2025-يىل 13-فېۋرال

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئاجىزلىقىمىز ۋە سەۋەب- چارە ئىزدەش ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە

ئاجىزلىقىمىز ۋە سەۋەب- چارە ئىزدەش ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە

بۈگۈن مىللىتىمىز تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئېغىر سىناققا دۈچ كەلمەكتە. مەۋجۇتلۇقىنى، قىممەت قاراشلىرىنى ۋە كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتا بۇرۇنقى زاماندا ئوت يېقىلغان ئورەككە تىرىك تاشلانغان قەۋملەرگە ئوخشاش ۋەزىيەتكە دۈچ كەلمەكتە. چۈنكى مىللىتىمىزنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى مىللەت خاراكتېرلىك ئۈزۈلۈپ، مىللەت خاراكتېرلىك تۈرمە ۋە ياكى زىندانغا تاشلانماقتا.

قۇرئان كەرىمگە قارىغان ۋاقتىمىزدا قۇرئان كەرىم بىزگە مەزلۇملار ۋە ئاجىزلار ھەققىدە بىر قانچە تۈرلۈك چىقىش يوللىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەن بۇ يەردە پەقەت ئۈچ تۈرلۈك مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى.

1. ئاجىز ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندا، چىقىش يولى ھەققىدە ئىزدەنمىگەن ياكى زۇلۇمغا قارشى چىقماي زۇلۇمغا تەسلىم بولغان كىشىلەرنى ئەيىبلىگەن.

2. مەزلۇملارنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق جىھاد قىلىشىنى باش تارتىپ بولمايدىغان پەرز دەپ بەلگىلىگەن ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى قوشۇمچە پەرز قىلغان.

3. ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلار ۋە ئاجىزلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن زاكاتنىڭ قىسمىنى پەرز قىلغان.

ئەمدى رەسۇلۇللاھنىڭ ئاجىزلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان تەجرىبىسىگە قارايدىغان بولساق، رەسۇلۇللاھ مەككىدىكى ئاجىزلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەر ھەققىدە ئىزدەنگەن.

1. مەنىۋى جەھەتتىن مۇستەھكەم تۇرۇشقا ۋە بوشىشىپ كەتمەستىن بەرداشلىق بېرىشكە تەشەببۇس قىلىپ تۇرغان. ماددى سەۋەب بىلەن بىرلىكتە ھەر دائىم ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرغان.

2. شۇ زاماندا مەۋجۇت بولغان قانۇنلاردىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنغان.

مەسىلەن، بىرلىك كۈچىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن چېچىلىپ كەتمەي كوللېكتىپ ھالدا ھىجرەت قىلىش، جاھىلىيەتتىكى ھىمايە قىلىش قانۇنلىرىدىن پايدىلىنىش، جەمەت نوپۇزلىرىدىن پايدىلىنىش ۋە تەييارلىق پۈتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا قوراللىق توقۇنۇشۇپ قالماسلىققا چاقىرىشتەك تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق چىقىش يوللىرى ھەققىدە ئىزدەنگەن.

بىز بۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنالايمىز؟

1.ۋەتەن-مىللەت ۋە كىملىك دەۋايىمىز ئۈچۈن تۈرلۈك سىناق ۋە ھەر خىل بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ.

2. ۋەتەن-مىللەت ۋە كىملىك دەۋا ئۈچۈن ئىقتىساد توپلاشقا توغرا كېلىدۇ.

3.مىللىتىمىزدىن زۇلۇمنى يەڭگىللىتىدىغان ۋە بىر پۈتۈن مۇھاسىرىنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان مەسىلە ھەققىدە كاپىر بولامدۇ ياكى مۇشرىك بولامدۇ ياكى بۇددىست بولامدۇ، كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىنسانپەرۋەرلىكىنى يوقاتمىغان بارلىق مىللەتلەردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ. رەسۇلۇللاھمۇ بىر پۈتۈن قەبىلە خاراكتېرلىك ئەبۇتالىب مەھەللىسىدە يۈز بەرگەن ئۈچ يىللىق تۈرمە مۇھاسىرىنى بىكار قىلىشتا ئىنسانپەرۋەرلىكىنى يوقاتمىغان كاپىرلاردىن پايدىلانغان.

4.رەسۇلۇللاھ ئۆزى ۋە ئەگەشكۈچىلىرى ئۈچۈن ھەر يىلى ھەج مەۋسۇمىدە مۇشرىك ياكى كاپىرلاردىن ھىمايە ياكى سىياسىي پاناھلىق ياردىمىنى تەلەپ قىلغان. ئۆز يۇرتىغا يېقىن يەردىكى كۈچلۈك دۆلەت ۋە ياكى قەبىلىلەردىن سىياسىي پاناھلىق تەلىپىدە بولغان.

5.رەسۇلۇللاھ توققۇز يىلغا قەدەر كاپىر تاغىسى ئەبۇتالىبنىڭ سىياسىي ۋە ھەر تۈرلۈك ياردىمىدىن پايدىلىنىپ كەلگەن ۋە ئۇنىڭ ھىمايە قىلىشىنى كاپىر دېمەستىن قوبۇل قىلغان.

6.ھەبەش زېمىنىغا ھىجرەت قىلغان مۇسۇلمانلار مۇشرىك پادىشاھنىڭ قانۇنىغا رېئايە قىلىپ ياشىغان ۋە ئۇنىڭ يارىتىپ بەرگەن شارائىتىدىن پايدىلانغان. ئۇ پادىشاھنى تاغۇت دەپ ئەيىبلىمىگەن ۋە ئۆچ كۆرمىگەن.

ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار شۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىغا رېئايە قىلىش ئاساسىدا ھەرىكەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرنىڭ دۈشمىنى بولغان قۇرەيش دۆلىتىنىڭ ئىستىخبارات خادىملىرى ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن كەلگەندە، يەنىلا ئۇ دۆلەتنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن.

7. تۈركىيەگە توپلانغان ئۇيغۇرلار ئامال بار دۇنيانىڭ تەرەپ تەرەپلىرىگە چېچېلىپ كەتمەستىن، بىر يەردە توپلىنىپ ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق كۈچ بىرلىكىنى ساقلاپ قېلىش مۇھىم. ھەبەشتىكى مۇھاجىرلارمۇ چېچىلىپ كەتمەستىن، بىر يېتەكچىنىڭ باشقۇرۇشىغا 15 يىل بويسۇنۇپ، بىرلىك كۈچىنى ساقلاپ قالغان.

8.بۇنىڭغا كۆرە بىز بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئادىمىگەرچىلىكىنى ۋە ياكى ئىنسانپەرۋەرلىكىنى يوقاتمىغان دۆلەتلەر، تەشكىلاتلار، جەمئىيەتلەر ۋە شەخسلەردىن، شۇنداقلا دۈشمىنىمىزنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ھەر تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

9.بىزنىڭ باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ قويغىنىمىز يوق، باشقىلارنىڭ شارائىتىغا قارىتا بىزگە ياردەم بېرىشى ئۇلارنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتىدۇر. ئىمكانىيىتى يەتكەن مۇسۇلمانلارنىڭ ياردەم بېرىشى مۇسۇلمانلىق مەجبۇرىيىتىدۇر. بىزنىڭ بۇ ئىككى تۈرلۈك ئىنسانلاردىن ياردەمگە ئېرشىشىمىز ئۈچۈن مەسىلىمىزنى كۆپلەپ تونۇشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

10.شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، بۈگۈنكى ئەرەب ئىسلام ئەللىرى ھاكىملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دىكتاتور تۈزۈمىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك مۇستەبىت ھاكىملاردىن ئىبارەت. شۇڭا ئۇ ھاكىملاردىن سادانىڭ چىقىشى مۇمكىن ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ. شۇنداقلا بۇ مۇستەبىت ھاكىملارنىڭ ئۆز خەلقلىرى ۋە تەشكىلاتلارغىمۇ بۇ ساھەدە رۇخسەت قىلىشى بەك قىيىنغا توختىسا كېرەك.

شۇنداق بولىشىغا قارىماي، قايسى دۆلەت ۋە قايسى مىللەتتىن ھەر تۈرلۈك ياردەم ئېلىش ئىمكانىيىتى بولسا ھەرىكەت قىلىشقا بولىدۇ. بىراق ئۈمىدنى بىر پۈتۈن ھالدا باشقىلارغا باغلاپ قويماسلىق كېرەك، بولمىسا بىز ئۈمىد باغلىغان باشقىلارنىڭ پوزىتسىيىسى قايسى بىر سەۋەبتىن ئۆزگىرىپ قالغاندا ئېغىر ئۈمىدسىزلىككە چۈشۈپ قېلىشىمىز مۇمكىن. چۈنكى باشقىلار ياردەم قىلسا ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ ياردەم قىلىدۇ.

ئۆز مەسىلىمىزگە چىقىش يولى تېپىشتىكى ئەسلى ئامىل بىرىنچى قىلىپ ئۆزىمىزدىن باشلىنىدۇ، ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشتىن باشلىنىدۇ، ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقىمىزنى سەمىمىي تۈزىتىشتىن باشلىنىدۇ، ئۆزىمىزدىن ئىبارەت ئىچكى ئامىلدىن باشلىنىدۇ. ھالقىلىق ئاچقۇچ مۇشۇ يەردە، باشقىلارنىڭ سىرتقى ياردىمى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئۆزىمىز چوڭ مەسىلىلەردە بىر نۇقتىغا كېلەلمەي تۇرۇپ، بىر ياكى ئىككى تەشكىلات ئەتراپىغا توپلىشالماي تۇرۇپ، ئۈمىدنى باشقىلارغا باغلاپ قويۇش ئاقىلانىلىق بولمىسا كېرەك. بىرىنچى بولۇپ ئۆزىمىز كۈچ چىقىرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، ھەممىدىن بۇرۇن ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ھەر تۈرلۈك سەۋەب-چارىلار ھەققىدە ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.