2024-يىل 27-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلامنىڭ دۇنيا كۆز-قارشى ھەققىدە مۇقەددىمە

ئىسلامنىڭ دۇنيا كۆز-قارشى ھەققىدە مۇقەددىمە

ھەر قانداق مەدەنىيەتنىڭ تەپەككۇر مېتودى شەكىللەندۈرگەن ئالەم كۆز-قارشى بولىدۇ، شۇنداقلا ھەر قانداق مېتودنىڭ تۇتۇپ ماڭىدىغان پرىنسىپلىرى بولىدۇ. ئىنساننىڭ ئىدىيە قارشى، ئەمەلىي ھاياتى ۋە ئەخلاق ئىستىلى كائىنات، ھايات ۋە ئىنسان نەزەرىيىسىگە ئەگىشىپ ماڭىدۇ. ئۈممەتنىڭ تەپەككۇر قىلىش مېتودىي، پرىنسىپلىرى، قىممەت-قاراشلىرى ۋە چۈشەنچىلىرى ئالەم كۆز-قارشى بىلەن تەسىرلىنىدۇ ۋە تەسىر بېرىدۇ. ئىسلامنىڭ تەپەككۇر مېتودى مۇسۇلمانلار ھەزارىتى (مەدەنىيىتى)نىڭ ئالەم نەزەرىيىسىنى جانلاندۇرۇشتىكى قورالى ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئىسلام كۆز قارشىدا ۋەھىي بىلەن ئەقىل زىتلەشمەيدۇ.

 ئىسلامنىڭ ئالەم نەزىرىيىسى يىلتىزنىڭ ئورنىدا بولۇپ پرىنسىپ، قىممەت-قاراش ۋە چۈشەنچىلەر شۇنىڭدىن تارماقلىنىپ چىقىدۇ. ئالەم نەزىرىيىسى ئەقىدىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى تەمسىل قىلىپ بېرىدىغان يىلتىز ۋە مەنبەدۇر. ئەقىدە كۈچ-قۇۋۋىتى ئىنسان ۋە جەمئىيەتنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ۋىجدان كۈچىنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ھايات سەپىرىدىكى يۆلىنىشلىرىنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ.

 شۇنىڭ ئۈچۈن ئالەم كۆز-قارشى قانچە روشەن ۋە ئاسان بولسا شەخس ۋە جەمئىيەتنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان جانلىق ئەقىدە، ۋىجدان ۋە تەربىيە كۈچىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئىسلامنىڭ ئالەم كۆز-قارشى ئىنساننىڭ تەبىئىي خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان غايىلىك، ئەخلاقلىق، تەرەققىيپەرۋەر ۋە مەدەنىيەتلىك تەۋھىد كۆز قارشىغا ئىگە. ئۇ ئىنسانىيەت ھاياتىنىڭ يۆلىنىشىنى يېتەكلەش ئۈچۈن ئىنساننىڭ تەبىئىي خاراكتېر ئامىلىنى يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان قانۇنىيەت خاراكتېرلىك ئىلمىي كۆز-قاراشتۇر:«ئەر-ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە ئوبدان ياشىتىمىز. ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز» (نەھل سۈرىسى، 97- ئايەت).

يەنە:«ئاللاھ ساڭا بەرگەن بايلىق بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى تىلىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن، ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەنمۇ ياخشىلىق قىلغىن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىقنى قىلمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ » (قەسەس سۈرىسى، 77-ئايەت).

قۇرئاننىڭ كۆز-قارشى گۈللەندۈرۈش قانۇنىيىتىگە ئىگە ئالەم نەزىرىيىسى- بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنساننىڭ تەبىئىي ۋە روھىي خاراكتېرنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ. دېمەك، بۇ كۆز-قاراش ئىنساننى گۈزەل ھايات بەرپا قىلىش، مەدەنىيەت تىكلەش ۋە زېمىننى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىتتىرگۈچى كۈچ ۋە ۋىجدان ئېنېرگىيسى بىلەن تەمىنلەيدۇ:«ئاللاھ گۈزەلدۇر، گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىدۇ»(مۇسلىم رىۋايىتى). چۈنكى زېمىندا ئىزباسار بولۇش ۋە مەدەنىيەت يارىتىش دېگەنلىك زامان-ماكاندىكى ئاڭ ۋە گۈللەندۈرۈش تەييارلىقىدىن ئىبارەت. شۇڭا ئىسلامنىڭ مەدەنىيەتلىك ئالەم كۆز-قارشى ئىنسان ئۆزىنى ۋە ھاياتىنى قۇربان قىلالايدىغان مەجبۇرىيەتتۇر.

 قۇرئان كەرىمنىڭ ئالەم نەزىرىيىسى ئىجابىي گۈللەندۈرۈش خاراكتېرىگە ئىگە تەۋھىد قارشى بولۇپ، ئىنسان بۇ كۆز-قارشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىيالايدۇ، ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشى ۋە رازىلىقىغا ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش ۋە رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاللاھ ياراتقان شەكىلدە تەبىئىي خاراكتېرىنى ئىسپاتلاش ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقىدۇ.

قۇرئان كۆز-قارشىدا ئاللاھ ياراتقۇچى، ھەق، ئادىل، ئامانلىق ئاتا قىلغۇچى، بارلىق كامالەت سۈپەتلىرىنىڭ ئىگىسىدۇر. ئۇنىڭ ئوخشىشى يوقتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئۇ زات ھېچقانداق بىرسىگە مۇھتاج ئەمەستۇر، بارلىق ئەيىب-نۇقساندىن پاك زاتتۇر. ئۇ ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھەممىگە قادىر، ھەممە نەرسىلەرنى ئىرادە قىلغۇچى ۋە ھەممە نەرسىنى تەقدىر قىلغۇچى زاتتۇر.

 قۇرئان كۆز-قارشىدا يامانلىق ۋە شەيتان زىيانلىقتۇر، زۇلۇمدۇر، باغرى تاشلىقتۇر ۋە تاجاۋۇز قىلغانلىقتۇر. مۇسۇلماننىڭ كۆز-قارشى ساغلام بولسا ياخشىلىقنى سۆيىدىغان ۋە يامانلىقنى ئۆچ كۆرىدىغان ئىنسان بولىدۇ.

قۇرئان كۆز-قارشى باشقىلارنى ياخشى كۆرۈش، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىنى قوغداش ۋە تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر. بۇ كۆز-قاراشنىڭ جەۋھىرى تەۋھىدتۇر، ئاساسىي توغرا مەرىپەت ۋە ۋىجداننى پاك تۇتۇشتۇر.

مۇشۇ نۇقتىدىن زىكرى ئېيتىش ۋە ناماز ئوقۇش ئاللاھ بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقتۇر:«ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ، ئاللاھنى ياد ئېتىش ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر، ئاللاھ قىلىۋاتقان ھەممە ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ» (ئەنكەبۇت سۈرىسى، 45-ئايەت). زىكىر ئېيتىش ۋە ئاللاھ بىلەن ياخشى ئالاقە ئورنىتىش ئارقىلىق ئىنسان ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىيالايدىغان تەبىئىي مەسىلىدۇر.

شۇنى بىلىش كېرەككى، ئىنسان بىلىم-مەرىپەت، ياخشى ئىشلارنى قىلىش، ئىشلارنى پۇختا ئىش قىلىش ۋە ئىجادىيەت يارىتىش ئارقىلىق ئىزباسارلىق ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن زېمىننى گۈللەندۈرمىسە، ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتى ۋە ئالاقىسى ھەقىقىي ھېسابلانمايدۇ ۋە ئۈنۈم بەرمەيدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ ھەقىقى قىممىتى ۋە پايدىسى ھەرىكەت قىلىش، ئىقتىدارلىق بولۇش، ئىجادىيەت يارىتىش ۋە باشقىلارغا پايدا يەتكۈزۈش ئارقىلىق رېئالىققا چىقىدۇ. ئىنساننىڭ ئىجادىيەت يارىتىش ۋە باشقىلارغا پايدا يەتكۈزۈشنىڭ چېكى بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنساننىڭ قىممىتى پايدا يەتكۈزۈش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، تۈزەش ۋە ئىجادىيەت يارىتىشتا نامايەن بولىدۇ:«ئاللاھ ساڭا بەرگەن بايلىق بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى تىلىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن، ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەنمۇ ياخشىلىق قىلغىن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىقنى قىلمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ » (قەسەس سۈرىسى، 77-ئايەت).

يەنە:«قانچىلىك ياخشىلىق قىلساڭلار، سىلەرگە مۇكاپىتى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەر قىلغان ياخشىلىقىڭلارنى زىيان تارتمايسىلەر»(بەقەر سۈرىسى، 272-ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

قۇرئان كۆرسەتمىسىدە بىلىم-مەرىپەت ئىگىلەش، ئىلمىي قانۇنىيەتلەرنى تېپىپ چىقىش، زېمىننى گۈللەندۈرۈش ۋە ئىجادىيەت يارىتىش ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسىدۇر.

ئىسلامنىڭ ئالەم نەزىرىيىسى سۆيگۈ-مۇھەببەت، ياخشىلىق، گۈللىنىش ۋە ئىلمىي قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن كەڭ دائىرىلىك كۆز-قاراش بولغانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلماندىكى كۈچ-قۇۋۋەتنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ۋە گۈللەندۈرۈش تۇيغۇسىنىڭ ئاساسىنى تەمسىل قىلىپ بېرىدۇ.  مۇسۇلماندىكى كۈچ-قۇۋۋەت ۋە گۈللەندۈرۈش تۇيغۇسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئاساسىنى ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت كۈچى، ۋىجدان كۈچى، ئەقىل كۈچى، بىلىم-مەرىپەت كۈچى، ياخشى ئىرادە كۈچى، ساغلام ئەقىدە ۋە توغرا ئىمان كۈچى شەكىللەندۈرۈشكە ھەسسە قوشىدۇ.

مۇشۇ ۋەجىدىن قۇرئاننىڭ ئالەم كۆز-قارشىنىڭ ھاياتنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىدە كېڭەش، ئادالەت، ئەڭ ياخشىسىنى قىلىش ۋە ئۆزىنى پاكلاش چۈشەنچىلىرىدە ئەكىس ئەتكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. شۇنداقلا قۇرئان كەرىمنىڭ زۇلۇم، تاجاۋۇزچىلىق ۋە قەبىھ قىلمىشلارنى چەكلەش… ئۇقۇملىرىدا ئەكىس ئەتكەن. قۇرئان كەرىمنىڭ مانا بۇ ئۇقۇملىرى مەدەنىيەتلىك ئىنسان ھاياتىنىڭ ساھەلىرىنى توغرا يۆلىنىشكە سالىدىغان ھاكىم ئورگانلارنى تەمسىل قىلىپ بېرىدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىپ قويۇش ئۈچۈنلا چۈشۈرۈلگەن تەۋەررۈك كىتاب ئەمەس، بەلكى ھەر قايسى تەرەپتىن گۈللەنگەن ئالەم كۆز-قارشىنىڭ مەنبەسىدۇر. شۇنداقلا ھىدايەت، توغرا يول كۆرسىتىش ۋە يوليورۇق بېرىش مەنبەسىدۇر.

قۇرئاندىكى ئالەم نەزىرىيىسىنىڭ تەسىرى قانائەتلىنىش كۈچى، ئىمان كۈچى، مەقسەت-غايىنىڭ ساغلام بولىشى ۋە ئەخلاقلىق بولۇشنىڭ تولۇق تېپىلىشى ئاساسىدا ھاسىل بولىدۇ. شۇنداقلا ئىدىيە مېتودىنىڭ توغرا بولىشى، ئىدىيىسىنىڭ ئىلمىي بولىشى ۋە ساغلام خاراكتېرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىش-ھەرىكەتنىڭ جىددىي بولىشى ۋە كەڭ دائىرىلىك ئىلمىي قانۇنىيەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان ھەرىكەتچانلىققا باغلىق:«ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۇمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشىنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى» (نۇر سۈرىسى، 55-ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

«ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كېلىدىغان بولساق، بىز ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنى ھەقىقەتەن يوققا چىقىرىۋەتمەيمىز»(كەھف سۈرىسى، 30-ئايەت).

يەنە«ئېيتقىنكى، (خالىغان) ئەمەللەرنى قىلىڭلار، قىلغان ئەمەلىڭلارنى ئاللاھ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە مۆمىنلەر كۆرۈپ تۇرىدۇ، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا نەرسىلەرنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە خەۋەر قىلىدۇ»(تەۋبە، 105-ئايەت).

يەنە:«ئۇنىڭغا بىز زېمىندا ھەقىقەتەن كۈچ -قۇدرەت ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئۆز مەقسىدىگە يېتىشنىڭ پۈتۈن سەۋەب-چارە ۋە يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردۇق. زۇلقەرنەين ئاللاھ ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن بارلىق سەۋەب-چارىلەرنى قوللاندى»(كەھف سۈرىسى، 84-85-ئايەتلەر).

يۇقىرىقى ئايەتلەرنىڭ روھىيغا قارىساق قۇرئان كەرىمنىڭ ئالەم نەزەرىيىسىدە ئۈنۈم يارىتىش ئۈچۈن ئۈچ تۈرلۈك ئامىلنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ: بىرىنجىسى: ھەقىقى ئىشەنچ ۋە ئىمان كۈچى. ئىككىنچىسى:ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىش-ھەرىكەت. ئۈچىنچىسى:ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئىلمىي قانۇنىيەت بويىچە ئۈنۈملۈك ۋە پائالىيەتچان بولىشىدىن ئىبارەت.

ئەگەر بىز ۋىجدان كۈچىمىزنى ھەقىقى ئىشقا سالماقچى بولساق، قۇرئان كەرىمنىڭ ئالەم نەزىريىسىنى ئويلىنىشىمىز؛ ئۇنىڭ ئەقىدە، ئىدىيە، ئەخلاق ۋە ئىلمىي قانۇنىيەتلەردىكى چۈشەنچىلىرى بويىچە ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم. ھەزرىتى ئۆمەر:«مەن ئاللاھنىڭ قانۇنىيتىدىن ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىگە قاچىمەن»دەپ بىزگە بۇ قانۇنىيەتنى ناھايىتى جانلىق ئىپادىلەپ بەرگەن ئىدى (بۇخارى رىۋايىتى).

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي

alem nezeriyesi 2