
مەنمەنچىلىكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى
بەزى كىشىلەرنىڭ، بەزى سىياسەتچىلەرنىڭ ياكى بەزى دەۋەتچىلەرنىڭ مەغرۇرلىنىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ مۇھىمراقى ئۇلارنىڭ تەربىيەلىنىش باسقۇچىدا روھىي تەربىيە باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتمىگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك، چۈنكى مەنمەنچىلىكنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى قەلبنى پاكلاش تەربىيەسىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىكتىن ۋە كىبىرلىك ئىللىتىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنى بەك بىلەرمەن ھېس قىلىپ قالىدۇ، ياكى يېگانە سىياسەتچى ياكى ئۆزىنى يېگانە دەۋەتچى دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ئەسلىدە، بىلىم ئادىمىنىڭ، ياكى دەۋەتچىنىڭ ئىلمىي سەۋىيەسى ئاشقانسېرى كەمتەرلىكى ئېشىشى، سىياسەتچىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئاڭ-سەۋىيەسى يۈكسەلگەنسېرى كەمتەر بولۇشى كېرەك ئىدى.
مەنمەنچى ئىنسان ياكى مەغرۇر ئىنسان ئۆزىنى ھەممىدىن ئەۋزەل دەپ چاغلايدۇ، باشقىلارنى ئۆزىدىن تۆۋەن كۆرىدۇ، ھېچكىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىشىنى خالىمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى يېتەكچىلىك، داھىيلىققا ھەممىدىن لايىق دەپ قارايدۇ. كۆزقارىشىنى ھەممىدىن ئىلغار دەپ قارايدۇ، ھەر پۇرسەتتە ئىشلىرى ۋە سۆزلىرى بىلەن ماختىنىپ تۇرىدۇ، بەزىدە باشقىلارنى كەمسىتىش ئارقىلىق ئۆزىنى ماختىماقچى بولىدۇ.
مەغرۇر ئىنسان خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، ئۇ سۆزلىگەن ۋە قىلغان ھەممە ئىشلىرىدا توغرا قىلدىم ۋە ھەق تەرەپتە تۇردۇم دەپ دەۋا قىلىدۇ، مەسلىھەت ۋە چىرايلىق نەسىھەتنى ئاڭلىمايدۇ، ئىلمىي تەنقىدنى يامان كۆرىدۇ، ھەقىقەتكە قۇلاق سېلىشنى رەت قىلىدۇ.
مەنمەچىلىكنىڭ يەنە بىر سەۋەبى پىكرى مۇستەبىتلىك ئىللىتىدۇر. مۇستەبىتلىك پەقەت ھاكىمىيەتكىلا خاس ئىللەت ئەمەس، بەلكى پىسخىكىغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئىللەتتۇر. بۇ ئىللەت ھەرقايسى ساھەدىكى ھەرقانداق سۈپەتلىك بىر ئىنساندا تېپىلىشى مۇمكىن. بۇ ئىللەتنىڭ بىلىم ئادەملىرىدە ياكى دەۋەتچىلەردە، ياكى پىشقان سىياسەتچىلەردە تېپىلىپ قېلىشى غەلىتە بىر ئەھۋال.
خۇلاسىلىغاندا مەنمەنچىلىكنىڭ سەۋەبلىرى:
– كىبىرلىك، مەغرۇرلۇق، مەنسەپپەرەسلىك ۋە تۆگە چىقىش ھەۋىسى.
– ئىلىم – مەرىپەت ۋە دەۋەت ساھەسىدە ئۆزىنى يېگانە چاغلاپ قېلىش.
– سىياسەت دۇنياسىدا ئۆزىنى يېگانە چاغلاش،
– شەخسىي مەنپەئەتنى دەۋەتنىڭ، ھەرىكەتنىڭ ياكى كوللېكتىپنىڭ مەنپەئەتىنىڭ ئالدىغا قويۇش،
-ئۆزىنىڭ گېپىنىلا راست قىلىش ۋە باشقىلارغا سۆز بەرمەسلىك ياكى ئاڭلىماسلىق.
– كوللېكتىپ ھەرىكىتىدە كېڭەش بىلەن ئىش-ھەرىكەت پىرىنسىپىنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى ۋە تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ ئۇخلاپ قېلىشى،
– رىقابەتچى كىشىلەرنى قوبۇل قىلالماي، ئۇلارنى ھەرخىل ئەخلاقسىز ئۇسۇللار ئارقىلىق يىقىتىشقا ئۇرۇنۇش ۋە ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىش.
– نەسىھەت ئاڭلىماسلىق، ئىلمىي تەنقىدنى قوبۇل قىلماسلىق ۋە ئىلمىي تەنقىدنى ئۆزىگە ھۇجۇم دەپ قاراش…تىن ئىبارەت.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.