مەدەنىيەت ۋە كىملىك
مەدەنىيەت مىراسى بولمىسا كىملىك بولمايدۇ، كىملىك ئۈستىگە قۇرۇلمىغان مەدەنىيەت مىراسى مەدەنىيەت سانالمايدۇ. مەدەنىيەت مىراسى بىلەن كىملىك بىر بىرىدىن ئايرىلمايدىغان ۋە بىر بىرىنى تولۇقلايدىغان ئىككى ئامىلدىن ئىبارەت.
ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت مىراسى بولىدۇ، شۇنداقلا باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئۆزىگە خاس كىملىكى بولىدۇ. چۈنكى كىملىك بىر شەخسنىڭ ياكى بىر جەمئىيەتنىڭ باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ماھىيەت خاراكتېرلىك سۈپەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەقىقەتتىن ئىبارەت. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا كىملىك مەدەنىيەت مىراسى ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ.
مەدەنىيەت مىراسى دېگەن يازما شەكىلدە يېتىپ كەلگەن دىن، ئەخلاق، تىل، قىممەت قاراش، بىلىم-مەرىپەت، ئەدەبىيات، تارىخ، فولكلور ۋە مېمارچىلىققا ئائىت مىراسلاردىن ئىبارەت. مىللەتنىڭ مەدەنىيەت مىراسى ئەقىدە ۋە ئىدىيەسىنىڭ مېۋىسى، ئەقلى ۋە روھى كۈچىنىڭ نەتىجىسى سانىلىدۇ. مىللەتنىڭ مەدەنىيەت مىراسى مىللەتنىڭ كىملىكىنى ئىپادىلەشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاسىتىسىدىن ئىبارەت.
ئىسلام دىنى تەۋھىد ئەقىدىسى ۋە دۇنياۋى قىممەت قاراشلىرىغا زىت كەلمىگەن ئاساستا مىللەتلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ۋە مەدەنىيەتلىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ، چۈنكى مەدەنىيەت خاسلىقى جەمئىيەتنىڭ ئەسىرلەر بويى توپلىغان تەجرىبىسىنى تەمسىل قىلىپ بېرىدۇ. مەدەنىيەت جەمئىيەتنىڭ قىممەت قارشى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىدىغان نەرسە بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر بىر جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت خاسلىقى بولىدۇ. مەدەنىيەت بولسا جەمئىيەتنىڭ ئالاقىسىنى ئىنتىزامغا سالىدىغان بىر بۆلەك بىلىم-مەرىپەت، تەجرىبە ۋە ئۆرپ ئادەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇ سەۋەبتىن دىن، تىل، مەدەنىيەت ۋە ئىرق ئىجتىمائىي بىرلىكنى ئىنتىزامغا سالىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ.
ھەر قانداق بىر مەدەنىيەتنىڭ روھى تىل، دىن، قىممەت قاراش ۋە ئۆرپ- ئادەتلەردىن شەكىللىنىدۇ. بۇ ئامىللارنى قوغدىغاندا مەدەنىيەت كىملىكىنى قوغدىغىلى بولىدۇ. ئەپسۇسكى بىزنىڭ ۋەتەن كىملىكىمىز ناھايىتى ئېغىر خەتەر ۋە تەھدىتىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. دۈشمەنلىرىمىز بۈگۈن ۋەتەن ۋە مىللىتىمىزنىڭ روھىنى ۋە مەدەنىيەت كىملىكىمىزنى يوقىتىپ تاشلاپ، باشقىچە كىملىك پەيدا قىلىشقا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلماقتا. بىز بىلەن مەدەنىيەت مىراسىمىزنىڭ ئارىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، بىزنى تارىخسىز ۋە مەدەنىيەتسىز قالدۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. تىلىمىز، ئەقىدىمىز، مەدەنىيەت مىراسىمىز ۋە تارىخىمىزغا جەڭ ئېلان قىلماقتا.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەدەنىيەت مىراسىنى قوغداش دىنى ۋە مىللىي جەھەتتىن بىزگە تاپشۇرۇلغان ئامانەت ۋە مەجبۇرىيەت. ئۇنى ھىمايە قىلىش مىللەت ئوغلانلىرى ئارىسىدىكى ئورتاق مەسئۇلىيەت، چۈنكى كىملىكىمىز بىزنى باشقىلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان مەنبە ۋە ھىمايە قىلىدىغان قورغاندىن ئىبارەت.
مەدەنىيەت مىراسىمىز كىملىكىمىزنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ، مىللەتلەر مەدەنىيەت مىراسى كىملىكلىرى بىلەن تونۇلىدۇ، چۈنكى مەدەنىيەت مىراسلىرى مەرىپەت مەنبەسى ۋە مىللەتنىڭ بايلىقى سانىلىدۇ. بىزدە ئىنسانىيەت مەرىپىتى ۋە مەدەنىيىتىگە ھەسسە قوشقان ئىلمىي بايلىقلار بار، بۇ ئىلىمى بايلىقلار كىملىكىمىزنىڭ نامايەندىلىرى سانىلىدۇ. شۇڭا ۋەتەن-مىللەتنىڭ تارىخى ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن كىملىكنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىشنى تەشەببۇس قىلىش لازىم. مەدەنىيەت مىراسىنى يىقىتىپ تاشلاش ئەڭ چوڭ جىنايەت بولسا، ئۇنى قوغداش بۈيۈك مەسئۇلىيەت ۋە ۋاجىبتۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.