2024-يىل 20-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

مەسئۇلىيەت بىلىملىك كىشىلەرنىڭ ئۈستىدە

مەسئۇلىيەت بىلىملىك كىشىلەرنىڭ ئۈستىدە

 

نەزەرىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا تارىختىن بىرى قانداقلىكى بىر مىللەت ياكى بىر بۆلەك ئىنسانلارنىڭ يېتەكچىسىز نەتىجە قازىنالمايدىغانلىقى ئەقلى ۋە نەقلى جەھەتتىن ئېنىق بولغان بىر مەسىلىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەتلەر بىرەر ھەرىكەتنى يوقاتماقچى بولسا خەلقنى بىر پۈتۈن پالىمايدۇ ياكى بىر پۈتۈن تۈرمىگە تاشلىمايدۇ، بەلكى يېتەكچىلەرنى تۈرمىگە تاشلاش بىلەن كۇپايىلىنىدۇ.

ئەمەلىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆزگەرتىش ياكى ئىسلاھات ئېلىپ بارماقچى بولغان ھەرىكەتلەر بىرەر ئۇچقۇنغا مۇھتاج بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەر قانداق بىر جەمئىيەتتە ئۇچقۇن يوق ئەمەس، تېپىلىپ تۇرىدۇ. بىراق ئۇ ئۇچقۇننى ئۆچۈرۈپ قويماي پايدىلىنىش مەسىلىسى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

خەلقنىڭ سىياسىي ۋە ئىدىيە جەھەتتىكى بىلىملىك سەرخىللىرى بولىدۇ، سىياسىي ۋە ئىدىيە جەھەتتىكى بىلىملىك سەرخىللىرى خەلقلەرنى يېتەكلەش ۋە ھەرىكەتلەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىگە ئىگە. مىللەتنىڭ ھەرىكەتلىنىشىدىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيەت سىياسىي ۋە ئىدىيە يېتەكچىلىرىگە يۈكلىنىدۇ.

 سىياسىي ۋە ئىدىيە يېتەكچىلەرنىڭ بەزىسى مۇستەقىل ئىدىيەگە ئىگە بولالماسلىق سەۋەبىدىن، مىللەتنىڭ كىملىكىگە ۋەكىللىك قىلمايدىغان كوممۇنىزم ياكى باشقىچە ئىدىيەلەرنى بازارغا سېلىش بىلەن مەشغۇل بولغان، بەزىلىرى مىللەتكە قىلچە مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيدىغان جەڭ مەيدانلىرىدا مىللەت ياشلىرىنى دۇنيا ئىستىخباراتىنىڭ جەڭلىرىگە سېلىپ بەرگەن، يەنە بەزىلىرى مۇجتەھىد ئىسلام ئالىملىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى تەمسىل قىلمايدىغان رادىكال قاراشلىرى بىلەن خەلقىمىزنى بۆلۈپ قايمۇقتۇرغان، يەنە بەزىلىرى ھازىر دېگەن ئەقىل دەۋرى، دىن دېگەن خۇراپات دېيىش ئارقىلىق مىللەتنى بىر پۈتۈن ئەقىل دوختۇرخانىسىغا كىرىشكە تەشەببۇس قىلماقتا. دېمەك، ھەر ساھەدىكى بىر قىسىم سەرخىللار ھازىرقى خاپىلىقنىڭ تۈپ سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ.


 

بىلىملىك كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى

 

زىيالىي دېمەك بىلىملىك كىشى دېمەكتۇر. دىنىمىزدا، قىممەت قارىشىمىزدا ۋە مەدەنىيىتىمىزدە بىلىملىك كىشى پەننى زىيالىي ۋە دىننى زىيالىي دەپ ئايرىلمايدۇ، بەلكى زىيالىي مۇسۇلمان ياكى بىلىملىك مۇسۇلمان ياكى بىلىملىك كىشى دەپ ئاتىلىدۇ.

بىلىملىك كىشى دېگەن پىكىرى ئۆتكۈر، ئەقلى سۈزۈك، كۆز-قاراش ۋە نەرسىلەرگە باھا بېرىشتە مۇستەقىل قاراشقا ئىگە بولىدۇ، لوگىكىغا ئۇيغۇن تەپەككۇر قىلىدۇ، دۇنيانىڭ ئىشلىرى ۋە دەۋرنىڭ بىلىم-مەرىپەتلىرىدىن خەۋەردار بولىدۇ.

بىلىملىك كىشى دېگەن مىللىتىنىڭ كىملىكىنى قوغدايدۇ، قىممەت قارىشىنى ھىمايە قىلىدۇ. مىللىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي، پىكرى ۋە ئىلمىي ئېقىملارنى ياخشى ئۆزلەشتۈرىدۇ، رېئاللىقنى چۈشىنىدۇ، ھېسسىياتقا بېرىلمەيدۇ، بەلكى ئىلمىي ۋە پىكرى دائىرە ئىچىدە ئاڭلىق ۋە نىشانلىق ھەرىكەتلىنىدۇ.

ھەر مىللەتنىڭ زىيالىيلىرى ياكى بىلىملىك ئادەملىرى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ چۈشكۈنلىشىشىدىكى ئاساسلىق ئىللەتلىرىنى تېپىپ چىقىدۇ، غەپلەتكە چۆمگەن جەمئىيەتنى يامان ئاقىۋەتلەردىن ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە ھەل قىلىش چارىسى ھەققىدە ئىزدىنىدۇ.

بىلىملىك زىيالىي ياكى بىلىملىك كىشى مىللەتنىڭ كىملىكىنى قوغداش ئارقىلىق مىللەتنىڭ بۇلىقى، ۋەتەننىڭ بايلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ تۈۋرۈكى ھېسابلىنىدۇ. مىللەت بىلىملىك زىيالىسى ئارقىلىق بىرلىشىدۇ ۋە ئورنىدىن دەس تۇرالايدۇ، ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى سەۋەبىدىن مىللەت چېكىنىدۇ، ئۇنىڭ خىزمەت مەيدانىغا چىقمىغانلىقى سەۋەبىدىن بىلىمسىز نادانلار جەمئىيەتنى قالايمىقان قىلىدۇ ياكى مىللەتنى خاتا يولغا باشلاپ ماڭىدۇ. جەمئىيىتى دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئىسلاھ قىلىشتىن قاچىدىغان ياكى كۆڭۈل بۆلمەيدىغان زىيالىيلاردىن پايدا كەلمەيدۇ.

بىلىملىك زىيالىي ياكى بىلىملىك كىشىنىڭ ئەڭ بۈيۈك مەسئۇلىيىتى مىللىتىگە بىلىم-مەرىپەت ۋە ئاڭ-سەۋىيە تەقدىم قىلىشتۇر، مىللىتىنىڭ يۆنىلىشنى بەلگىلەپ بېرىشتۇر، جەمئىيەتكە ھەرىكەت قىلىش يولىنى كۆرسىتىش ۋە نىشان تەقدىم قىلىشتۇر.

ئىسلام جەمئىيەتلىرىدە ياشايدىغان بىلىملىك زىيالىي جەمئىيەتنىڭ قىممەت قاراشلىرى بىلەن زىتلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىسلامنى چۈشىنىشىكە مۇھتاج بولىدۇ. بىلىملىك زىيالىي جەمئىيەتنى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان دىننى چۈشىنىشكە سەل قارىسا، جەمئىيەت ئۇ چاغدا ئۇنىڭ قاراشلىرىغا ۋە مەسئۇلىيەتلىرىگە پەرۋا قىلمايدۇ. بىلىملىك زىيالىيلار دىندار مىللىتىگە قارىتا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىمۇ دىندار بولىشى لازىم. ئىسلام ئەقىدىسى ۋە ئىدىيىسى كۈچلۈك بولغان بىر جەمئىيەتتە بىلىملىك زىيالىيلار ئۆزلىرىنى ئويۇنخانا ۋە قەھۋەخانىلاردا توپلىنىدىغان بىلىملىك كادىر سۈپەتكە ئوخشىتىپ قويماسلىقى كېرەك.

بىلىملىك زىيالىينىڭ ئۆز جەمئىيىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشى چوڭ خاتالىقتۇر ۋە مىللەتكە نىسبەتەن ئېغىر زىياندۇر. چۈنكى زىيالىي بىلىم-مەرىپەتتە يۇقىرى سەۋىيىگە يەتسىمۇ، ئۆز جەمئىيىتىدىن ئايرىلىپ قالسا، جەمئىيىتى چۈشكۈنلىكتىن قۇتۇلالمايدۇ.

بىلىملىك زىيالىي بولۇشنىڭ ئاساسلىرى

1.بىلىملىك زىيالىي بولۇشنىڭ دەسلەپكى ئاساسىي ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋرنىڭ خاراكتېرىنى ياخشى چۈشىنىشتىن ئىبارەت. مۇسۇلمان زىيالىيغا نىسبەتەن ئىسلامنى بىلمەسلىك بىر مۈشكۈل بولسا، دەۋرنى چۈشەنمەسلىك يەنە بىر مۈشكۈلدۇر، چۈنكى دەۋر ياكى رېئاللىقنى ياخشى چۈشەنمىگەن مۇسۇلمان ئىسلامنى جەمئىيەتكە توغرا ئۇيغۇنلىيالمايدۇ.

2 بىلىملىك زىيالىي ئومۇمىي تەسەۋۋۇرغا يېتىش ئۈچۈن چوڭقۇر تەپەككۈرگە ئىگە بولۇپ، سەۋەبنى نەتىجىگە باغلىيالايدۇ، تەسەۋۋۇرلىرىنى باشقىلارنى قانائەتلەندۈرەلەيدىغان ئۇسۇل بىلەن ئورتىدا قويالايدۇ ياكى ئىجرا قىلىش باسقۇچىغا كۆتۈرەلەيدۇ.

3.بىلىملىك زىيالىي ئىدىيە قەيسەرلىكى بىلەن سۈپەتلىنىدۇ، ئاڭلىغان نەرسىنىڭ ھەممىسىگە قايىل بولمايدۇ، خەلق ئاممىسىغا ئوخشاش تەييار پىكىرلەر بىلەن كۇپايىلەنمەيدۇ، بەلكى تەكشۈرىدۇ، تەھلىل قىلىدۇ ۋە تەنقىدىي قاراشتا بولىدۇ. ئۇ بارلىق سۈيۈقلۇقنى سۈمۈرىدىغان بۇلۇتقا ياكى ئاڭلىغان نەرسىنىڭ ھەممىسىنى ئويلانماستىن تەكرارلايدىغان شاتۇتىغا ئوخشىمايدۇ. بىلىملىك زىيالىي تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ياكى قوللىغۇچىلارنىڭ ئازلىقى بىلەن تەسىرلىنىپ قالمايدۇ، بۇ نۇقتىدىكى ھەل قىلىش ئامىلى ۋاقىتتىن ئىبارەت.

4. بىلىملىك زىيالىينىڭ ماھارەتلىرى تۆۋەندىكىچە:

 1)تەپەككۇر قىلىش، سۆزلەش ۋە يېزىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

2) تەنقىدىي ۋە مېتود خاراكتېرلىك تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

3)قىيىنچىلىقلارنى تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە ھەل قىلىش ھەققىدە ئىزدىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

4)مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ۋە مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

5)باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

6)مۇھىم ئىشلار بىلەن پارچە ئىشلار ئارىسىنى، دائىملىق ئىشلار بىلەن ۋاقىتلىق ئىشلار ئارىسىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە.

7)پىكىر بىلەن ئاڭ-سەۋىيە ئارىسىدىكى باغلىغۇچى ئالاقىلەرنى كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە.

5. دەۋرگە ئۇيغۇن بىلىملىك زىيالىي يېتىشتۈرۈشتە بىلىشكە تېگىشلىك زۆرۈر ئىشلار

1)ئىسلام ئەقىدىسى ئىلىم-پەن بىلەن زىتلاشمايدۇ، ئەقىل ۋەھىيگە زىت كەلمەيدۇ.

2) ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق بىر-بىرىگە زىت كەلمەيدۇ. ئۆتمۈشتىكى پىكىرلىرىگە قاتماللىق قىلىش ياكى باشقا مەدەنىيەتلەرگە قارىغۇلارچە ئەگىشىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ قالسا زىتلىق كۆرۈلىدۇ.

3)تارىخى ئىلمىي مىراس بىلەن كۇپايىلىنىش دەۋرنىڭ تەلەپلىرىگە كۇپايە قىلمايدۇ، شۇنداقلا تارىخى ئىلمىي مىراسلارغا سەل قاراش بىزنى يىلتىزى يوق ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاش شامالدا ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، مىللەتنىڭ كىملىكى ۋە ئەنئەۋىلىكىنى يوقىتىپ تاشلايدۇ.

4)دىننىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپلىرى ۋە قىممەت قاراشلىرى بىلەن زىت كەلمەيدىغان دەۋرنىڭ تەقەززالىرىنى ماسلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

5) بىلىم-مەرىپەتنىڭ كۆپلۈكى ئاساسلىق بىر كەسىپتە يېتىشىپ چىقىشنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. مېڭىنىڭ يېرىمىنى كەسىپلىشىشكە، يەنە بىر قىسمىنى باشقا بىلىم-مەرىپەت ساھەلىرىگە ئايرىشقا توغرا كېلىدۇ.

6.يۇقىرىقىلارغا ئەمەل قىلىش ھەقىقەتنى سۆيىدىغان، زۇلۇمنى يامان كۆرىدىغان، زۇلۇمغا قارشى تۇرىدىغان، ئىسلاھات ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغان ۋە بۇزغۇنچىلىققا قارشى تۇرىدىغان، شەرىئەتنىڭ ئۆزگەرمەس مەسىلىلىرى ۋە پرىنسىپلىرىغا زىت كەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا باشقىلار بىلەن چىقىشىپ ياشاشقا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئوتتۇراھاللىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بىلىملىك زىيالىي يېتىشتۈرۈشكە ھەسسە قوشىدۇ.

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي

2018.08.01

ئىستانبۇل