
گۇناھكارنىڭ ئەيىبىنى يېپىش ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسى
ئىسلام دىنى ئىنسانلارنىڭ ئابرۇيلىرىنى قوغداش ۋە ئەيىب نۇقسانلىرىنى يېپىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئەيىبلىرىنى ئىزدەشتىن چەكلىگەن. يەنە ئىنسانلارنىڭ ئەيىب نۇقسانلىرىنى يېپىش ئۈچۈن جەمئىيەتتە پىتنە پاسات ۋە بۇزغۇنچىلىقلارنى تارقىتىشنى ياخشى كۆرىدىغانلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن تەھدىت سالغان. يەنە ئىنسانلارنىڭ ئابرۇيلىرىنى ھىمايە قىلىش ۋە ئەيىب نۇقسانلىرىنى يېپىش ئۈچۈن تۆھمەت جازاسىنى بەلگىلىگەن. يەنە ئىنسانلارنىڭ ئىززەت ئابرۇيلىرىنى قوغداش ۋە ئەيىبلىرىنى يېپىش ئۈچۈن زىنا قىلدى دەپ دەۋا قىلىش ئۈچۈن تۆت گۇۋاھچىنىڭ تولۇق تېپىلىشنى شەرت قىلغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا: «ھەي تىلى بىلەن ئىمان ئېيتىپ، قەلبىگە ئىمان كىرمىگەنلەر! مۇسۇلمانلارغا ئازار بەرمەڭلار، ئۇلارنىڭ ئەيىب نۇقسانلىرىنى ئىزدىمەڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، كىم بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ئەيىبلىرىنى ئىزدەپ يۈرسە، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبلىرىنى قىيامەت كۈنى ئېچىپ تاشلايدۇ» دېگەن ئاگاھلاندۇرغان (تىرمىزى بايان قىلغان).
ئىسلام دىنى گۇناھ قىلىپ سالغان ياكى يامان ئىش قىلىپ سالغان ئىنسانلارنىڭ ئەيىبلىرىنى يېپىشقا چاقىرغان، بۇنى مۇسۇلمانلار ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ياخشى ئەخلاقلارنىڭ قاتارىدىن قىلغان، چۈنكى ئاللاھ ئىنساننىڭ يامان سۆزلەرنى قىلىشىنى ۋە تارقىتىشىنى ياخشى كۆرمەيدۇ : «ئاللاھ زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشى (نىڭ زالىم ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتى) دىن باشقا ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ يامان سۆزنى ئاشكارىلىشىنى ياقتۇرمايدۇ. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلىغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر» (نىسا سۈرىسى، 148- ئايەت).
پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «سىلەر يامان گۇمان قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى يامان گۇمان قىلىش ئەڭ يالغان سۆزدۇر. قېرىندىشىڭلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار، يامان ئىشلىرىنى كوچىلىماڭلار، ھەسەت قىلىشماڭلار، بىر-بىرىڭلاردىن يۈز ئۆرۈمەڭلار، ئۆزئارا دۈشمەنلەشمەڭلار، ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرى بولۇڭلار» دېگەن (بۇخارى ۋە مۇسلىم بايان قىلغان).
دېمەك، گۇناھ بولىدىغان ھەرقانداق گەپ – سۆزنى ئاشكارىلاشنى ئاللاھ ياخشى كۆرمەيدۇ، ئىنسانلارنىڭ ئەيىبلىرىنى ئىزدەش ۋە ئۇلارغا يامان گۇماندا بولۇش مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقىغا ياراشمايدۇ. ئاللاھ بۇ توغرىدا: «ئى ئىمان ئېيتقانلار! (بىر – بىرىڭلار ھەققىدە) تولا يامان گۇمان قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. چۈنكى بەزى گۇمانلار گۇناھتۇر. بىر – بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار، بىر بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار» دەيدۇ (ھوجۇرات سۈرىسى، 12 – ئايەت).
ئىنسانلارنىڭ ئەيىبلىرىنى ئىزدەش ۋە ئۇلارنىڭ يۈزىنى تۆكۈشكە ئۇرۇنۇش جەمئىيەتتە رەزىللىكنى تارقاتقانلىق، يامان ئىشلارنىڭ تارقىلىشىغا يول ئېچىپ بەرگەنلىك بولۇپ، ئىسلام ئەخلاقىغا زىت قىلمىشتۇر ۋە چوڭ گۇناھتۇر. ئاللاھ بۇ توغرىدا: «مۇئمىنلەر ئۈستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارقىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر، شەكسىزكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قىينىغۇچى ئازابقا قالىدۇ، ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر» دەيدۇ (نۇر سۈرىسى، 19 – ئايەت).
باشقىلارنىڭ ئەيىبى يېپىش بۇزغۇنچىلىق ئوتلىرىنى ئۆچۈرىدۇ، پاسىقلارنىڭ جەمئىيەتتە ئەخلاقسىز ئىشلارنى تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلايدۇ، قېرىنداشلىق روھىنى تىرىلدۈرىدۇ…
بۇ ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك بىرقانچە نۇقتا بار:
- ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەيىبلىرىنى يېپىشنى، خاتالىقلىرىنى كەچۈرۈم قىلىشنى، نۇقسانلىرىنى ئەپۇ قىلىشنى ۋە خاتالىقىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
- بىرەر گۇناھقا چۈشۈپ قالغان كىشى يوشۇرۇن قىلىپ سالغان گۇناھىنى ھېچكىمگە خەۋەر قىلىپ يۈرمەي، تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىشى ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسىدۇر، پەيغەمبەرىمىز: «ئۈممىتىمنىڭ ئاشكارا قىلغانلىرىدىن باشقا گۇناھلىرى كەچۈرۈلىدۇ» دېگەن (بۇخارى بايان قىلغان).
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەنە: «ئاللاھ توسقان پاھىشە ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار، كىم بۇ ئىشلاردىن بىرەرنى مەخپىي قىلىپ سالغان بولسا، ئاللاھ ئېچىپ تاشلىمىغان بولسا گۇناھىنى يوشۇرسۇن، ئاللاھقا تەۋبە قىلسۇن. كىم بىزگە ئۆزىنىڭ گۇناھ ئىشنى قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىسا، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ كىتابى بۇيىچە جازا تۇرغۇزىمىز» دېگەن (ھاكىم ۋە بەيھەقى بايان قىلغان). - گۇناھكارنىڭ ئەيىبى يېپىش، ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنى ئىزدەپ يۈرمەسلىك ياخشى مۇسۇلماننىڭ سۈپىتى ۋە ئىسلام قېرىنداشلىقىنىڭ ھەققىدۇر: «مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن قېرىنداشلاردۇر» (ھوجۇرات سۈرىسى، 10 – ئايەت).
كىم بۇ دۇنيادا بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى يېپىشقا كۆڭۈل بۆلسە، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى پۈتۈن خالايىقلار توپلانغان مەھشەرگاھ مەيدانىدا ياپىدۇ. پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «كىم بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبى ياپسا، يەنى ئاشكارا قىلمىسا، ئاللاھ قىيامەت كۈنىدە ئۇ كىشىنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ» دېگەن (بۇخارى ۋە ئىمام ئەھمەد بايان قىلغان).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۆرمەت، ئادەمگەرچىلىك، ياخشىلىق ۋە يامان ئىشنى ئاشكارا قىلماسلىق بىلەن تونۇلغان كىشىلەرنىڭ ئەيىب- نۇقسانلىرىنى يېپىشقا تەشەببۇس قىلىپ: «مۆھتەرەم كىشىلەرنىڭ شەرئى جازادىن باشقا قىسمەن خاتا قىلمىشلىرىدىن كۆز يۇمۇڭلار» دېگەن (ئەبۇداۋۇد ۋە ئىمام ئەھمەد بايان قىلغان).
ئالىملار، كىم ھاراق ئىچىش، ياكى زىنا قىلىش، ياكى تۆھمەت قىلىش، ياكى ئاشكارا گۇناھ سادىر قىلىش بىلەن تونۇلمىغان ھەمدە يامانلىققا چاقىرمايدىغان بىر كىشىنىڭ، ياكى جەمئىيەتتە ئېتىبارى بار مۆھتەرەم بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى، ياكى گۇناھىنى، ياكى خاتا بىر ئىشىنى كۆرگەن بولسا، ئۇنىڭ ئەيىبىنى ئاۋام خەلققە ياكى ھاكىمغا يايماسلىق سۈننەتتۇر دېگەن قاراشتا بىرلىككە كەلگەن (كۇۋەيت فىقھى ئېنسىكلوپېدىيەسى ، 24/ 169 ).
دېمەك، مۇسۇلمان دېگەن قېرىندىشىنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ، پاسىق دېگەن قېرىندىشىنىڭ ئەيىبلىرىنى ئىزدەپ تارقىتىدۇ. - ئاسىي گۇناھكارنىڭ ئەيىبلىرىنى يېپىشنىڭ قائىدىلىرى:
ئىسلامدا ئاسىيلارنىڭ ياكى گۇناھكارلارنىڭ ئەيىبلىرىنى يېپىشنىڭ قائىدىسى بار. ئاسىي ياكى گۇناھكار گۇناھ ئىشنى ئاشكارا قىلمىسا، گۇناھ ئىشلارغا چاقىرمىسا، جەمئىيەتنى بۇزۇشقا ئۇرۇنمىسا، ئۇنىڭ ئەيىبىنى يېپىش، ئاندىن ئۇنىڭغا چىرايلىق نەسىھەت قىلىش، توغرا يولغا يېتەكلەش، گۇناھ ئىشنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى ئەسلىتىش ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسىدۇر.
ئىسلام تۆۋەندىكى ئاسىي گۇناھكارلارنىڭ ئەيىبلىرىنى يېپىشقا چاقىرمايدۇ:
1) شەرئى جازالارغا تېگىشلىك بولغان گۇناھنى سادىر قىلغان كىشى يۇقىرىقى قائىدە بۇيىچە يېپىلىدۇ. ئەمما مەسىلە قازى ياكى ھاكىمغا دەۋاگەر تەرىپىدىن يەتكەن بولسا يېپىشقا بولمايدۇ. قازى ياكى مەھكىمە مەسىلىنى دەلىل- پاكىت ئاساسىدا بىر تەرەپ قىلىدۇ.
2) گۇناھنى ئاشكارا قىلىدىغان، ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە جەمئىيەتنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرىنى يۆگەشكە بولمايدۇ. شۇنىڭدەك جەمئىيەتنى بۇزىدىغان، پىتنە- پاسات تېرىيدىغان، مۇسۇلماننىڭ دىنىغا، ئەخلاقىغا، قىممەت قاراشلىرىغا ۋە ئابرۇيىغا ھۇجۇم قىلىدىغان، ياكى جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، ياكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان ئىشلارنى تارقىتىدىغان پاسىقلار، مەنپەئەتپەرەسلەر ۋە مۇناپىقلار…نىڭ ئەيىبلىرىنى يۆگەشكە بولمايدۇ.
- بۈگۈنكى كۈنلۈكتە جەمئىيىتىمىزدە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ناچار ئىشلارنى تارقىتىدىغان، گۇناھ ئىشلارنى ئېلان قىلىدىغان، ئىنسانلارنىڭ ئىززەت ئابرۇيلىرىغا ھۇجۇم قىلىدىغان، ئەيىب نۇقسانلىرىنى ئېچىپ سازايى قىلىدىغان، قۇرۇق گەپ سۆزلەرنى ئۇلغايتىدىغان، بىرسىنىڭ خاتالىقىنى باشقىلارغا ئارتىپ كوللېكتىپ تۆھمەت قىلىدىغان، قېرىنداشلار ئارىسىدا بۆلۈنۈش ۋە جېدەل ماجىرا پەيدا قىلىدىغان، دەلىل بىلەن گۇماننى، راست بىلەن يالغاننى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدىغان، بىلىپ بىلمەي دۈشمەنگە پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بېرىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرمەكتە. بۇ ئىشلار ئىسلام پىرىنسىپلىرىغا ۋە مۇسۇلمانلىق ئەخلاقىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. شۇڭا بۇ تۈردىكى خاتا ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.