2024-يىل 19-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئەھل سۈننە ۋەلجامائە ھەققىدە

«ئەھل سۈننە ۋەلجامائە»ھەققىدە قىسقىچە بايان

 

«سۈننەت»رەسۇلۇللاھنىڭ يولىدۇر، «جامائە»دىن مەقسەت ساھابە ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن مۇسۇلمانلارنىڭ جامائىتىدۇر. «ئەھل سۈننە»دېگىنىمىز رەسۇلۇللاھنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭغان مۇسۇلمانلاردۇر، «جامائە»دېگىنىمىز ساھابە ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرنىڭ يولىدىن ئايرىلماي، ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگىشىپ ماڭغانلاردۇر. ساھابە ۋە تابىئىنلارغا ئەگىشىش ھىدايەتتۇر، ئۇلارنىڭ يولىغا خىلاپلىق قىلىش ئازغۇنلۇقتۇر.

«ئەھل سۈننە» ئېقىملىرى ياكى مەزھەپلىرىگە تەۋە ئەقىدە مەزھەپلىرى مەيدانغا كەلگەنگە قەدەر«ئەھل سۈننە ۋەلجامائە» دېگەن ئاتالغۇ ئومۇمىي ئىستىمال قىلىناتتى، ئەقىدە مەدرىسىلىرى ياكى مەزھەپلىرى پەيدا بولغاندا ھەر بىر ئېقىم بۇ ئاتالغۇنى ئۆزىگە ئىستىمال قىلىشتى، بىراق باشقىلاردىن بۇ ئاتالغۇنى ئىنكار قىلمىدى.

ئەقىدە جەھەتتە بىر بۆلەك مۇسۇلمانلار ئىمام «ئەھمەد بىن ھەنبەل»(164-241ھ)نى يولباشچى تۇتۇپ «ئەھل ھەدىس ياكى ئەھل ئەسەر»دەپ ئاتالدى. يەنە بىر بۆلەك مۇسۇلمانلار ئىمام «ئوبۇلھەسەن ئەشئەرى»(260-324ھ)نى يولباشچى تۇتۇپ «ئەشئەرىيە»دەپ ئاتالدى. يەنە بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلار ئىمام «ئەبۇ مەنسۇر ماترىدى» (228-333ھ)نى يولباشچى تۇتۇپ «ماترىدىيە»دەپ ئاتالدى.

شافىئى مەزھەپتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسى «ئەشئەرى»ئېقىمىغا تەۋە، ھەنەفى مەزھەپتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسى«ماتىردى»ئېقىمىغا تەۋە، ھەنبەلى مەزھەپتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسى«ئەھل ھەدىس ياكى ئەھل ئەسەر» ئېقىمغا تەۋەدۇر.

 يۇقىرىقى ئەھل سۈننىگە تەۋە ئۈچ تۈرلۈك ئەقىدە ئېقىملىرىنىڭ فىقھى مەزھەپتىنمۇ ئۆلىمالىرى بار. مەسىلەن، شام ۋە ئىراق زېمىندا «ئەشئەرىي» ئېقىمى مەشھۇر بولغان، تۈرك دۇنياسىدا «ماترىدىي» ئېقىمى مەشھۇر بولغان. ئەھل سۈننىگە تەۋە بۇ ئۈچ تۈرلۈك ئېقىم مۇسۇلمانلىرى بىر-بىرىگە توغرا ۋە ياخشى ئويدا بولۇپ، بەزىبىر تارماق كۆز-قاراشلار سەۋەبىدىن بىر-بىرىنى«ئەھل سۈننە ۋەلجامائە»دائىرىسىدىن چىقىرىۋەتمىگەن.

شەرئى ھۆججەت ئۇقۇمىنىڭ كەسكىن ياكى ئېھتىمالى بولۇش تەقەززاسى، ئۆلىمالار ئەقلىنىڭ چۈشىنىش جەھەتتىن ئوخشاش بولماسلىقى ۋە ئىلمىي تەتقىقات مېتودىنىڭ تۈرلۈك بولىشىغا قارىتا «ئەھل سۈننە ۋەلجامائە» ئۆلىمالىرى ئۆز ئارىسىدا تارماق مەسىلىلەردە بەزىبىر پىكرى ئىختىلاپنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلمايدۇ.

(1)

ئەھل سۈننە ئېقىملىرى ۋە تەۋھىدنىڭ تەقەززاسى

قۇرئان-سۈننەتكە تايانغان ئىسلام ئەقىدىسى ۋە پىكىرىنى قوغداش بايرىقىنى «ئىمام ئەشئەرى»، «ئىمام ماتىرىدى» ۋە «ئىمام تاھاۋى» بىر زاماندا تەڭ كۆتۈرۈپ چىققان. «ئەھل سۈننە ۋەلجامائە»نىڭ ئۈچ ئىمامى «ئەشئەرى»(260-324ھ)، «ماترىدى»(228-333ھ) ۋە «تاھاۋى»(239-321) بىر ئەسىردە ياشىغان زامانداش ئۆلىمالاردۇر. بۇ ئۈچ ئىمام ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەر بىرلىرى ئۆز يۇرتلىرىدا «ئەھل سۈننە ۋەلجامائە» پىكىرىنى ھىمايە قىلىش بايرىقىنى بىرلا ۋاقىتتا كۆتۈرۈپ چىققان. ئىمام «ئەبۇ جەئفەر تاھاۋى» مىسىر ۋە مەغرىب تەرەپتە، «ئىمام ئەشئەرى» ئىراق، شام ۋە ھىجازدا، «ئىمام ماترىدى» ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا «ئەھل سۈننە ۋەلجامائە»نىڭ ئەقىدە ۋە ئىدىيىسىنى «خاۋارىچ»، «مۇئتەزىلە» ۋە «شىئە»…لەردىن ئىبارەت ئازغۇن ئېقىملارنىڭ تەسىرلەردىن قوغداپ كەلگەن.

ئىمام تاھاۋىنىڭ:«ئەھل سۈننە ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسى» ياكى «تاھاۋى ئەقىدىسى» ناملىق كىتاۋى مەشھۇر ئەقىدە كىتاۋى بولۇپ، ئەھل سۈننىگە تەۋە تۆت فىقھى مەزھەپ ئۆلىمالىرىنىڭ قوبۇل قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن. فىقھى جەھەتتىن ھەنەفى مەزھىپىگە تەۋە ئىمام تاھاۋىنىڭ بۇ ئەقىدە كىتابى ئەھل سۈننىگە تەۋە تۆت مەزھەپ ئۆلىمالارنىڭ كۆز-قارىشىدا «سۈننى سەلەپى»مېتودىنىڭ ئاساسىغا ئايلانغان. ئىمام ئىبنى تەيمىيە(661-728ھ)، ئىمام تاھاۋىنىڭ ئەقىدە قاراشلىرىنى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ مەزھىپىگە ئەڭ يېقىن دەپ سۈپەتلىگەن.

ساھابە، تابىئىنلار، تۆت فىقھى مەزھەپ ئىماملىرى ۋە ئەھل سۈننىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك ئەقىدە مەزھىپى قۇرئان-سۈننەتنى ئاساس قىلىپ«ئەھل سۈننە ۋەلجامائە»نى تەشكىل قىلىدۇ. «ئەھل سۈننە ۋەلجامائە»گە تەۋە يۇقىرىقى ئۈچ تۈرلۈك ئەقىدە مەزھەپلىرىنىڭ «ئەقىدە ئاساسلىرى ۋە مەقسەتلىرى» ئوخشاشتۇر. بۇ ئۈچ ئېقىمدىكى يوللۇق ئىجتىھاد ۋە تۈرلۈك كۆز-قاراش ئەقىدىنىڭ ئاساسلىرىدا ئەمەس، تارماق مەسىلىلىرىدە يۈز بەرگەن.

دېمەك، «ئەھل سۈننە ۋەلجامائە» بۇ ئۈچ تۈرلۈك ئېقىمدىن تەركىپ تاپىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر ئېقىم ئۆزىنى پەقەتلا بىز «ئەھل سۈننە ۋەلجامائە»دەپ دەۋا قىلىپ، باشقا ئىككى ئېقىمنى «ئەھل سۈننە ۋەلجامائە» دائىرىسىدىن چىقىرىۋەتسە قەتئىي توغرا بولمايدۇ ۋە ئىنساپتىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ.

بۈگۈنكى كۈنلۈكتە«ئەھل سۈننە ۋەلجامائە»گە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان بۇ ئۈچ تۈرلۈك ئېقىمنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرى بەك كۆپ بولسىمۇ، مۇتەئەسسىپلىك ۋە تەقلىدچىلىك قىلىش نەتىجىسىدە بىر-بىرىنى چەتكە قېقىش؛ سەلەپى ئېقىمدىكىلەرنىڭ بولسا ئەقىلنىڭ رولىغا قارىتا قاتماللىق قىلىشى ۋە ئەقىدىنىڭ تارماق مەسىلىلىرىنى پرىنسىپال مەسىلىلەر قاتارىغا چىقىرىۋىلىشى، ئەشئەرى ۋە ماترىدىيلارنىڭ بولسا بۈگۈنمۇ ئەقىدىنى قىيىنلاشتۇرۇپ تونۇشتۇرۇشى ۋە بۇرۇنقى زامان دەۋرنىڭ تەقەززاسى بولغان ئىجتىھادى كۆز-قاراشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرماسلىقى پاسسىپ تەرەپلەرنىڭ قاتارىدىندىن بولسا كېرەك.

ئىسلام ئەقىدىسى مۇتلەق بۈيۈك ھەقىقەت بولغان ئىكەن، بۇ ئەقىدىنى ئىنسان ئەقلىگە مۇرەككەپلىكتىن خالى ھالدا، روەشەن ۋە دەۋرگە مۇناسىپ شەكىلدە قۇرئان مېتودى بۇيىچە تەقدىم قىلىنىشى لازىم. ئەقىدىنىڭ ئىنسان ھاياتىى ۋە جەمئىيەتتىكى تەسىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك. ئىسلام ئەقىدىسى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تالاش-تارتىش قىلىشنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالسا بولمايدۇ.

 شۇنىڭ ئۈچۈن «ئەھل سۈننە ۋەلجامائە»گە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان بۇ ئۈچ ئېقىمنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىنى تۈزىتىپ، بىر-بىرىگە يېقىنلاشتۇرۇپ دىنسىزلىقتىن ئىبارەت دەۋر مۈشكۈللىرىگە تاقابىل تۇرۇش زۆرۈر. ئەقىدىنىڭ ئاساسلىرى ۋە ئىسلامنىڭ پرىنسىپلىرىنى قۇرئان كەرىمنىڭ مېتودى ئاساسىدا چۈشىنىش مۇھىم.

بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئاتېئزىملىق، دىنسىزلاشتۇرۇش، ئىسلامنىڭ ئەقىدە پرىنسىپلىرىغا ھۇجۇم قىلىش، ئەقىدىنىڭ روھىنى ۋە ئىنسان ھاياتىدىكى تەسىرىنى يوقىتىشتەك تەھدىتكە دۈچ كېلىۋاتىمىز.

 دېمەك، ئەقىدىنىڭ ئاساسلىرى، تەۋھىدنىڭ ماھىيىتى ۋە تەقەززالىرى، ئىمان ۋە ئېھساننىڭ ئىنسان ۋە جەمئىيەتتىكى تەسىرى، ئەقدىنىڭ دۇنيا كۆز-قاراشلىرى، دىننىڭ مەقسەتلىرى ۋە ئىسلامنىڭ بىر پۈتۈن قىممەت قاراشلىرى ھەققىدە ئىزدىنىش دەۋرنىڭ جىددى تەلىپىدۇر. مانا بۇلار قۇرئان ۋە سۈننەت تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئەقىدىنىڭ ئاساسلىرى ۋە تەۋھىدنىڭ تەقەززاسىدۇر.

(2)

ئەھل سۈننە ۋەلجامائەنىڭ خۇسۇسىيىتى

1.ئەقىل بىلەن نەقىلنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ تۇتۇپ مېڭىش: بۇلار ۋەھىيگە يۇقىرى ئورۇن بېرىدۇ، بىراق ئەقىلنىڭ رولىغا سەل قارىمايدۇ.

2.ساغلام شەرئى ھۆججەتلەرنى قوبۇل قىلىش:ئەقىدىنىڭ ئاساسلىرى قۇرئان كەرىم ۋە مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ. «خەبەر ئاھاد» بىلەن ئەقىدىنىڭ تارماقلىرى ئىسپاتلىنىدۇ.

3.شەرىئەتنى بىر پۈتۈن تۇتۇپ ماڭىدۇ، تارماق مەسىلىلەرنى ئەقىدە ئاساسلىرىنىڭ سەۋىيىسىگە كۆتۈرۈۋالمايدۇ. «ئەھل سۈننە» ئۆلىمالىرى ئارىسىدا ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى، پرىنسىپلىرى، مەقسەتلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك قىممەت-قاراشلىرى توغرىسىدا ئىختىلاپ يوق. بەلكى ئىجتىھاد دائىرىسىگە تەۋە بولغان ئەقىدە، فىقھى ۋە باشقا پەنلەرنىڭ تارماق مەسىلىلەردە تۈرلۈك كۆز قاراش بولغان.

4.«ئەھل سۈننە ۋەلجامائە» ئوتتۇراھال يولنى تۇتۇپ ماڭغان. ئۇلار ۋەھىيگە تولۇق باش ئېگىش بىلەن بىرگە ئەقىلنىڭ چۈشىنىش ھۆكمىگە بويسۇنۇش ئارىسىدىكى مەرىپەت ساھەسىدە ئوتتۇراھال يول تۇتۇپ كەلگەن.

«سەلەپى، ئەشئەرى ۋە ماترىدى» ئېقىملىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ئوخشىمايدىغان كۆز-قاراشلىرى توغرىسىدا ئايرىم ماقالىدا يېزىلىدۇ.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

2017-2- 4- كۈنى

مىسىر، قاھىرە شەھىرى