
دادا ھەققىدە ئېيتىلغان بەزى سۆزلەر
دادا بالىلىرىنىڭ قەھرىمانى، ئائىلىنىڭ كۈچى، ئامانلىقى ۋە ھىمايىسى، ئۇ ئانا بىلەن بىرگە بالىلارنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرغۇچى.
دادا دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىلا سۆيگۈ، كۈچ، ھۇزۇر ۋە ئامانلىقتۇر.
دادا بالىلىرىنىڭ خۇرسەنلىكى بىلەن خۇرسەن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ قايغۇسى بىلەن قايغۇرىدۇ.
دادا ھەرقانداق ياخشى – يامان شارائىتتا بالىلىرىنىڭ يېنىدا تۇرىدىغان بىردىنبىر شەخستۇر.
دادا ھېچكىم ئەسقاتمىغاندا تايانغىلى بولىدىغان بىردىنبىر دوستتۇر.
دادىنىڭ غېمى بالىلىرىنى خۇرسەن قىلىش، توغرا يول كۆرسىتىپ قويۇش، ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەشتۇر.
بالىلار دادىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك ۋە ئەڭ سۆيۈملۈك گۆھىرىدۇر.
دادىنىڭ بالىلىرىغا بولغان سۆيگۈسىنى ئۆلچەم بولغىلى بولمايدۇ.
دادىنىڭ قەلبى بالىلىرى ئۈچۈن دېڭىزدەك كەڭ بولىدۇ.
دادا بالىلىرىغا تاپقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى بېرىدۇ، ئۇنىڭ بەدىلىدە بىر نەرسە كۈتمەيدۇ. مانا بۇ ساپ سۆيگۈ-مۇھەببەتتۇر.
ئانا بالىلىرىغا ھايات سۆيگۈسى ئاتا قىلسا، دادا بالىلىرىغا ھايات دەرسلىرى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئاتا قىلىدۇ.
ھەربىر بۈيۈك ئەرنىڭ ئارقىسىدا بىر ئايال بولسا، ھەربىر بەختلىك قىزنىڭ ئارقىسىدا بۈيۈك دادا بار.
دادىنىڭ بالىلىرىغا قىلغان نەسىھەتلىرى ھېكمەتتۇر، يول كۆرسىتىدىغان مۇئەللىمدۇر، ھەمراھ بولىدىغان يۈرەكتۇر.
دادا بالىلىرى موھتاج بولغان ھامان پەيدا بولىدۇ، ئامانلىققا موھتاج بولسا ئامانلىق بېرىدۇ، سۆيگۈگە موھتاج بولسا سۆيگۈ بېرىدۇ، يول كۆرسىتىشكە موھتاج بولسا يول كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.
دادا بالىلىرىنى قۇياشنىڭ ھارارىتىدىن ھىمايە قىلىدىغان سايىدۇر، سوغۇقنىڭ قەھرىتانىدىن ھىمايە قىلىدىغان قورغاندۇر.
دادا بالىلىرىغا تۇرمۇش يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ يوللىرىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان مەشئەلدۇر.
دادا ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكىدۇر، ھەقىقىي يۆلەنچۈكىدۇر.
قىزلار ياشايدىغان ياكى ھېس قىلىدىغان ئەڭ چوڭ سۆيگۈ دادىسىنىڭ ساپ سۈزۈك ۋە كۆيۈمچان سۆيگۈسىدۇر.
قىيىنچىلىقتا قالغان ۋاقتىڭىزدا دادىڭىزنىڭ سىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئەسلىسىڭىز، كۈچ- قۇۋۋەت ئالىسىز.
دادىنىڭ سۆيگۈسى ۋە كەسكىنلىكى تۇرمۇشقا ئۈنۈم ۋە مۇۋەپپەقىيەت قوشىدۇ. سۆيگۈسى كۆڭۈل خۇرسەنلىكىنى ئاتا قىلسا، كەسكىنلىكى تۇرمۇش ساۋاتلىرىنى ئۆگىتىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي