جەمئىيەتشۇناس ئىبنى خەلدۇننىڭ دۆلەتسىزلىك ھەققىدىكى شاھانە سۆزلىرى
دۆلەت يىمىرىلگەندە ياكى دۆلەت قولدىن كەتكەندە:
مۇنەججىملەر، مۇناپىقلار، قۇرۇق شوئارۋازلار، بىلەرمەنلەر، لاياقەتسىز سىياسەتچىلەر، دۇمباقچىلار، پىتنىخورلار، يېقىمسىز ناخشا- ئۇسۇللار، سېتىلما يازغۇچىلار ۋە شائىرلار، تىلەمچىلەر، مەدداھلار، پىتنە- پاسات تارقاتقۇچىلار، گادايلار، مۇساپىرلار ۋە پۇرسەتپەرەسلەر… كۆپىيىپ كېتىدۇ.
دۆلەت يىمىرىلىپ كەتكەندە:
ھەركىمنىڭ ھەقىقىتى نامايان بولىدۇ، ماسكىسى ئېچىلىشقا باشلايدۇ،
ئارىلاشمايدىغان نەرسىلەر ئارىلىشىپ كېتىدۇ،
پىلانلىق ئىش قىلىش يوقاپ، تەدبىر بىلەن ئىش قىلىش ناچارلىشىدۇ،
راست بىلەن يالغان ئارىلىشىپ كېتىدۇ.
دۆلەت يىمىرىلىپ كەتكەندە:
قورقۇنچلۇق ئىشلار كۈچىيىپ كېتىدۇ،
كىشىلەر گۇرۇھلىشىپ كېتىدۇ،
سۆز-چۆچەكلەر پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ،
غەلىتە ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ،
دوست دۈشمەنگە، دۈشمەن دوستقا ئايلىنىپ قالىدۇ،
ناھەقچىلىق ئاۋازلىرى كۈچىيىپ كېتىدۇ،
ھەقىقەت سادالىرى تۆۋەنلەپ قالىدۇ،
ئۈنسە – ئۈلپەت بولۇشقا يارايدىغان كىشىلەر ئازلاپ كېتىدۇ،
ئارزۇ ئارمانلار تۆۋەنلەپ كېتىدۇ،
ئۈمىدسىزلىك ئەۋج ئالىدۇ،
ئەقىللىك كىشىلەرنىڭ غۇربەتچىلىكى ئېشىپ كېتىدۇ،
يۈزلەرنىڭ سىيماسى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
دۆلەت يىمىرىلىپ كەتكەندە:
تار دائىرىدىكى يۇرتۋازلىق ئىللەتلىرى ئەۋج ئالىدۇ،
ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسى خىيالغا ئايلىنىپ قالىدۇ،
ۋائىزلار، ناتىقلار ۋە تەنتەكلەرنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرى ئارىسىدا، دانا كىشىلەرنىڭ ئاۋازلىرى ئاجىزلىشىپ قالىدۇ،
بىر ۋەتەن ئەزالىرى ئارىسىدا خىيانەت تۆھمەتلىرى ئەۋج ئالىدۇ،
مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە قاچقۇنلۇق ھەققىدە سۆز چۆچەكلەر تارايدۇ،
سۇيىقەست ۋە ھىيلە- مىكىرلەر ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ،
يېقىن-يىراقتىن نەسىھەتلەر كۆپىيىپ قالىدۇ،
يېقىن -يىراقتىن تەشەببۇسكارلىقلار تاشلىنىپ تۇرىدۇ،
قۇربىتى يېتىدىغان كىشىلەر كۆچۈش غېمى، بايلار بايلىقىنى تەدبىر قىلىش غېمى بىلەن بولۇپ كېتىدۇ،
ۋەتەن سەپەر بېكىتىگە ئايلىنىپ قالىدۇ،
ئۆيلەر ئەسلىمىگە، ئەسلىمىلەر ھېكايىلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
2022- يىلى ئىيۇن
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.