خەلق ئارىسىدا قورقۇنچ ۋەھىمىسى پەيدا قىلىش
(دىكتاتور ھۆكۈمەتلەر تايىنىدىغان بىر قانچە تۈرلۈك ئۇسۇللار)
1. ئىچكى ۋە تاشقى دۈشمەن پەيدا قىلىش:
مۇستەبىت كۈچلەر جەمئىيەتتە قورقۇنچ ئېڭىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئىچكى ۋە تاشقى دۈشمەن پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغىدىغان چارە-تەدبىرلەرنى پەيدا قىلىشقا ۋە تەتبىقلاشقا ئۇرۇنىدۇ. كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ خەتەردە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ۋاقتىدا ئەركىنلىكنىڭ بىر قىسمىنى قۇربان بېرىشكە تەييار بولىدۇ ۋە قانخور مۇستەبىتلەرنىڭ بەزى قىلمىش ھەرىكەتلىرىنىمۇ قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇرۇنقى زاماندا «كوممۇنىستلار خەتىرى»نى ياساپ چىقاتتى، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە «تېرورىزىم خەتىرى»نى ياساپ چىقماقتا.
2. قورقۇنچ پەيدا قىلىش گۇرۇھى تەشكىللەش:
مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆزلىرى جەمئىيەتتە قورقۇنچ پەيدا قىلىدىغان گۇرۇھلارنى پەيدا قىلىدۇ. مەخپىي تۈرمە قۇرۇش ئارقىلىق قىيناش، ئۆلتۈرۈش، كوللېكتىپ يوقىتىش ۋە ئاياللارنىڭ ئىززەت- نومۇسىنى دەپسەندە قىلىشقا ئوخشاش رەزىل قانۇنسىز ئىشلىرىنى شۇ يەردە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
3. ھەر بىر پۇقراغا كۈزىتىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش لازىم دەپ قارايدۇ:
دىكتاتور ھۆكۈمەتلەر پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش دېگەندەك نامدا مەخپىي كۈزىتىش ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ تېلېفونلىرىنى كۆزىتىدۇ. بۇ ئارقىلىق ھەممە ئادەمگە ھۆكۈمەتنىڭ خەۋىرىسىز ھېچبىر ئىش قىلالمايدىغاندەك ۋەھىمە پەيدا قىلماقچى بولىدۇ.
4. دىنى ئورگانلارنى بىر پۈتۈن ئىگىلەپ بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ:
قورقۇنچ پەيدا قىلىدىغان مۇستەبىت ئەللەردە كۆپىنچە ھاللاردا دىنى ئورگانلار مۇستەبىت ھاكىمىيەت تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالىدۇ. خۇلاسىلىغاندا، ھەر بىر كىشىنىڭ كونترول ۋە كۈزىتىش ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرماقچى بولىدۇ.
5. قولغا ئېلىپ بولۇپ قويۇپ بېرىش:
مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر قورقۇنچ پەيدا قىلىش ئۈچۈن رەسمىي جىنايەت ئىشلىمىگەن ئادەتتىكى بەزى پۇقرالارنىمۇ قولغا ئېلىپ بولۇپ ئاندىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قويۇپ بېرىش ئارقىلىق جەمئىيەتتە قورقۇنچ ۋە گۇمان پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ھەر زامان قولغا ئېلىنىش قورقۇنچىسىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
6. يېتەكچىلەرنى نىشانغا ئېلىش:
ئادەتتە خەلق ئاممىسى ئالىملىرى، يېتەكچىلىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرىنى ئالاھىدە ھۆرمەتلەيدۇ، مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ بۇلارنى نىشانغا ئېلىشى كىشىلەردە ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ ۋە ھەر بىر كىشىنى تەھدىت ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك ئاڭغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.
نەتىجىدە مۇستەبىت ھاكىمىيەت بىلەن ماسلاشمىغان ئۆلىمالار، ئۆتكۈر پىكىرلىك كىشىلەر ۋە جامائەت ئەربابلىرى چەتكە قېقىلىدۇ ياكى تۈرمىلەرگە تاشلىنىدۇ. مۇستەبىتنىڭ كۆرسەتمىسىدىن چىقمايدىغان ھەر تۈرلۈك ئېقىمدىكى ساختا كىشىلەر ئوتتۇرىغا ياساپ چىقىرىلىدۇ.
7. خائىنلىق تۆھمىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش:
كىشىلەر ئادەتتە خائىن دەپ ئەيىبلەنگەن ياكى يۇرتىنىڭ مەنپەئەتىگە زىت خىزمەت قىلىدىغان ياكى دۈشمەنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدىغان كىشىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن، مۇستەبىت كۈچلەر خىيانەت ۋە جاسۇسلۇق تۆھمىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، بىر بۆلەك كىشىلەرنى جەمئىيەتتىن ئايرىۋەتمەكچى بولىدۇ. سىياسىي پائالىيەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنى خىيانەت تۆھمىتى ئارقىلىق بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ.
8. ھەربىي ھالەت قانۇنى يارىتىش:
مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەر ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلمايدۇ، قانۇنغا رىئايە قىلىش ھەققىدە كۆپ سۆزلىگەن بىلەن قارشى ئېقىمدىكى كىشىلەرگە يەرلىك قانۇن ياكى ھەربىي ھالەت قانۇنلىرى ئارقىلىق تۆھمەت قىلىدۇ ۋە ھەر تۈرلۈك قالپاق كىيگۈزىدۇ. يەرلىك قانۇن ياكى ھەربىي ھالەت قانۇنى مۇستەبىتلەرنىڭ خالىغىنىنى قىلىدىغان پەردىگە ئايلىنىپ قالغان.
(گاردىيان گېزىتىنىڭ 2007-يىللىق سانىدىن قىسقارتىلغان تەرجىمە).
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.