2024-يىل 25-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

كىملىك ۋە كىملىكىمىز ھەققىدە

مىللى كىملىك

 

مىللى كىملىك ھەققىدە توختىلىشتىن ئىلگىرى مىللەت ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇقۇمى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

مىللەت ئۇقۇمى:تىل، دىن، ئىرق، زېمىن، مەدەنىيەت، تارىخ، ئۆرپ-ئادەت ۋە ئورتاق مەنپەئەت بىرلەشتۈرۈپ تۇرغان ئىجتىمائىي بىرلىكتىن ئىبارەت.

ئاللاھ ئىنسانلارنى تۈرلۈك مىللەت قىلىپ ياراتقان، ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك مىللەت بولۇپ يارىتىلىشى تىل ۋە ئىرق ئاساسىدا بولغان. مىللەت دېگەن سۆز شۇنىڭغا ئالاقىدار كىملىك، تىل، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ ئادەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ بىزنى ئۇيغۇر تۈركلىرى كىملىكى بىلەن ياراتقان، ئەڭ ئېسىل ئىنساننى پەقەت تەقۋا بولۇشقا باغلىغان. ئۇنداقتا بىزنىڭ كىملىكىمىز ئۇيغۇر ۋە ئىسلامدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئىككى ئامىل بىر بىرىدىن ئايرىلمايدۇ:«ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېساپلىنىسىلەر» (ھوجۇرات سۈرىسى، 13-ئايەت). بۇ ئايەت مىللەتلەرنىڭ ئوخشىمايدىغان خۇسۇسىيەتلىرىنى ھۆرمەتلەشكە چاقىرغان.

ۋەتەنپەرۋەرلىك: ۋەتەنپەرۋەرلىك شەخسنىڭ جەمئىيىتى ۋە ۋەتىنىگە قارىتا ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى، جەمئىيەتنىڭ پرىنسىپلىرى ۋە قىممەت قاراشلىرىغا رېئايە قىلىشى ۋە ۋەتىنىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەجبۇرىيەت بىلەن ھوقۇقلارنى بىرلەشتۈرۈشكەندە ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن ۋەتەن ئارىسىدا توغرا ئالاقە شەكىللىنىدۇ.

ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپلىرى بولۇپ، بۇلار تىل، دىن، مىللى مەدەنىيەت، تارىخ ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تىل بىلەن دىننى ھەر قانداق ھالەتتە بارلىق سەۋىيە بويىچە قوغداش لازىم. ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان نۇقتىلار تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى، ياشاش ئامىللىرى ۋە سىياسىي ئىستىراتېگىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كىملىك دېگەن نېمە؟

كىملىك دېگەن بىر نەرسىنىڭ ھەقىقىتى ۋە باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ماھىيەت خاراكتېرلىك سۈپەتلىرىدىن ئىبارەت. ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ كىملىكى تىلى، دىنى، ئېتنىكى (ئىرقى)، مەدەنىيىتى، تارىخى، جۇغراپىيىسى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. كىملىك ھەققىدە بىر نوقتىغا كېلەلمەسلىك بىرلىكنى بۆلۈۋېتىدۇ، تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولىدۇ ۋە كۈچنى زايە قىلىۋېتىدۇ.

كىملىكنىڭ ئەقىدە ۋە ئىدىيە بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئىنسان ۋە جەمئىيەتنىڭ شەخسىيىتىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ ۋە قوغداپ تۇرىدۇ. كىملىك يوقالسا باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان خۇسۇسىيەت يوقاپ كېتىدۇ.

بىزنىڭ (يەنى شەرقى تۈركستانلىقلارنىڭ) كىملىكىمىز تۈرك مىللىتى ۋە ئىسلام ئەقىدىسىدە نامايان بولىدۇ. بىزنىڭ مىللى كىملىكىمىز بىلەن ئەقىدە كىملىكىمىز بىر بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. ئۇيغۇرلىقىمىز تۈرك مىللەتلىرىگە تەۋە مىللى كىملىكىمىزنى كۆرسەتسە، مۇسۇلمانلىقىمىز ئېتىقادىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزدە ئۇيغۇر دېمەك مۇسۇلمان دېمەكتۇر، مۇسۇلمان دېمەك ئۇيغۇر دېمەكتۇر. بىزنىڭ تىلىمىز، تارىخىمىز، مەدەنىيىتىمىز ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز ئىسلام بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. بۇ كىملىكىمىزنى قوغداش مىللىي، دىنى ۋە ئەخلاقى مەجبۇرىيەتتۇر.

دېمەك، بىزنىڭ كىملىكىمىز تىل جەھەتتىن ئۇيغۇر تىلى، ئېتنىك جەھەتتىن تۈرك مىللىتى، دىن جەھەتتىن ئىسلام دىنى، مەدەنىيەت جەھەتتىن ئىسلام ۋە ئۇيغۇر تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ بىرلەشمىسىنى كۆرسىتىدۇ.

مىللەتنىڭ تىل، دىن، تارىخ، قانۇن ۋە مەدەنىيىتىنى ياتلاشتۇرۇش ياكى خىتتايلاشتۇرۇش مىللەتنى يوقىتىش، تىنچ ئۆزگەرتىۋېتىش ياكى ئۇزۇن مەزگىللىك مۇستەملىكە قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسى ھېسابلىنىدۇ.

مىللى كىملىك ۋە ئۈممەت ئۇقۇمى:

قۇرئان كەرىمدە ئۈممەتلەرنى باغلاپ تۇرىدىغان ئالاقە تۈرلۈك بولغان. بەزىلىرىنى دىن، ئىش-ھەرىكەت ۋە پوزىتسىيىگە ئوخشاش ئىختىيارى ئىشلار باغلاپ تۇرغان. يەنە بەزىلىرىنى زامان، ماكان، نەسەپ، تىل ۋە مىللەتكە ئوخشاش ئىختىيارلىق بولمىغان تەقدىرى ئىشلار بىرلەشتۈرۈپ تۇرغان.

ئايەتلەردىكى ئۈممەت ئۇقۇمىغا ئاساسەن بىر تىللىق مىللەتلەرنى ئۈممەت دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. مەسىلەن، ئەرەب ئۈممىتى، تۈرك ئۈممىتى ۋە پارىس ئۈممىتى دېگەنگە ئوخشاش. ئۇيغۇرلار (شەرق تۈركستانلىقلارنى)مۇ ئەقىدە ۋە نىشان بىرلىكىگە ئاساسەن ئۈممەت دېيىشكە بولىدۇ، ئۇيغۇرلار ئەقىدە ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋەتەنپەرۋەرلىكى كۈچلۈك بولسا، ئاندىن ئىسلام مەدەنىيەت ۋەتەنپەرۋەرلىكىگە كۈچ قوشالايدۇ. چۈنكى ئۈممەت ئۇقۇمىدىكى ھالقىلىق ئامىل مەقسەت ۋە نىشان بىرلىكىدۇر.

نورمالدا ئۈممەت ئاتالغۇسى بىر ئەقىدە بىرلەشتۈرۈپ تۇرغان مۇسۇلمانلارغا قارىتىلىدۇ، ئىسلام ئۈممىتى ئەقىدە ۋە سىياسىي بىرلىك ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ. مۇسۇلمانلاردىكى بىر ئۈممەت ئۇقۇمى ئەقىدە ئۇقۇمىدىن كەلگەن، ئىسلام جەمئىيەتلىرىگە ئەزا بولۇش ئۇقۇمى سىياسىي ئۇقۇمدىن كەلگەن.

ئىسلام بىرلىكى ياكى ئۈممەت ئۇقۇمى تىل، مىللەت ۋە ئىرق ئاساسىدىكى ئىجتىمائىي بىرلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتمەيدۇ، يەنى ئىسلامنىڭ پرىنسىپلىرىغا قارشى تۇرمىغان مىللەت ياكى ۋەتەن سۆيگۈسىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، سىياسىي ئۈممەت ئۇقۇمى بىلەن ئىجتىمائىي ھادىسە ئۇقۇمىدىكى ئۈممەت ياكى مىللەت ئۇقۇمىنى پەرقلەندۈرۈش مۇھىم.

مىللەت ئۇقۇمىنى ياكى مىللىيلىكنى ئەقىدىگە ئايلاندۇرۇش خاتا بولغاندەك، مىللەت ئۇقۇمىنى ياكى مىللىيلىكنى ئىنكار قىلىشمۇ خاتا سانىلىدۇ، مىللىيلىكنى ئىنكار قىلىش قۇرئان كەرىم بىر قانچىلىغان ئايەتلەردە ئېتىراپ قىلغان ئىجتىمائىي ھادىسە بىلەن ئىسلامنى سوقۇشتۇرۇپ قويىدىغان مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چۈنكى مىللىيلىك بىز ئارلىشالمايدىغان ئىجتىمائىي ۋە تىل ھادىسىدىن ئىبارەت.

بۇ يەردە ئىككى تۈرلۈك مىللەتچىلىك ئۇقۇمى بار ئۇنى ئايرىپ چۈشىنىش لازىم. بىرى، ئىجتىمائىي ۋە تىل بىرلىكى خاراكتېرىنى كۆرسەتكەن مىللەت تەۋەلىكى بولۇپ، ئىسلام بۇنى ئېتىراپ قىلىدۇ. يەنە بىرى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى پاسسىپ كۆرۈنۈش سۈپىتىنى تەمسىل قىلغان مۇتەئەسسىپ مىللەتچىلىك بولۇپ،  ئىسلام ئۇنى رەت قىلىدۇ. مەسىلەن، ناتسىزم، فاشىزم ياكى ئىلمانىزمغا ئوخشاش ئەقىدىنىڭ ئورنىغا چۈشۈرۈلگەن مىللەتچىلىك چەكلىنىدۇ.

كمىلىك ئامىللىرى

  1. ئۇيغۇر تىلى ۋە كىملىك

ئۇيغۇر تىلى شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ خاتىرىسى، مەدەنىيەت مىراسى ۋە قىممەت-قاراش ئامبىرى، تەرەققى قىلىش ۋاسىتىسى ۋە ئالاقە ۋاستىسىدىن ئىبارەت. تىل تارىختىن بىرى بىزنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرغان ئامىللارنىڭ بىرىنچىسى سانىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش مىللەتنىڭ كىملىكى، مەۋجۇتلۇقى، دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغدىغانلىقتۇر، چۈنكى ئاللاھ ئىنسانغا دەسلەپتە تەپەككۇر قىلىش ۋە ئالاقىلىشىش ۋاستىسى سۈپىتىدە تىلنى ئۆگەتكەن:«ئاللاھ ئادەمگە ئىسىملارنىڭ ھەممىسىنى ئۆگەتكەن» (بەقەر سۈرىسى، 31-ئايەت) بۇ ئايەت ئىشارەت قىلغان ئىسىملار تىلنى كۆرسىتىدۇ.

دېمەك، تىل مىللەتنىڭ روھى ۋە ھاياتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. تىل جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى، تۇيغۇسى ۋە مەدەنىيەت بىرلىكىنى باغلاپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن مىللەتلەر سىياسەتتىن ئىلگىرى ئانا تىل ئارقىلىق قوغدىلىنىشنى تاللايدۇ. تىلىنى يوقاتقان مىللەت مىللى كىملىكىنى يوقىتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلايدۇ.

بىر مىللەتنىڭ ئانا تىلىنى چەكلەش ۋە مىللى مەدەنىيىتىگە تاجاۋۇز قىلىش مەدەنىيەت قىزغىنچىلىقى سانىلىدۇ. بىر مىللەتنى ئانا ۋەتىنىدىن باشقا يۇرتلارغا مەجبۇرى كۆچۈرۈۋېتىش ئىرقى قىرغىنچىلىق ھېسابلىنىدۇ.

  1. دىن ۋە كىملىك:

دىن مىللىي بىرلىكنى يارىتىدىغان ۋە مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھىمايە قىلىشتا رول ئوينايدىغان ئامىللارنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن سانىلىدۇ. دىنى ئەقىدە مىللەت، ۋەتەن ۋە مەدەنىيەتنى قوغداشتا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار
(يەنى شەرقى تۈركىستانلىقلار) ئىسلام دىنىمىز بولمىغان بولسا خېلى بۇرۇنلا كۆپ نەرسىلەرنى يوقىتىپ بولغان بولاتتۇق، مىللىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ تۇرغان ئەڭ كۈچلۈك ئامىل ئىسلام ئېتىقادىمىزدۇر.

ئەقىدە ۋە پرىنسىپ بولمىسا جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، مەدەنىيەت ۋە تارىخ بولمىسا ۋەتەننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، تۈزۈم ۋە قىممەت قاراش بولمىسا مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئېتىقادقا ئىگە بولمىغان بىرەر جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇت بولىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.

ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مىللى مەدەنىيىتىنى قوغدىشى تەبىئى ھەققىدۇر، باشقىلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى بىكار قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى تېڭىشقا ئۇرۇنۇش ئەڭ خەتەرلىك مەدەنىيەت ھۇجۇمى ھېسابلىنىدۇ.

دىن ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك بىر بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، دىنىنى سەمىمىي سۆيگەن ئىنسان ۋەتىنىنى سەمىمىي سۆيىدۇ، چۈنكى ئىسلام ۋەتەن سۆيگۈسىنى ئىنسان خاراكتېرىدىكى تەبىئىي تۇيغۇ دەپ قارايدۇ. ۋەتەن ئىسلام دىيارىغا ئايلانغان كۈندىن تارتىپ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن ئىسلام بىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. ئىسلام ۋەتەنپەرۋەرلىكنى خەلقلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى، ۋەتەننى ھىمايە قىلىشنى مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى قىلىپ بەلگىلىگەن.

  1. تارىخ ۋە كىملىك:

تارىخ ئۆتمۈشنىڭ سىياسىتى بولسا، ھازىرنىڭ سىياسىتى كەلگۈسىنىڭ تارىخى بولغانلىقى ئۈچۈن تارىختا نۇرغۇن ئىبرەت ۋە ساۋاقلار يوشۇرۇنغان بولىدۇ، چۈنكى تارىخ پۈتۈن بىر ئەۋلادنىڭ ئەقىل نەتىجىسىدۇر. تارىخ مىللەتكە كىملىكىنى ئەسلىتىدۇ، مىللەتنىڭ ئۇيقۇسىنى ئاچىدۇ ۋە تۇيغۇ بىرلىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

تارىخ مىللەتلەرنىڭ ئەينىكى بولۇپ، مىللەتنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان، ھازىرنى تەرجىمە قىلىپ بېرىدىغان ۋە كەلگۈسىگە يول كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇنى ھىمايە قىلىش ۋە ئۇنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا توغرا يەتكۈزۈش لازىم. قۇرئان تارىخنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلىپ: «ئۇلارنىڭ قىسسىلىرىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىبرەت بار»دەيدۇ (يۈسۈپ، 111-ئايەت).

تارىخىنى ياخشى ئوقۇيالمىغان مىللەتلەر ھازىرنى ياخشى يېتەكلىيەلمەيدۇ ۋە كەلگۈسىنى ئۈنۈملۈك تۈزۈپ چىقالمايدۇ. تارىخىنى ئەينەن ساقلاپ قالالمىغان مىللەتلەر مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمايدۇ، مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى تارىخىدا ئەكىس ئېتىدۇ، مىللەت تارىخى بىلەن تېرىلىدۇ ۋە تارىخىنىڭ يوقىلىشى بىلەن يوقىلىدۇ.

تارىخ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن دۈشمىنىمىز تارىخنى ساختىلاشتۇرۋاتىدۇ ۋە تارىخى ھەقىقەتنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ، كۆپلىگەن ھەقىقەتلەرنى بۇزۇۋاتىدۇ ۋە تارىخنى ئۆزلىرىنىڭ مەقسىتىگە ئۇيغۇن ھالدا ئويدۇرۇپ يېزىپ چىقىۋاتىدۇ.

مەدەنىيەت ۋە كىملىك

مەدەنىيەت مىراسى دېگەن بىزگە يېتىپ كەلگەن دىن، ئەخلاق، تىل، بىلىم-مەرىپەت، ئەدەبىيات، تارىخ، فولكلور ۋە مېمارچىلىققا ئائىت مىراسلاردىن ئىبارەت. مىللەتنىڭ مەدەنىيەت مىراسى ئەقىدە ۋە ئىدىيەسىنىڭ مېۋىسى، ئەقلى ۋە روھى كۈچىنىڭ نەتىجىسى سانىلىدۇ. مىللەتنىڭ مەدەنىيەت مىراسى مىللەتنىڭ كىملىكىنى ئىپادىلەشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاسىتىسىدىن ئىبارەت.

بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت مىراسى بولمىسا كىملىكى بولمايدۇ، كىملىك ئۈستىگە قۇرۇلمىغان مەدەنىيەت مىراسى مەدەنىيەت سانالمايدۇ. بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت مىراسى بىلەن كىملىكى بىر بىرىدىن ئايرىلمايدۇ.

ئىسلام دىنى تەۋھىد ئەقىدىسى ۋە دۇنيا كۆز قاراشلىرىغا زىت كەلمىگەن ئاساستا مىللەتلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى، مەدەنىيەتلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ، چۈنكى مەدەنىيەت خاسلىقى بىر جەمئىيەتنىڭ ئەسىرلەر بويى توپلىغان تەجرىبىسىنى تەمسىل قىلىپ بېرىدۇ.

ھەر قانداق بىر مەدەنىيەتنىڭ روھى تىل، دىن، قىممەت قاراش ۋە ئۆرپ- ئادەتلەردىن ئىبارەت. بۇ ئامىللارنى قوغدىغاندا مەدەنىيەت كىملىكىنى قوغدىغىلى بولىدۇ. ئەپسۇسكى بىزنىڭ كىملىكىمىز ناھايىتى ئېغىر خەتەر ۋە تەھدىتىلەرگە دۈچ كەلمەكتە. دۈشمەنلىرىمىز بۈگۈن ۋەتەن ۋە مىللىتىمىزنىڭ روھى ۋە مەدەنىيەت كىملىكىمىزنى يوقىتىپ تاشلاپ، باشقىچە كىملىك پەيدا قىلىشقا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلماقتا. بىز بىلەن مەدەنىيەت مىراسىمىزنىڭ ئارىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، بىزنى تارىخسىز ۋە مەدەنىيەتسىز قالدۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. تىلىمىز، ئەقىدىمىز، مەدەنىيەت مىراسىمىز ۋە تارىخىمىزغا جەڭ ئېلان قىلماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن مەدەنىيەت مىراسىنى قوغداش دىنى ۋە مىللىي جەھەتتىن بىزگە تاپشۇرۇلغان ئامانەت ۋە مەجبۇرىيەت. بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى يىقىتىپ تاشلاش ئەڭ چوڭ جىنايەت ھېسابلانسا، ئۇنى قوغداش بۈيۈك مەسئۇلىيەت ۋە ۋاجىپ ھېسابلىنىدۇ.

  1. كىملىك ۋە ئۆرپ ئادەت

ئۆرپ-ئادەتلەر ئاتا بوۋىلاردىن قالغان مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ، مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداپ تۇرىدىغان ئاساسلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆرپ ئادەتلىرى بولىدۇ.دۇنيادىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ كىيىم-كېچەك پوسۇنلىرى، يېمەك-ئىچمەك شەكىللىرى، مھېماندارچىلىق تۈرلىرى، توي-تۆكۈن ئادەتلىرى، قۇرۇلۇش نۇسخىلىرى، ئەدەبىيات، گۈزەل سەنئەت، تۈرلۈك بايرام ۋە باشقا ئىشلاردا ئۆزلىرىگە خاس ئۆرپ-ئادەتلىرى بولىدۇ.

ئىسلامنىڭ مەقسىتى باشقا مىللەتلەرنى ئەرەبلەشتۈرۈش ئەمەس، ئىسلام مۇسۇلمان بولغان مىللەتلەرنىڭ كىملىكى، مىللى مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى بىكار قىلىۋەتمىگەن ياكى ئۆزگەرتمىگەن ياكى يوق قىلىۋەتمىگەن. بەلكى مىللى كىملىكنى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ئامىل سۈپىتىدە ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلىشقا تەشەببۇس قىلغان. مىللەتلەرنىڭ تىللىرىنىڭ ئوخشىمىغانلىقى مىللەتلەرنىڭ مىللى كىملىكىنىڭ ئوخشىمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ مىللەت كىملىكىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، مىللىي كىملىك ئەينەن كىملىك ھالىتىدە قالىدۇ. مەسىلەن، ساھابىلەردىن سەلمان پارىس كىملىكىنى، سۇھەيب رۇم كىملىكىنى، بىلال ھەبەش كىملىكىنى ساقلاپ قالغان. ئىسلامنىڭ كىملىكى ئەرەب بولۇشنى كۆرسەتمەيدۇ، ئەرەبچە كىيىم-كېيىشنى تەقەززا قىلمايدۇ، ئەرەبچە سۆزلەشنى تەلەپ قىلمايدۇ، ئەرەبلەرنىڭ تامىقىنى يېيىشنى مەقسەت قىلمايدۇ… ئىسلامنىڭ كىملىكى ئەقىدە، شەرىئەت، ئەخلاق، پرىنسىپ ۋە كۆرسەتمىلىرىدىن ئىبارەت. ئىسلام دىنى ئوخشىمايدىغان تىل ۋە پەرقلىق مەدەنىيەتتىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىدۇر.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

ئىستانبۇل

2018- يىلى، 6-ئاي.