بالىلار نېمە ئۈچۈن سىرلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن يوشۇرىدۇ؟
- بىر قىسىم بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىنىڭ مەقسىتىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن ۋە بالىغا قىلغان ھەربىر نەسىھەتلىرىدە بالىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلايدىغانلىقىنى ھېس قىلالمىغانلىقىدىن،
- ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۆزى ئارىسىدا ئىشەنچ تۇرغۇزالمىغانلىقتىن،
- ئاتا-ئانا تەرىپىدىن جازاغا ئۇچراپ قېلىشتىن قورققانلىقتىن،
- ئاتا-ئانىنىڭ بالا بىلەن كارى بولمىغانلىقتىن،
- بالىنىڭ كۆڭلىدىكى گەپ- سۆزلەرنى ئىپادىلىيەلمىگەنلىكتىن،
- بالىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىغانلىقتىن ۋە ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن،
- بالىنىڭ دوستلىرىنىڭ ياكى يامان بالىلارنىڭ خاتا تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىدىن،
- بالىنىڭ مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ھەممە ئىشلىرىنى خۇسۇسىي ۋە مۇستەقىل تۇتۇشقا ئۇرۇنغانلىقتىن… شۇنداق قىلىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
نېمە ئۈچۈن ئىنفاق ئىماننىڭ تەقەززالىرىدىن بىرى دېيلىدۇ؟
ئىنفاقنىڭ تۈرلىرى
نەپسىنى پاكلاشنىڭ ئەھمىيىتى