلى بولىدۇ. بىز ئۇيغۇر خەلقى مۇستەملىكىگە چۈشۈپ قالغانلىقىمىزنى، بۇ مۇستەملىكىنى يامان كۆرمەي قوبۇل قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىمىزنى ۋە بۇنىڭدىن قۇتۇلمىغۇچە ئىنسانى ھۆرمىتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمايۋاتىمىز. كۈچ ۋە تەشكىللىك ھالدا بېسىۋىلىنغان يۇرتىمىزنى پەقەتلا تەشكىللىك كۈچ بىلەنلا قايتۇرۇپ ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلمايۋاتىمىز..

بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىرلىشىپ خىزمەت قىلىش ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈش، بۇنىڭغا ئاكتېپ قاتنىشىش ۋە ئۆزىمىزدىن باشلاپ بىر مەقسەتتىكى ئەۋلادلارنى تەربىيلەش خىزمىتىنى جانلاندۇرۇش كېرەك. ساغلام ئەقىدە، توغرا ئىدىيە، گۈزەل ئەخلاق، ئۆتكۈز ئەقىل، جانلىق ئاڭ-سەۋىيە، كۈچلۈك بىلىم-مەرىپەت ۋە ۋىجدانلىق تەربىيەگە ئىگە ياراملىق ئەۋلاد يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بىرلىك ۋە ھەمكارلىق ھەرىكىتىنى قۇرۇپ چىقىش پەرز. مىللەت خاراكتېرلىك ھەرىكەت شەكىللىنىشتىن ئىلگىرى دەسلەپتە كېچىك دائىرىدىكى ھەرىكەتنىڭ ئۇلىنى سېلىش لازىم، چۈنكى ئوخشىمىغان ئىدىيەدىكى ئىنسانلار ئارىسىدا بىراقلا مىللەت خاراكتېرلىك ھەرىكەتنى قۇرۇپ چىققىلى بولمايدۇ.

(1)

ئىسلام دىنى بىرلىشىپ ئىش-ھەرىكەت قىلىشقا قانداق قارايدۇ؟

ئىسلام شەرىئىتى بىرلىك ۋە كوللېكتىپ ھالدا ھەرىكەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا يېتەكچىلىك رول ئوينىغان. قۇرئان كەرىمدىكى خىتابلارغا قارايدىغان بولساق «ئى مۆمىنلەر» دېگەن ۋە ئۇندىن باشقا كۆپلۈكنى ئىپادىلەيدىغان چاقىرىقلىرى ئارقىلىق كوللېكتىپ ھالدا ئىش-ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان.

مەسىلەن، قۇرئان كەرىم ئال ئىمران سۈرىسىدە ئارقىمۇ-ئارقا كەلگەن ئۈچ ئايەتتە بىرلىشىشكە دەۋەت قىلىغان:«واعتصموا بحبل الله جميعا ولا تفرقوا» قۇرئانغا ھەممىڭلار تەڭ ئېسىلىپ مېڭىڭلار، بۆلۈنۈپ كەتمەڭلار» (ئال ئىمران سۈرىسى، 103-ئايەت). غايە ۋە ئىدىيە بىرلىكى شەكىللەنسە، بۆلۈنۈپ كېتىش يۈز بەرمەيدۇ، شۇڭا ئايەتتە ھەممىڭلار بۇ قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىسىگە تەڭلا ئېسىلىڭلار، دېگەن.

ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئايەتتە ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بىرلىشىش ۋە كوللېكتىپ ھالدا خىزمەت قىلىشقا چاقىرغان:«ولتكن منكم أمة يدعون إلى الخير، ويأمرون بالمعروف وينهون عن المنكر «ياخشىلىققا دەۋەت قىلىش، ياخشى ئىشلارغا يېتەكلەش ۋە يامان ئىشلاردىن توسۇش ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن بىر توپ ئادەم شەكىللەنسۇن»( ئال ئىمران سۈرىسى، 104-ئايەت).

ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئايەتتە نىشان، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە بۆلۈنۈپ كېتىش ۋە پارچىلىنىشتىن ئاگاھلاندۇرغان:«ولا تكونوا كالذين تفرقوا واختلفوا من بعد ما جاءهم البينات وأولئك لهم عذاب عظيم» روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن بۆلۈنۈپ كەتكەن ۋە ئىختىلاپ قىلىشقان كىشىلەردەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ» (ئال ئىمران سۈرىسى، 105-ئايەت).

قۇرئان كەرىم بىرلىشىپ ۋە ئىنتىزام ئىچىدە خىزمەت قىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى سۈپەتلەپ:« إن الله يحب الذين يقاتلون في سبيله صفاً كأنهم بنيان مرصوص» (ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا مۇستەھكەم بىنادەك سەپ بولۇپ جىھاد قىلغانلارنى دوست تۇتىدۇ» (سەپ سۈرىسى، 4-ئايەت). ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلىش، ئىسلامنىڭ پرىنسىپ ۋە مەقسەتلىرىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنى قوغداش، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەلۋەتتە بۈيۈك جىھادتۇر. ئىسلامدىكى جىھادنىڭ مەقسىتىمۇ مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت.

رەسۇلۇللاھنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان ھەدىسلىرىمۇ بەك كۆپ، بىز بۇ يەردە بىر قانچە ھەدىسنى مىسال كەلتۈرىمىز. رەسۇلۇللاھ كوللېكتىپ ئارقىلىق ئىش-ھەرىكەت قىلىشقا قىزىقتۇرۇپ:«(يد الله مع الجماعة) ئاللاھنىڭ ياردىمى بىرلەشكەندە كېلىدۇ»دېگەن(ئىمام مۇسلىم ۋە ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى).

يەنە رەسۇلۇللاھ:«) إياكم والفُرقة، وعليكم بالجماعة) قايسى ساھەدە بولسۇن بۆلۈنۈپ كېتىشتىن ساقلىنىڭلار، كوللېكتىپ ھالدا ياشاڭلار، كوللىكتېپ ھالدا ئىش قىلىڭلار»دېگەن (تىرمىزى رىۋايىتى).

ئىسلامدىكى ناماز، زاكات، روزا ۋە ھەجدىن ئىبارەت ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىسى بىرلىك، ئىنتىزام ۋە ھەمكارلىشىشنى ئىپادىلەيدۇ. دېمەك، ئىسلام كۆرسەتمىسى بىرلىشىپ خىزمەت قىلىش ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە ئىنتىزاملىق ھەرىكەت قىلىش ئىدىيىسىنى ئاللىبۇرۇن تەتبىقلىغان ۋە تەشۋىق قىلغان.

(2)

ھەمكارلىق ۋە ئىنتىزاملىق ھەرىكەت قىلىش پەرز

 

بىرلىشىش ۋە ئىنتىزاملىق ھەرىكەت قىلىش دىننىڭ كۆرسەتمىسى ۋە رېئاللىقنىڭ تەقەززاسىدۇر. دىنىمىز بىرلىشىش ۋە ياخشى ئىشلاردا ھەمكارلىشىشقا بۇيرۇيدۇ. رېئاللىققا قارىساق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلىشىش ۋە بىرلىشىپ ئىش-ھەرىكەت قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئىسلام دىنى چوڭ- كېچىك ھەر قانداق ئىشتا ئىنتىزام ۋە تەشكىللىك ھالدا ئىش-ھەرىكەت قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىدۇ. مەسىلەن، رەسۇلۇللاھ:«ئۈچ ئادەم سەپەرگە چىقىش توغرا كەلسە، يول باشلاش ۋە يېتەكلەش ئۈچۈن بىرنى مەسئۇل قىلىپ سايلىۋالسۇن»(ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى) دېيىش ئارقىلىق ئۈچ كىشىلىك  كېچىك سەپەردىمۇ تەشكىللىك ھەرىكەت قىلىشقا بۇيرۇغانلىقى، جەمئىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق بىر ئىشتا تەشكىللىك ئىش-ھەرىكەت قىلىشنىڭ لازىملىقىغا سىمۋولدۇر.

ئىسلام دەۋىتى ۋە ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ دىننىڭ مەقسەتلىرىنى تۇرغۇزۇش، ئىسلام جەمئىيىتىنى بەرپا قىلىش، ۋەتەننى ئازات قىلىش، مۇسۇلمانلارنى قوغداش ۋە دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيىتى ناھايىتى ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنتىزام ۋە تەشكىللىك ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشى بەك زۆرۈر، شەرئى جەھەتتىن پەرز.

ئىسلامدا دىنى پائالىيەت بىلەن سىياسىي پائالىيەت ئايرىپ قارالمايدۇ، چۈنكى سىياسى پائالىيەت ئىسلامنىڭ بىر قىسمى سانىلىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى شۇكى:«الذين إن مكناهم في الأرض أقامـوا الصـلاة وآتـوا الزكـاة وأمـروا بالمعروف ونهـوا عن المنكـر ولله عاقبة الأمور) بۇ ئايەت نامازدىن ئىبارەت ئىبادەت بىلەن زاكاتتىن ئىبارەت ئىقتسادىي پائالىيەتنى، ياخشى ئىشلارغا يېتەكلەش ۋە يامان ئىشلاردىن توسۇشتىن ئىبارەت سىياسىي پائالىيەتنى بىر بىرىگە باغلاپ بايان قىلماقتا.

بۇ دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كوللېكتىپ ئاساسىدا ئىجرا قىلىنىدۇ. دىننى ئاللاھ بۇيرۇغاندەك ئىجرا قىلىش ئۈچۈن مۇسۇلمان جەمئىيىتىنى تۇرغۇزۇش لازىم، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەمكارلىشىش پەرز. بۇ توغرىدا داڭلىق ئالىم سەئىد ھەۋا مۇنداق دەيدۇ:«بۈگۈنكى كۈنلەردە ئىسلامنىڭ سىياسىي تۈزۈمى تەتبىقلانمىغانلىقى ئۈچۈن، سىياسىي ھەرىكەت قىلىش ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرز ئەينىدۇر، ئىسلامنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن مۇسۇلمانلار مۇھتاج بولىدىغان بارلىق پائالىيەت پەرز، ئۇنداقتا بۇنىڭ ۋاسىتىسى بولغان ئىنتىزاملىق ۋە تەشكىللىك ئىش-ھەرىكەت قىلىش پەرزدۇر».

ھەزرىتى ئۆمەر بىرلىشىپ خىزمەت قىلىش توغرىسىدا مۇنداق دېگەنىكەن :«جامائەت (يەنى بىرلىك) بولمىسا ئىسلام مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، يېتەكچى بولمىسا بىرلىك شەكىللەنمەيدۇ، كىم خەلقىگە بىلىم-مەرىپەت ئاساسىدا ھاكىم بولسا ئۆزى ۋە ئۇلار ئۈچۈن ھاياتلىق بولىدۇ، كىم خەلقىگە بىلىمسىز ھالدا ھاكىم بولۇپ قالسا، ئۆزى ۋە ئۇلار ئۈچۈن ھالاكەت بولىدۇ» (دارىمى رىۋايىتى). چۈنكى سىياسەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، جىھاد ۋە باشقا ئىسلام ئەھكاملىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىجتىمائىي ھاياتقا ۋە بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشقا مۇناسىۋەتلىكتۇر، شۇڭا بىرلىك ۋە ئىنتىزاملىق ھەرىكەت قىلىش مۇھىم.

(3)

ئىسلام خىزمىتى ئىنتىزام ئىچىدە نەتىجە قازىنىدۇ

ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھەرىكىتى بىرلىشىش ۋە ئىنتىزام ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ، بىرلىشىش ۋە ئىنتىزام ئىچىدە ھەرىكەت قىلىش شەرئى سىياسەتتىكى ھالقىلىق مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ:« ﴿أَنْ أَقِيمُوا الدِّينَ وَلَا تَتَفَرَّقُوا فِيهِ﴾ دىننىڭ مەقسەتلىرىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىڭلار، دىندا بۆلۈنمەڭلار»(شۇرا سۈرىسى، 13-ئايەت). بۇ ئايەت دىننى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن كۈچنى بىرلەشتۈرۈش ۋە خىزمەت مەيدانىنى ئىنتىزامغا سېلىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. دىندا بۆلۈنۈشكە بولمايدۇ، دىنغا خىزمەت قىلىش يولىدىمۇ بۆلۈنۈشكە بولمايدۇ. بولمىسا دىننىڭ بۈيۈك مەقسەتلىرىنى رېئاللىققا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.

دىنغا دەۋەت قىلىش، دىننى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈرۈش، دىننى قوغداش مەقسەتلىرى بىر مەقسەت ۋە بىر يېتەكچى ئاستىدا بىرلىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى بىرلىشىپ ئىش قىلىش يۇقىرىقى نىشان ۋە مەقسەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسىدۇر. خىزمەت يولىدا باشباشتاقلىق، ئىتائەتسىزلىك، ھالقىلىق مەسىلىلەردە تالاش-تارتىش قىلىش دىننىڭ مەقسەتلىرىگە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.

 (4)

بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئەدەب-ئەخلاقلىرى

1.بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش كۈچ-قۇۋۋەت مەنبەسىدۇر

بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش كۈچ قۇۋۋەت ۋە رەھمەتتۇر، تالاش-تارتىش ۋە بۆلۈنۈش ئاجىزلىق ۋە ئازابتۇر. قۇرئان كەرىم دىنىمىزنى ۋە مۇسۇلمانلارنى بىرلىشىپ مۇداپىئە قىلىشتا چاقىرماقتا:« ﴿ وَأَعِدُّوا لَهُمْ مَا اسْتَطَعْتُمْ مِنْ قُوَّةٍ ﴾ «كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە بىرلىكتە تەييار ھالەتتە تۇرۇڭلار»(ئەنفال سۈرىسى، 60-ئايەت).

ئاللاھنىڭ ياردىمى بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلغانلارغا مەنسۇپ بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ:« لاتزال طائفة من أمتي ظاهرين على الحق، «مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بىر بۆلەك ئادەملەر(يەنى بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلغان بىر غايىدىكى جامائەتلەر) ھەق ئۈستىدە داۋام قىلىدۇ، باشقىلار ئۇلارنى يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ»دېگەن (ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى).

قۇرئان كەرىم :« وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى «ياخشىلىق ۋە تەقۋالىق بولىدىغان ھەر قانداق ئىشلاردا ھەمكارلىشىڭلار، بىرلىشىڭلار» دەيدۇ (مائىدە سۈرىسى، 2-ئايەت). شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دەۋەتنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈش، مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش ۋە ئاجىزلارغا ياردەم بېرىش..تىن ئىبارەت بۇ يۈكسەك نىشانلار كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ ھەرىكەت قىلمىسا ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

  1. بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش كۈچنى تىجەيدۇ ۋە خىزمەتنى داۋاملاشتۇرىدۇ

 بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلغاندا كۈچ زايە بولۇپ كەتمەيدۇ، خىزمەتلەرنى بۆلۈشۈپ تېز ۋاقىتتا ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولىدۇ، چۈنكى ھەر بىر مۇسۇلمان ئىسلامنىڭ بىر چېگرىسىنى قوغداۋاتقان ئەسكەردىن ئىبارەت. ئىسلامنىڭ ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق، توغرا ئىدىيە، شەرئى سىياسەت، ھالال-ھارام ۋە باشقا كۆرسەتمىلىرى ھىمايە قىلىشقا تېگىشلىك چېگرالاردىن ئىبارەت.

بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش خىزمەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئامىلى سانىلىدۇ، چۈنكى بىرلىشىپ ئىش-ھەرىكەت قىلغاندا ئىشنى ئۈزۈپ قويماي داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ، بىر- بىرىگە ياردەمچى بولىدۇ. يېڭى كادىرلارنى يېتۈشتۈرۈش ئارقىلىق خىزمەتنىڭ داۋاملىشىشغا كېپىللىك قىلغىلى بولىدۇ.

  1. يېتەكچىگە بويسۇنۇپ ئىش قىلىش ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسىدۇر

 قۇرئان كەرىم يېتەكچى ياكى مەسئۇلغا ئىتائەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن:«ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزەڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكى مەسئۇللارغا ئىتائەت قىلىڭلار» (نىسا سۈرىسى، 59-ئايەت).

رەسۇلۇللاھ:«(إذا كنتم ثلاثةً فأمِّروا عليكم أحدكم) ئۈچ ئادەم بىر ئىش قىلماقچى بولساڭلار، بىرىڭلارنى يېتەكچى سايلاڭلار»دېگەن (بەيھەقى رىۋايىتى). دېمەك، بىرلىشىش، ئىنتىزام ئىچىدە ھەرىكەت قىلىش ۋە مەسئۇلغا ئىتائەت قىلىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ كۆرسەتمىسىدۇر.

رەسۇلۇللاھ يېتەكچىگە ئىتائەت قىلىش توغرىسىدا:«كىم ئەمىر (يېتەكچى) گە ئىتائەت قىلسا، ماڭا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ، كىم ئەمىرگە ئاسىيلىق قىلسا ماڭا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ» (بۇخارى رىۋايىتى) دېيىش ئارقىلىق ئىنتىزام، ھەمكارلىق ۋە ئىتائەت ئىچىدە پائالىيەت قىلىشقا تەشەببۇس قىلغان.

رەسۇلۇللاھ، ئىككىنچى قېتىملىق ئەقەبە بەيئىتىدە يېڭى بىر جەمئىيەت قۇرۇش توغرىلۇق شەكىللەنگەن سىياسىي كېلىشىمدە مەسئۇل ياكى يېتەكچىگە ئاسانچىلىق ياكى قىيىنچىلىق ئەھۋاللىرىدىمۇ ئىتائەت قىلىشنى قاتتىق تەكىتلىگەن. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ كۆرسەتمىسىدىن جەمئىيەت قۇرۇش ياكى جەمئىيەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مەسئۇلغا ئىتائەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

دېمەك، ئىسلامغا ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن تەشكىللىنىش كېرەك، تەشكىللەنمىگىچە بىرلەشكىلى بولمايدۇ. تەشكىللىنىشتە مەسئۇل يېتەكچى ۋە ئىتائەت قىلىدىغان ئەزا بولىدۇ، شۇنداقلا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا مەسئۇلىيەت بىلەن مەجبۇرىيەتنى بەلگىلەپ بېرىدىغان ئاساسلىق تۈزۈم بولىدۇ.

  1. بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش قېرىنداشلىق، ھېسداشلىق، كۆيۈنۈش ۋە ئىمانى ئالاقىلارنى كۈچلەندۈرۈشكە سەۋەب بولىدۇ. شەخسى مەنپەئەتىدىن كوللېكتىپنىڭ مەنپەئەتىنى ئۈستۈن كۆرۈشكە، كېڭەش قىلىش ئارقىلىق ھەرىكەت قىلىشقا ۋە بىر سەپ بولۇپ قەدەم بېسىشقا يول ھازىرلايدۇ.
  2. بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ پايدىسى غايە، مەقسەت، پرىنسىپ، ئىدىيە ۋە پىكىر بىرلىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ھەر قانداق بىر ھەرىكەتتە نەتىجە قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى نىشان ۋە ئىدىيە بىرلىكىدىن ئىبارەت.

شۇنداقلا بىرلىك ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە خىزمەت قىلىشنىڭ پايدىسى ئازغۇن ۋە قالايمىقان پىكىرلەردىن ھىمايە قىلىدۇ. مەسىلەن، جىھاد يولىدىكى ئازغۇن ئېقىملار، ئىسلامنىڭ ئىككىنچى مەنبەسى بولغان سۈننەتنى ئىنكار قىلىدىغان ئازغۇن ئېقىملار، ئىسلامنى سىياسەتتىن ئايرىپ قارايدىغان ئازغۇن ئېقىملاردىن ھىمايە قىلىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن بىرلىك ۋە ئىنتىزام ئىچىدە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئەقىدىسى ساغلام، ئىدىيەسى توغرا، مىللەت ۋە ئۈممەتنىڭ غېمىنى يەيدىغان بىرلىكنى تاللاشقا توغرا كېلىدۇ.

  1. بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئەخلاقلىرى

 ئىخلاس، قېرىنداشلىق، ئۆز- ئارا سۆيگۈ-مۇھەببەت، بىر-بىرىگە ئىشىنىش، ئىنتىزامغا رېئايە قىلىش، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، ئۆز-ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىش، ھەمكارلىق ۋە ياردەملىشىش، نەسىھەت قىلىشىش، ئەيىبىنى يېپىش ۋە چىرايلىق تۈزىتىش، ئەپۇچان بولۇش، كەمتەر بولۇش، كەسىپ ئىگىلىرىگە ھۆرمەت قىلىش، ئۆتۈنۈش ۋە ئۆز-ئارا قۇرۇق گەپ-سۆزلەرنىڭ تارقىلىشىغا يول قويماسلىق، يەككە پىكىرىدە مۇستەبىتلىك قىلماسلىق ۋە ئورۇنسىز تالاش-تارتىش قىلماسلىق… تىن ئىبارەت.

  1. ۋەتەن –مىللەت خىزمىتى ھەققىدە بىر ھەدىس

ئىسلام، ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ خىزمىتىگە ئاتلانغان ئادەم قەيەردىن خىزمەت تەگسە شۇ يەردە خىزمەت قىلىدۇ، ئالدى سەپتىن خىزمەت تەگسە ئالدى سەپتە، ئارقا سەپتىن خىزمەت تەگسە، ئارقا سەپتە خىزمەت قىلىدۇ.

رەسۇلۇللاھ:«ئاللاھنىڭ يولىدا خىزمەت قىلىدىغان ئادەمگە مۇبارەك بولسۇن، ئالدىنقى سەپتىن خىزمەت تەگسە شۇ يەردە خىزمەت قىلىدۇ، ئارقا سەپتىن خىزمەت تەگسە، ئۇ يەردە خىزمەت قىلىدۇ» (بۇخارى رىۋايىتى).

ئىخلاسمەن ئادەم مەنسەپ تالاشمايدۇ، مەنسەپكە ئىنتىلمەيدۇ. قەيەردە خىزمەت قىلسا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوخشاش بولىدۇ. لاياقىتى سەۋەبىدىن مەنسەپكە تەلەپ قىلىنسا قوبۇل قىلىدۇ. بولمىسا مۇناسىپ بولغان يەردە ھەمكارلىق ئىچىدە خىزمەت قىلىۋېرىدۇ، خىزمەتتىن باش تارتمايدۇ. بۇ ئادەم پرىنسىپنىڭ شەخسلەردىن مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

ئىستانبۇل

2018، 6- ئاي.