قۇرئان ئوقۇغاندا نىيەتلىرىڭىز كۆپ بولسۇن
قۇرئان كەرىم ھىدايەتنىڭ مەنبەسى، ھاياتنىڭ ساغلام يول خەرىتىسى. شۇڭا قۇرئان ئوقۇغاندا نىيەتنى پەقەتلا ساۋابقا ئېرىشىش بىلەن چەكلەپ قويماي، بىر قانچە نىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇش تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ ۋە قۇرئاننىڭ روھىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىش-ھەرىكەتلەر نىيەتكە باغلىق، ھەر بىر ئىنسان نېمىنى نىيەت قىلسا، شۇنىڭغا ئېرىشىدۇ» دەيدۇ (ئىمام بۇخارى بايان قىلغان).
بۇسەۋەبتىن، ھەربىر ئىنسان قۇرئان كەرىم ئوقۇغاندا تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە نىيەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇسا، تېخىمۇ كۆپ ساۋابقا ۋە مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيدۇ:
1. قۇرئاننى بىلىش، چۈشىنىش ۋە ئەمەل قىلىش نىيىتىدە ئوقۇش،
2. قۇرئاننى ئۆزىگە، بالىلىرىغا ۋە ئائىلىسىگە ھىدايەت تىلەش نىيىتىدە ئوقۇش،
3. قۇرئاننى ھىدايەتنىڭ ئاچقۇچى ۋە يول خەرىتىسى نىيىتىدە ئوقۇش،
4. قۇرئاننى نەپسىگە، شەيتانغا ۋە ھاۋايى- ھەۋەسلەرگە قارشى تۇرۇش نىيىتىدە ئوقۇش،
5. قۇرئاننى ئىماننى ئاشۇرۇش ۋە ئىدىيەنى تۈزىتىش نىيىتىدە ئوقۇش،
6. قۇرئاننى قەلبنىڭ قېتىپ كېتىش كېسىلىنى داۋالاش نىيىتىدە ئوقۇش،
7. قۇرئاننى قەلبنى پاكلاش ۋە ناچار ئىللەتلەرنى تۈزىتىش نىيىتىدە ئوقۇش،
8. قۇرئاننى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن كېسەللەردىن ساقىيىش نىيىتىدە ئوقۇش،
9. قۇرئاننى قۇرئان ئەخلاقلىرىدىن ئەخلاقلىنىش نىيىتىدە ئوقۇش،
10. قۇرئاننى غەم-قايغۇ، ئىچى سىقىلىشتىن قۇتۇلۇش ۋە كۆڭۈلنى راھەتلەندۈرۈش نىيىتىدە ئوقۇش،
11. قۇرئاننى ئاللاھ بىلەن مۇڭدىشىش نىيىتىدە ئوقۇش،
12. قۇرئاننى قاراڭغۇلۇقتىن نۇرغا چىقىش نىيىتىدە ئوقۇش،
13. قۇرئاننى غاپىللاردىن بولۇپ قالماسلىق نىيىتىدە ئوقۇش،
14. قۇرئاننى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش نىيىتىدە ئوقۇش،
15. قۇرئاننى ساۋابقا ئېرىشىش نىيىتىدە ئوقۇش،
16. قۇرئاننى قىيامەت كۈنى شاپائەتكە ئېرىشىش نىيىتىدە ئوقۇش،
17. قۇرئاننى زىكىر ئۈچۈن ۋە ئاللاھقا يېقىنلىشىش نىيىتىدە ئوقۇش،
18. قۇرئاننى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ۋە دوزاختىن ساقلىنىش نىيىتىدە ئوقۇش،
19. قۇرئاننى ھەسەت ۋە كۆز تېگىشتىن ساقلىنىش نىيىتىدە ئوقۇش،
20. قۇرئاننى دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولۇش ۋە تەلەپلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىيىتىدە ئوقۇش… قاتارلىقلار.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي