بالىلار تېلېفون كۆرۈپ تۇرۇپ تاماق يېمەسلىك كېرەك
بالىلار تاماق يېگەندە بىسمىللاھ دەپ يېيىشكە، ئوڭ قولى بىلەن يېيىشكە، ئورتاق لېگەندە يېگەندە ئالدىدىن يېيىشكە، يەپ بولالىغۇدەك ئېلىپ تامىقىنى پاكىز تۈگىتىشكە، تاماق يەپ بولۇپ ئۆزى تاماق يېگەن قاچىسىنى يۇيۇشقا، تاماقتىن كېيىن بىرگە دۇئا قىلىپ ئاندىن داستىخاندىن قوپۇشقا ئادەتلىنىشى لازىم.
شۇنىڭدەك بالىلار تاماق يېگەندە تاماقنىڭ بەرىكىتى قېچىپ كەتمەسلىكى ۋە تاماق نېمىتىنىڭ ئاددىي سانىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تاماقنى ئايرىم بىر ئۆيگە ئەكىرىپ يالغۇز يېمەي ئاتا- ئانا بىلەن بىرگە يېيىشنى، تاماق يەپ تۇرۇپ تېلېفون ئوينىماسلىقنى ياكى تېلېفوندا بىر نەرسە كۆرمەسلىكنى ئادەت قىلىشى لازىم.
بالىلار ئايرىم بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپ يالغۇز تاماق يېگەندە تاماقنىڭ بەرىكىتى قېچىپ كەتسە ۋە شەخسىيەتچىلىك ئېڭى ئەۋج ئالسا، تېلېۋىزور كۆرۈپ ياكى تېلېفون ئويناپ تۇرۇپ تاماق يېگەندە، تاماقنىڭ بۈيۈك نېمەت ئىكەنلىكىنى ئويلانمايدىغان، قورسىقى تويغاننى بىلمەي كۆپ يەۋېتىدىغان، سەمرىتىدىغان ئىللەت كېلىپ چىقىدۇ ھەمدە تىل ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىىشىگە سەۋەب بولىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەي بالام، تاماقنى بىسمىللاھ دەپ باشلىغىن، ئوڭ قولۇڭ بىلەن يېگىن، ئالدىڭدىن يېگىن» دېگەن. (بۇخارى بايان قىلغان).
يەنە: بىر داستىخاندا يېيىلگەن: «بىر ئادەمنىڭ تامىقى ئىككى ئادەمگە يېتىدۇ» دېگەن (بۇخارى بايان قىلغان).
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي