ئاتا- ئانىلارغا تەۋسىيە
قەدىردان ئاتا- ئانىلار!
ئوغۇللىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەتنى ئايىماي بېرىڭلار. ئۇلار مەكتەپكە ماڭغاندا ياكى سىرتقا چىقىدىغان چاغدا، قۇچاقلاپ سۆيۈپ، ئۇلارنى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭلارنى ئىپادىلەپ يولغا سېلىڭلار. چۈنكى ئوغۇل بالىلار مېھىر-مۇھەببەتكە سىلەردىن قانمىسا، ئۇنى چوقۇم باشقىلاردىن ئىزدەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. مېھىرگە تەشنا بالا بۇ بوشلۇقنى ناچار مۇناسىۋەتلەر ياكى خاتا يوللار ئارقىلىق تولدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ.
ئوغۇللىرىڭلارغا بېرىدىغان مېھىر-مۇھەببەتتە، مۇئامىلىدە، مېھرىبانلىقتا ۋە گەپ-سۆزدە ئادىل بولۇڭلار. شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى، مېھىر-مۇھەببەتسىز بېرىلگەن تەربىيە ۋە تۈرلۈك بەدەللەر ئۇلارنىڭ قەلبىدە ياخشى تەسىر قالدۇرالمايدۇ.
ئوغۇللىرىڭلارغا ئائىلىدە مۇكەممەل بىر «خاتىرجەملىك تۇيغۇسى» ئاتا قىلىڭلار. ئۇلارغا ئۆز پىكىرىنى ئەركىن بايان قىلالايدىغان، گەپ قىلىپ بولغۇچە جازاغا ياكى ھاقارەتكە ئۇچرىمايدىغانلىقىغا جەزم قىلالايدىغان مۇھىت يارىتىپ بىرىڭلار. شۇندىلا، ئۇلار سىلەرگە ئىشىنىدۇ ۋە كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى، سىرلىرىنى ئالدىڭلاردا تۆكۈشكە باشلايدۇ.
ئوغۇللىرىڭلارنىڭ قەدەملىرى توغرا يولدا مۇستەھكەم بولغۇچە، ئۇلارغا كۆپ دۇئا قىلىڭلار. ئۇلارنىڭ ئەقىدىسى، ئىدىيەسى، ئەخلاقى ۋە يۈرۈش-تۇرۇشىنى «ئاللاھقا تاپشۇردۇق» دەپ تىلەكلەر بىلەن پەرۋىش قىلىڭلار. ئۇلارنىڭ توغرا يولدا مېڭىشىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈڭلار، گەپ-سۆزلىرىگە چىن قەلبىڭلار بىلەن قۇلاق سېلىڭلار.
بىز بۈگۈن ئائىلە ئەزالىرى ئارا بىر-بىرىمىزگە كۆيۈنۈشكە، ئائىلە مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئىناق ۋە ئىسسىق ساقلاشقا ئىنتايىن موھتاجمىز. چۈنكى، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ۋە شەيتاننىڭ تۈرلۈك ۋەسۋەسە قوراللىرى ئائىلە مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر زاماندا؛ ئاتا بىلەن ئوغۇل ئوتتۇرىسىدىكى ياتلىشىشتىن، ئائىلىنىڭ پارچىلىنىشىدىن، ئوغۇللارنىڭ يالغۇزلۇق ھېس قىلىشىدىن، مېھىرگە ئېرىشەلمەي ئىچى سىقىلىشىدىن ۋە بۇ مېھىرنى ئائىلە سىرتىدىكى ناتونۇش دۇنيادىن ئىزدەپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ھەممىدىن مۇھىمدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي