ئۆزىڭىزنى تەڭشىۋېلىڭ
1. قۇرئان كەرىم ئاۋازىمىزنى تەڭشەپ: «ئاۋازىڭىزنى پەس قىلىڭ» دەيدۇ. (لۇقمان سۈرىسى، 19- ئايەت).
2. يۈرۈش تۇرۇشىمىزنى تەڭشەپ: «كۆرەڭلەپ ماڭماڭ» دەيدۇ. (لۇقمان سۈرىسى، 18- ئايەت).
3. كۆزىمىزنى تەڭشەپ: «باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىگە كۆز سالماڭ» دەيدۇ. (تاھا سۈرىسى، 131- ئايەت).
4. قۇلقىمىزنى تەڭشەپ: «جاسۇسلۇق قىلماڭ» دەيدۇ. (ھوجۇرات سۈرىسى، 12 – ئايەت).
5. يېمەكلىرىمىزنى تەڭشەپ: «يەڭ، ئىچىڭ، ئىسراپ قىلماڭ» دەيدۇ. (ئەئراف سۈرىسى، 31 – ئايەت).
6. گەپ- سۆزلىمىزنى تەڭشەپ: «كىشىلەرگە ياخشى گەپ قىلىڭ» دەيدۇ. (بەقەر سۈرىسى، 83 – ئايەت).
7. سورۇنلىرىمىزنى تەڭشەپ: «بىر-بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار» دەيدۇ. (ھوجۇرات سۈرىسى، 12 – ئايەت).
8. باياناتلىرىمىزنى تەڭشەپ: «بىلمەيدىغان نەرسىلەردە توختالماڭ» دەيدۇ. (ئىسرا سۈرىسى، 36 – ئايەت).
9. كىشىلىك مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ: «كىم كەچۈرۈم قىلىۋەتسە ۋە ئارىنى ياخشىلىسا، بۈيۈك ئەجىرگە ئېرىشىدۇ» دەيدۇ. (شۇرا سۈرىسى، 40 – ئايەت).
10. ئىجتىمائىي ئېتىبارنى تەڭشەپ: «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ» دەيدۇ (زۇمەر سۈرىسى، 9 – ئايەت).
11. ئەقلىمىزنى تەڭشەپ: «ئويلانمامسىلەر؟، ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» دەيدۇ. (ئەنئام سۈرىسى، 50 – ئايەت).
12. پىكر ۋە باشقا نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى تەڭشەپ: «ئەگەر بىر نەرسىنىڭ ھۆكمىنى بىلمىسەڭلار، ئەھلى ئىلىمدىن سوراڭلار» دەيدۇ (ئەنبىيا سۈرىسى، 7- ئايەت).
دېمەك، بىز تەييار بولساق قۇرئان كەرىم بىزنىڭ ھاياتىمىزنى بىر-پۈتۈن تەڭشەشكە ۋە بەختلىك ھاياتقا ئىگە قىلىشقا كېپىلدۇر: «ئىمان ئېيتقانلارنىڭ قەلبى ئاللاھنى ھەقىقى سېغىنىش بىلەن خاتىرجەم بولىدۇ. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئاللاھنى زىكرى قىلىش ئارقىلىق قەلبلەر خاتىرجەم بولىدۇ» (رەئد سۈرىسى، 28 – ئايەت).
ئابدۇراھمان كاشىغەرىي.
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
راستچىللار سوراققا تارتىلىدۇ
قۇرئان مەقسەتلىرى ۋە قۇرئان كۇرسلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى
قۇرئاندىكى ئۈممەت ئۇقۇمى توغرىسىدا