2024-يىل 3-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ھاياتىڭىزدا يەنە بىر قېتىم روزا تۇتۇش ئىمكانىڭىز بولمىسا؟

يەنە بىر قېتىم روزا تۇتۇش ئىمكانىڭىز بولمىسا؟

 ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي

رامىزان ئېيى ئىماننى كۈچلەندۈرىدىغان، پىكرنى ئىسلاھ قىلىدىغان، ئەخلاقنى تۈزىتىدىغان، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھەمكارلىق شەكىللەندۈرىدىغان ۋە كۈرەش روھىنى جانلاندۇرىدىغان ئايدۇر. شۇڭا، بۇ ئايدا باشقا ئايلارغا قارىغاندا يېڭى بىر روھ بىلەن، يېڭى بىر قەلب بىلەن، يېڭى بىر ئەخلاق بىلەن، يېڭى بىر ئىرادە بىلەن چىقىش روزىنىڭ تەقەززاسىدۇر. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قەلبنى پاكلاش ۋە روزىنى ئاخىرقى رامىزان پۇرسىتىدەك روھ بىلەن تۇتۇش شەرت.

ئەگەر بۇ رامىزان ئۆمرىڭىزدىكى ئاخىرقى رامىزان بولۇپ قالسا، قانداق قىلاتتىڭىز؟ مېنىڭچە ھەركىم مۇنداق جاۋاب بېرىشى مۇمكىن، سىزچۇ؟

1. سەمىمىي تەۋبە قىلىشقا ئالدىراش:

شەرتلىرىنى ھازىرلىغان سەمىمىي تەۋبە ئاللاھ ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلىنىدۇ. سەمىمىي تەۋبىنىڭ شەرتلىرى: گۇناھ ئىشلاردىن قول ئۈزۈش، قىلغان گۇناھلىرىغا پۇشايمان بولۇش، قايتا قىلماسلىققا ئىرادە باغلاش، ئىنسانلارنىڭ ماددىي ھەقلىرىنى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ مەنىۋى ھوقۇقلىرى ئۆتۈپ قالغان بولسا ئۆزرە سوراپ كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلىش لازىم.

تەۋبىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن:

1) تەۋبە قىلغانلىقى بىلەن خۇرسەنلىك ھېس قىلىش،

2) تەۋبىسىنىڭ قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىش،

3) شەيتاننىڭ ئۇسۇللىرىغا باش ئەگمەسلىك،

4) ئىبادىتى بىلەن مەغرۇرلانماسلىق ۋە گۇناھىنى كىچىك سانىماسلىق،

5) ئاللاھنىڭ دائىم كۈزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېسىدىن چىقارماسلىق.

6) ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىش، يامان ھەمراھلاردىن يىراق تۇرۇش.

2. قەرزلەرنى ئادا قىلىشقا ئالدىراش:

ئىسلامدا بەندىلەرنىڭ ھوقۇقلىرى ئالاھىدە قوغدىلىدۇ، شۇڭا، ئىنسانلارنىڭ مال- مۈلۈكلىرىنى ھەقسىز يەۋېلىش، زىيانكەشلىك قىلىش، قەرزنى ئادا قىلماسلىق، قەرزلىرىنى تۆلىيەلەيدىغان تۇرۇقلۇق سوزۇۋېتىش ئېغىر گۇناھتۇر.

قەرزنى ۋاقتىدا تۆلىمەي ئۆلۈپ كېتىشتىن ياكى سوزۇۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش لازىم:

1) ئادا قىلىنمىغان قەرز قىيامەت كۈنى قەرزدارنىڭ ياخشىلىقىدىن ئادا قىلىنىدۇ.

2) ئەگەر قەرزدارنىڭ ياخشىلىقلىرى قەرزنى تۆلەشكە يەتمىسە، قەرز ئىگىسىنىڭ گۇناھلىرى قەرزدارغا يۈكلىنىدۇ.

3) ئاللاھ كىشىلەرنىڭ مال مۈلۈكىگە زىيانكەشلىك قىلغان كىشىنىڭ مال- مۈلكىگە بەرىكەت بەرمەيدۇ.

4) كىم قەرزى بار تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتسە، باشقىلارنىڭ ھەققىنى ئېلىۋالغان بولىدۇ.

5) باينىڭ ياكى قەرزنى بېرەلەيدىغان ئادەمنىڭ قەرزىنى ئارقىغا سوزۇشى زۇلۇم ھېسابلىنىدۇ.

6) شەخسنىڭ ھەققىي بۇ قەدەر مۇھىم بولسا، سىزچە ئەقىدىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش، ۋەتەننىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ۋە مىللەتنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش قانچىلىك مۇھىمدۇر؟…

3. نامازنى ھازىر قەلب بىلەن ئۆلچەملىك ئوقۇشقا تېرىشىش:

نامازدا قەلبنىڭ ھازىر بولۇشى، ئەزالارنىڭ خۇشۇ ھالىتىدە تۇرۇشى،  تەپەككۇر ئىچىدە ئوقۇش ۋە دۇنيا ئىشلىرى بىلەن زېھنىنى مەشغۇل قىلماسلىق نامازنىڭ روھىدۇر. ئاللاھ قۇرئاندا: «قَدْ أَفْلَحَ الْمُؤْمِنُونَ، الَّذِينَ هُمْ فِي صَلَاتِهِمْ خَاشِعُونَ» دەيدۇ (مۆمىنۇن:1، 2 – ئايەت).

ئايەتتە غەلىبە قازىنىشنىڭ بىرىنچى شەرتى نامازنى خۇشۇ ياكى ھازىر قەلب بىلەن ئادا قىلىشتۇر. نامازدا ھازىر قەلب ھالىتىدە بولۇش قەلبتىكى ئىخلاسنىڭ مېۋىسىدۇر، ئەزالارنىڭ دۇرۇس يولدا ئىكەنلىكىنىڭ مېۋىسىدۇر، ئاللاھنىڭ قەدرىنى چوڭ بىلگەنلىكتۇر ۋە ئىمان ئاساسلىرىنىڭ قەلبتە ئورنىغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.

نامازنى ھازىر قەلب بىلەن ئادا قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان ئامىللار:

1) گۇناھتىن قول يىغىش،

2) قەلبنى دۇنيالىق ئىشلاردىن خالىي قىلىش،

3) ئاللاھ دائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ دېگەن تۇيغۇنى يېتىلدۈرۈش،

4) نامازنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ساۋابىنى ئەسلەش،

5) قۇرئان كەرىمنى كۆپ تىلاۋەت قىلىش ۋە تەپەككۇر بىلەن ئوقۇش،

6) ئىسلامنى بىر پۈتۈن ساغلام چۈشىنىشكە تېرىشىش قاتارلىقلار.

4. باشقىلارغا پايدىسى يېتىدىغان ياخشى ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىۋېلىشقا ئالدىراش:

سېخىيلىق قىلىش دىنىمىزدا ئەقىدىگە مۇناسىۋەتلىكتۇر، ئىبادەتنىڭ تۈۋرۈكىدۇر، ئەخلاقنىڭ ئاساسىدۇر، مۇسۇلمانلىقنىڭ تەقەززاسىدۇر ۋە ئىسلام مەدەنىيەتىنىڭ نامايەندىسىدۇر…

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا:«ئاللاھ سېخىيدۇر، سېخىيلىقنى ياخشى كۆرىدۇ، ئېسىل ئەخلاقلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ناچار ئەخلاقلارنى يامان كۆرىدۇ» دەيدۇ (تىرمىزى بايان قىلغان).

سېخىيلىق جىسمانىي، ئىقتىسادىي، ئەقلىي، سىياسىي ۋە جىھادىي جەھەتتىن ئاجىزلارغا، موھتاجلارغا ۋە مەزلۇملارغا ياردەم قىلىشنى، شۇنىڭدەك مىللەتنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ مەسچىت يوق يەرلەرگە مەسچىت سېلىش، مەكتەپ سېلىش، ھەرساھەدە ياراملىق ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇپ يېتۈشتۈرۈشنى، ۋەخپە قىلىش…قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىسلامدا بايلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن موھتاج شەخسلەر ياكى ئورۇنلارغا ياردەم قىلىشى بايلار پەخىرلىنىپ مىننەت قىلىدىغان ئىش ئەمەس، ياكى ئۇلارنىڭ ئىختىيارلىقىدىكى بىر ئىش ئەمەس، بەلكى ئاللاھ ئىسلامنىڭ ئاساسىي ۋە مۇسۇلمانلىقنىڭ تەقەززاسى دەپ بەلگىلىگەن ئەقىدە ۋە ئىبادەت مەسىلىسىدۇر. شۇڭا، ئىقتىسادىي ياخشى مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ مال مۈلكىدە- ئاللاھ ئۈچۈن- كەمبەغەل ۋە موھتاجلارنىڭ ھەققى بار دەپ ئېتىقاد قىلمىسا، ساغلام مۇسۇلمان بولالمايدۇ.

سېخىيلىق قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان ئامىللار:

1) مال مۈلۈكنى ئاللاھنىڭ مېلى، ئىنساننى ۋەكىل دەپ بىلىش،

2) زاكاتنى ئىمانى مەجبۇرىيەت دەپ ئېتىقاد قىلىش،

3) خەير ئېھسان قىلىشنى مۇسۇلمانلىق ئەخلاقى دەپ بىلىش،

4) خەير ئېھسان قىلىشنى بەرىكەت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ بىلىش،

5) بېخىللىقنى باشقىلارنىڭ ھەققىگە زۇلۇم دەپ بىلىش،

 6) پەيغەمبەرىمىزنى ئۈلگە تۇتۇپ، سېخىيلىق قىلىشقا ئالدىراش…