ئىسلام ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى
ئۆرپ-ئادەتلەر ئاتا بوۋىلاردىن قالغان مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ، مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداپ تۇرىدىغان ئاساسلىق ئامىل ۋە ئورتاق تارىخ ھېسابلىنىدۇ. ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆرپ ئادەتلىرى بولىدۇ. ھەتتا بىر تىللىق ۋە بىر دىنلىق خەلقنىڭمۇ توي-تۆكۈن، سالاملىشىش، ھېيىت- بايرام ۋە مېھماندارچىلىققا ئوخشاش ئىشلاردا بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئۆرپ- ئادەتلىرى بولىدۇ. ئادەتتە مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ دىنى ۋە مىللىي ئادەتلىرى بولىدۇ، دىنىي ئادەتلىرى ئەقىدىگە باغلانغان بولۇپ، سەزگۈلۈككە ئىگە بولىدۇ. مىللىي ئادەتلىرى بولسا ئۆزگىرىپ ۋە تەرەققى قىلىپ تۇرىدۇ.
دۇنيادىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ كىيىم-كېچەك پوسۇنلىرى، يېمەك-ئىچمەك شەكىللىرى، مھېماندارچىلىق تۈرلىرى، توي-تۆكۈن ئادەتلىرى، قۇرۇلۇش نۇسخىلىرى، ئەدەبىيات، گۈزەل- سەنئەت، تۈرلۈك بايرام ۋە باشقا ئىشلاردا ئۆزلىرىگە خاس ئۆرپ-ئادەتلىرى بولىدۇ.
ئۆرپ- ئادەت بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى تەمسىل قىلىدۇ، ئىسلام كۆرسەتمىسىگە زىت كەلمەيدىغان ئۆرپ-ئادەتلەر بولسا ھۆرمەتلىنىدۇ. ئىسلام دىنى پرىنسىپلىرى، مەقسەتلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرىگە زىت كەلمەيدىغان خۇسۇسىي ئۆرپ ئادەتلەرنى چەكلىمەيدۇ.
1.ئىسلام مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ
ئىسلام دىنى تۈرلۈك ئۆرپ ئادەتلەرگە ئىگە مىللەتلەر ئارىسىدا تارقىغان بولسىمۇ، بۇ توغرىدا ئۈچ تۈرلۈك ئۇسۇل قوللانغان:
بىرىنچى: گۈزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل قىممەت قاراشلارغا تەشەببۇس قىلىدىغان ئۆرپ-ئادەتلەر بولسا، ئۇنى شەرىئەتنىڭ پرىنسىپلىرىغا ماسلاشتۇرۇپ قوللىغان. مەسىلەن، قوشنىلارنى ھۆرمەتلەش، كەمبەغەللەرگە، مۇھتاجلارغا ۋە ئاجىزلارغا ياردەم بېرىشكە ئوخشاش.
ئىككىنچى: ئىجتىمائىي پارچىلىنىش، ئەخلاقسىزلىقنىڭ تارقىلىپ كېتىشى، بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى، خاتىرجەملىكنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشىگە ئوخشاش ئىسلامنىڭ پرىنسىپلىرى ۋە قىممەت قاراشلىرىغا زىت كېلىدىغان ناچار ئۆرپ-ئادەتلەر بولسا ئۇنىڭغا قارشى تۇرغان. مەسىلەن، قىزلارنى خالىمىسىمۇ مەجبۇرى تويىنى قىلىپ قويىدىغان ئادەتلەرنى چەكلىگەن. داخان- باخشىلارغا ئىشىنىش، تەلەي كېلىدۇ دەپ تۇمار ئېسىش، قەبرىستانلىقتا قان قىلىش ۋە ئوتنىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈش…كە ئوخشاش خاتا ئۆرپ ئادەتلەرنى توسقان.
ئۈچىنچى: ياخشى ۋە يامان خاراكتېرگە ئىگە ئىككى تەرەپلىمىلىك ئۆرپ-ئادەتلەر بولسا، ئۇنىڭ ياخشى تەرىپىنى قوللىغان ۋە ناچار تەرىپىدىن توسقان. بۇ مەنپەئەت ۋە زىيان سېلىشتۇرمىسى دېگەن تېمىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.
ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆرپ-ئادەتلەر دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇن بولسا قوللاش، ئۇيغۇن بولمىسا رەت قىلىش لازىم.
2.ئىسلام باشقا مىللەتلەرنى ئەرەبلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلمىغان
ئىسلامنىڭ مەقسىتى باشقا مىللەتلەرنى ئەرەبلەشتۈرۈش ئەمەس، ئىسلام مۇسۇلمان بولغان مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى بىكار قىلىۋەتمىگەن ياكى ئۆزگەرتمىگەن ياكى يوق قىلىۋەتمىگەن. بەلكى مىللى كىملىكنى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ئامىل سۈپىتىدە ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلىشقا تەشەببۇس قىلغان. مىللەتلەرنىڭ تىللىرىنىڭ ئوخشىمىغانلىقى مىللەتلەرنىڭ كىملىكىنىڭ ئوخشىمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، مانا بۇ مەسىلە تىل ۋە ئىنسانىي كىملىكنىڭ تۈرلۈك بولىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.
ئاللاھ ئىنسانلارنى تۈرلۈك مىللەت قىلىپ ياراتقان، مىللەت دېگەن سۆز شۇنىڭغا ئالاقىدار كىملىك، تىل، مەدەنىيەت ۋە توغرا بولغان ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ بىزنى ئۇيغۇر تۈركلىك كىملىكى بىلەن ياراتقان، ئەڭ ئېسىل ئىنساننى پەقەت تەقۋا بولۇشقا باغلىغان. ئۇنداقتا بىزنىڭ كىملىكىمىز ئۇيغۇر(شەرقى تۈركىستانلىق) ۋە ئىسلامدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىككى ئامىل بىر بىرىدىن ئايرىلمايدۇ.
ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ مىللەت كىملىكىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، كىملىك ئەينەن كىملىك ھالىتىدە قالىدۇ. مەسىلەن، ساھابىلەردىن سەلمان پارىس كىملىكىنى، سۇھەيب رۇم كىملىكىنى، بىلال ھەبەش كىملىكىنى ساقلاپ قالغان. ئىسلامنىڭ كىملىكى ئەرەب بولۇشنى كۆرسەتمەيدۇ، ئەرەبچە كىيىم-كېيىشنى تەقەززا قىلمايدۇ، ئەرەبچە سۆزلەشنى تەلەپ قىلمايدۇ، ئەرەبلەرنىڭ ئادىتى بويىچە ياشاشنى مەقسەت قىلمايدۇ… ئىسلامنىڭ كىملىكى ئەقىدە، شەرىئەت، ئەخلاق، پرىنسىپ ۋە كۆرسەتمىلىرىدىن ئىبارەت. ئىسلام ئوخشىمايدىغان سالاھىيەت، ئوخشىمايدىغان تىل ۋە پەرقلىق مەدەنىيەتتىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىدۇر.
قۇرئان كەرىم ئەرەب تىلى بىلەن چۈشكەن بىلەن، ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ئەرەبلەرنىڭ كىملىكى بولغان ئەرەب تىلى بىلەن نازىل بولغان، يېڭى بىر ئەرەب تىلى بىلەن نازىل بولمىغان. ئەرەبلەر جاھىلىيەتتىمۇ ئەرەب ئىدى، ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن دىيانەتتە مۇسۇلمان، كىملىكىدە ئەرەبلىكىنى ساقلاپ قالغان. ئەگەر ئىسلام مىللەتلەرنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان بولسا، دەسلەپتە بۇنى ئەرەبلەرگە تەتبىقلىغان بولاتتى، قۇرئان باشقا بىر تىل بىلەن چۈشكەن بولاتتى، ئۇ چاغدا بارلىق مۇسۇلمانلار ئاللاھ تۈرلۈك قىلىپ ياراتقان ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىللىرىنى تاشلاشقا مەجبۇر بولۇپ، يېڭى تىلنى ئۆگەنگەن بولاتتى. ئىسلامنىڭ ھەر خىل تىلدىكى بارلىق مىللەتلەرگە قويغان بىردىن بىر ئۆلچىمى تەقۋالىقتۇر.
3.ئىسلام ۋە مىللەتلەرنىڭ كىيىم-كېچەك ئادەتلىرى
ئەر-ئاياللارنىڭ چىرايلىق ۋە نورمال كىيىم-كېچەك كىيىشى چەكلەنمەيدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئادەم توپلاشقان يەردە چىرايلىق كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشنى مۇباھ قىلغان ۋە تەشەببۇس قىلغان: «ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر ناماز ۋاقتىدا چىرايلىق كىيمىڭلارنى كىيىڭلار، يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ. ئېيتقىنكى،«ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان گۈزەل كىيىم-كىچەكلەرنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟»(ئەئراف سۈرىسى، 31-32-ئايەتلەر).
بۇ ئايەت كىيىم-كېچەكنىڭ شەكلى، رەڭگى، تۈرى ياكى پوسۇنىنى بەلگىلەپ بەرمىگەن، چۈنكى ئىسلام ھەر دەۋرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەھكاملارنى يولغا قويىدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن مۇسۇلمان كىشى ئىسلامنىڭ مەقسەتلىرى ۋە ئۆزگەرمەس پرىنسىپلىرىغا زىتلەشتۈرمىگەن ئاساستا، كۈچىنىڭ يېتىشىچە دەۋرنىڭ تەقەززاسى ۋە مىللىتىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى دائىرىسى ئىچىدە چىرايلىق كىيىم-كېچەك كىيسە بولىدۇ. كىيىم-كېچەك دەۋر ۋە ئۆرپ-ئادەتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. كىشىلەرگە سىقىنچىلىق بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ خاس كىيىم-كېچىكى يوق ئىدى ۋە مۇئەييەن شەكىل بىلەن چەكلىنىپ قالمىغان ئىدى.
مەسىلەن، ئىسلامنىڭ ئەرلەرنىڭ كىيىم-كېچكىگە قويغان شەرتى باشقىلارنىڭ دىنى تۈس ئالغان كىيىم- كېچەكلىرى ياكى ئاياللارغا خاس رەڭدىكى كىيىم- كېچەكلەرگە ئوخشاپ قالماسلىقىدىن ئىبارەت. ئاياللارغا نىسبەتەن قويغان شەرتى بەدەننى سۈپەتلەپ بەرگىدەك دەرىجىدە تار ۋە نىپىز بولماسلىق، شۇنداقلا ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك دەرىجىدە زىننەت خاراكتېرلىك كىيىم-كېچەكلەر بولماسلىقى شەرت قىلىنىدۇ. دېمەك، كىيىم-كېچەكلەر يۇقىرقى بىر قانچە شەرتكە ئۇيغۇن بولسا مەسىلە يوق.
شەرىئەت ئاياللارنىڭ شەرئى كىيىم-كېچىكى ھەققىدە مۇئەييەن رەڭ ياكى مۇئەييەن پوسۇننى بەلگىلىمىگەن. ئاياللارنىڭ شەرئى كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ رەڭگىنىڭ قارا بولىشى ياكى ئابايە كىيىشى شەرت ئەمەس ياكى سۈننەتمۇ ئەمەس. ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى بەك دىققەتنى تارتىدىغان زىننەت خاراكتېرلىك بولمىسا، تۈرلۈك رەڭدىكى كىيىملەرنى كىيسە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قىز-ئاياللىرىمىز ئىپپەتلىك ۋە ھايالىق بولۇش شەرتىگە رېئايە قىلىش بىلەن بىرگە ھەر خىل رەڭدىكى كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىپ كەلگەن.
ئاياللارنىڭ شەرئى كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ رەڭلىرى ياكى شەكىللىرى كىشىلەر ئادەتلەنگەن ئۆرپ-ئادەت ۋە يۇرتلارنىڭ تۈرلۈك بولۇشىغا قارىتا بىر يۇرتتىن يەنە بىر يۇرتقا ئوخشىمايدۇ. شەرىئەت ئىسلامنىڭ پرىنسىپلىرى ۋە مەقسەتلىرىگە ياكى بىرەر ئېنىق شەرئى ھۆكۈمگە ياكى ئەدەب-ئەخلاققا زىت كەلمەيدىغان ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئېتىراپ قىلىدۇ. تەپسىرشۇناس تەبەرى:«گۇناھ بولمىسىلا دەۋرنىڭ كىيىم-كېچەك فورمىسىغا رېئايە قىلىش ئادەمگەرچىلىكنىڭ قاتارىدىندۇر، ئۇنىڭغا خىلاپ يول تۇتۇش شۆھرەت قازىنىشنىڭ يولىنى تۇتقانلىقتۇر»دېگەن(بۇخارىنىڭ شەرھىسى پەتھۇلبارى، كىتاب لىباس، 262-بەت).
شۇنداق بولغانىكەن كىيىم-كېچەكلەرنىڭ رەڭگى ياكى شەكلىنىڭ ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك زىننەت كىيىم-كېچەك قاتارىغا كىرەمدۇ ياكى كىرمەمدۇ؟ دېگەن مەسىلىنى ھەر يۇرتنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بەلگىلەيدۇ. چۈنكى بىر يۇرتتا كىيىم-كېچەكنىڭ رەڭگى ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان رەڭ دەپ قارالغان بولسا، باشقا بىر يۇرتتا ئۇنداق قارالمايدۇ. مەسىلەن، قارا رەڭ ئەرەبىستاندا ئادەت، باشقا يەردە ئادەت ئەمەس. تۈرك دۇنياسىدا يېشىل ياكى كۈلرەڭ ياكى كۆك ياكى قىزىلغا مايىل رەڭ ئادەت بولۇپ، نورمالدا دىققەت تارتمايدۇ. ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ پوسۇنى ھەققىدە شەرىئەتتىكى كىيىم-كېچەك ئۆلچەملىرىنىڭ مەقسىتىگە قاراش لازىم، چۈنكى كىيىم-كېچەك پوسۇنى زامان ۋە ماكاننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئادەت خاراكتېرلىك ئىشلار بولغاچقا، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ئاساسىدا كونترول قىلىنىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى
2018. 06- ئاي
ئىستانبۇل
