2024-يىل 19-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلام، مىلليلىك ۋە مىللەتپەرۋەرلىك

ئىسلام، مىلليلىك ۋە مىللەتپەرۋەرلىك

 

مىللەت ئۇقۇمى تەبىئىي خاراكتېر ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىدۇر. ئىسلام دىنى جىنسى ئالاقە خاراكتېرى، ئائىلە خاراكتېرى ۋە ئىگىدارچىلىق خاراكتېرىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇ خاراكتېرنىڭ ھەر بىرىگە قائىدە تۈزۈم بېكىتىپ بەرگەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئىسلام دىنى مىللىيلىك ياكى مىللەت دەپ ئاتىلىدىغان ئىجتىمائىي ۋە تىل بىرلىكى خاراكتېرىنى ئىنكار قىلارمۇ؟

مىللىيلىك ياكى مىللەت ئەقىدە ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي ۋە تىل ھادىسىدىن ئىبارەت. مىللەتچىلىك ئەقىدىگە ئايلىنىپ قالغاندا ئۆزىنى ئۆزى يوقىتىپ تاشلايدۇ.

ئىسلام دۇنياسىدىكى مىللەتچىلەرنىڭ خاتالىقى شۇكى، ئۇلارنىڭ مىللەتچىلىك ئۇقۇمىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇنى ئىسلامنىڭ ئەقىدىسى، تۈزۈمى ۋە قىممەت قاراشلىرى بىلەن سوقۇشتۇرغانلىقىدىن يۈز بەرگەن. ئىسلام ماركىسىزم، لىبېرالىزم ۋە ئىلمانىزمغا رەت قىلىدۇ، بىراق مىللىيلىك ياكى مىللەت ھەقىقىتى بىلەن قارشىلاشمايدۇ.

ئىسلام روھىنى ئۆزلەشتۈرگەن مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ناتسىزم، فاشىزم ۋە خىتتايىزم مىللەتىچىلىكىگە ئوخشاش چەكلەنگەن مىللەتچىلىك ئۇقۇمىغا كىرىپ قالماستىن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايدۇ، ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنالايدۇ ۋە تەبىئي داۋامىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ.

مىللەت ئۇقۇمىنى ياكى مىللىيلىكنى ئەقىدىگە ئايلاندۇرۇش خاتا بولغاندەك، مىللەت ئۇقۇمىنى ياكى مىللىيلىكنى ئىنكار قىلىشمۇ خاتا سانىلىدۇ ۋە قۇرئان كەرىم بىر قانچىلىغان ئايەتلەردە ئېتىراپ قىلغان كۆرۈنۈش ياكى ھادىسە بىلەن ئىسلامنى سوقۇشتۇرۇپ قويىدۇ. قۇرئان كەرىم:«ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق» (ھوجۇرات سۈرىسى، 13-ئايەت). بۇ ئايەت مىللەت ئۇقۇمى ۋە تىل بىرلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، شۇنداقلا مىللەتلەر ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز ئارا تونۇشۇشى ۋە ھەمكارلىشىشىغا چاقىرغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مىللىيلىكنى ياكى مىللەتچىلىكنى ئىجتىمائىي ۋە تىل كۆرۈنۈشىنى ياكى ھادىسىنى بىكار قىلىۋەتكىلى بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىسلام تارىخىدا تۈرك، كۇرد، پارىس ۋە باشقىلار ئەرەب بولۇپ كەتمەستىن، ئەسلى مىللىيلىكىنى ساقلاپ قالغان.

بۇ يەردە ئىككى تۈرلۈك مىللەت ئۇقۇمى بار بولۇپ، ئۇنى ئايرىپ چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. بىرى: ئىجتىمائىي ۋە تىل بىرلىكى خاراكتېرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان مىللەت تەۋەلىكى بولۇپ، ئىسلام بۇنى ئېتىراپ قىلىدۇ، بۇنىڭدا بىزنىڭ ئىختىيارلىقىمىز يوق، بۇ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدۇر. يەنە بىرى: ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى سەلبىي كۆرۈنۈش سۈپىتىنى تەمسىل قىلغان مۇتەئەسسىپ مىللەتچىلىك بولۇپ، ئىسلام ئۇنى رەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ.

 

مىللىيلىك ياكى مىللەتپەرۋەرلىكنىڭ ماھىيىتى

مىللەتلەر تىللىرىنىڭ بىر بىرىگە ئوخشىماسلىقى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ھەقىقى پەرقنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، شۇنداقلا مىللەتلەرنىڭ رەڭگى ۋە چىرايلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىمۇ مىللەتلەر ئارىسىدىكى تەبىئىي پەرقنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ :«ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقانلىقى، تىللىرىڭلارنىڭ، رەڭگىلىرىڭلارنىڭ خىلمۇ-خىل بولۇشى ئاللاھنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر، بۇنىڭدا بىلىملىك كىشىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار» (رۇم سۈرىسى، 22-ئايەت).

ئىسلام نۇرى دۇنياغا چاقنىغان زاماندا قان ۋە مىللەت ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن مۇتەئەسسىپلىك قىلىدىغان ۋە بىر-بىرىدىن ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان ئەھۋاللار زېمىننى قاپلاپ كەتكەن ئىدى. ئىسلام ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي خاراكتېرىگە خىتاب قىلغاندا، تەبىئىي خاراكتېر ئىسلام نىداسىغا تېز سۈرئەتتە ئاۋاز قوشقان ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ:«ئى ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلار بىر، ئاتاڭلار بىر، ھەممىڭلار ئادەمنىڭ بالىلىرى، ئادەم تۇپراقتىن يارىتىلغان. سىلەرنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغىنىڭلار تەقۋا بولغىنىڭلاردۇر. بىلىپ قويۇڭلاركى ئەرەب مىللىتىنىڭ يارىتىلىش جەھەتتىن باشقا مىللەتلەردىن ئارتۇقچىلىقى يوق، باشقا مىللەتلەرنىڭ يارىتىلىش جەھەتتىن ئەرەب مىللىتىدىن ئارتۇقچىلىقى يوق. ئارتۇقچىلىق پەقەت ئاللاھدىن قورقۇش ئاساسىدا بولىدۇ» (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى) دېگەن سۆزىگە قۇلاق سالغان. ئىسلام بۇ خىتابى ئارقىلىق ئىنسانلارنى قەبىلە، يۇرت ۋە ۋەتەن مۇتەئەسسىپلىكى، رەڭگى ۋە ئىرقى مۇتەئەسسىپلىكتىن ئازات قىلغان ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىيەسىگە تەشەببۇس قىلغان. بۇ سەۋەبتىن رەڭ، ئىرق، تىل ياكى تۇپراق ئىنسانلارنىڭ ئىنسانىي قېرىنداش بولۇپ ياشىشىغا توسالغۇ بولىۋالمىغان. ئىسلامدا ئىنساننىڭ ھۆرمىتى ۋە ھەق-ھوقۇقى مىللىتى، رەڭگى، تەبىقىسى ۋە مەنسىپىدىن كەلمەيدۇ، پەقەتلا ئىنسانلىقىدىن كېلىدۇ.

ئىسلام بىر ئۈممەت ئۇقۇمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۈممەتنى ئەقىدە ئاساسىدا بىرلەشتۈرگەن بىلەن ئەقىدىگە مەجبۇرلاشنى ئىجتىمائىي مۇئامىلىنىڭ ئاساسى قىلىپ بېكىتمىگەن. ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا جىھادنى پەرز قىلغان بولسا، كىشىلەرنى ئىسلامغا كىرىشكە زورلاش ئۈچۈن پەرز قىلمىغان، بەلكى زېمىندا ئادالەت تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن پەرز قىلغان. بۇ تۈزۈمدە ھەر ئىنسان ئۆزى خالىغان ئەقىدىنى تاللاپ ياشايدۇ ۋە ئەقىدىسى زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ ياكى ئەقىدىسى سەۋەبلىك ھاقارەتكە ئۇچرىمايدۇ. ئىسلام نەزەرىيىسىدە دىنغا كىرىشكە زورلاش بولمىغان ئىكەن، سىياسىي جەھەتتىن زورلاشمۇ بولمايدۇ. ئىنسانىيەت ئىسلامنىڭ بۇ نەزىرىيىسى ياكى پەلسەپىسى ئارقىلىق باشقا ئىنسانلارغا مۇئامىلە قىلىشتا يۈكسەك ئەخلاقىي سەۋىيىگە يېتەلىگەن.

ئىسلامدىكى جەمئىيەت ئىرقى ئايرىمچىلىق ياكى مۇتەئەسسىپلىك سۈپەتتىكى مىللەتچىلىكتىن خالى بولۇپ خەلقئارالىق بىر جەمئىيەتتۇر. بۇ جەمئىيەت بارلىق مىللەتلەرگە ئوچۇق بولۇپ بىر مىللەتنىڭ مىللەت تەۋەلىكى، رەڭگى، تىلى، دىنى ياكى ئەقىدىسىگە قارىمايدۇ. ئىسلام دەسلەپتىن تارتىپلا ئىرقى ئايرىمچىلىق ياكى مىللىي مۇتەئەسسىپلىكنى رەت قىلغان ۋە بارلىق ئىنسانلارنى بىر مەنبەگە باغلىغان. رەڭ، تىل ۋە ئىرقىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى ئالاھىدىلىك دەپ قارىمىغان.

فاشىزىم ياكى يەھۇدىزىم، ئىلمانىزىم ياكى ئامېرىكانلارنىڭ قىزىل ئىندىئانلارغا قىلغان مۇئامىلىسى قوزغاپ چىققان مۇتەئەسسىپلىك ياكى فاشىزىملىق ئىسلام تۇيغۇسىغا تامامەن يات بىر ئۇقۇمدۇر.

ئىسلام نەزەرىيىسىدە بارلىق ئىنسان بۇ زېمىننى گۈللەندۈرۈش، تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىزباسار قىلىنغان، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئىنسان نۇقتىسىدىن قېرىنداشتۇر، بۇلار ئۆز-ئارا بىر بىرىگە كۆيۈنمىسە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. رەسۇلۇللاھ بارلىق ئىنسانلار ھەققىدە:«زېمىندىكى كىشىلەرگە رەھىمدىل بولۇڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، ئاسماندىكى زات سىلەرگە رەھىمدىل بولىدۇ» دېگەن (تىرمىزى ۋە ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى).

ئىسلام دىنى جۇغراپىيە ياكى ئىرقى ئايرىمىچىلىق ئاساسىدىكى مىللىي ۋەتەن توساقلىرىنى يوقاتقان بىلەن، مىللەت ياكى ۋەتەن ئۇقۇمىنى يوق قىلىۋەتمەيدۇ. چۈنكى ۋەتەن ئۇقۇمى بىرلىشىش، قېرىنداشلىق، ھەمكارلىق، تونۇشۇش ۋە بىر-بىرىنى باغلاپ تۇرىدىغان تۈزۈم مەنىسىنى كۆرسىتىدۇ.

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي

millet