
ناماز نېمە ئۈچۈن بالىلارغا ئېغىر كېلىدۇ؟
ناماز ئىسلامنىڭ تۈۋرۈكى، بەندە بىلەن ئاللاھ ئارىسىدىكى بىۋاسىتە مۇناسىۋەت يولى، ئىماننى كۈچلەندۈرگۈچى، قەلبنى يامان ئىللەتلەردىن پاكلىغۇچى، روھنى تازلىغۇچى ۋە غەم – ئەندىشىدىن قۇتقۇزغۇچى ئىبادەت.
بۇ زاماندا كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ نامازغا سەل قارىغانلىقىدىن شىكايەت قىلىدۇ، ئۇلارنى نامازغا قانائەتلەندۈرۈش مەسىلىسىنىڭ كۈندىلىك جەڭ مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ھەمدە بالىلارغا ناماز ئوقۇتۇشنىڭ ئائىلىدىكى جىددىيچىلىك ۋە تالاش-تارتىشنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ.
سەۋەب نېمە؟ نېمە ئۈچۈن ناماز بىر قىسىم ياشلارغا نىسبەتەن يۈكتەك ئېغىر كۆرىنىدىغان بولۇپ قالدى؟ بالىلارنى قانداق قىلغاندا نامازنى ئۆزلۈكىدىن ئادا قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟
جاۋاب:
1.ناماز بۇيرۇق بىلەن ئەمەس، سۆيگۈ بىلەن ئادا قىلىنىدۇ:
كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار نامازنى بالىلارغا «ئېغىر يۈكتەك» ياكى دەرھال ئادا قىلىش لازىم بولىدىغان پەرز، بولمىسا جازا كۈتۈپ تۇرىدىغاندەك» سۈپەتتە تونۇشتۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋەت قورقۇنچ ۋە جازا ئۈستىگە ئەمەس، بەلكى سۆيگۈ ۋە مېھىر شەپقەت ئۈستىگە قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. ئەگەر بالىلار نامازنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ھۆرمەتلەيدىغان زات بىلەن ئۇچرىشىش دەپ چۈشىنەلىسە، نامازنى ئېغىر كۆرمەيدۇ، بەلكى راھەت ھېس قىلىش زامانى دەپ قارايدىغان بولىدۇ.
بالىلار ئاللاھنى سېغىنغانلىقىنى ھېس قىلغاندا، ئۆزلۈكىدىن ناماز ئوقۇيدىغان بولىدۇ.
2. ياخشى ئۈلگىنىڭ بولماسلىقى:
بالىلارغا ياخشى ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن بەزى نامازلارنى ئۇلار بىلەن بىرگە ئوقۇشقا، نامازنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئوقۇشقا، ناماز ۋاقتى كەلگەندە دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ تەييارلىق قىلىشقا، نامازنى ئۆلچەملىك ۋە سۆيگۈ بىلەن ئادا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بالىلار دادىلىرىنى دورايدۇ، ئەگەر دادىسى غاپىل ھالەتتە ناماز ئوقۇسا ياكى تېز ئالدىراپ ناماز ئوقۇسا، بالىلارمۇ شۇنداق ئوقۇيدىغان بولۇپ قالىدۇ ۋە نامازنى پەقەت شەكىلدىن ئىبارەت دەپ چۈشىنىپ قالىدۇ. ئەمما بالىلار ئانىسىنىڭ يىغلاپ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى، ياكى دادىسىنىڭ ئۇزۇن سۈرە ئوقۇۋاتقانلىقىنى ياكى ئۇزۇن سەجدە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسە، نامازنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە راھەت بېغىشلىغۇچى ئۇلۇغ ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدىغان بولىدۇ.
3. زېھنىنى چېچىۋېتىدىغان مۇھىتنىڭ تەسىرى:
بالىلار بۈگۈنكى كۈنلۈكتە تېلېۋىزور، كومپيۇتېر، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنلار، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى…دىن ئىبارەت زېھنىنى مەشغۇل قىلىدىغان ۋە ۋاراڭ چۇرۇڭ پەيدا قىلىدىغان بىر دۇنيادا ياشىماقتا.
مۇنداق بىر مۇھىتتا بالىلار قانداقمۇ نامازغا پىسخىكا جەھەتتىن تەييارلىق قىلالىسۇن؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ناماز ۋاقتى كېلىشتىن بۇرۇن زېھنىنى چاچىدىغان نەرسىلەرنى ئىشلىتىشنى ئازايتىش، جىمجىت مۇھىت يارىتىش، ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ گۈزەللىكى ھەققىدە بالىلارغا گەپ – سۆز قىلىپ بېرىش، نامازنىڭ پىسخىكا خاتىرجەملىكى ۋە راھىتى ھەققىدە توختىلىش، ئەزان چىقىش بىلەن تەڭ تېلېۋىزورنى ئۆچۈرۈش، نامازغا ئاز قالغاندا ئېكراندا بىرنەرسە كۆرۈشكە ياكى ئويۇن ئويناشقا رۇخسەت قىلماسلىق… قاتارلىق ئىشلار مۇھىم.
4. بالىنىڭ پىسخىكىسىنى چۈشىنىش:
يەتتە ياشتىن كېچىك بولغان بالىلار نامازنىڭ پەرزلىكىنى چۈشەنمەيدۇ، لېكىن ئۇنىڭ سۆيگۈ بىلەن بولىدىغانلىقىنى ۋە مۇھىملىقىنى چۈشىنىدۇ. ئەگەر دادا بالىنى قۇچاقلاش ياكى تەبەسسۇم قىلىش ئارقىلىق نامازغا ھەمراھ قىلسا، بالا نامازنى خۇرسەنلىك دەپ ياخشى كۆرىدىغان بولىدۇ.
يەتتە ياش بىلەن ئون ياش ئارىلىقىدىكى بالىلار بىر ئىش قىلغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ ناماز ئوقۇغانلىقىنى ماختاشقا، رىغبەتلەندۈرۈشكە، خاتالىشىپ قالسا قاتتىق گەپ قىلماي چىرايلىق چۈشەندۈرۈشكە موھتاج بولىدۇ.
بالاغەت يېشىغا يەتكەن بالىلار چوڭلارنىڭ باشقۇرۇشىنى ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. ئەگەر ئۇ نامازغا مەجبۇرلانسا، قەستەن قېيىشىدۇ ياكى ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈۋېتىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ بىلەن ناماز ھەققىدە پىكىرلەشسە، نامازنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ۋە قەلبكە پەيدا قىلىدىغان تەسىرى توغرىسىدا گەپ قىلىپ بەرسە ھەمدە كەڭرەك يول تۇتسا، ئۆزلۈكىدىن ناماز ئوقۇيدىغان بولىدۇ ياكى نامازغا ئۆزلۈكىدىن قايتىدۇ.
5. ناماز مەسچىت ياكى ئۆيدىلا بولمايدۇ، بەلكى قەلبكە سىڭدۈرۈش بىلەن بولىدۇ:
بالىلارغا نامازنىڭ يەتتە ياشتىن بۇرۇن باشلىنىدىغانلىقىنى قانائەتلەندۈرۈش لازىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئاللاھقا كۆپ زىكىر ئېيتساق،
ئۇلار تىلىمىزدىن دۇئا ئاڭلىسا،
ھاياتىمىزدىكى ھەربىر ياخشىلىقىنى ئاللاھقا باغلىساق،
نامازنىڭ ئىستىلىمىز ۋە مەنىۋى ھاياتىمىزدىكى تەسىرىنى كۆرسە،
ئۆيدە ئىماننىڭ روھىي جانلىق بولسا ۋە بالا بۇنى كۆرۈپ چوڭ بولسا،
ئۇ چاغدا ناماز ئۇ بالىغا ئېغىر كەلمەيدۇ، بەلكى قەلبنىڭ ۋە روھنىڭ جىددىي ئېھتىياجى دەپ چۈشۈنىدىغان بولىدۇ.
6. ئېغىر جازالاشتىن ۋە قاتتىق ئەيىبلەشتىن ساقلىنىش مۇھىم:
بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى نامازغا سەل قارىسا قاتتىق جازالايدۇ «سەن مۇناپىق، پەرۋەردىگارىڭنى ياخشى كۆرمەيسەن» دەپ مەسخىرە قىلىدۇ. بالىغا مۇنداق پوزىتسىيەدە بولۇش بالىنىڭ مەنىۋىيىتىگە ئېغىر زەربە پەيدا قىلىدۇ.
بالا ئۆزىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى، لېكىن ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن ياخشى كۆرۈلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ كەمچىللىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى لېكىن ياخشىلاپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقا موھتاج بولىدۇ. ئىسلام بېسىم بىلەن ئۆگىتىلمەيدۇ، بەلكى سۆيگۈ بىلەن ئۆگىتىلىدۇ.
7. بالىلارغا دۇئا قىلىش:
دۇئا قەلبكە تەسىر قىلىدۇ. قانچىلىغان ئاتا- ئانا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا يىغلاپ دۇئا قىلغاندا، بالىغا تەسىر قىلىدۇ، قانچىلىغان دادا بالىنىڭ ھىدايىتى توغرىسىدا ئاللاھقا سەمىمىي دۇئا قىلغاندا دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ. بالىلارنى يۇقىرىقى چارىلەر بىلەن نامازغا قىزىقتۇرۇش ۋە تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىرلىكتە ھەركۈنى دۇئا قىلىپ تۇرۇش لازىم، چۈنكى دۇئا مۇسۇلماننىڭ قولىدىكى ئەڭ كۈچلۈك مەنىۋى قورال.
8. نامازغا سەل قاراشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرنى دەپ بېرىش:
بالىلار نامازغا سەل قارىسا، كۆڭلىنىڭ راھەتسىز بولىدىغانلىقىنى ۋە پىسخىكا جەھەتتىن ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىش مۇھىم. چۈنكى نامازغا سەل قاراش:
ئىچىنىڭ سىقىلىشى، قەلبىنىڭ غەمگە پېتىشى، ئىشلارنىڭ تەسلىشىپ كېتىشى، قىيىنچىلىقلارنىڭ ئارقىمۇ – ئارقا پەيدا بولۇشى، ھاياتىنىڭ چېچىلاڭغۇ ۋە مەنىسىز بولۇشى، قورقۇش ۋە ئەنسىرەشنىڭ كۆپ بولۇشى ھەمدە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئازلاپ كېتىشى قاتارلىق سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
دېمەك، بالىلار نامازغا تېز سۈرئەتتە كۆنۈپ بولالماسلىقى مۇمكىن، بالىلارنى نامازغا كۆندۈرۈش سۆيگۈ، سەۋر، ئۈلگە ۋە چۈشىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر بىز بالىلىرىمىزغا نامازنى چىرايلىق كۆرسەتمەكچى بولساق، دەسلەپتە ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشتىن باشلايلى، بالىلارنىڭ قەلبىدە ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرسىتەيلى. ئاللاھنىڭ مېھرىبانلىقىنى، رەھىمدىل ئىكەنلىكىنى، بىزگە يېقىن ئىكەنلىكىنى، خاتالىشىپ قالساق كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى ۋە دۇئا قىلساق ئىجابەت قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرەيلى.
بۇ چاغدا ناماز بالىلارغا يۈك بولمايدۇ، بەلكى سېغىنىدىغان نەرسىگە ئايلىنىدۇ، ئائىلىمىز ئۇلارنىڭ سەجدە قىلىشى بىلەن، قەلبلىرىمىز ئۇلارنىڭ دۇئاسى بىلەن نۇرلىنىپ بەرىكەت تاپىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.