2024-يىل 24-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

مەسئۇلىيەت چۈشەنچىسى

مەسئۇلىيەت چۈشەنچىسى

مەسئۇلىيەت دېگەن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتنى توغرا شەكىلدە تولۇق ئادا قىلىشى دېگەن بولىدۇ. مەسئۇلىيەت دېگەن ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەر ئارىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تۇتۇپ مېڭىش دېگەن.

بۇنىڭغا ئاساسەن مەسئۇلىيەت دېگەن ھەر بىر شەخسنىڭ ئۆز ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇشى، ئۈستىگە يۈكلەنگەن ئىشلار ھەققىدە ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلغان بولسا، ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىشى، يېتەرسىزلىك پەيدا قىلغان بولسا، ئۆزىنى تۈزىتىۋېلىشى لازىم بولىدۇ.

ھەر بىر كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن پەرۋەردىگارىغا قارىتا، ئۆزىگە قارىتا، ئائىلىسىگە قارىتا ۋە جەمئىيىتىگە قارىتا مەسئۇلىيىتى بولىدۇ.

ھەر بىرىمىزنىڭ بەدىنى، ئەقلى، روھى ۋە ئىستىلى جەھەتتىن مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. دىنىي ۋە ھاياتى جەھەتتىن مەسئۇلىيىتى بولىدۇ، پىكرى ۋە ئىستىلى جەھەتتىن مەسئۇلىيىتى بولىدۇ، ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن مەسئۇلىيىتى بولىدۇ ۋە دۇنيا- ئاخىرەتلىك جەھەتتىن مەسئۇلىيىتى بولىدۇ، چۈنكى ئىسلام دىنىمىز ھاياتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن مەسئۇلىيەت شەخس ۋە جەمئىيەت خاراكتېرلىك بولىدۇ.

ئىسلام دىنىدىكى ھەر بىر مۇسۇلمان مەسئۇلىيەت ئىگىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، سەل قاراش ياكى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش سەۋەبىدىن يېتەرسىزلىك پەيدا قىلغان بولسا، بۇ مەسئۇلىيەتتىن قۇتۇلالمايدۇ، چۈنكى ئىسلام نەزىرىدە ھەر بىر مۇسۇلمان بىر چېگرا ئېغىزىنى ھىمايە قىلىۋاتقان ئەسكەر ھېسابلىنىدۇ. ئىسلامنىڭ ئەقىدە، ئىبادەت، شەرىئەت، ئەخلاق كۆرسەتمىلىرىنى، سىياسەت ۋە ئىقتىساد پرىنسىپلىرىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە قوغداش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر.

ھەر بىرىمىزنىڭ ئىسلامغا قارىتا مەسئۇلىيىتىمىز سۈزۈك ۋە ئېنىق بولۇشى لازىم، ئەگەر بىز ئىسلامغا بولغان مەسئۇلىيىتىمىز ھەققىدە كەمچىللىك ئۆتكۈزسەك، بىرىنچى قىلىپ ئۆزىمىزگە، ئىككىنچى قىلىپ ئۆزىىمىز مەنسۇپ بولۇۋاتقان ئىسلامغا زىيانكەشلىك قىلغان بولىمىز ۋە ئىسلامنىڭ ئابرۇيىنى سەتلەشتۈرۋېتىشكە سەۋەب بولىمىز.

شۇڭا ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئاددى سانىسا ياكى مەسئۇلىيەتسىز بولۇۋالسا توغرا بولمايدۇ.

مەسئۇلىيەت يەككە ۋە كوللىكتېپ بولىدۇ

 

مەسئۇلىيەت يەككە مەسئۇلىيەت ۋە كوللىكتېپ مەسئۇلىيەت دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، شەخسى مەسئۇلىيەت جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىدىن، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتى شەخسى مەسئۇلىيەتتىن ئايرىلالمايدۇ، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى شەخسى مەسئۇلىيەتتىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرمايدۇ.

بىر جەمئىيەتتە ئالىملار، دوختۇرلار، ئىنژېنېرلار، ئىقتىسادشۇناسلار، ئىدارەشۇناسلار، مۇئەللىملەر، خىمىيە ۋە فىزىكىغا ئوخشاش تەبىئىي پەن مۇتەخەسسىلىرى، مۇخبىرلار، ئىستىخباراتچىلار، سودىگەرلەر ۋە جەمئىيەت تەقەززا قىلىدىغان باشقا ساھەدىكى كەسپى بىلىم ئىگىلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. جەمئىيەت بىرلىشىپ ئورتاق كۈچ چىقارغاندا، ئاندىن ئۆزىگە كېرەكلىك كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ.

پەيغەمبەرىمىز ھەر بىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش ھەرىكەت قىلىۋاتقان كىشى بىلەن، ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلمىغان كىشىلەرنىڭ مىسالى كىمىگە چىققان كىشىلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ. بەزىلەر كىمنىڭ ئۈستى قەۋىتىدىن ئورۇن ئالىدۇ، بەزىلەر كىمىنىڭ ئاستى قەۋىتىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئاستى قەۋىتىدىن ئورۇن ئالغانلار بۇرۇنقى زاماندا سۇ لازىم بولسا، سۇنى ئۈستى قەۋەتكە چىقىپ ئالماي ئامالىي يوق ئىدى، شۇڭا ئۇلار ئۆز ئارا بىر- بىرىگە: بىز ئۈستىگە چىقىپ ئۈستىدىكىلەرگە ئەزىيەت بېرىپ يۈرگۈچە، ئۆزىمىز بار قەۋەتتىكى مۇشۇ يەردىنلا تۆشۈك ئېچىپ، سۇ ئالساق دېيىشىپ قالىدۇ. ئەگەر ئۈستى قەۋەتتىن ئورۇن ئالغان كىشىلەر بۇلار بىلەن كارى بولمىسا، ھەممىسى تەڭ خاپىلىققا قالىدۇ. ئەگەر ئۇلار مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ، خاتا ئىش قىلىۋاتقانلانلارنى توسۇپ قالسا، ھەممىسى قۇتۇلۇپ قالىدۇ» دېگەن (بۇخارى رىۋايىتى).

بۇ ھەدىس جەمئىيەتتىكى ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ قولىدىن كېلىشىچە جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش، جەمئىيەتتىكى ئىللەتلەرنى تۈزىتىش ۋە ۋەتىنىنى گۈللەندۈرۈشتە مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي