بالىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە بولغان خۇمارلىقىنى قانداق ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟
بالىلارنى تېلېفون، تېلېۋىزور، ئايپەد، كومپيۇتېر، پىلاستىشىن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەردىن يىراقلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم چارىسى سىز دادا- ئانا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئاز ئىشلىتىشتە ئۈلگە بولۇڭ. بالىلار بار يەردە مۇھىم بولمىسا تېلېفون قوللانماڭ، ئويۇن ئوينىماڭ، تور دۇنياسىدا ئايلىنىپ يۈرمەڭ.
ئۆزىڭىزنىڭ قولىدىن تېلېفون چۈشمەي تۇرۇپ، بالىلارنى توسالمايسىز، چۈنكى سىز تېلېفوننى كۆپ ئىشلەتسىڭىز بالىلارغا تېلېفوننى كۆپ ئىشلىتىشتە ئۈلگە بولىسىز، ئاز ئىشلەتسىڭىز ئاز ئىشلىتىشتە ئۈلگە بولىسىز ۋە ئىشلىتىش ۋاقتىغا چەكلىمە قويالايسىز.
بۇ زاماندا بالىلارنى تېلېفوندىن ۋە ئېلېكتىرونلۇق نەرسىلەردىن توسقىلى بولمايدۇ دەپ قاراپ ئولتۇرماڭ. ئائىلە تۈزۈمى تۈزۈپ چىقىڭ، ئامال بار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقماي تۇرۇپ تېلېفون بەرمەڭ، تېلېفون بەرگەندىمۇ كۈنلۈك قوللىنىش سائىتىنى ئىككى سائەتتىن ئاشۇرماي بەلگىلەپ قويۇڭ، ئەتىگەندىن تارتىپ ئەسىرگە قەدەر قۇرئان دەرسى، ئەخلاق دەرسى، مەكتەپ دەرسلىرى ۋە كۇرسلىرى تۈگىمەي تۇرۇپ تېلېفون قوللىنىشقا يول قويماڭ.
بالىڭىزنىڭ بوش ۋاقىتلىرىنى تېلېفون ئويناپ ۋاقىت ئۆتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن بازارغا چىقسىڭىز بالىڭىزنى بىرگە ئېلىپ چىقىڭ، سىرتقا بىر ئىشقا چىقسىڭىز بالىڭىزنى بىرگە ئېلىپ چىقىڭ، تەجرىبە ئۆگىتىڭ ۋە ئېلېكتىرونلۇق نەرسىدىن يىراقلاشتۇرۇڭ.
بۇ ئىشنى قىلغىلى بولامدۇ؟ دېسە قىلغىلى بولىدۇ. ئاتا-ئانا ۋە بالا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت سۆيگۈ- مۇھەببەت، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش، ئۆزئارا بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەش، ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش، دوستلۇق مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرۈش، مەسىلىنى سۆھبەت بىلەن ھەل قىلىش، بىر بىرىگە قۇلاق سېلىش ئۈستىگە قۇرۇلسا، بۇ ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ.
بىزنىڭ زامانىمىزدا ۋە يېقىنقى زاماندا بالىلار بوش ۋاقىتلىرىنى كوچىلاردا ئويناپ ئۆتكۈزەتتى، بالىلارنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدا ۋاقىت ئۆتكۈزۈشى ئانىلارغا راھەت ئىدى. ئانىلار بالىلىرىنى :(ئۆزۈڭگە دىققەت قىلغىن، يىراققا كەتمىگەن… ) دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ قوياتتى.
ئەمما بۈگۈن ئانىلار بالىلىرىنىڭ مۇمكىن قەدەر تېلېفون ياكى كومپيۇتېر ئالدىدا ۋاقىت ئۆتكۈزۈشى بىلەن راھەت تاپىدىغان بولۇپ قالدى. ئانىلار بالىلىرىغا ئويۇننى كۆپ ئويناش خەتەرلىك، بۇ ئويۇننى ئوينىما، سۆزۈمنى ئاڭلىمىساڭ تېلېفون ياكى كومبىيوتىرنى ئېلىۋالىمەن، تېلېفونغا مەخپىي نومۇر سالما… دەپ قويىدۇ ۋە بۇنى ياخشى چارە دەپ قارايدۇ.
ئىنتېرنېت ئوچۇق بولغان ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەردە يەنى تېلېفون ۋە كومپيۇتېردا كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان بالىلار ئاسان ئوغرىلىنىپ كېتىدۇ. يەنى ئۇنىڭ ئەقىدىسىنى، پىكرىنى، ئەخلاقنى، ھېسسىياتىنى ۋە بەدىنىنى ئوغرىلاش ئاسانغا توختايدۇ.
- بۇنىڭ چارىسى ئاتا-ئانا ۋە بالىلار ئارىسىدا سۆيگۈ، مېھرىبانلىق، كۆيۈنۈش، سىلىق مۇئامىلە قىلىش، دۇنياغا كېلىش غايىسىنى ئەسلىتىپ تۇرۇش، ياراملىق ئادەم بولۇش ئۈچۈن بىر مەزگىل ئويۇندىن ۋاز كېچىپ ياخشى ئوقۇش كېرەكلىكىنى ئەسلىتىپ تۇرۇشتۇر. شۇنىڭدەك مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋاقىتنى ۋە پۇلنى زايە قىلىۋەتسە، گۇناھكار بولىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھەربىر مىنۇتتىن مەسئۇلىيەتكە تارتىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇرۇشتۇر.
- بۇنىڭ چارىسى گەپ – سۆزدە، ئىش-ھەرىكەتتە ۋە مۇئامىلىدە بالىسىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرۇشتۇر.
- بۇنىڭ چارىسى ئامال بار بالاغەت يېشىغا يەتكەن بالىلارغا ۋارقىراپ گەپ قىلىشتىن، تەھدىت سېلىشتىن، ئۇرۇشتىن ساقلىنىپ، ئۇنى ھەر زامان ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ياراملىق ئادەم بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرۇشتۇر.
- بۇنىڭ چارىسى ھەركۈنى بىر ئىككى ۋاخ بولسىمۇ نامازغا بىرگە ئېلىپ چىقىشتۇر، ھەركۈنى دىللارغا ۋە قەلبلەرگە شىپا بولغان قۇرئان دورىسىنى ئىچۈرۈپ تۇرۇشتۇر، بالىلار بىلەن ھەركۈنى ئۆيدە ياكى سىرتتا مۇمكىن قەدەر بىر ئاز بولسىمۇ بىرگە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشتۇر، ھەپتىدە بىرەر قېتىم باغچىلارنى ئايلاندۇرۇپ بىرگە ۋاقىت كەچۈرۈشتۇر، مۇمكىن بولسا ئايدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ سىرتتا ئائىلىچە بىرگە تاماق يېيىشتۇر.
- ئانا دائىم دېگۈدەك ئۆيدە بولغانلىقى ئۈچۈن مېھرىبانلىقى، دېڭىزدەك قەلبى، تاتلىق تىلى، ئىللىق گەپ – سۆزلىرى ئارقىلىق بالىلارغا ئۈلگە بولۇپ، بالىلارنى تېلېفوندىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئەڭ ھەقلىق كىشى ھېسابلىنىدۇ.
ئاللاھ زامانىمىزدا ئاتا-ئانىلارغا ياردەمچى بولسۇن، چۈنكى بۈگۈنكى زاماندا ياخشى ۋە ئىلىملىك پەرزەنت تەربىلىمەك جىھادقا ئايلىنىپ قالدى. ئاتا-ئانىلار ئەقىدىلىك، ئەخلاقلىق، ئىلىملىك، ياراملىق ۋە مەسئۇلىيەتچان بالا تەربىيەلەشنىڭ جىھاد ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىپ، بۇنىڭغا يېتەرلىك ۋاقىت چىقارغاي ۋە ئۆزلىرى ئۈلگە بولغاي.
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا ئۆلگە بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى بالىلار ئەقىدە، ئىبادەت، قىممەت قاراش، ئەدەب- ئەخلاقنى ئاتا- ئانىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئۆگىنىدۇ.
ئاتا-ئانا تېلېفوننى ئاز ئىشلىتىشتە، قالايمىقان نەرسىلەرنى كۆرمەسلىكتە، مەسئۇلىيەتچان بولۇشتا، ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشتا ۋە كىملىكنى قوغداشتا ئۈلگە بولالىسا، ئاندىن بالىلىرىنى ياخشى تەربىيەلەيدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.