2024-يىل 2-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

قەلبنىڭ تۈرلىرى

قەلبنىڭ تۈرلىرى

قەلبنى پاكلاش ۋە بۇلغاش ئارىسىدىكى دەرىجىلەر توغرىسىدا

قەلبنى ئىسلاھ قىلىش بىر قانچە باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ناچار سۈپەتتىن ماختاشقا سازاۋەر سۈپەتكە ئايلىنىدۇ، بىر ھالەتتىن تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ پاك ۋە تېخىمۇ يۈكسەك بولغان يەنە بىر ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ. ئايەتلەر پاكلىنىشقا تېگىشلىك بولغان بۇزۇق قەلبلەرنىڭ تۈرلىرىگە تۆۋەندىكىدەك ئىشارەت قىلغان.

شەيتانىي قەلب

بۇ قەلب كاپىرلىقى، بۇزۇقلۇقى ۋە توغرا يولدىن بۇرۇلۇشى سەۋەبلىك باشقىلارنى بۇزۇشقا، ئازدۇرۇشقا ۋە ئۇلارنى كاپىر قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئۈممەت توغرىسىدىكى ياخشىلىق ۋە يامانلىق ھەققىدە توختالغان ۋاقتىدا، بۇ قەلبنى تىلغا ئالغان. بۇ ئۈممەتنىڭ ياخشىلىق بىلەن يامانلىق بىرلىشىپ كەتكەن بىر باسقۇچقا كىرىپ قالىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە بۇ ياخشىلىقتىن كېيىن پەيدا بولىدىغان يامانلىق ھەققىدە سورالغاندا: «مەندىن كېيىن مېنىڭ يولۇمنى تۇتۇپ ماڭمايدىغان ۋە سۈننىتىمگە ئەمەل قىلمايدىغان ھاكىملار پەيدا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىنسان سۈرەتلىك شەيتاننىڭ قەلبىدەك قەلبى بار كىشىلەر پەيدا بولىدۇ» دېگەن[1].

ئاللاھ بۇ تۈردىكى قەلب ساھىبلىرىنى ئىنسانلارنىڭ شەيتانلىرى دەپ ئاتىغان: «شۇنىڭدەك ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى ھەر بىر پەيغەمبەرگە دۈشمەن قىلدۇق، ئۇلار ئالداش ئۈچۈن شېرىن سۆزلەر بىلەن بىر- بىرىگە ۋەسۋەسە قىلىدۇ، ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا، ئۇلار بۇ ئىشنى (يەنى پەيغەمبەرلىرىگە دۈشمەنلىكنى) قىلمايتتى، ئۇلارنى ئۆزلىرى تۈزگەن ھىيلە – مىكىرلىرىگە قويۇپ بەرگىن »[2].

مۇنداق قەلبنى پاكلاش بۇ كىشىنى ناھەقچىلىق، يامانلىق، زىيان سېلىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قاتارلىقلارنى ياخشى كۆرۈشتىن ھەقىقەت، ياخشىلىق، ئېھسان ۋە ئىسلاھات قاتارلىقلارنى ياخشى كۆرىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ.

ھىدايەتتىن مەھرۇم قالغان قەلب

ھىدايەتتىن مەھرۇم قالغان قەلب پېچەتلەنگەن قەلبتۇر. ئاللاھ بۇ ھەقتە: «ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ۋە قۇلاقلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن» دېگەن[3]. يەنە: «ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بارمۇ؟» دېگەن[4]. يەنە: «ئەنە شۇلار ئاللاھ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكەنلەردۇر» دېگەن[5]. بۇنداق قەلبلەرنى پاكلاش پېچەتلىنىش ۋە قۇلۇپلىنىش سەۋەبلىرىنى ھەل قىلىش ۋە تەۋبە قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ.

بۇ ئىشلارغا ئېلىپ بارىدىغان سەۋەبلەر ئىمانغا زىت كېلىدىغان خەتەرلىك ئىشلارنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ. مەسىلەن، ئاللاھ بۇ ھەقتە: «ئۇلار ئەھدىنى بۇزغانلىقلىرى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرى ۋە دىللىرىمىز پەردىلەنگەن (يەنى سۆزۈڭنى چۈشەنمەيدۇ) دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق). بەلكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبىدىن دىللىرىنى پېچەتلىۋەتتى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ» دېگەن[6].

يەنە: «ئۆزلىرىگە ھېچقانداق دەلىل كەلمىگەن تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە تالاش – تارتىش قىلىدىغانلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ۋە مۆمىنلەرنىڭ نەزىرىدە قاتتىق نەپرەتكە قالىدۇ، ئاللاھ ھەرقانداق مۇتەكەببىر ۋە زومىگەرنىڭ دىلىنى مۇشۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ» دېگەن[7].  

رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە: «بەزى كىشىلەر جۈمە نامىزىنى ئوقۇمايدىغان ئىشلارنى توختاتسۇن، ئۇنداق قىلمىغاندا ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە پېچەت بېسىۋېتىدۇ، ئاندىن ئۇلار غاپىللارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قالىدۇ» دېگەن[8].

ئۆلۈك قەلب

بۇنداق قەلب ھەقىقەتكە بويسۇنمايدىغان ۋە ئىنتىلمەيدىغان قەلبتۇر. ئاللاھ بۇ ھەقتە: «(سۆزۈڭگە) ھەقىقىي قۇلاق سالىدىغانلار (سېنىڭ دەۋىتىڭنى) قوبۇل قىلىدۇ، ئۆلۈكلەرنى ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ» دېگەن[9]. «ئۆلۈكلەر» دېگەندىن ئۆلۈك قەلبلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ھەقنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشىدىغانلارنىڭ قارشىسىدا بايان قىلغان.

ئاللاھ يەنە: «بۇنىڭدا (ھەقىقەت ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغان) قەلبكە ئىگە ئادەم ئۈچۈن ئەلۋەتتە ۋەز – نەسىھەت بار» دېگەن[10]. بۇ ئايەت بەزى كىشىلەرنىڭ قەلبى يوق دېمەكچىدەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئايەتنىڭ مەقسىتى بۇ ئەمەس، چۈنكى ھەرقانداق كىشىنىڭ قەلبى بولىدۇ. ئايەتنىڭ دېمەكچى بولغىنى قەلبىنىڭ رولىنى توغرا جارى قىلدۇرۇپ قەلبىنى ھەقىقەت تەرەپكە يۈزلەندۈرمىگەن، ھەقىقەت ۋە ياخشىلىق تەرەپكە مايىل قىلمىغان كىشىنىڭ قەلبى ئۆلۈك بولۇپ قالىدۇ، ئۇ كىشى بىلەن قەلبى يوق كىشى ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ، دېگەندىن ئىبارەتتۇر.

بۇ تۈردىكى قەلبنى پاكلاش قەلبنى ئىشلىتىش، قەلبنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلىش، قەلبنى ئىمان، ھەقىقەت ۋە ياخشىلىق تەرەپكە توغرا يۈزلەندۈرۈش ۋە قەلبنىڭ ئوي – خىياللىرىنى تۈزىتىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ.

كېسەل قەلب

ئاللاھ بۇ ھەقتە: «ئۇلارنىڭ دىللىرىدا كېسەل (يەنى مۇناپىقلىق ۋە شەكلىنىش) بار، ئاللاھ ئۇلارنىڭ كېسىلىنى كۈچەيتىۋەتتى؛ يالغان سۆزلىگەنلىكلىرى (يەنى يالغاندىن ئىماننى دەۋا قىلغانلىقلىرى ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ» دېگەن[11]. يەنە: «ئەينى ۋاقىتتا مۇناپىقلار ۋە دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) كېسىلى بارلار: <ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزلەرگە قۇرۇق ۋەدىلەرنى قىلىپتىكەن> دېيىشەتتى» دېگەن [12]. قۇرئان كەرىمدىكى قەلبىدە كېسىلى بار كىشىلەر دەپ بايان قىلىنغانلاردىن مەقسەت ئىنساننى ئىماندىن ئايرىپ تاشلايدىغان قەلبى كېسەل كىشىلەردۇر. بۇ يەردىكى كېسەل ئىمان ياكى ئىسلام بىلەن بىرلىشىپ قالغان كېسەللەرنى كۆرسەتمەيدۇ، چۈنكى ئىمان بىلەن بىرلىشىپ قالغان كېسەللەر، ئىماننىڭ يوقىلىپ كېتىشىگە ئەمەس، بەلكى ئىماننىڭ كېمىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.

بۇ تۈردىكى قەلبنى پاكلاش ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىغا كىبىرلىك قىلىش، ئاللاھتىن باشقىسىنى ئاللاھتىن بەكرەك ياخشى كۆرۈش، ئاللاھ ئۈچۈن ئەمەس مەخلۇقلار ئۈچۈن ئىش قىلىش، دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش ۋە دۇنيانىڭ كىشىنى جەلپ قىلىدىغان نەرسىلىرىنى ھاياتتىكى نىشان قىلىۋېلىشقا ئوخشاش كېسەللەرنى داۋالاش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. بۇ كېسەللەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ دورىسى تېپىلىدۇ.

ئۆزگىرىشچان قەلب

ئاللاھ بۇ ھەقتە: «ئۇلارنىڭ دىللىرىنى، كۆزلىرىنى پەردىلەپ، ئۇلارنى دەسلەپتە مۆجىزىلەرگە ئىشەنمىگىنىدەك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىمىز-دە، ئۆز ئازغۇنلۇقىدە تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇۋېتىمىز» دېگەن[13]. قەلب ئۆزگىرىپ تۇرسا ھەقىقەتلەردە ئىككىلىنىش ھالىتى يۈز بېرىدۇ، ئۇلار ئىشەنمىگەندە ۋە ھەقىقەت ھەققىدە شەك قىلغاندا قەلب ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.

بۇ تۈردىكى قەلبنى پاكلاش ھەقىقەتلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش، دەلىل – پاكىتلارنى ئاساس قىلىش ئارقىلىق ئىككىلىنىشنى يوقىتىش، ھەقىقەت دائىرىسىدە چىڭ تۇرۇش ۋە قەلب تونۇپ يەتكەن ھەقىقەتلەردە مۇستەھكەم تۇرۇش ئارقىلىق روياپقا چىقىدۇ.

غاپىل قەلب

 ئاللاھ بۇ ھەقتە: «ئۇلارنىڭ دىللىرى غەپلەتتىدۇر» دېگەن[14]. يەنە: «ئۇلارنىڭ دىللىرى بۇنىڭدىن (يەنى قۇرئاندىن) غەپلەتتىدۇر» دېگەن[15]. قەلب ھەقىقەتلەرنى بىلىپ تۇرۇپ، باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش ئارقىلىق ئۇ ھەقىقەتلەرنى بىلمەسلىككە سالسا، غاپىل قەلب بولۇپ قالىدۇ.

بۇ تۈردىكى قەلبنى پاكلاش ئۆزى بىلىدىغان ھەقىقەتلەرنى قۇرئان ئارقىلىق ئەسلەش، ياكى تەپەككۇر قىلىش، ياكى زىكىر ئېيتىش، ياكى ۋەز-نەسىھەت ئاڭلاش ئارقىلىق روياپقا چىقىدۇ.

قېتىپ كەتكەن قەلب

ئاللاھ بۇ ھەقتە: «مۆمىنلەرنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە (يەنى قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلمىدىمۇ؟ ئۇلار ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار)دەك بولمىسۇن، (ئۇلار بىلەن پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىلىقىدىكى) زاماننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر» دېگەن[16]. يەنە: «شۇنىڭدىن كېيىن دىلىڭلار قېتىپ كەتتى، تاشتەك ياكى تاشتىنمۇ قاتتىق قېتىپ كەتتى. تاشلار ئارىسىدا ئىچىدىن (سۇ ئېتىلىپ چىقىپ) ئېرىقلار ھاسىل بولىدىغانلىرى بار، يېرىلىپ ئارىسىدىن سۇ چىقىدىغانلىرىمۇ بار؛ ئاللاھتىن قورقۇپ، (تاغ چوققىلىرىدىن) دوملاپ چۈشىدىغانلىرىمۇ بار (دېمەك تاش يۇمشايدۇ، سىلەرنىڭ دىلىڭلار بولسا يۇمشىمايدۇ ۋە تەسىرلەنمەيدۇ)، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر» دېگەن[17].  

شەيتان قېتىپ كەتكەن ۋە كېسەل بولغان قەلبلەرنى ئاللاھتىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇش، ئازدۇرۇش ۋە پىتنىگە تاشلاش ئۈچۈن كىرىش ئېغىزى تاپالايدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە: «(ئاللاھنىڭ مۇنداق قىلىشى) دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) ئىللىتى بارلارنى، دىللىرى قېتىپ كەتكەنلەرنى شەيتاننىڭ سالغان شۈبھىسى بىلەن سىناش ئۈچۈندۇر، زالىملار ھەقىقەتەن (ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە) قاتتىق ئاداۋەتتىدۇر» دېگەن[18].

بۇ تۈردىكى قەلبنى پاكلاش ئەسلىتىش، ۋەز – نەسىھەت، تەپەككۈر قىلىش ۋە ئىبرەت ئېلىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. بۇ قەلب قېتىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ۋەز – نەسىھەت ئاڭلىسىمۇ بەزىدە ئىبرەت ئالمايدۇ. شۇڭا، بۇ قەلبلەر قورقۇتۇشقا، قەلبىدە ئاللاھنىڭ ئازابى ۋە جازاسىدىن قورقۇنچ پەيدا قىلىشقا موھتاج بولىدۇ. بۇ تۈردىكى قەلبلەر ئېغىر بىر بالاغا ياكى كېسەلگە ياكى ئىرادىسىدىن سىرت شەھۋەتلىرىدىن ۋە ئادەتلىرىدىن ئايرىۋېتىدىغان بىر ئىشقا ئۇشتۇمتۇت دۇچ كەلمىسە يۇمشىماسلىقى مۇمكىن.

ئەگەر قەلبنىڭ قېتىپ كېتىشى گۇناھلاردىن كېلىپ چىققان بولسا، ئۇ چاغدا، قەلبنىڭ قېتىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان گۇناھلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىش ۋە سەمىمىي تەۋبە قىلىش لازىم.

ئەگەر ئىنسان قەلبىدىكى بۇ سۈپەتلەردىن ۋە بۇ ئىشقا سەۋەب بولغان ئىش – ھەرىكەتلەردىن قۇتۇلسا، كۇپۇردىن پاك بولۇپ، سالامەت بولۇش سۈپەتلىرىگە لاياقەتلىك بولغان بولىدۇ. سالامەت بولۇشنىڭ دەسلەپكى سۈپەتلىرى ئىمانلىق بولۇش ۋە ئىمانغا زىت كېلىدىغان نەرسىلەردىن قۇتۇلۇشتۇر، ئاندىن ئاللاھقا ئىخلاسمەن بولۇش، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش، ئۇنىڭدىن قورقۇش ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش باشقا سۈپەتلەر بۇ ئاساستا شەكىللىنىپ ماڭىدۇ.

ساغلام قەلب

ئاللاھ بۇ ھەقتە: «ئۇ كۈندە (ھېچ كىشىگە) مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا پاك قەلب بىلەن كەلگەن ئادەملا پايدا تاپىدۇ» دېگەن[19]. بۇ ئايەت ئىنساننىڭ نىجات تېپىشى ئۈچۈن قەلبىنىڭ ساغلام بولۇش دەرىجىسىگە يېتىشى لازىمىلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. مۇسۇلمانغا نىسبەتەن قەلبنىڭ ساغلام بولۇش دەرىجىسى ھاسىل بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدۇر.

بۇ تۈردىكى قەلبنى پاكلاش بۇ يولنىڭ ساغلام ئىكەنلىكىدە مۇستەھكەم تۇرۇش، ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئەمەل قىلىش؛ ساغلام قەلبنىڭ سۈپەتلىرى، ئۇنىڭ يۈكسەك ماقاملىرى، ئىش – ھەرىكەتلىرى ۋە ئىنچىكە ئەخلاقلىرىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتا چوڭقۇرلىشىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. ئاندىن قەلب بويسۇنۇش ۋە خاتىرجەم بولۇش سۈپەتلىرىگە ئىگە بولۇپ تەرەققىي قىلىدۇ.

بويسۇنىدىغان قەلب

 ئاللاھ بۇ ھەقتە: «(ئاللاھنىڭ مۇنداق قىلىشى) ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قۇرئاننىڭ پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىشلىرى، ئىمان ئېيتىشلىرى ۋە دىللىرىنىڭ قۇرئانغا بويسۇنۇشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ مۆمىنلەرنى ھەقىقەتەن توغرا يولغا باشلىغۇچىدۇر» دېگەن[20].  بۇنداق قەلب ئىماندا مۇستەھكەم تۇرۇش ئارقىلىق ھىدايەتكە تېخىمۇ لايىق بولىدۇ.  

ئارام تاپىدىغان قەلب

ئاللاھ بۇ ھەقتە: «ئىمان ئېيتقانلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ، بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ» دېگەن[21]. يەنە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھتىن ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرۈش توغرىسىدىكى سەۋەبىنى ئەسلىتىپ: «لېكىن كۆڭلۈم (تېخىمۇ) ئارام تېپىشى ئۈچۈن» دېگەن[22].

بۇ قەلبنى پاكلاش شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىلىرىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئاللاھقا تايىنىش ئارقىلىق قەلبنىڭ ئارام تېپىشىنى ھىمايە قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ.


[1] مۇسلىم رىۋايىتى، 1847 – ھەدىس.

[2] ئەنئام سۈرىسى، 112 – ئايەت.

[3] بەقەر سۈرىسى، 7 – ئايەت.

[4] مۇھەممەد سۈرىسى، 24 – ئايەت.

[5] مۇھەممەد سۈرىسى، 16 – ئايەت.

[6] نىسا سۈرىسى،  155 – ئايەت.

[7] غاپىر سۈرىسى، 35 – ئايەت.

[8] مۇسلىم رىۋايىتى، 865 – ھەدىس.

[9] ئەنئام سۈرىسى، 36 – ئايەت.

[10] قاف سۈرىسى،  37 – ئايەت.

[11] بەقەر سۈرىسى،  10- ئايەت.

[12] ئەھزاب سۈرىسى، 12 – ئايەت.

[13] ئەنئام سۈرىسى، 110 – ئايەت.

[14] ئەنبىيا سۈرىسى، 3 – ئايەت.

[15] مۆمىنۇن سۈرىسى، 63 – ئايەت.

[16] ھەدىت سۈرىسى، 16 – ئايەت.

[17] بەقەر سۈرىسى، 74 – ئايەت.

[18] ھەج سۈرىسى، 53 – ئايەت.

[19] شۇئەرا سۈرىسى، 88 _ 89 – ئايەتلەر.

[20] ھەج سۈرىسى، 54 – ئايەت.

[21] رەئد سۈرىسى، 28 – ئايەت.

[22] بەقەر سۈرىسى، 260 – ئايەت.