مۇستەملىكىچى كۈچلەر بىزنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىمىزدىن پايدىلىنىدۇ
مۇستەملىكىچى كۈچلەر جەمئىيىتىمىزدە سەلبىي (پاسسىپ) پوزىتسىيە يارىتىدىغان بارلىق پىسخىكىلىق ئامىللارنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىدۇ. مەسىلەن، ئۇلار بىزدىكى ئىرادە ئاجىزلىقىدىن ئىبارەت ئىللەتنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ.
بىزدىكى ئىرادىسىزلىك بەزى قىيىن مەسىلىلەر ئالدىدا بىزنى ئامالسىز قالدۇرماقتا، نەتىجىدە بىز ئۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتىمىز.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ قېلىپ، مەنزىلگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيۋاتىمىز. بۇ ھالەت قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭدىن قېچىش پوزىتسىيەمىزدە ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرماقتا.
مۇستەملىكىچى كۈچلەر بىزنىڭ پىسخىكىمىزنى ياخشى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆز ھىيلە-مىكىرلىرىنى ئەنە شۇ ئاساستا تۈزۈپ چىقىدۇ. چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ رېئاللىق بىلەن ۋەقە-ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئەقىل تارازىسىغا سېلىپ چۈشىنىش كەمچىللىكىمىزدىن پايدىلىنىدۇ.
بىزدىكى بۇ ئەقلىي نوقسان يۈز بېرىۋاتقان ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنى بىر-بىرىگە باغلىماي، پارچە-پارچە چۈشىنىش، ئۇلاردىن ئومۇمىي بىر يەكۈن چىقىرالماسلىق قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ.
يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنى «تاسادىپىيلىق» دەپ قاراش، ئۇلارنى ئەتراپلىق باغلاپ ۋە بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلالماسلىق بىزدىكى ئەڭ چوڭ پاسسىپلىق ۋە ئەقلىي ئاجىزلىقتۇر.
(جەمئىيەتشۇناس مۇتەپەككۇر مالىك بىن نەبىنىڭ پىكىرلىرىدىن ئۈزۈندە)
ئابدۇراھمان كاشىغەرىي