ئىمان ياخشى ھەرىكەت ۋە گۈزەل ئەخلاقتۇر
ئىمان پايدىلىق ئىشلاردا ئۆزىنى نامايان قىلمىسا، قۇرۇق شۇئاردىن ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ.
ئىمان ئۆزئارا قېرىنداشلىق رىشتىسىنى كۈچەيتىدىغان ۋە مۇناسىۋەتلەرنى جانلاندۇرىدىغان گۈزەل ئەخلاقتا ئۆزىنى نامايان قىلالمىسا، يەنىلا قۇرۇق شۇئار بولۇپ قالىدۇ.
ئەگەر ئىمان ئىلاھىي ۋەھىيىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ۋەتەن-مىللەتنى ئازاد قىلىش، ۋەتەن-مىللەتنى قوغداش، ۋەتەن- مىللەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە ھاياتلىق بەرپا قىلىشتەك پايدىلىق ئىشلاردا ئۆزىنى كۆرسىتەلمىسە، قېرىنداشلار ئارا بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىگە شىپا ۋە يارىغا مەلھەم بولىدىغان يۈكسەك مېھرى- مۇھەببەتكە ئايلىنالمىسا، شەكىل خاراكتېرلىك زىننەت دەرىخىدىن پەرقى بولماي قالىدۇ.
ئەگەر مۆمىنلەر ئۆزئارا بىر-بىرىگە قېرىنداشلىق روھى بىلەن مۇئامىلە قىلالمىسا، ھەمدە ئۆزئارا بىر-بىرىگە كەڭ قورساق بولالمىسا، يەنىلا شەكىلۋازلىق خاراكتېردىكى ئۆلۈك ئىمان بولۇپ قالىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.