ئاتا-ئانىنىڭ ئەڭ چوڭ پىلانى نېمە بولۇشى كېرەك؟
ئاتا- ئانىنىڭ ئالاھىدە مەبلەغ سېلىشىغا ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىگە تېگىشلىك ئەڭ چوڭ پىلانى بالىلارنى توغرا ئېتىقادلىق، ساغلام ئىدىيەلىك، گۈزەل ئەخلاقلىق، يۈكسەك ئىلىم -مەرىپەتلىك ۋە ۋەتەن-مىللىتىگە قارىتا مەسئۇلىيەتچان قىلىپ ياراملىق تەربىيەلەپ چىقىشتۇر.
ئاتا-ئانىنىڭ ئالاھىدە كۈچ چىقارغان بۇ پىلانى دۇنيا- ئاخىرەتلىك پىلان بولۇپ، ئۈنۈمى بۇ دۇنيادا ۋە ئۇ دۇنيادا ئالاھىدە بولىدۇ.
شۇڭا، ئاتا- ئانىنىڭ، بولۇپمۇ ئانىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەزىپىسى بالىلارنى ئىمانى، ئەخلاقى ۋە ئىلمىي جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەشتۇر.
بۇنىڭغا ئاساسەن بالىنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇش ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئوقۇغۇچى، مەكتەپ ۋە ئاتا-ئانىنىڭ ھەمكارلىشىشى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.
مەسىلەن،
1. مەكتەپ/ مەدرەسە يۈزدە 40% مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. يەنى مەكتەپ ئىلىم – مەرىپەت ئۆگىتىدۇ.
2. ئوقۇغۇچى: يۈزدە 40% مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئوقۇغۇچى ئۆزى تېرىشىپ ئىلىم – مەرىپەتلىك بولۇش ئۈچۈن كېچە- كۈندۈز ئوقۇيدۇ.
3. ئاتا- ئانا، ياكى ئانا يۈزدە 20% مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئاتا-ئانا بالىلارنى سىستېمىلىق ھالدا يېتەكلەيدۇ، ھەيدەكچى بولىدۇ، تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلىتىدۇ، مۇناسىپ شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ، ئىمانى ۋە ئەخلاقى جەھەتتىن تەربىيەلەيدۇ. ئەگەر دادا سودا- سېتىق ۋە خىزمەت سەۋەبىدىن يېتەرلىك ۋاقىت چىقىرالمىسا، ئاساسلىق مەسئۇلىيەت ئانىغا يۈكلىنىدۇ. لېكىن دادىنىڭ بالىلارنى تەربىيەلەشتىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم.
دېمەك، ئوقۇغۇچى، مەكتەپ ۋە ئاتا-ئانا تەڭ كۈچ چىقارغاندا، ئاندىن بالىلار ياخشى ئوقۇيدۇ ۋە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىدۇ.
مانا بۇ ئاتا-ئانىنىڭ، بولۇپمۇ ئانىنىڭ ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشى ۋە ئاساسلىق ۋاقتىنى چىقىرىشى كېرەك بولغان ئائىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش ۋە ئەڭ چوڭ پىلان ھېسابلىنىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار ياكى ئىككىسىنىڭ بىرسى كۈندە دېگۈدەك ئىككى سائەت ۋاقتىنى بالىلارنىڭ دەرسلىرىنى ئوقۇشى، يادلىشى ۋە تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلىشى ئۈچۈن ئاجرىتىشى كېرەك بولىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي