2024-يىل 29-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

رامىزاننىڭ ماھىيىتى ۋە تەقەززاسى

رامىزاننىڭ ماھىيىتى ۋە تەقەززاسى

رامىزان روھىي، پىكرىي ۋە ئىستىلى جەھەتتىن ئۆزگىرىش زامانىدۇر.

 رامىزان قەلبنى ۋە روھنى پاكلاش زامانىدۇر.

رامىزان تەقۋالىق روھىنى يېتىلدۈرۈش زامانىدۇر.

رامىزان ئىماننى جانلاندۇرۇش ۋە تىرىلدۈرۈش زامانىدۇر.

رامىزان خاتا ئىدىيەنى ئىسلاھ قىلىش زامانىدۇر.

رامىزان يامان ئەخلاقنى تۈزىتىش زامانىدۇر.

رامىزان سودا-سېتىقتا ۋە باشقا ئىشلاردا ھالال- ھارام  ۋە توغرا – خاتا ئەقىدىسىنى تىرىلدۈرۈش زامانىدۇر.

رامىزان باشقىلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھەقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش زامانىدۇر.

رامىزان پەرز زاكاتنى ئادا قىلىش ۋە خەير ئېھسان قىلىش زامانىدۇر.

رامىزان زۇلۇمغا ۋە زالىمغا قارشى جىھاد روھىنى يېتىلدۈرۈش زامانىدۇر.

رامىزان ئەقىدىنى قوغداش ۋە ۋەتەن- مىللەتنى ھىمايە قىلىشقا بەل باغلاش زامانىدۇر.

رامىزان ئۆزئارا قېرىنداشلىق روھىنى كۈچلەندۈرۈش زامانىدۇر.

رامىزان قۇرئان تىلاۋىتى، زىكىر-دۇئا ۋە تەۋبە قىلىشقا مەركەزلىشىش زامانىدۇر.

رامىزان ھەرتۈرلۈك گۇناھلارغا تەۋبە قىلىپ ھاياتنى يېڭىدىن باشلاش زامانىدۇر.

رامىزان ناچار ئىللەتلەردىن قۇتۇلۇپ، ئېسىل ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈش زامانىدۇر.

رامىزان ئېيىدا ئۆزلەشتۈرگەن ئىبادەتلەرنى ۋە ياخشى ئىشلارنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا ئىرادە باغلاش زامانىدۇر.

رامىزان ھەق يولدا، توغرا يولدا قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر مۇستەھكەم تۇرۇشقا ئىرادە باغلاش زامانىدۇر.

دېمەك، رامىزان ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغان، ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغان ۋە ئىنقىلاب روھىنى يېتىلدۈرىدىغان ئايلىق مەكتەپتۇر.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي