2024-يىل 24-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

قۇرئاننىڭ دۇنيا كۆز-قارشىدا مۇسۇلمانلار ۋە باشقىلار

قۇرئاننىڭ ئالەم كۆز-قارشىدا مۇسۇلمانلار ۋە باشقىلار

ئىنساننىڭ قېرىندىشى ئىنسان بىلەن بولغان ئالاقىسى مىللىتى، رەڭگى، تەۋەلىكى، مۇسۇلمان ياكى غەيرى مۇسۇلمان ( كاپىر) بولۇشقا كۆز يۇمۇش ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى بۈيۈك ئىنسانىيەت ئائىلىسىدە باراۋەر قېرىنداش يارىتىلغان:«ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار»(نىسا سۈرىسى،1-ئايەت).

مۇسۇلمانلار بىلەن باشقىلارنىڭ ئالاقىسى ھەمكارلىق ئالاقىسى بولۇپ،- ئىنسانپەرۋەرلىكتە دوستلۇق ۋە مېھرىبانلىق رىشتىسى باغلاپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلار ھەمكارلىشىش، تونۇشۇش ۋە چىقىشىپ ياشاش ئۈچۈن تۈرلۈك يارىتىلغان. ئىنسانىي بىرلىك ۋە ئىنسانىي ئورتاقلىق زېمىننى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر ۋە نېمەتتۇر.

مۇسۇلمانلار ۋە باشقىلار ھەر قانچە پەرقلەنسىمۇ ئىنسانىيەت ماھىيتىدە باراۋەردۇر. ئارتۇقچىلىق پەقەت تەقۋالىققا باغلانغان. ئىقتىدار ۋە ئىمكانىيەتنىڭ ئوخشىمىغانلىقى ئۈستۈنلۈك پەيدا قىلىش ئەمەس، بەلكى ئىنسانىي بىرلىك ئىچىدە ھەمكارلىشىپ مەدەنىيەت يارىتىش ۋە ئىنسانىي ئېھتىياجلارنى تولۇقلاش ئۈچۈندۇر:«ياخشى ئىش ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار»(مائىدە سۈرىسى، 2-ئايەت).

يەنە:« ئاللاھ ھەقىقەتەن (ئىنسانلار ئارىسىدا) ئادىل بولۇشقا، (جىمى خەلققە) ياخشىلىق قىلىشقا، خىش – ئەقرىبالارغا سىلە-رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. قەبىھ (سۆز – ھەركەتلەر)دىن، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ»(نەھل سۈرىسى، 90-ئايەت).

مۇسۇلمان بىلەن باشقىلارنىڭ ئالاقىسى ياخشىلىققا چىرايلىقچە چاقىرىش، ياخشىلىق ۋە تەقۋالىق بولىدىغان ئىشلاردا ياردەملىشىش، ياخشى ئىشلارغا ھېكمەت بىلەن يېتەكلەش ۋە يامان ئىشلاردىن سىلىق توسۇش ئالاقىسىدۇر:«ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى، سەن كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلامسەن؟» (يۈنۈس سۈرىسى، 99-ئايەت).

مۇسۇلمان بىلەن باشقىلار كۆز-قاراشتا پەرقلىق بولسا بۇ يارتىلىشنىڭ ئاساسىي، بىرلىك ئىچىدىكى تۈرلۈك بولۇش ۋە تۈرلۈك بولۇش ئىچىدىكى بىرلىكتۇر. باشقىلارنىڭ قېنى، مال-مۈلىكى ۋە ئابروينىڭ ھۆرمىتى بار. ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقە كەڭ قورساق بولۇش، ياخشىلىق قىلىش ۋە ئادىل بولۇش ئالاقىسىدۇر :«(كۇففارلاردىن) سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ» (مۇمتەھىنە سۈرىسى، 8-ئايەت).

مۇسۇلمانلار ۋە باشقىلار توقۇنۇشۇپ قالغاندا پەقەتلا ئادالەت ئىنسانىي بىرلىك ۋە ئىنسانىي قېرىنداشلىق ئېتىبارى بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئادالەت بولمىسا ئىنسانىي ھەمكارلىق ۋە ئورتاقلىق مەۋجۇد بولمايدۇ. ئادىللىق ھەر قانداق بىر ئىشتا ئوتتۇراھال بولۇشنىڭ نەتىجىسى. رازى بولۇش بىلەن غەزەب قىلىش، بىرىش بىلەن ئېلىشتىمۇ ئادىل ۋە ئوتتۇراھال بولۇش لازىم. تىنچلىق زامانىدا ئىنسانىي قېرىنداشلىق سۈپىتى بىلەن مەسئۇلىيەتچان بولۇش، ئىززىتىنى ساقلاش ۋە تاجاۋۇزچىلىققا رەددىيە بېرىشتىمۇ ئادىل ۋە ئوتتۇراھال بولۇش لازىم. ئەگەر مۇسۇلمان ھاياتى، ئالاقىسى، مۇئامىلىسى ۋە پوزىتسىيەلىرىدە ئادىل ۋە ئوتتۇراھال يول تۇتالمىسا، ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىق داۋاسى خىيالىدۇر ۋە ساختىدۇر:«ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ (ھەقلىرىنى) ئادا قىلىشقا تىرىشىڭلار، ئادىللىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىڭلار، بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار (ئۇلارغا) ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، (دۈشمىنىڭلارغا) ئادىل بولۇڭلار، بۇ(يەنى ئۇلارغا ئۆچمەن تۇرۇپ ئادىل بولۇشۇڭلار) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر، ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر» (مائىدە سۈرىسى، 8-ئايەت).

مۇسۇلمانلار بىلەن باشقىلار ئارىسىدىكى ئالاقىدە ئىنسانىي بىرلىك ۋە ئىنسانىي قېرىنداشلىق ئېتىبارى بىلەن زۇلۇم قىلىشقا ۋە تاجاۋۇز قىلىشقا ئورۇن يوق. تاجاۋۇزچىلىق ۋە زۇلۇمغا رەددىيە بەرگەندە ئاشۇرۇۋېتىشكىمۇ بولمايدۇ: «(كۇففارلاردىن) سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ. ئاللاھ دىن ئۈچۈن سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتىشىڭلاردىن سىلەرنى توسىدۇ، كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر»(مۇمتەھىنە سۈرىسى، 8،9_ئايەتلەر).

يەنە:«سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ»دەيدۇ. (بەقەر سۈرىسى، 190- ئايەت).

مۇسۇلمان ھاياتى ۋە تۈرلۈك ئالاقىسىدە ئادالەت ۋە ئوتتۇراھاللىقنى كۆزلىمىسە، ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىق دەۋاسى جىددىي تەكشۈرۈشكە ۋە ئىسلاھ قىلىشقا تېگىشلىك ئاجىز دەۋا بولۇپ قالىدۇ. ھەدىستە كېلىشچە ئاللاھ:«ئى ئىنسانلار! مەن سىلەرگە زۇلۇم قىلىشنى ئۆزۈمگە ھارام قىلدىم، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ زۇلۇم قىلىشنى ھارام قىلدىم، شۇڭا ئۆز-ئارا زۇلۇم قىلىشماڭلار»دېگەن(تىرمىزى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).

مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان بىلەن بولغان ئالاقىسى ئەقىدە، كىملىك ۋە كۆز-قاراش قېرىنداشلىقى بولۇپ، ئىنسان ھاياتىنىڭ جەۋھىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان بىلەن بولغان ئالاقىسى ئەڭ ئىلغار ئالاقە ۋە ئىنسانىي قېرىنداشلىق بولىدۇ، چۈنكى ئەقىدە ئالاقىسى ئىنساننىڭ روھىي ئالاقىسىنىڭ ئەڭ چوڭقۇرى سانىلىدۇ:«مۆمىنلەر ئۆز-ئارا قېرىنداشتۇر» (ھوجۇرات سۈرىسى، 10-ئايەت). «مۆمىن ئەرلەر، مۆمىن ئاياللار بىر-بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار (كىشىلەرنى)ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، نامازنى (تولۇق) ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ئاللاھغا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ، ئەنە شۇلارغا ئاللاھ رەھىم قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» (تەۋبە، 71- ئايەت).

بىر مۇسۇلماننىڭ قېنى، ئابرويى ۋە مال-مۈلىكى يەنە بىر مۇسۇلمانغا ھارامدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «مۇسۇلمان دېگەن باشقا مۇسۇلمانلارغا ھېچقايسى جەھەتتىن زىيان يەتكۈزمەيدىغان كىشىدۇر، مۇھاجىر دېگەن ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى قىلمىغان كىشىدۇر» دېگەنىدى(بۇخارى رىۋايىتى).

دېمەك، ئىسلام قېرىنداشلىقى ياخشىلىق، ھەقىقەت، ئادالەت ۋە مېھرىبانلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان قېرىنداشلىقتۇر. بىر-بىرىگە ئىگە بولۇش، ياخشىلىق ۋە تەقۋالىق بولىدىغان ئىشلاردا ھەمكارلىشىدىغان قېرىنداشلىق ئالاقىسىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام قېرىنداشچىلىقى ئەڭ ئۇلۇغ ۋە يۈكسەك قېرىنداشلىقتۇر. بۈگۈنكى مۇسۇلمانلار بۇ قېرىنداشلىقنىڭ ماھىيىتى ۋە كۆلىمىنى ھېس قىلىپ، قۇرئاننىڭ ئالەم نەزىرىيەسىنى ئۆزلەشتۈرەلىگەن بولسا ھەقىقى بىر ئۈممەت، بىر كۈچ ۋە بىر گەۋدە بولغان بولاتتى. شۇنداقلا باشقىلارنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان، ئىجادىيەت يارىتالايدىغان ۋە گۈللەندۈرىدىغان كۈچلۈك ئېقىمغا ئايلانغان بولاتتى.

مۇسۇلماننىڭ غەيرى مۇسۇلمان بىلەن بولغان ئالاقىسى تۈرلۈك بولۇش ئىچىدىكى بىرلىكتۇر، بىرلىك ئىچىدىكى تۈرلۈك بولۇش ئالاقىسىدۇر. ئارتۇقچىلىق پەقەت دۇرۇس ئىنسان بولۇشتا كۆرۈنىدۇ. دۇرۇس ئىنسان بولۇش يارتىلىشنىڭ ئەسلىدۇر، مەۋجۇتلۇق غايىسىدۇر ۋە بۇ دۇنيادىكى مەسئۇلىيەت نۇقتىسىدۇر.

قۇرئاننىڭ ئالەم نەزىرىيىسى ھەر قايسى تەرەپلىرىدە تەڭپۇڭلۇق، ئوتتۇراھاللىق، تىنچلىق ۋە  بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان خاراكتېرىگە ئىگە تەۋھىد نەزىرىيەسىدۇر. تەۋھىد نەزىرىيىسى دۇرۇس ئىنسان خاراكتېرىنىڭ جەۋھىرى، ئىنساننىڭ زېمىندا مەۋجۇد بولۇش ۋە ئىزباسار بولۇش مەركىزىدۇر.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي

alem nezeriyesi 2