2024-يىل 25-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

جەمئىيەتنىڭ بىلىملىك سەرخىللىرى

جەمئىيەتنىڭ بىلىملىك سەرخىللىرى

 

مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ھەرىكىتىدىكى گۈللىنىش ياكى چېكىنىش ھەرىكىتىنى سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىلمىي جەھەتتىكى بىلىملىك سەرخىللار يېتەكلەپ ماڭىدۇ. ئۇلار يا تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە يېتەكلەپ ماڭىدۇ ياكى ۋەيران بولۇش ۋە چېكىنىشكە قاراپ باشلاپ ماڭىدۇ.

بىلىملىك سەرخىللار نەزەرىيەسىنى جەمئىيىتى ئاساسىدا تۈزۈپ چىقىدۇ، جەمئىيىتىنى ئارقىدا قېلىش ھالىتىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. بىلىملىك سەرخىللار ھوقۇق-مەنسەپكە ئىنتىلمەيدۇ ياكى مۇئەييەن سىياسەتنى تېڭىشقا ئۇرۇنمايدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئويغىنىش پىكىرلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە مىللىتى ياكى ئۈممىتىنى بىرلەشتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىدۇ.

جەمئىيەتتىكى كېسەللەرنى تەدرىجى تەربىيە يولى ياكى ئىدىيە ئىنقىلابى ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ. جەمئىيەتنىڭ پسىخىكىسىنى ۋە پاسسىپ ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بىردىن بىر يول تەلىم-تەربىيە يولىدۇر. جەمئىيەتتە تەلىم- تەربىيە يولى ئارقىلىق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش ئەڭ توغرا يول سانىلىدۇ.

 مىللىتىمىز بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئويغىنىش يولىنى ئىزدىمەكتە، مىللەت بۈگۈنكى كرىزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىلىملىك سەرخىللارغا بەك مۇھتاج. ئويغىنىش ھەرىكىتىنى رېئاللىققا ئاشۇرىدىغان ۋە بىزنى پاسسىپ ۋەزىيەتتىن قۇتقۇزىدىغان بىلىملىك سەرخىللارنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە بىر ئاز توختىلىمىز.

1.مەدەنىيەت جەھەتتىن ئارقىدا قېلىش مەسىلىسى

تارىخقا قارايدىغان بولساق، جەمئىيەتلەر تارىخىدىكى بۈيۈك ئۆزگىرىشلەر دائىم ئۆزلۈكىدىن ئۆزگىرىش بايرىقىنى كۆتۈرگەن، يېڭى پىكىر ۋە يېڭى پروگراممىنى ئاساس قىلىپ ماڭىدىغان، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى مېتودغا ئىگە كىشىلەر ئارقىلىق بولىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. پەيغەمبەرلەر، بۈيۈك پىكىرلەر ۋە مەدەنىيەت ياراتقان مىللەتلەر تارىخىغا قارايدىغان بولساق، بىر بۆلەك كىشىلەر ئۆز قەۋمىدە ئۆزگىرىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان ۋە ھايات ئۈچۈن يېڭى مېتود شەكىللەندۈرگەن. دېمەك، يېتەكچىلىك قىلىش مەسىلىسى بىلىملىك سەرخىل كىشىلەرگە باغلىقتۇر.

 قۇرئان كەرىمنىڭ ئىپادىسىدە سەرخىللىق ياكى يېتەكچىلىك مەسىلىسى توغرا كۆز قاراش ۋە ئومۇميۈزلۈك تەسەۋۋۇر شەكىللەندۈرۈشتىكى مەركىزى مەسىلىدۇر. بۇلار مىللىتىنى زۇلۇم ياكى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىرىدىغان مېتود ياكى يول خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىدۇ. بۇنىڭغا كۆرە بىر مىللەتنىڭ ئاساسلىق مەسىلىسى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقچى بولغان يېتەكچىلەرنىڭ تۈرى، ئۇلارنىڭ ئاڭ-سەۋىيىسى، رېئاللىقنى ئۆزلەشتۈرەلىشى، تەسەۋۋۇرىنىڭ ئېنىقلىقى ۋە مۇكەممەل ئۆزگەرتىش مېتودىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا باغلىقتۇر.

  1. بىلىملىك سەرخىللار ئۈمىد ۋە رېئاللىق ئارىسىدا

بىلىملىك سەرخىللاردىن مەقسەت جەمئىيەتنى يېتەكلەپ ماڭالايدىغان  ئالىملار ۋە بىلىملىك كىشىلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. چۈنكى مىللەتنىڭ كەلگۈسى يول تېپىپ چىقالايدىغان، تارىخ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشتە ئىلغار پىكىر قىلالايدىغان، ئۆتكۈر پىكىرلىرى بىلەن يولنى يورۇتۇپ بېرەلەيدىغان، مىللەتنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان ۋە ئۇلارنى توغرا يۆنىلىشكە يۈزلەندۈرەلەيدىغان،   كەلگۈسى ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ چىقالايدىغان، زىياننى ئازايتالايدىغان ۋە كىملىك پرىنسىپىنى ھىمايە قىلالايدىغان يېتەكچىلەرگە باغلىق بولىدۇ.

ئەپسۇسكى بۈگۈنكى بىر قىسىم بىلىملىك سەرخىللار ياكى بىلىملىك زىيالىيلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى مىللەتنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەكىس ئىتەلمەيۋاتىدۇ، قىممەت قاراشلىرىغا ۋەكىللىك قىلالمايۋاتىدۇ ۋە مىللەتنىڭ يۆنىلىشىنى توغرا يۆنىلىشتە يۈزلەندۈرەلمەيۋاتىدۇ. بەلكى بەزى بىلىملىك زىيالىيلار ياكى پىكىر ساھىبلىرى جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي قىممەت قاراشلىرى بىلەن ماسلىشالمايۋاتىدۇ، بۇ سەۋەبتىن جانلىق ئىجتىمائىي پائالىيەت قىلمايۋاتىدۇ، بەزىلىرى ئۆزلىرى تەۋە بولغان جەمئىيەتكە يات ئېقىملارنى بازارغا سېلىۋاتىدۇ.

بىر قىسىم بىلىملىك زىيالىيلار ياكى ئالىملار ياكى بىلىم ئادەملىرى جەمئىيەتنىڭ كرىزىستىن قۇتۇلۇشىغا ياردەمچى بولۇشنىڭ ئورنىغا، جەمئىيەتتە پارچىلىنىش پەيدا قىلماقتا، ئۆلۈك پىكىرلەر ياكى ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدىيە بۆلۈنۈشى شەكىللەندۈرمەكتە. جەمئىيىتىمىزدە ئىسلام كىملىكىمىزگە ھۇجۇم قىلىدىغان، قىممەت قاراشلىرىمىزنى ئەيىبلەيدىغان، دىنى ۋە مىللى بىرلىكىمىزنى بۆلىدىغان سىرتتىن كەلگەن ھەر تۈرلۈك ئۆلۈك پىكىرلەر قاينىماقتا.

  1. بىلىملىك سەرخىللار ۋەھىينىڭ كۆرسەتمىسىگە مۇھتاج

جەمئىيىتىمىزدىكى بىلىملىك سەرخىللار ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار بىلەن ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان دائىرىلەرنى پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىشى، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە رېئايە قىلىشى ۋە مىللەتنىڭ ئاساسلىق مەنپەئەتىنى چىقىش ئاساسىدا يېڭىلىق يارىتىشى لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكى بىلىملىك سەرخىللار پوزىتسىيىلىرىنى مىللەتنىڭ پرىنسىپلىرى ۋە كىملىكىگە ئۇيغۇن شەكىللەندۈرۈشى، پرىنسىپلىرىدا ئېنىقسىزلىق پەيدا قىلماسلىقى كېرەك.

  1. بىلىملىك سەرخىللار، ئىزدىنىش ۋە مۇقىم قىممەت قاراشلار ئارىسىدا

بىلىملىك سەرخىللار قۇرئان ۋە سۈننەتتە ئىسپاتلانغان مۇقىم قىممەت قاراش ئاساسىدا كەڭرى ئىزدىنىش ئېلىپ بارسا بولىدۇ، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تەجرىبىسى يەكۈنلىگەن پايدىلىق پىكىر، كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتتىن پايدىلانسا بولىدۇ.

شۇنداق بولغاندا ئىزدىنىش ۋە پىكىرلىرىمىزدە پرىنسىپال قىممەت قاراشلاردىن بۇرۇلۇپ كېتىش ئەھۋالىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، چۈنكى قۇرئان كەرىم ھەر قانداق پىكىرنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. شۇنداقلا دەۋرگە ماسلىشىشتىن ئارقىدا قېلىش خەتىرى يۈز بەرمەيدۇ، چۈنكى تۈرلۈك تەجرىبىلەرگە ئېچىلىش مىللەتنىڭ تەجرىبىسىنى كۈچلەندۈرىدۇ، توغرا ۋە خاتالىق تۇيغۇسىنى جانلاندۇرىدۇ.

دېمەك، مىللىتىمىزدىكى بىلىملىك سەرخىللار ئومۇمىي ھەرىكەت پرىنسىپى ۋە قىممەت قاراش بەلگىلەش، شۇنداقلا جەمئىيەت ھاياتىدا بۇ قىممەت قاراشلارنىڭ مەقسەتلىرىنى رېئاللىققا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەمەلىي تەدبىر-چارىلەرگە ئىگە مېتودنى بەلگىلەش ئارقىلىق ئېنىق كۆز قاراش قۇرۇپ چىقالمىسا، مىللىتىمىز ئۇزۇن زامان ھازىرقى خاپىلىق ۋە كرىزىستىن قۇتۇلالمايدۇ.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي

2018-08-03 كۈنى

ئىستانبۇل