بالىلارنىڭ پىسخىكىسىنى بۇزۇپ تاشلايدىغان ئىشلار
1. بالىلارنى سەت تىللاش ۋە كەمسىتىش،
2. ئۇرۇش، بولۇپمۇ ئېغىر ئۇرۇش،
3. ۋارقىراپ گەپ قىلىش،
4. كۆپ ئاچچىقلاش،
5. قوپال گەپ قىلىش،
6.كۆپ تەنقىد قىلىش،
7. زاڭلىق قىلىش،
8. كۆزگە ئىلمايدىغان گەپلەرنى قىلىش،
9. كۆپ تەھدىت سېلىش،
10. قولىدىن ئىش كەلمەس دەپ ئەيىبلەش،
11. بالىسىغا ئىشەنمەسلىك،
12. بالىسىنىڭ پىكىرلىرىنى تىڭشىماسلىق، ياكى پىكىرىنى تولۇق دېگىلى قويماسلىق،
13. مەسىلىنى تولۇق ئاڭلىماي تۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرىۋېتىش،
14. توغرا كۆرمىگەن مەسىلىنى ئاڭلىغاندا، خاتا تەرىپىنى چۈشەندۈرمەي تۇرۇپ، ئۇرۇپ ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇش،
15. بالىلارنىڭ ئىنتېرنېتتا كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇش…
16. بالىنى قېرىندىشى ياكى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش،
17. بالىلارغا باشقىلارنىڭ ئالدىدا نەسىھەت قىلىش،
18. بالىلارنىڭ ئەيىبلىرىنى سىرتتا باشقىلارغا دەپ يۈرۈش،
19. بالىلارغا كۆپ بېسىم قىلىش،
20. بالىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ باقماي تۇرۇپ، سەن جىم تۇر، سەن بىر نەرسە چۈشەنمەيسەن دېيىش،
21. بالىنى قانائەتلەندۈرمەي تۇرۇپ بۇيرۇق بېرىش،
22. قانائەتلەندۈرمەي ياكى سەۋەبىنى بايان قىلماي تۇرۇپ بىر نەرسىدىن چەكلەش،
23. ئاچچىقى كېلىپ قالغاندا بالىلىرى بىلەن خوشىنىڭ يوقلۇقىنى ئىپادىلەش،
24. تۆھمەت قىلىش،
25. بەددۇئا قىلىش…
26. ئاتا-ئانىنىڭ بالىنىڭ ئالدىدا جېدەل ماجىرا قىلىشى،
قاتارلىق ئىشلار بالىلارنىڭ پىسخىكىسىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ، شەخسىيىتىنى، ئىرادىسىنى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ ھەمدە بۇ ناچار ئىللەتنى ئۇكىلىرىغا ۋە باشقىلارغا تەتبىقلاشقا ئادەتلىنىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
01.08.2024 – كۈنى