2024-يىل 28-مارت

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلام ۋە ۋەتەن- مىللەت سۆيگۈسى

ئىسلام ۋە ۋەتەن- مىللەت سۆيگۈسى

(1)

ۋەتەن سۆيگۈسى

  1. ۋەتەن ۋە مىللەت سۆيگۈسى ئىنساندىكى تەبىئى تۇيغۇ:

ۋەتەننى سۆيۈش ئىنساننىڭ خاراكتېرى بولۇپ، ئىنساننىڭ ۋەتىنى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ۋەتەن ئىنساننىڭ بۆشۈكى، پائالىيەت سەھنىسى ۋە كۆڭۈل راھەت مەركىزىدۇر. ئىنسان باشقا يۇرتلاردا ھەر قانچە راھەت ياشىسىمۇ، يەنىلا قەلبىدە ۋە ئەقلىدە ئانا ۋەتىنىنى ئەسلەپ ياشايدۇ.

ۋەتەن ۋە يۇرت سۆيگۈسى ئىنساننىڭ قېنى، تىنىقى ۋە سۈيى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. ۋەتەنسىزلىك ئىنسان قەلبىنى يارا قىلىدىغان ئەڭ بۈيۈك دەرد-ئەلەمدۇر، ۋەتەننى تاشلاشقا مەجبۇر بولۇش ئۆلۈم بىلەن تەڭ جازادۇر. شۇ سەۋەبتىن ئىسلام دىنى ۋەتەن سۆيگۈسىنى قەدىرلىگەن، ۋەتەننىڭ ھۆرمىتىنى تەكىتلىگەن، ۋەتەننى قوغداشقا چاقىرغان، ۋەتەن سۆيگۈسىنى ئەقىدىگە باغلىغان ۋە ۋەتىنىنى مۇداپىئە قىلىشنى پەرز قىلغان.

ئىسلام دىنى بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك بىر بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، دىنىنى سەمىمىي سۆيگەن ئىنسان ۋەتىنىنى سۆيىدۇ، چۈنكى ئىسلام ۋەتەن سۆيگۈسىنى ئىنسان تەبىئىتىدىكى تەبىئىي تۇيغۇ دەپ قارايدۇ. ئىسلام ۋەتەنپەرۋەرلىكنى خەلقلەرنىڭ ھەق ھوقۇقى، ۋەتەننى ھىمايە قىلىشنى مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى قىلىپ بەلگىلىگەن. زېمىنى ۋە ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقىنى يوقىتىپ، دۈشمەننىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغان مىللەتنىڭ ھايات قىممىتى بولمايدۇ.

دېمەك، بىر ئىنساننىڭ ئائىلىسى، يۇرتى ۋە ۋەتىنىنى سۆيۈشى تەبىئىي تۇيغۇ بولۇپ، بۇ تۇيغۇ ئىسلام قېرىنداشلىقىغا زىت كەلمەيدۇ. بۇ سۆيگۈلەر بىر بىرىنى تولۇقلايدۇكى، بىر- بىرىگە قارمۇ-قارشى كەلمەيدۇ. چۈنكى ئىنسان قەيەردە تۇغۇلسا شۇ زېمىنغا نىسبەت بېرىلىدۇ. ئىسلام ئىنساننىڭ ئۆز ۋەتىنى ۋە خەلقىگە تەۋە بولۇشتىن توسمايدۇ، ۋەتەن سۆيگۈسىنى ئىمانغا زىت ئۇقۇم دەپ قارىمايدۇ. ۋەتەن ۋە زېمىن بولمىسا ئىسلامنى تەتبىقلىغىلى بولمايدۇ.

2.ۋەتەنپەرۋەرلىك مەسئۇلىيەتتۇر:

ۋەتەنپەرۋەرلىك دېگەن مەسئۇلىيەتتۇر، بىرلىكتۇر، ئىتتىپاقلىقتۇر، ھەمكارلىقتۇر. ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋەتەننى قوغداشتۇر، ۋەتەننى قۇرۇپ چىقىشتۇر، ۋەتەننىڭ قەدرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتۇر. ۋەتەنپەرۋەرلىك ئالىملىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئەرلىرىنى قەدىرلەيدىغان، ئاياللىرىنى ئاسرايدىغان ۋە ياشلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەننى بەرپا قىلىش، قوغداش ۋە ئۇنى سۆيۈش دېمەكتۇر.

ۋەتەن مىللى كىملىكىمىز، مەدەنىيىتىمىز ۋە مال-مۈلۈكلىرىمىزنىڭ ئورنى ۋە جۇغراپىيىسىدۇر. بۇ ۋەتەننىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش بوينىمىزنىڭ بۇرچىدۇر. بۇ بۇرچنى ئادا قىلىش دىنى، ئەقلىي ۋە ئەخلاقى جەھەتتىن مەسئۇلىيەتتۇر. بۇ ۋەتەننىڭ ھەر تۈرلۈك بايلىقىنى، كىملىكىنى ۋە گۈزەل ئەخلاقلىرىنى قوغداش كېرەك بولسا، شۇنداقلا بۇزغۇنچىلىق، زۇلۇم ۋە خورلۇققا سەۋەب بولىدىغان تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش كېرەك بولىدۇ. ۋەتەننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر:«ھەر بىرىڭلارنىڭ ئۆز دائىرىسىدىن مەسئۇلىيىتى بار» (بۇخارى رىۋايىتى). دىن، مىللەت ياكى ئۈممەت ۋە ۋەتەننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ھەمكارلىشىش،  بىر-بىرىگە ئىگە چىقىش، بىر بىرىنى ياخشى يولغا يېتەكلەش مەجبۇرىيىتى بار. ۋەتەننىڭ خاتىرجەملىكى، ئەركىنلىكى ۋە بىرلىكىنى قوغداش ئاددى بىر تەلەپتۇر، چۈنكى ۋەتەننى پۇل بىلەن سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، ۋەتەن ئاللاھ تەرەپتىن ئاتا قىلىنغان بۈيۈك نېمەتتۇر.

ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەخلاقى قىممەت قاراش بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنساندىكى تەبىئىي خاراكتېر سانىلىدۇ. ھېچقانداق بىر ئىنساننىڭ قەلبى ۋەتەننى سۆيۈش تۇيغۇسىدىن خالى بولالمايدۇ. ئاللاھنىڭ دىنى ئىنساننىڭ تەبىئىي خاراكتېرىگە زىت كەلمەيدۇ، بەلكى شەرىئەت تەبىئىي خاراكتېرنى قوللايدۇ ۋە قوغدايدۇ. رەسۇلۇللاھ:«ئى ئاللاھ! مەدىنە شەھىرىنى ئانا يۇرتۇم مەككىدەك سۆيۈملۈك قىلىپ بەرسىلە» دەپ دۇئا قىلغان (بۇخارى رىۋايىتى).

مۇسۇلمانلارنىڭ ئانا ۋەتىنى ئۈچۈن، مۇسۇلمان مىللەت ياكى ئۈممەت ئۈچۈن قان تۆكۈشى ۋە جەڭ قىلىشى ئاللاھ يولىدىكى جىھادتۇر:(هَلْ عَسَيْتُمْ إِنْ كُتِبَ عَلَيْكُمُ الْقِتالُ أَلاَّ تُقاتِلُوا قالُوا وَما لَنا أَلاَّ نُقاتِلَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَقَدْ أُخْرِجْنا مِنْ دِيارِنا وَأَبْنائِنا فَلَمَّا كُتِبَ عَلَيْهِمُ الْقِتالُ تَوَلَّوْا إِلاَّ قَلِيلاً مِنْهُمْ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِالظَّالِمِينَ).«پەيغەمبەر:«سىلەرگە جىھاد پەرز قىلىنسا جىھاد قىلماي قالارسىلەرمۇ؟» دېدى. ئۇلار:«يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ۋە ئوغۇللىرىمىزدىن جۇدا قىلىنغان تۇرساق قانداقمۇ ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلمايلى؟» دېدى. ئۇلارغا جىھاد پەرز قىلىنغان چاغدا، ئازغىنىسىدىن باشقا ھەممىسى جىھادتىن باش تارتتى. ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر»(بەقەر سۈرىسى، 246-ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

 رەسۇلۇللاھ :«كىم مال -مۈلكىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتسە، كىم ئائىلە جەمەتىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتسە، شېھىت بولىدۇ» دېگەن (ئەھمەد رىۋايىتى). بىزدىكى ئەڭ قىممەتلىك مال-مۈلۈك بىز ياشايدىغان ۋەتەندۇر.

(2)

ئىسلام ۋە ۋەتەن تەۋەلىكى

ئىنسانلارنىڭ ھەر خىل مىللەت بولۇپ يارىتىلغانلىقى ۋە تۈرلۈك ۋەتەنلەردە ياشىغانلىقى مىللەت ۋە ۋەتەن تەۋەلىكىنىڭ يوللۇق بىر مەسىلە ئىكەنلىكى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرلەرمۇ دەسلەپتە مىللەت ۋە ۋەتەن ئاساسىدا پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلگەن، بۇ توغرىدا قۇرئاندا قانچىلىغان ئايەتلەر تىلغا ئېلىنغان ۋە بۇ ئايەتلەر مىللەت ياكى ۋەتەن تەۋەلىكىنى ئەيىبلىمىگەن:«ئاد مىللىتىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى ئەۋەتتۇق، ھۇد ئېيتتى:«ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار…» (ھۇد سۈرىسى، 50-ئايەت).

پەيغەمبەرلەرنىڭ مىللەت خاراكتېرى ۋە مىللەت ۋەزىپىسى ئىرقىي ئايرىمچىلىق قىلغانلىق ئەمەس، بەلكى ئەقىلگە ئۇيغۇن تەبىئىي مەسىلە. چۈنكى ئىنساننىڭ خاراكتېرى دەسلەپتە ھەممىدىن بۇرۇن ئۆز مىللىتى ۋە ۋەتىنىنى سۆيۈشنى تەقەززا قىلىدۇ، تەبىئىي خاراكتېر بىر ئادەمنىڭ ھەممىدىن بۇرۇن تۇغقانلىرى ۋە جەمەتلىرىگە ياخشىلىق قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئىسلامدا :«يېقىنلار ھەممىدىن بەكرەك ھەقلىقتۇر» دەيدىغان قائىدە بار. بۇ قائىدىگە ئاساسەن كىشىلەرنىڭ باشقىلاردىن ئىلگىرى ئۆز جەمەتى، ئۆز يۇرتىدىكى كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشى، ئۆز ۋەتىنىدىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقىسىنى كۈچلەندۈرۈشى تەبىئىي خاراكتېر، شەرىئەت ۋە ئەقىلگە ئۇيغۇن بىر مەسىلە. ھەتتا زاكاتمۇ دەسلەپتە ئۆز يۇرتىدىكىلەرگە تەقسىم قىلىنىدۇ.

ئىنساندىكى -تەبىئىي خاراكتېر، ئەقىل ۋە شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولغان- مىللەت ۋە ۋەتەن سۆيگۈ ئۇقۇمى ئىسلامنىڭ خەلقئارالىق بىرلىكى ياكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇقۇمى بىلەن زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى ئىسلامنىڭ خەلقئارالىق بىرلىكى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكى مىللەت، ۋەتەن ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكنى بېسىپ ئۆتمەي تەرەققى قىلالمايدۇ. دەسلەپتە ۋەتەن بىرلىكى ۋە مىللەت قېرىنداشلىقى شەكىللەنمىسە، ئىسلام بىرلىكى ۋە ئىسلام قېرىنداشلىقى قۇرۇق خىيالدىن ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ.

بەزىلەر ۋەتەن ۋە مىللەت تەۋەلىكىنى ئېتىبارغا ئالمايدۇ، ھەتتا ۋەتەن ۋە مىللەت سۆيگۈسىگە قارشى تۇرىدۇ. بەزىلىرى ۋەتەن-مىللەت سۆيگۈسىنى ياكى ۋەتەن ۋە مىللەت مەنپەئەتىنى جاھىلىيەت، مىللەتچىلىك ۋە ئازغۇنلۇق دەپ سۈپەتلىشىدۇ. بۇلار بەزى دەۋەتچىلەرنىڭ «مۇسۇلماننىڭ مىللەت تەۋەلىكى ئەقىدىسىدۇر» دېگەن شوئارىنى خاتا چۈشىنىۋالغان. تەۋەلىك دېگەن ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتكە ئىگە ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ئۇقۇمدىن ئىبارەت. مىللەت تەۋەلىكىنىڭ ئەقىدە بىلەن ئالاقىسى يوق. ۋەتەن تەۋەلىكى بىلەن ئەقىدە تەۋەلىكى بىر بىرى بىلەن سېلىشتۇرۇلمايدۇ. بۇ ئىككى تەۋەلىكنى سېلىشتۇرۇپ بىرنى ئېلىپ يەنە بىرنى تاشلاپ قويغىلى بولمايدۇ. ئىككىسى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئايرىم تەۋەلىك بولسىمۇ، قىممەت دەرىجىسىدىن قەتئىينەزەر بىر بىرىنى تولۇقلايدىغان ۋە بىر بىرىدىن ھەرگىز ئايرىلالمايدىغان تەۋەلىكتىن ئىبارەت.

 (3)

قۇرئاندىكى مىللەت ۋە ئۈممەتنىڭ ئىجتىمائىي شەكىللىنىش باسقۇچلىرى

1.ئائىلە: قۇرئان كەرىم ئائىلىنى ئىجتىمائىي شەكىللىنىشنىڭ بىرىنجى باسقۇچى ۋە ئاساسلىق قۇرۇلمىسى دەپ قارايدۇ.

2.جەمەت: قۇرئان كەرىم جەمەتنى ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ بىر باسقۇچى سۈپىتىدە تىلغا ئالغان:«لۇت ئەلەيھىسسالام:«كاشكى مېنىڭ  كۈچ- قۇۋۋىتىم بولسا ئىدى، ياكى ئىلتىجا قىلىدىغان كۈچلۈك جەمەتىم بولسا ئىدى» (ھۇد سۈرىسى، 80-ئايەت).

3.قەبىلە: قۇرئان كەرىم قەبىلىنىڭ ئىجتىمائىي شەكىللىنىش باسقۇچلىرىنىڭ بىر باسقۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان:«بىز سىلەرنىڭ ئۆز ئارا تونۇشۇشڭلار ئۈچۈن تۈرلۈك مىللەت ۋە قەبىلە قىلىپ ياراتتۇق»(ھوجۇرات سۈرىسى، 13-ئايەت). رەسۇلۇللاھمۇ:«ئاللاھ ئىنسانلارنى يارىتىپ بولۇپ، ئاندىن ئۇلارنى قەبىلە قەبىلە قىلىپ بېكىتكەن، مېنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى قەبىلىدىن تاللىغان» دېگەن (تىرمىزى رىۋايىتى).

  1. مىللەت: قۇرئان كەرىم مىللەتنى ئىجتىمائىي شەكىللىنىشنىڭ بىر باسقۇچى سۈپىتىدە بايان قىلغان :«بىز سىلەرنىڭ ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن تۈرلۈك مىللەت ۋە قەبىلە قىلىپ ياراتتۇق»(ھوجۇرات سۈرىسى، 13-ئايەت).
  2. ئۈممەت:

قۇرئاندا ئۈممەت دېگەن سۆز ئىككى مەنىدە كەلگەن:

بىرىنچىسى: ئىجتىمائىي ھادىسە ئۇقۇمدىكى مىللەت مەنىسىدە كېلىدۇ:«ئۇلارنى 12 تارماققا ئۈممەت (مىللەت) قىلىپ بۆلۈۋەتتۇق» (ئەئراف سۈرىسى، 160-ئايەت).

ئىككىنچىسى: مەسئۇلىيەت ئۈممىتى، يەنى ئەقىدە ۋە سىياسىي بىرلىكنى ئىپادىلەيدىغان ئۈممەت ئۇقۇمى مەنىسىدە كەلگەن:« (ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ ئۈممىتىڭلار ھەقىقەتەن بىر ئۈممەتتۇر. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار» (ئەنبىيا سۈرىسى، 92-ئايەت).

بۇنىڭغا ئاساسەن، دىنى ۋە سىياسىي ئۈممەت ئۇقۇمى بىلەن ئىجتىمائىي ھادىسە ئۇقۇمىدىكى ئۈممەت ئۇقۇمىنى پەرقلەندۈرۈش مۇھىم. چۈنكى ئىجتىمائىي ھادىسە ئۇقۇمىدىكى ئۈممەت ياكى مىللەت بولۇشتا بىزنىڭ ئىختىيارلىقىمىز يوق، ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر.

مىللەت ، يۇرت ۋە ۋەتەن سۆيگۈسى ئىسلام سۆيگۈسى بىلەن قارشىلىشىپ قالمىسىلا ئالقىشلىنىدۇ. مۇتەپەككۇر مەۋدۇدى بۇ توغرىدا: «مىللەتپەرۋەرلىكتىن بىر مىللەتنىڭ ئىرقىنى مەقسەت قىلسا، بۇ تەبىئىي مەسىلە، بۇنىڭغا قارشى تۇرمايمىز. بىر ئادەمنىڭ ئۆز مىللىتى ياكى خەلقىگە ياردەم بېرىشى مەقسەت قىلىنسا، بۇنىڭغىمۇ قارشى تۇرمايمىز. شۇنداقلا مىللەت سۆيگۈسى ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيالمايدىغان ياكى ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتىدىغان مىللەتچىلىك بولۇپ قالمىسىلا، بۇنىڭغىمۇ قارشى تۇرمايمىز. ئەگەر مىللەت سۆيگۈسىدىن مىللەت مۇستەقىللىقى مەقسەت قىلىنسا بۇ ساغلام مەقسەتتۇر. شۇنداقلا ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆز يۇرتىنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىشىمۇ تەبىئىي ھەققىدۇر» دېگەن (مەۋدۇدى: ئىسلام ۋە يېڭى مەدەنىيەت، 25-26-بەتلەر).

ھەسەن بەننا مۇنداق دېگەنىكەن:«ئىخۋانلار ئىسلام بىرلىكىنى توۋلىغان كۈندىن تارتىپ، ئىسلام قېرىنداشلىقى بىلەن بىرگە مىللەت قېرىنداشلىقى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھوقۇقىنىمۇ تەڭ توۋلىغان. ئىخۋانلار تىل، زېمىن، ئارزۇ ۋە تارىخ بىرلىكىنى ئەڭ كۈچلۈك بىرلەشتۈرىدىغان ئامىل دەپ قارايتتى» (بەيۇمى: مىسىرنىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى ئىخۋانلار، 161-بەت).

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي

millet