2024-يىل 29-مارت

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئالىملار ۋە سىياسىيۇنلار

ئالىملار ۋە سىياسىيۇنلار

ئالىملارنىڭ ۋەزىپىسى مىللەتكە ۋە سىياسىيۇنلارغا يول كۆرسىتىش، تۈزىتىش ۋە نەسىھەت قىلىشتۇر. سىياسىيۇنلارنىڭ تۇتۇپ ماڭغان يولى توغرا بولسا ئۇلارنى قوللاش، ناۋادا ئۇلارنىڭ تۇتۇپ ماڭغان يولى توغرا بولمىسا ئۇلارغا يول كۆرسىتىش، ئۇلارنىڭ ئاشقۇن ۋە پاسسىپ قاراشلىرى بولسا تۈزىتىش ۋە نەسىھەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. لېكىن كىم شوئار توۋلىسا، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كېتىۋېرىش مەسئۇلىيىتى ياكى ۋەزىپىسى يوق.

بۈگۈنكى شەرقى تۈركىستان دەۋاسىدىكى سىياسىيۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى شەرىئەت ئەھكاملىرى، پرىنسىپلىرى ۋە مەقسەتلىرىنى بىلىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا سىياسى مەيداندىكىلەر ئىش-پائالىيەتلىرىدە ئۆزلىرى بىلمەيدىغان ياكى ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولمىغان ساھەلەردە ۋائىزلاردىن ئەمەس «ئالىملار» دىن مەسلىھەت ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئالىملارنىڭمۇ ئۆزلىرى ياخشى بىلگەن ساھەلەردە يول كۆرسىتىشى، تۈزىتىشى ۋە نەسىھەت قىلىش مەسئۇلىيىتى بار.

سىياسىيۇنلار ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ شەرىئەت پرىنسىپلىرى، مەقسەتلىرى ۋە ئەھكاملىرىغا زىت كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئالىملارنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ پائالىيەت قىلىدۇ، چۈنكى ئىسلام دىنى ئالىملاردىن سوراپ ئىش قىلىش ۋە ئۇلاردىن مەسىلىھەت ئېلىشقا بۇيرۇغان. شۇڭا ئالىملارنىڭ شەخسىيىتى، ئىدىيىسى ۋە پوزىتسىيىسى مۇستەقىل بولىشى لازىم، چۈنكى ئۇلار ھاكىملار، سىياسىيۇنلار ۋە باشقىلاردىن ئۈستۈن مەرتىۋىدە تۇرىدۇ.

ئالىملار، كىشىلەر قايسى كوچىغا ماڭسا ياكى قانداق بىرى شوئار توۋلىسا ياكى نامايىشقا چاقىرسا ياكى قايسىبېرى مىللەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان كەلتۈرىدىغان ئىشلارغا قېتىلىشقا قىستىسا، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كېتىۋەرسە بولمايدۇ، مۇنداق قىلىش ئالىملارغا قەتئىي ياراشمايدۇ. ئالىملار كىشىلەرنىڭ بېسىمى ياكى جەمئىيەتنىڭ بېسىمى دېگەن باھانە بىلەن باشقىلارنىڭ ئارقىسىدىن ماڭسىمۇ توغرا بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتى توغرا بولسا ۋە ئۇنىڭغا قانائەتلەنسە قوللىسا بولىدۇ، شەخسى قانائىتى بولمىغان ياكى چۈشەنچىسى ئېنىق بولمىغان مەسىلىلەردە باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ خاتا قەدەم بېسىپ قالماسلىقى كېرەك، مۇنداق نۇقتىلاردا بەك دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، چۈنكى باشقىلارنىڭ ئۇلارنى ئۆزلىرى خالىغان تەرەپكە يۈزلەندۈرۈپ كېتىشى ياكى ئالىملارنى ئۆزلىرىگە ئەگەشتۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىغا سۇكۇت قىلىشى ئالىملارغا ياراشمايدۇ. مىللەتنى ۋە جەمئىيەتنى ساغلام يولغا يۈزلەندۈرۈش ياكى توغرا پىكىرگە يېتەكلەپ مېڭىش مەسئۇلىيىتى ئالىملارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.

بۈگۈنكى كۈنلۈكتە سالاھىيىتىي ئېنىق بولغان ياكى سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بەزى شەخسلەر ياكى بەزى ئېقىملار ياكى بەزى تەشكىلاتچىلار كۆز قاراشلىرىنى ياكى بەزى ۋاسىتىلىرىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن ئۆلىمالارنى ئۆز سېپىگە قېتىشقا ياكى ئۇلارنى ئارقىغا ئەگەشتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلماقتا. ئارقىغا ئەگەشتۈرەلمىگەن ياكى ئۆزلىرىنى قوللىمىغان ئۆلىمالارنى ھاقارەتلىمەكتە ياكى كەمسىتمەكتە. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شوئارىنى ياكى قوللانغان ۋاسىتىسىنى مىللەتنى مۇستەملىكىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان بىردىن بىر توغرا يول قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا. شۇڭا بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بەزى قائىدىلەرنى قىسقىچە بايان قىلىشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ.

1.ئالىملار سىياسىيۇنلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا ئۆزلىرىنىڭ پرىنسىپىنى، ئابرۇيىنى ۋە خەلق ئالدىدىكى سۈرىتىنى قوغدىشى لازىم.

2.ئالىملار بىلەن سىياسىيۇنلار ئارىسىدىكى ئورتاقلىشالايدىغان نۇقتىلارنى تېپىپ چىقىش ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز-ئارا چۈشەنچە پەيدا قىلىشى، نۇقسان تەرەپلىرىنى تۈزىتىشى ۋە يېقىنلىشىشى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. ئالىملار بىلەن سىياسىيۇنلارنىڭ ئورتاق نۇقتىغا كېلىشى ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپ تەڭ كۈچ چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ.

  1. ئالىملار سىياسىي ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىرىنى بىلىشى ۋە رېئال سىياسىي ھاياتنى تەھلىل قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئېگە بولىشى مۇھىم.
  2. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە سىياسىي قارارنىڭ ئىقتىساد بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىش مۇھىم.
  3. خەلقئارالىق سىياسىي مۇناسىۋەت ۋە سىياسىي دوكلاتلارنى ئوقۇپ تۇرۇش لازىم.
  4. ئاشقۇنلۇقنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن سىياسىي ۋە ئىستىخبارات جەھەتتىن پايدىلىنىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلىش كېرەك.
  5. ئالىملار باشقا ئېقىمدىكى كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشى ۋە ئالاقە ئورنىتىشى زۆرۈر.
  6. مىللەتكە يېتەكچى بولۇشنىڭ ئۆتەيدىغان بېجى بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تېگىشلىك ھوقۇقىمۇ بولىدۇ.
  7. باشقا ئېقىمدىكىلەر بىلەن ئورتاق نۇقتىلار ۋە چىقىشالايدىغان نۇقتىلار ھەققىدە ئىزدىنىش ۋە ئورتاق ھەرىكەت قىلىشقا ئۇرۇنۇش مۇھىم.
  8. ئالىملار ھەر قانداق بىر مەسىلىدە سىياسى مەيدانغا كىرىۋالغان كىشىلەرنىڭ ئارقىسىدىن كېتىۋەرسە بولمايدۇ. ئۇلار ئۆز پرىنسىپىغا ئۇيغۇن كەلگەن مەسىلىلەردە قوللاش ۋە ئورتاقلىشىش، پرىنسىپى ۋە كۆز قاراشلىرىغا ئۇيغۇن كەلمىگەن مەسىلىلەردە مەيدانىنى ساقلاپ قېلىپ ھەرىكەت قىلىش لازىم.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.