2024-يىل 3-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

گەپ- سۆزلەرنى ئېنىقلاش سەل قارىلىۋاتقان پەرز

نەقىل قىلىنغان گەپلەرنى ئېنىقلاش سەل قارىلىۋاتقان پەرز

ئىسلام ھەردائىم مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبلىرىنى ئويغاق تۇتۇش كېرەكلىكىنى ھەمدە ھەر بىر مۇسۇلماننى ئۆزىگە توغرا تاپمىغان ھەرقانداق ئىشنى باشقا قېرىنداشلىرىغىمۇ راۋا كۆرمەسلىكىنى جېكىلەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئىسلام مۇسۇلمانلارنى ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا بولسۇن خەۋەرلەرنى ساغلام يول بىلەن قوبۇل قىلىشىنى، باشقىلارغا مۇناسىۋەتلىك نەقىل قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئالدىراپ ئىشىنىپ كېتىپ، ئۇلارغا ئەزىيەت بەرمەسلىكى ياكى زۇلۇم قىلىپ سالماسلىقى ئۈچۈن خەۋەرنىڭ مەنبەسىنى ۋە راست- يالغانلىقىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ.  

شۇنىڭدەك دىنىمىز ئاخباراتچىلىق ۋە تەشۋىقاتچىلىق ساھەسىدە شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتتە پىتنە- پاسات ۋە مىش-مىش پاراڭلارنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئاممىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا خەۋەرنىڭ راست- يالغانلىقىنى تەكشۈرۈپ، ئىشەنچىلىك ۋە پايدىلىق خەۋەرلەر بولسا تارقىتىشىنى، يالغان ۋە تۆھمەت خاراكتېرلىك خەۋەرلەر بولسا، تارقاتماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

 ئەپسۇسكى، باشقىلار توغرىسىدا نەقىل قىلىنغان خەۋەرلەرنى (ئېنىقلاش ۋە تەكشۈرۈش) كە سەل قاراش ھەمدە باشقىلارنىڭ سۆزىگە ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىش دەۋرىمىزدە كەڭرى ئومۇملىشىپ كېتىۋاتقان ئىجتىمائىي ئىللەتلەردىن بىرى. نۇرغۇنلىرىمىز بۇ مەسىلىگە سەل قاراۋاتىمىز، ھالبۇكى بۇ مەسىلە شەرىئىتىمىزدە ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ئىجتىمائىي پەرزدۇر. قۇرئان كەرىم بۇ توغرىدا: «(ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) بىلمەستىن گۇناھسىز كىشىلەرنى رەنجىتىپ قويۇپ ياكى ئۇلارغا تىل تەككۈزۈش ئارقىلىق ئەزىيەت بېرىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، (ئۇ ئىشنى) ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار، ھۆكۈم چىقىرىشتىن ئىلگىرى تەكشۈرۈڭلار» دەپ بۇيرۇغان (ھۇجۇرات سۈرىسى، 6- ئايەت).

بۇ ئايەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش لازىم:

1. خەۋەرنى ئۆزىڭىز تەكشۈرۈپ ئېنىقلاڭ.

يۇقىرىقى ئايەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، سىز بىرسىنىڭ باشقىلار توغرىسىدا ئېيتىلغان سۆزلىرىنى شەكسىز ھەقىقەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلماڭ، بەلكى سىز مەزكۇر خەۋەرنى مەسىلىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان كىشىنىڭ ئۆزىدىن تەكىتلىشىڭىز ۋە ئۇنىڭدىن سورىشىڭىز لازىم. شۇنداق بولغاندا مەسىلىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئايدىڭلىشىدۇ. بەلكىم خەۋەر يۆتكەپ كەلگەن كىشى گەپ-سۆزنى چالا يۆتكەپ قويغان ياكى كۆپتۈرۈپ قويغان بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم  گەپ- سۆز قۇلاقتىن قۇلاققا يۆتكەلگىچە يالغانچىلىق ۋە ئالدامچىلىق ئارىلىشىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.

2. بىر تەرەپنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپلا ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالدىرىماڭ.

 بىر كىشى ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ يېنىغا كۆزىنى قۇيۇۋەتكەن بىر ئادەم ھەققىدە ئەرز قىلىپ كەلگەن ئىكەن، ساھابىلەر ئۇ ئادەمنىڭ كۆزىنىڭ ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىشىپ كەتكەن ۋە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ چوقۇم ئۇ كىشىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقان ئىدى. ئەمما ھەزرىتى ئۆمەر ئەدلىيە ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ساھابىلەرگە: بۇ ئادەمنىڭ كۆزىنى قۇيۇۋەتكەن ئادەمنى ئىزدەپ تەكشۈرۈڭلار، بەلكىم بۇ ئادەم ئۇنىڭ كۆزىنى قۇيۇۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دېگەنىكەن.

3. خەۋەرنى ئېنىقلاشقا سەل قارىماڭ.

گەرچە سىز بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بولغان تەقدىردىمۇ، خەۋەرنى ياكى مەسىلىنى ئېنىقلىماي تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپلا پوزىتسىيە بىلدۈرسىڭىز توغرا بولمايدۇ.

4. گۇناھكار بولۇپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ.

مەسىلىنى قارشى تەرەپتىن ئېنىقلاش دېگەنلىك ھەرگىزمۇ سىزگە خەۋەر يەتكۈزگەن كىشىگە ئىشەنمەسلىكنى، ياكى ئۇنىڭ دېگەنلىرىدىن شەك قىلىشنى ياكى ئۇنى يالغانچىغا چىقىرىشنى ئىپادىلىمەيدۇ. بەلكى سىزنىڭ خەۋەرنى ئېنىقلاشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيىتىڭىزنى ۋە كۆڭلىڭىزنى خاتىرجەم قىلىشتىن ئىبارەت مەجبۇرىيىتىڭىزنى ئىپادىلەيدۇ.

5. ھەر كىمگە ئادىل بولۇڭ

بىرەرسىگە ئىشەنمەسىڭىزمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەققىدە ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشتىن ۋاز كەچمەڭ. سىزنىڭ بىرلىرىگە ئىشەنمەسلىكىڭىز ئادالەتسىزلىك قىلىشىڭىزغا سەۋەبچى بولۇپ قالمىسۇن.

6. چۈشەنمەيدىغان ئىشقا ئارىلاشماڭ

 ئۆزىڭىز چۈشەنمەيدىغان مەسىلىگە ئارىلاشماڭ ۋە ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە بولمىغان ئىشلارنى سۆزلەپ يۈرمەڭ. قۇرئان كەرىم بۇ توغرىدا: «بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئارىلاشما، (ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىل (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى)نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ» دېگەن (ئىسرا سۈرىسى، 36- ئايەت).

پىتنە- پاسات ۋە مىش-مىش پاراڭلار ئەۋج ئالغان زاماندا سىزنى گۇناھلارغا سۆرەپ كىرىشكە ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىڭىزنى ئۈزۈشكە سەۋەب بولىدىغان ئىشلارغا دۇچ كەلمەسلىكىڭىز ئۈچۈن خەۋەرنى ئېنىقلاش ياكى تەكشۈرۈش پەرزىگە سەل قارىماڭ. چۈنكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە ئۇنى ئاسراش شەرىئەتنىڭ يۈكسەك غايىسىدۇر.

خەۋەر ياكى مەسىلىنى ئېنىقلاشنىڭ پايدىلىرى:

1.خەۋەرنى ئېنىقلاش ئىماننىڭ ئالامىتىدۇر.

2. ئېنىقلاش خاتالىشىشتىن ساقلايدۇ.

3.قېرىنداشلىق ۋە بىرلىك روھىنى ئاشۇرىدۇ.

4. قان، ئىززەت-ئابرۇي ۋە مال- مۈلۈك ھىمايە قىلىدۇ.

5. كۆڭۈل خاتىرجەملىكى پەيدا قىلىدۇ.

6. ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۈرىدۇ.

7. ئادالەت ئىشقا ئاشىدۇ.

8. جەمئىيەتنى مۇناپىقلار ۋە ساتقۇنلار تازىلايدۇ.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي