سۆيگۈ – مۇھەببەتنى ئېلان قىلىش زامانىدۇر
پەيغەمبىرىمىز: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىرەر قېرىندىشىنى ياخشى كۆرىدىغان بولسا، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈپ قويسۇن» دەيدۇ (ئەبۇداۋۇد بايان قىلغان).
ئەگەر ھەربىرىمىز مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ كۆرسەتمىسىگە رىئايە قىلىپ، قېرىنداشلىرىمىزغا سۆيگۈ – مۇھەببەت تۇيغۇلىرىنى تارقاتساق، ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەت پەيدا قىلىدىغان سۆزلەردىن ساقلانساق ئۈمىدۋارلىق ۋە مەنىۋىيىتىىمىز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ھەمدە سىياسىي ۋە ئىجتىمائى ھاياتىمىز خېلى دەرىجىدە گۈزەلكەشكەن بولاتتى.
قېرىنداشلار ئارا سۆيگۈ – مۇھەببەت ئىپادىسىنى يەتكۈزۈش پاك قەلب ۋە گۈزەل تىلنىڭ بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي