2024-يىل 20-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

قۇرئاننىڭ دۇنيا قارىشى دۇنياۋى تىنچلىق كۆز قارشىدۇر

قۇرئاننىڭ دۇنيا قارىشى دۇنياۋى تىنچلىق كۆز قارشىدۇر

ئىسلام دىنى ھىدايەت، يېتەكچى، ياخشىلىق بىلەن بىشارەت بەرگۈچى ۋە ئىنسانىيەتنى توغرا يولغا باشلىغۇچى سۈپتىدە كەلگەن دىندۇر:«(ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق» (ئەنبىيا سۈرىسى، 107-ئايەت).

ئىسلام دىنى ئادالەت، قېرىنداشلىق، رەھىمدىللىك، تىنچلىق ۋە گۈللەندۈرۈش كۆز-قارشىغا ئىگە دىندۇر:«ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن،  بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق. ئۆز-ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۈرمەتلىك ھېساپلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)»(ھوجۇرات، 13-ئايەت).

شۇڭا قۇرئان كەرىم 240 قېتىمدىن كۆپرەك بارلىق ئىنسانلارغا ۋە ئىنسانىيەتكە خىتاب قىلماقتا. قۇرئان خىتابى ئوقۇش، يېزىش، تەپەككۇر قىلىش، ئىزدىنىش ۋە توغرا يولغا يېتەكلەش خىتابىدۇر. ئەقىل، پاكىت ۋە قانائەتلەندۈرۈش خىتابىدۇر. ھىدايەت، قېرىنداشلىق، ئادالەت، ئەركىنلىك، تىنچلىق ۋە گۈللەندۈرۈش خىتابىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئاننىڭ ئالەم نەزىرىيىسى ئىنساننى توغرا يولغا باشلاش، زېمىننى گۈللەندۈرۈش غايىسىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ۋە تىنچلىق قۇرۇلمىسىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن توغرا، دۇرۇس ئىنساننىڭ خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان كائىنات خاراكتېرلىك كۆز-قاراشتۇر.

ئىسلامنىڭ مەنىسى تىنچلىق ۋە ئامانلىق دېگەن مەنىدە. ئىسلام دۇنياۋىي ئىلمىي باسقۇچنىڭ بىرلىكىنى ۋە ئىنسانىي بىرلىكنى ئىپادىلەش ئۈچۈن مىللەتلەر ئارا ئىرقىي كەمسىتىش، تاجاۋۇزچىلىق ۋە خۇراپات تۇيغۇلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن كەلگەن دىندۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ ئالەم نەزىرىيىسى ئىنساننىڭ بىرلىكىنى، ئىنساننىڭ تۈرلۈك بولۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە ئىنسانىي بىرلىك ئىچىدە دوستلۇق، قېرىنداشلىق، ئادىللىق روھىينى ئوبرازلاشتۇرغان. ھەرقانداق ئەھۋالدا، ھەر قايسى تەرەپتىن زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشنى تەكىتلىگەن بىردىن-بىر پەلسەپىدۇر.

شۇڭا جەمئىيەت قۇرۇلمىسى، خەلق ۋە مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەردە قۇرئان  كەرىمنىڭ ئالەم نەزەرىيىسىنى مۇسۇلمانلار ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن روشەنلەشتۈرۈش ناھايىتى مۇھىم. چۈنكى بۇ كۆز-قاراش دۇنياۋىي ئىلمىي قانۇنىيەت باسقۇچلىرىنى يېتەكلەش، ئادالەت ۋە تىنچلىق مەدەنىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن نىجاتلىق كېمىسىدۇر.

ئىنساننىڭ ۋە زېمىندىكى مەدەنىيىتىنىڭ تۈزۈلىشى ياراتقۇچىنىڭ بىرلىكى، يارتىلىش غايىسى ۋە ھاياتنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىغا ئىمان كەلتۈرۈش روھىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا باغلىقتۇر. ھەقىقى ئىسلام مەدەنىيىتى ئىنسانىيەتنىڭ تۈزۈلىشى، ھىدايەت تېپىشى ۋە ھازىرقى زامان ماددىنىڭ ۋەھشىلىكى ۋە توقۇنۇشىدىن مەنىۋى قۇتۇلۇشنىڭ يولىدۇر:«بىز ئۈچۈن جىھاد قىلغان ۋە تۈرلۈك بەدەل تۆلىگەنلەرنى ئەلۋەتتە يولىمىزغا يېتەكلەيمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر»(ئەنكەبۇت، 69-ئايەت).

ئەگەر مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىمنىڭ ئالەم كۆز-قارشىنىڭ كۆلىمىنى ۋە بىر پۈتۈن مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىنى ئاڭلىق چۈشىنەلىگەن بولسا؛ ئۇنى ئۆزلىرى ۋە جەمىيەتلىرىنى چۈشىنىش، ئىنسانلىقىنى چۈشىنىشتە تۇتۇپ ماڭغان بولسا؛ ھايات يولى، ئىدىيە مېتودى ۋە ھەزارەت قۇرۇلمىسىنى يېتەكلەشتە چىڭ ئېسىلغان بولسا ئىدى، ئىسلامنىڭ ئۈممەتكە ۋە ئىنسانىيەتكە بولغان تەسىرى ھەسسە كۆپ بولغان بولاتتى، مۇسۇلمانلار بۈگۈندەك ئاجىز ۋە سەھنىنىڭ سىرتىدا تۇرمىغان بولاتتى، ئىسلام دىنى بۈگۈنكىدىنمۇ كۆپ تارقالغان بولاتتى.

شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ كۆز-قارشىدا ئېنىقسىزلىق، ئاجىزلىق، قاتماللىق ۋە خۇراپات پەيدا بولمايتتى، پاساتچىلىقنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان مۇستەبىت زالىم قۇرۇلمىلاردىن ئەلۋەتتە قۇتۇلالىغان بولاتتى.

بۇ يەردە ئىسلام بىلەن مۇسۇلمانلار ۋە دەۋەت بىلەن دۆلەت ئارىسىدىكى پەرقنى تونۇشتۇرۇشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ.

ئىسلام: ئىنسانغا توغرا يولنى كۆرسىتىش ۋە ئۇنى مەدەنىيەتلىك ئالەم كۆز-قارشى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن كەلگەن ئىلاھىي دىندۇر.

ئىنسان:ئۇ زېمىنغا ئىزباسارلىق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىنسان. ھەر بىر ئىنسان ئىسلام دىنى، ئۇنىڭ قىممەت-قاراشلىرى، تەلىماتلىرىدىن ئىرادىسى ۋە كۈچىنىڭ يېتىشىچە قوبۇل قىلىدۇ. مۇسۇلمانلار باشقا ئىنسانلاردەك ئىماننىڭ كۈچى ۋە ئىستىلىنىڭ ساغلام بولىشىدا پەرقلىق بولىدۇ. مۇسۇلمان خاتالاشسا ئۇنىڭ خاتالىقىنى ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام ئەقىدىسىدىن كۆرۈش خاتا بولىدۇ، چۈنكى مۇسۇلمان يۈرۈش-تۇرۇشىدا دىنى ۋە ئەقىدىسىنىڭ كۆرسەتمىسىنى تۇتۇپ ماڭغان ئىشلار دىنىنىڭ تەسىرىدۇر. مۇسۇلمان دىننىڭ مەقسەت ۋە پرىنسىپلىرىنى تۇتۇپ ماڭماي بۇرۇلۇپ كەتكەن بولسا، ئۇ مۇسۇلماننىڭ خاتالىقىدۇر.

دەۋەت: ھىدايەت قىلىش، تەلىم-تەربىيە بېرىش ۋە يېتەكلەش مەقسىتىدە ئىنساننىڭ قەلبى ۋە ۋىجدانى ئۈچۈن قىلىنغان خىتابدۇر:«ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى، سەن كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلامسەن؟» (يۇنۇس سۈرىسى، 99-ئايەت).

دۆلەت: ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ تەرەققى قىلغان خىلمۇ-خىل سۈرەتلىرىدىكى سىياسىي ئورگاندۇر. دۆلەت جەمئىيەتتىكى ئىنسانلارغا، ئىجتىمائىي-سىياسىي تۈزۈمگە، جەمئىيەتتىكى ئىچكى ئىشلارغا ۋە سىرتقى ئالاقىلەرگە ئالاقىدار بولىدۇ.

دۆلەت ۋە ئىنسانلار ئالاقىسى شەكىللەنگەندىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر قانۇن ئىدارە قىلىدىغان«تىنچلىق» ھالىتى يا بىرەر دۆلەت بىلەن باشقا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى «كېلىشىم»ھالىتى، كېلىشىم بولغاندا ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ۋە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش لازىم بولىدۇ، يا «دۈشمەنلىك» ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ كەلمەكتە. ئىسلام دىنى 14 ئەسىر بۇرۇن ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي سىياسىي ئالاقىسىنى «تىنچلىق يۇرتى»، «كېلىشىم يۇرتى» ۋە «جەڭ يۇرتى»دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىپ بولغان.

ئىسلامنىڭ مەدەنىيەت خاراكتېرلىك ئالەم كۆز-قارشى بۇ ئالاقىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئادالەت ۋە تىنچلىق ئاساسىدا شەكىللەندۈرىدۇ:«مۇشرىكلارنىڭ سىلەرنى مەسجىدى ھەرەم (زىيارىتى)دىن توسقانلىقتىن ئىبارەت دۈشمەنلىكى ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئۇلارغا چېقىلىشىڭلارغا سەۋەبچى بولمىسۇن، ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار»(مائىدە سۈرىسى، 2-ئايەت).

«بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار(ئۇلارغا)ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، (دۈشمىنىڭلارغا)ئادىل بولۇڭلار، بۇ(ئۇلارغا ئۆچمەن تۇرۇپ ئادىل بولۇشۇڭلار) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر»(مائىدە سۈرىسى، 8-ئايەت).

دۆلەتنىڭ ئىچكى ساھەسىدە ئادالەت ۋە بىر-بىرىگە كېپىل بولۇش ئاساستۇر، كىڭەش قىلىش ۋە نەسىھەت قىلىش قارار ئېلىش ۋە ئىسلاھاتنىڭ ۋاسىتىسىدۇر. ئالاقە ئىشلىرىدا بۇرۇلۇش كۆرۈلسە ياكى زۇلۇم يۈز بەرسە شەرىئەتنىڭ ھۆكمى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، ئۇنداق بولمىسا خاتالىقلارنى تۈزىتىش ئۈچۈن تىنىچ ۋاسىتىلەرنى ۋە ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى قوللانسا بولىدۇ.

باشقىلار بىلەن بولغان سىياسى ئالاقە مەسئۇللار ئارىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئاساسىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بىر نۇقتىغا كېلەلمىگەن ۋە ھەق-ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىگەن ۋاقتىدىلا ئاندىن ئۇرۇش قىلىش ھالىتى يۈز بېرىدۇ.

بۇ ۋەجىدىن ھىدايەت، توغرا يول كۆرسىتىش، ئىنساندا ياخشىلىق، ئىسلاھات ۋە گۈللەندۈرۈش كۈچلىرىنى ئۇرغۇتۇپ چىقىرىش ئۈچۈن كەلگەن ئىسلام ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەتلىك ئالەم كۆز-قارىشى بىلەن مۇسۇلماننىڭ بۇ كۆز-قاراش، قىممەت-قاراش، پرىنسىپ ۋە چۈشەنچىلەرگە تۇتقان ئىستىلىنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك.

چۈنكى ئىسلامنىڭ ئالەم كۆز-قارشى ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئالاقىنى ئادالەت ۋە تىنچلىق ئاساسىدا تۇرغۇزىدۇ، چۈنكى تىنچلىق ئىسلامدا ئەسلىي قائىدە، ئۇرۇش قىلىش ئايرىم بىر ھالەتتۇر.

ئىسلام دۇرۇس ئالەم نەزىريىسىدۇر، ئۇ نىجاتلىق كېمىسىدۇر ۋە خەتەرلەردىن ئامانلىق قىرغاقلىرىغا ئېلىپ چىقىدىغان يول كومپىسىدۇر. چۈنكى ئادالەت، ئەركىنلىك، ئىنسانىي قېرىنداشلىق، كېڭەش ئاساسىدا ئىش قىلىش، گۈللەندۈرۈش ۋە تىنچلىق ئىسلامنىڭ ئۆزگەرمەس قىممەت-قاراشلىرى ھېسابلىنىدۇ.

دېمەك، قۇرئاننىڭ ئالەم كۆز-قارشىنى روشەنلەشتۈرۈش، كۆلىمىنى ئاڭلىق چۈشىنىش ۋە ئىجتىمائىي ئورگانلىرىنى قۇرۇپ چىقىش مۇسۇلمانلار ۋە باشقىلارنىڭ تىنچلىقى، ئىنسانىيەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىدۇر.

كاشىغەرىي

alem nezeriyesi 2