ئەركىنلىكنىڭ تەقەززاسى
ئەركىنلىك دېگەن كىشىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇمىغان ھالدا ئىرادىسىنى جارى قىلدۇرۇش، ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمىگەن ئاساستا ئۆزى خالىغان پايدىلىق ئىش – ھەرىكەتلەرنى قىلىش، قۇللۇقتىن قۇتۇلۇش، ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى قولىغا ئېلىش ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش دېمەكتۇر.
ئىسلامدىكى ئەركىنلىك ئىنسانىي ھوقۇق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىنساننىڭ ئىنسانلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان زۆرۈر ئىشلارنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام تەسەۋۋۇرىدا ئىنسان ھاياتىنىڭ ھەقىقىي قىممىتى ھۆرلۈكتە نامايان بولىدۇ. ھۆرلۈك يوقالسا، ئىنسان ھاياتىنىڭ قىممىتى يوقىلىدۇ .
ھۆرلۈك ئىسلام پىرىنسىپىدا ئىلاھىي پەرز بولۇپ، ھاياتلىق بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ، بەلكى تېخى ھاياتلىقتىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ دېسەكمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز، چۈنكى ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ تۈپ نىشانى ئىنساننى ئەركىنلىككە ۋە ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت.
ئىنساننىڭ ئادىمىيلىكى ئەركىنلىك بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ، چۈنكى تاللاش ھەققىگە، ياكى ئېتىقاد قىلىش ھەققىگە ئېرىشەلمىگەن ئىنساننىڭ قىممىتى بولمايدۇ. شۇڭا، ئەركىنلىك مۇسۇلمان بولۇشنىڭ ئاساسلىق شەرتىدۇر، ئەركىنلىكتىن ۋاز كېچىش ئېتىقادتىن ۋاز كېچىش دېمەكتۇر. بۇ سەۋەبتىن، بېسىمدىن خالىي ھالدا قانائەتلىنىپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىمان ئېيتمىغان كىشىنىڭ ئىمانى ساغلام بولمايدۇ .
ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ۋەزىپىسى ئىنساننى ئازاد قىلىش، ئىنساننى ئىنساننىڭ بوزەك قىلىشىدىن قۇتقۇزۇۋېلىش، ئىنساننىڭ ئادىمىيلىكىنى، ھۆرمىتىنى ۋە ھوقۇقلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش، ئىنسان نەپسىنى پاكلاش، ئىنساننى ئاللاھدىن باشقىسىغا چوقۇنۇشتىن ئاگاھلاندۇرۇش، ئىنساننى پەقەتلا ياراتقۇچىغا بويسۇنۇشقا چاقىرىش ۋە ئىنسانىي باراۋەرلىك پىرىنسىپىنى ئېلان قىلىشتىن ئىبارەت.
شۇڭا، ئىنسانىي ئەركىنلىكنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسى ياراتقۇچى ئاللاھقىلا بويسۇنۇشتا نامايان بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش ئىنساننى باشقىلارغا زۇلۇم، زورلۇق ۋە مۇستەبىتلىك قىلىشتىن ھەمدە ئىلاھلىق دەۋاسى قىلىشتىن، ياكى زۇلۇمغا باش ئېگىشتىن، ياكى قۇللۇققا رازى بولۇشتىن ئازاد قىلىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.