
خىيانەت دىن، ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى
ھەرقايسى ساھەلەردە ۋە ئېقىملاردا تېپىلىدىغان خىيانەت، ساتقۇنلۇق، ئىشپىيونلۇق، تاجاۋۇزچى دۈشمەننىڭ مۇستەملىكە ئىدىيەسىنى قوبۇل قىلىش ئەڭ ناچار ئىللەت بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلىتىنىڭ ۋەيران بولۇشى، ۋەتەننىڭ مۇستەملىكىگە ئۇچرىشى، مىللەتنىڭ قۇل ۋە خار بولۇشى، مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ياكى ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەسلىكىدىكى ئاساسلىق سەۋەبتۇر ھەمدە مىللەتنىڭ بۇ زاماندا كەڭ دائىرىدە ئىرقى قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىشىدىكى تۈپ ئاساستۇر.
ئەقىدە، دۆلەت، ۋەتەن ۋە مىللەتكە خىيانەت قىلىش، ساتقۇنلۇق قىلىش، ئىشپىيونلۇق قىلىش ئىسلامدا ئەڭ ئېغىر ئېتىقادى، ئەخلاقى ۋە سىياسىي جىنايەت ۋە ئېغىر گۇناھ سانىلىدۇ. چۈنكى بۇ جىنايەت ئەقىدىنىڭ، دۆلەتنىڭ، ۋەتەننىڭ ۋە بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى ياكى زىيان سالغانلىقى ئۈچۈن دوزاخنىڭ ئەڭ ئېغىر ئازابىغا مەھكۇم قىلىدىغان چوڭ دەرىجىدىكى مۇناپىقلىق ۋە ئەڭ ئېغىر جىنايەت ھېسابلىنىدۇ.
ئاللاھنىڭ ئەقىدە ۋە ئىبادەتكە مۇناسىۋەتلىك ھەقلىرىدە كەمچىللىك ياكى خاتالىق سادىر قىلىنغان گۇناھلار بىلەن ۋەتەن-مىللەتنىڭ ھەقلىرىگە خىيانەت ياكى ئىشپىيونلۇق قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك گۇناھلارنىڭ ئارىسىدا چوڭ پەرق بار.
ئاللاھنىڭ ھەقلىرىگە چېتىلىدىغان گۇناھلارنى كەچۈرۈش ياكى جازالاش ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولىدۇ.
ئەمما كوللېكتىپنىڭ/ مىللەتنىڭ، ۋەتەننىڭ ۋە دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان خىيانەت، ساتقۇنلۇق ۋە ئىشپىيونلۇق خاراكتېرىدىكى گۇناھلار مىللەت خاراكتېرلىك كوللېكتىپنىڭ ۋە ۋەتەننىڭ ھەقلىرىگە چېتىشلىق بولىدۇ.
بۇ تۈردىكى كوللېكتىپنىڭ ھەقلىرىگە چېتىلىدىغان جىنايەتنى ئاددىي ساناپ ياكى داۋاملاشتۇرۇپ تۇرۇپ، ھەج- ئۆمرە قىلىپ قويۇش، تەۋبە ئىستىغپار ئېيتىپ قويۇش، خەير ئېھسان قىلىپ قويۇش ۋە شەكلى بايراق كۆتۈرۈپ قويۇش ياكى شوئار توۋلاپ قويۇش بىلەن ئاسان يۇيۇپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي