قانداق قىلغاندا بالىلارغا گەپ ئاڭلاتقىلى بولىدۇ؟
بالىلار ئىنساننىڭ كۆز قارچۇغۇسى، ھاياتنىڭ گۈزەللىكى، بۇ دۇنيادىكى بەخت سائادەتنىڭ مەنبەسى، ئارزۇ ئارماننىڭ ئاساسىدۇر.
ئەلۋەتتە، بۇ نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى بالىلارنى ساغلام تەربىيەلەشكە، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا، پەيغەمبەرنى ياخشى كۆرۈشكە ۋە باشقىلارنى ياخشى كۆرۈش ئاساسىدا چوڭ قىلىشقا باغلىق. ئەگەر ئاتا-ئانا بالىلىرىنى ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق ۋە ئىلىم – مەرىپەت جەھەتتىن ياخشى تەربىيەلىسە دۇنيا ھاياتىنىڭ زىننىتى ۋە گۈلى بولىدۇ: «مال-دۇنيا ۋە پەرزەنتلەر دۇنيا ھاياتىنىڭ زىننىتىدۇر» (كەھف سۈرىسى، 46 – ئايەت).
ئەگەر ئىنسان ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق ۋە ئىلىم مەرىپەت جەھەتتىن بالىلىرىنى ساغلام تەربىيەلمىسە، بۇنىڭغا يېتەرلىك كۈچ چىقارمىسا، ياخشى- يامانلىقنى ئۆگەتمىسە، بالىلار ئۇ كىشىگە بالا بولىدۇ، دۇنيادا جاپا مۇشەققەت ۋە باش ئاغرىقىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ، قىيامەت كۈنىدە تەربىيەنى يېتەرلىك قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئالدىدا سوئال- سوراققا دۇچار قىلىدۇ.
كۈنىمىزدىكى تەشۋىقات، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى، تېخنىكا، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە سىرتقى تەسىر كۆرسەتكۈچى ئامىللارنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن پەرزەنتلەرنى تەربىيەلىمەك قىيىنلىشىپ كەتمەكتە، بۇرۇنقى زامانغا قارىغاندا مۇرەككەپلىشىپ كەتمەكتە، بالىلارنىڭ ئىستىلىنى، ئېڭىنى ۋە يۈرۈش تۇرۇشىنى باشقىچە ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويماقتا، ئاتا-ئانىلارغا ئېغىر يۈك پەيدا قىلماقتا، قانداق قىلغاندا بالىلارنى ياخشى ئادەم قىلغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بېشىنى قاتۇرماقتا. بالىلارنى ساغلام تەربىيەلەش مەسىلىسى ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن جىھاد مەسىلىسىگە ئايلانماقتا.
بالىلارنى بۇزىدىغان ئامىللار ھەر تەرەپتىن كۆپىيىپ كەتمەكتە، بىرقانچە يىل قىلغان تەربىيەنى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىكى بۇزۇقچىلىقلار بىر قانچە سائەت ئىچىدە بۇزۇپ تاشلىماقتا. ئاللاھ ھەر ئاتا-ئانىغا بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىسىدە مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلغاي.
بالىلارغا گەپ ئاڭلاتقىلى بولىدىغان ماھارەتلەر تۆۋەندىكىچە:
1. ياخشى ئۈلگە بولۇش:
ئاتا-ئانىنىڭ بالىلىرىغا ياخشى ئۈلگە بولۇشى بالىلارنىڭ پىسخىكىسىدا جانلىق تەسىر پەيدا قىلىدۇ، چۈنكى بالىلار چوڭ-كېچىك ھەرقانداق ئىشلاردا ئاتا-ئانىسىنى دورايدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار ئىبادەتكە ئەھمىيەت بېرىشى، ھەر كۈنى قۇرئان ئوقۇشنى تاشلىماسلىقى، كىتاب ئوقۇپ ئىلمىي سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ھېرىسمەن بولۇشى، گۈزەل ئەخلاقلارغا ئىگە بولۇشى، ناچار ئەخلاقلاردىن ساقلىنىشى، ئاددىي ئىشلاردىمۇ راستچىل ۋە سەمىمىي بولۇشى لازىم.
شۇنداق بولغاندا، بالىلار ياخشى ئىشلارنى گەپ- سۆز ئارقىلىق ئەمەس، ئەمەلىي كۆزى بىلەن كۆرەلەيدۇ ۋە تەسىرلىنىدۇ. كۆپلىگەن دادىلار بالىلىرىغا راستچىل بولۇشنى ئۆگەتمەكچى بولىدۇ، لېكىن ئۆزى دىققەت قىلماي بەزىدە يالغان سۆزلەپ قويغانلىقتىن بالىلىرىغا يالغان سۆزلەشنى ئۆگىتىپ قويىدۇ.
2. بالىلارنى كۆپ ئەيىبلەشتىن ۋە ئېغىر تەنقىدلەشتىن ساقلىنىش:
بالىلارنىڭ ھەربىر خاتا ئىشىغا تەنقىدلەش ياكى خاپۇلاش توغرا بولمايدۇ، بالىلارنىڭ كىچىك خاتالىقلىرىنى خاپۇلىمايمۇ ياكى ئېغىر تەنقىد قىلمايمۇ ياكى ئۇرمايمۇ ياكى تىللىمايمۇ تۈزەتكىلى بولىدۇ. چۈنكى بالىلارنىڭ ھەربىر قىلمىشىغا تەنقىد ۋە ئەيىبلەش كۆپ بولۇپ كەتسە، بالىلارنى ئىشلارغا جىددىي قارىمايدىغان بىپەرۋا قىلىپ قويىدۇ.
3. بالىلارغا دۇئا قىلىپ تۇرۇش:
ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەركۈنى بالىلارنىڭ ساغلام ئەقىدىلىك، گۈزەل ئەخلاقلىق ۋە ئىنسابلىق ياخشى ئادەم بولۇشىغا دۇئا قىلىپ تۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم ئىشلارنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىدە ئاللاھقا كۆپ دۇئا قىلىپ تۇرۇش بالىلارنى ئاتا-ئانىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقا ۋە ئىتائەت قىلىشقا ياردەم بىرىدۇ. بالىنىڭ قەلبى يۇمشايدۇ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا چىقىشىش ۋە رەھىمدىللىك كۈچىيىدۇ.
ئاتا-ئانىنىڭ بالىلىرىغا قىلغان دۇئالىرى ئىجابەت بولىدۇ. شۇڭا، بالىلارنىڭ بەختلىك بولۇشىغا، ئەخلاقلىق بولۇشىغا، ياراملىق ئادەم بولۇشىغا… دۇئا قىلىش لازىمكى، لېكىن بالىلارغا بەد دۇئا قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم، چۈنكى بالىلارغا بەد دۇئا قىلىش ئىسلام ئەخلاقىغا، رەھمىدىللىككە، ئاتا-ئانىلىق مەجبۇرىيىتىگە زىت كېلىدۇ.
4. بالىلارنىڭ يوللۇق تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىش:
بالىلارنىڭ ھەقلىرىنى بېرىش، يوللۇق بولغان تەلەپلىرىنى ئورۇنداش ۋە پىسخىكا خاتىرجەملىكى يارىتىدىغان ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش لازىم.
5. بالىلار ئارىسىدا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش:
بالىلار ئارىسىدا ئادىل بولۇش، ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش، بالىلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلماسلىق لازىم، چۈنكى بالىلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىك ئېڭىنى پەيدا قىلىدۇ. زۇلۇم ھېس قىلىدىغان ياكى ھەققىنىڭ كەمتۈك بېرىلگەنلىكىنى ھېس قىلغان بالىنىڭ ئاتا- ئانىسىغا ئۇزۇن زامان ئىتائەت قىلىشى تەس. مۇنداق بالا ئىتائەت قىلسىمۇ ۋاقىتلىق ئىتائەت قىلىدۇ، ئۇزۇنغا قالماي يەنە ئاسىيلىق ۋە بەڭباشلىق قىلىشقا باشلايدۇ.
6. بالىلارنى ھۆرمەتلەش ۋە قەدىرلەش:
ئاتا- ئانا بالىلىرىنىڭ ئىتائەت قىلىشىنى ۋە گەپ ئاڭلىشىنى ئىرادە قىلسا، بالىلىرىنىڭ ياخشى ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ھۆرمەتلىشى، تەقدىرلىشى، ماختىشى، ماھارىتىنى ئالقىشلىشى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ نەزىرىدە ئالاھىدە ھۆرمىتىنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇھىم ئىنسان ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ دائىم ئۇنىڭ ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشى لازىم.
شۇنداق بولغاندا، بالا ئۆزىنىڭ ئائىلىدە قىممىتىنىڭ بارلىقىنى ۋە ئائىلىنىڭ ئۇنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. نەتىجىدە ئاتا-ئانىسىغا ئىتائەت قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى قەدىرلەيدىغان بولىدۇ.
7. بالىلارنى قانائەتلەندۈرۈش :
بالىلارنى قانائەتلەندۈرۈشنىڭ ناھايىتى ئىنچىكە ماھارەتلىرى بار، ئۇنى ھەممە ئادەم قاملاشتۇرۇپ قىلالمايدۇ. بالىلارنى قانائەتلەندۈرۈش پوزىتسىيەنى ئۆزگەرتىش ياكى كۈچلەندۈرۈش ھەرىكىتىدۇر. ئۇ بەزىدە بالىدىن سادىر بولغان بىر ئىشنى ياكى ئىستىلنى ئۆزگەرتىش ياكى يامان قىلىقتىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن بولىدۇ. بالىلارنى زورلىماستىن قانائەتلەندۈرۈش ئۇسۇلى بالىنىڭ ئەقلىنىڭ ۋە تەپەككۇرىنىڭ ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ پىكرىنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
قانائەتلەندۈرۈش ئۇسۇلى توغرا شەكىلدە ئېلىپ بېرىلسا، مەقسەت قىلىنغان نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ. ئاتا-ئانا بىلەن بالىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولسا، ئۆزئارا بىر-بىرىنىڭ ئېھتىياجلىرى، ئارزۇلىرى ۋە نىشانلىرىنى چۈشىنىشسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت قانائەتلەندۈرۈش باسقۇچىغا ئۆرلەيدۇ.
ئاتا-ئانا قانائەتلەندۈرۈش ماھارىتىنى پۇختا قىلالىغان كىشىنىڭ ئاز زىيان بىلەن ۋە ئاددىي ئۇسۇل بىلەن مەقسىتىگە يېتىدىغانلىقىنى بىلىشى لازىم.
قانائەتلەندۈرۈش ماھارىتى ئالاھىدە مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرۈش ماھارىتىنىڭ بىر تارمىقىدۇر. ئۇ ئاتا-ئانا بىلەن بالىنى ئېتىقادتا، پىكىردە، نىشان- مەقسەتتە ئورتاق نۇقتىغا ئېلىپ كېلىدۇ…
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.