ئوغلىڭىزدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭ
بەزىدە بالاغەتكە يەتكەن ئوغۇل بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىك ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك بىر قىسىم خاتا قىلمىشلاردىن ساقلانماسلىق ياكى گەپ ئاڭلىماسلىق… ئەھۋالى ئادەمنى ھەقىقەتەن چارچىتىدۇ ۋە ھاردۇرۇپ قويىدۇ. ھەتتاكى، بۇ بالىدىن ئەمدى ئۈمىد قالمىدى دەپمۇ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئاللاھ ئۇ بالىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ بېرىدۇ ۋە ياراملىق ئادەم بولۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ.
شۇڭا، بالاغەتكە يەتكەن ئوغلىڭىزنىڭ ئەھۋالىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭ. چىرايلىق تەربىيە قىلىڭ، ھەر نامازدىن كېيىن دۇئا قىلىڭ، مەسچىتكە بىرگە ئېلىپ چىقىڭ، ھەركۈنى ئاز بولسىمۇ قۇرئان ئوقۇشقا تەشەببۇس قىلىڭ. ھەر ئىشتا ئۈلگە بولۇشقا تىرىشىڭ.
بالا ھەركۈنى قۇرئان ئوقۇشنى ۋە نامازنى تاشلىمىسىلا، ئۇزۇنغا قالماي نورمال ھالىتىگە قايتىدۇ.
دۇئا قىلغاندا، ئى ئاللاھ! ئۆزلىرى بۇ بالىنىڭ ئەقلىنىڭ، قەلبىنىڭ، نەپسىنىڭ ئىگىسى.
بۇ بالىنىڭ ئىمانىنى مۇستەھكەم قىلسىلا،
ئەقلىنى ساغلام قىلسىلا،
قەلبىنى پاك قىلسىلا،
ئەخلاقىنى گۈزەل قىلسىلا،
نەپسىنى شەھۋەت ۋە شۈبھىلىك ئىشلاردىن يىراق قىلسىلا،
ئەقىدە ۋە ۋەتەن- مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ياراملىق پەرزەنت قىلىپ بەرسىلە،
بالامنى ئۆزلىرىگە تاپشۇردۇم دەپ دۇئا قىلىڭ. چۈنكى دۇئا بالا تەربىيەلەشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي